چەتنەش ۋە قايتىش

ئۆزۈڭلاردىن دائىم «نېمە قىلماقچىدىم؟» دېگەن سوئالنى سوراپ تۇرامسىلەر؟ تىرىڭڭىدە كەلگەن بىر قىسقا ئۇچۇر، كومپيۇتېر ياكى تېلېفون ئېكرانىدىن لىپپىدە كۆرۈنۈپ قالىدىغان بىلدۈرگۈ… دېگەنلەر دىققىتىڭلارنى چېچىپ تۇرامدۇ؟ تۇرمۇش غېمى ئاخىرەت تەييارلىقى دېگەن ئاساسلىق غەمدىن...

ئۆزىنى يوقاتمىغانلارغا سالام

بەزى كۈنلىرى ساناقسىز ئورۇنۇشلىرىمغا قارىماي بەزى مەسىلىلەر ھەل بولماي كېتىدۇ. «كىچىك ئىشلارغا خۇدايىمنى ئاۋارە قىلمايمەن» دەيدىغان، بەندىنىڭ چوڭ-كىچىك ئورۇنۇشلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بولغاندىلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن...

تىزىملىك

1 تور كۆرگۈچتىن قاڭقىپ چىققان ئۇقتۇرۇش، تېلېفونغا كەلگەن ئۇچۇر، ئىشخانىغا كىرگەن مېھمان، قۇلىقىمدا غىڭشىغان بىر ئاھاڭ... دىققىتىمنى چاچىدىغان نەرسىلەردىن بەزىلىرى. كۈنتەرتىپتىن قايماسلىق ئۈچۈن ئىشخانىدىكى ئاق دوسكىغا قىلىدىغان ئىشلىرىمنى يېزىپ، پۈتكەنلىرىگە بەلگە...

مۇئ‍مىننىڭ شەرىپى

مۇئ‍مىننىڭ شەرىپىنى كەبىنىڭ شەرىپىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارمىز. بىراۋلارنىڭ دىنىمىز ھەققىدە چۈشەنمەستىن بىلجىرلاشلىرى باشلارنى قايدۇرمىسۇن!ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كەبىنى تاۋاپ...

ھەقىقىي مۇسىبەت

2020-يىل 30-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئىزمىردا 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يەر تەۋرەش پەيتىدە تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا 5.5 باللىق يەر تەۋرىگەندە 12-قەۋەتتە لەپەڭشىپ ئولتۇرۇپ، شاھادەت كەلتۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەلدى. ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز...

«دۈشەنبە كۈنى ناماز باشلايمەن»

ئۇنىۋېرستىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر يەكشەنبىسى ئۈچەيلەن يېزائىگىلىك ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان دوستىمىزنى يوقلاپ قويايلى، دەپ كۆمۈركان دوختورخانا بېكىتىدە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، دوختورخانا دەرۋازىسىغا كېلىشىمىزگە يېنىمىزدا بىر تاكسى توختاپ، چاچلىرىنى سېرىق...

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى

قەشقەر توققۇز تاش مەسجىدىدە ھېيىت خۇتبىسىدە «ھېيىت — مۇئ‍مىنلەرنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى» دېگەنىدى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللام. قەلبىمدىكى ھېيىت سۆيۈنچىسى شۇ سۆز بىلەن بىر بالداق ئارتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئۆمەرجان ئالىمنىڭ بىر ناخشىسىدا «روزىنى خەق تۇتسا،...

ئاياسوفيا ھاياجىنى

«ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك ھوزۇرلىنىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىكەنمەن» — دوكتور ئىھسان شەنئوجاق جۈمە كۈنىدىكى ئاياسوفيا ئېچىلىش خاتىرىسى ھەققىدە توختالغان دوكتور ئىھسان شەنئوجاق غوجانىڭ شۇ سۆزلىرى يۈرىكىمگە تەگدى: ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك...

ئۆلۈم، ۋاقىت ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

18 ياش چېغىمدا 19 ياشلىق ھەدەم قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى. ھاياتنىڭ مەنىسى، ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەڭ كۆپ ئويلىنىشلىرىم شۇ ۋاقىتتا بولغانمىكىن دەيمەن. ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ يەر ئاستى باسمىلاردىن چىققان ئەلىي تەنتاۋىيىنىڭ، مەۋدۇدىنىڭ ئەسەرلىرى ھاياتنىڭ مەنىسىنى...

تەۋسىيەلەر

سىناقمۇ، جازامۇ؟

ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سورىدى:— بېشىمىزغا كەلگەن مۇسىبەتلەر سىناقمۇ، جازامۇ؟«ئىلىمنىڭ دەرۋازىسى» ئاتالغان بۇ زات شۇنداق جاۋاب بەردى:— ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسا، سىناق، ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرسا،...

شېئىرلار

جىم

جىم

جىم!ئاۋازىڭنى چىقارما ئاشىق.سۈكۈتۈڭگە چۈمۈلگىن ئولتۇر.بىخلىۋالسۇن رەڭدار مىسرالار،كۆمۈپ قويغىن قەلبىڭگە چوڭقۇر.باش باھاردا كۆكلەپ ياپيېشىل،پورەكلىسۇن ھەممىدىن بالدۇر.خۇش ھىدىنى قۇچاقلاپ سابا،دېرىزىدىن كىرگەندە غۇر-غۇر.چۈشلىرىدىن ئويغانسۇن دىلبەر،يۈرىكىگە سېپىلسۇن...

تېمىسىز

تېمىسىز

كۆكنىڭ ئاستىدايامغۇرلۇق كۈنلەر…تۇپراق ئاستىدائاپتاپتەك كۈلۈمسىرەشلەر…

رېزونانس

رېزونانس

ئاۋاز ئەمەس تاراتقىنىم،نۇر ئەمەس توساقلاردا بىئىلاج قالغان.قۇلىقىڭنى يۇپۇر، كۆزۈڭنى يۇم گۈزىلىم،يۈرىكىڭنى تەييارلا،ۋەھىمىلەرنى چىقىرىپ تاشلا.ئىچىڭ ئاچچىقمۇ؟يىغلا،ئۈن سېلىپ يىغلا.يېشىڭ قۇرۇغاندا سۈكۈتۈمنى ئاڭلايۈرىكىڭنى تەۋرەتكەن دولقۇنلار...

رومانتىكا

رومانتىكا

ئۇزۇن بويۇن رۇمكا، شام، قىزىل گۈل، شەرەنداز گۈزەلمۇ رومانتىكا دېگەن؟ياكى،نامازدا ساڭا ئ‍ەگەشكەن ھايا گۈلىمۇ چېھرى نۇرغا چۈمۈلگەن؟

يۈرىكىمنىڭ پارىسى

يۈرىكىمنىڭ پارىسى

يۈرىكىمنىڭ پارىسى،سېغىنىشىنى ئۇزاتتىمىڭ ئۈچيۈز كۈن ئۇزاقتىن.مەن مېھىر ئۇزاتتىم،لەكمىڭ توساقتىن.كۆزلىرىمنىڭ قارىسى،قوللىرىنى ئۇزاتتى.يىراق-يىراقتىن.مەن كۆكلەرگە قول ئۇ‍زاتتىم،بىلىنگەچكە«چارىسىزلىك — ئىشارەت» دەپ،تا ئەلمىساقتىن.ئۈمىدلىرىم ئۇچۇرۇم بولدى،جېنىمنىڭ...

بالىلار ئۈچۈن ھەرپ قوشاقلىرى

ئا«ئا» دۇر ئىسمىم، قوينۇمدابار ئېلىپبە كىتابىم.مەن ئۆگىنەي ئوقۇشنى،سەن كۈلۈپ بەر كىتابىم. ئە«ئەينەك» تىكى «ئە» ئاداش،«ئا»غا ئازراق ئوخشايدۇ.تۇتقۇچىدىن تۇتمىسام،سۇنۇپ كەتسە يىغلايدۇ. ب«ب» مەن، ئوماق بوۋاقمەن،يۆگىكىمدە ياتىمەن.بىر چېكىتنى چاق قىلىپ،دومىلاپمۇ باقىمەن....

ئىمكانسىزلىق

ئىمكانسىزلىق

كېچىلەر يوشۇرۇن ئېچىلغان چېچەك، قەلبىمدە كۆرىمەن ئوتقاش بەرگىنى. يۇلتۇزلار ئۇنتۇلماس كۆزدىكى چاقناش، ياش تۆكەر ئۇنتۇماق بولسام گەر سېنى. شەبنەملەر خىلۋەتتە تۆككەن كۆز يېشىڭ، مىسرا ياپرىقىدا تۇرار لىغىرلاپ. ئۇنتۇلغان سېنىڭسىز ئۆتكەن كەچمىشىم، ئاڭلىغۇڭ كېلىدۇ لېكىن...

يۇلقۇنۇش

جىمجىتلىق ئىچىدە سىقىلماقتىمەن، كېچىلەر قوينىغا تىقىلماقتىمەن. ئەندىشەڭ يىغىشتۇر، يۇمۇۋال كۆزۈڭ، دولقۇنلار ئەۋجىگە ئۇرۇلماقچىمەن. سۆكۈلسە چاك- چېكىم كۆپ ۋايىم يېمە، يېڭى بىر ھاياتچۈن چۇۋۇلماقچىمەن. سۈكۈتلۈك دەريادا ئىدىم قۇرام تاش، دۇردانە بولۇشچۈن ئۇۋۇلماقچىمەن....

ئىلتىجا

كۆزىمىز تارتسا گەر ئوخشاش بىر سۈرەت، قەلبىمىز يۇيىدۇ خىلمۇخىل رەڭدە. قۇلاقلار ئاڭلىسا ئوخشاش بىر سۆزنى، قەلبىمىز چۆرۈيدۇ ھەرخىل مەنىگە. ياشىساقمۇ گەرچە ئوخشاش ھاياتنى، قەلبىمىز ھېسلىرى تۈرلۈك تۈمەن خىل. ئەي رەببىم، ھەممىنىڭ ئەسلىنى كۆرسەت، ئالدىنىش ئىچىدە يايرىمىسۇن...

زارىقىش

ھۇۋلايدۇ ھەسرەتلەر، ھۇۋلايدۇ بۇ قىش، ئۇنۇتتۇڭ سەن بەلكىم باھار رەڭگىنى. ئۆچۈردى زىمىستان گۈلگۈن يۈزلەردىن، شاتلىقنى، بەخىتنى، نۇرنى، ھەممىنى. ئۆچۈشنى قەستلەيدۇ قەلبىمدىكى ئوت، ھېچ نىسىب بولمىدى چىھرىڭگە بېقىش. شىۋىرغان ئىچىدە تىترەيمەن دىر– دىر، كۆزۈمدە لىق تۇمان،...

روھ غەليانلىرى

جاۋاھىرات

ئىنسان ئىچىدىكى جاۋاھىراتنى چاقنىتىش بىلەن چولپان بولالايدۇ. مىڭ ئەپسۇسكى، كۆپ ئادەملەر ئۆز ئىچىدە باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىق جاۋاھىرات بارلىقىدىن خەۋەرسىز، تېشىنى باشقىلارغا ئوخشىتىش بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتۈپ...

كاشكى

دائىما باشقىلىرى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرما. بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، بىراز ھەم ئۆزۈڭ ئۈچۈن يىغلا. — جالالىدىن رۇمى بىراۋلارنىڭ بىچارىلىكىگە ئېچىندىڭ، كاشكى، ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىي بىچارىلىكىڭنى بىلسەڭ ئىدىڭ، جېنىم. قىممەتلىك نەرسىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقانلار ئۈچۈن ئۆرتەندىڭ، كاشكى،...

يەرگە قاراشنىڭ ھوزۇرى

«مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ﷲ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار.» (نۇر سۈرىسى 30- ئايەت) باشقا تىللاردا «يەرگە قارىسۇن» دەپ مەنە بېرىلگەن كەلىمىگە...

ئاغىنىلەر

ئاغىنىلەر، قىرىققا كېتىۋاتىمىز. قەلبلىرىمىزدە كىرىزىس تۇيغۇسى. ئىڭەككە تاقىشىۋاتقان بالىلىرىمىز مەنىلىك ياشاشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئېسىمىزگە سېلىۋاتىدۇ. لېكىن مەسىلە شۇكى، نە كەلگۈسى ئۈچۈن چوڭ- چوڭ نىشانىمىز، نە ئەتە ئۈچۈن مۇكەممەل پىلانىمىز يوق. يىگىرمە ياشلىرىمىزدىن...

مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى

مېھماندارچىلىقلار يەنە باشلاندى . مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى ؛ ئۆزۈڭلارنىڭ گېپى يوقمۇ؟ مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى ؛ ئەزان چىقىۋاتىدۇ.بىلىكىمدىن سۆرەپ مېنى ئىشرەتكە ئۈندەۋاتىسەن. مېنىڭ مۇنداق ياشىغۇم يوقتى؛ سۆھبىتىڭلار داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئۆزۈمنى كۈلكىگە زورلاپ...

قېرىندىشىمغا

«بىر كۈن ياشىساڭ ئاللاھ دەرگاھىغا بىر قەدەم يېقىنلىشىسەن» دېگەنىكەن بىر تەقۋادار. ئۇنتۇما قېرىندىشىم، ھەممىمىز ۋاقىتلىق بەھىرلىنىشلەرگە تولغان دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا تۇرىمىز. قەلبىمىزنى ئەسىر قىلىۋالغان ھەۋەس ئوردىلىرىدىن مەھرۇم بولماقلىق- بىز ھەممىمىز بىلىدىغان،...

ھەقىقىي مۈشكۈلات

ئادەملەر تېڭىرقايدۇ . ھەقنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆزلىرى تاپماقچى بولغىنىدىن تېڭىرقايدۇ . ئالىيجانابلىق-رەزىللىك، گۈزەللىك- سەتلىك، بەخىت-بەخىتسىزلىك…ۋەھاكازالارغا چىن تەبىر بېرەلمەي تېڭىرقايدۇ. تۈنۆگۈن ئۆزلىرى ھەقىقەت بىلىشكەن تەبىرىنىڭ بۈگۈن توغرا ئەمەستەك تۇرغىنىنى كۆرۈپ...

ئۈگۈت

ئېسىڭدە تۇت ، بىۋاپالىقنىڭ ئەڭ يامىنى ياراتقۇچىغا ۋاپا قىلماسلىق ؛ تۇزكورلۇقنىڭ ئەڭ يامىنى ياراتقۇچىغا تۇزكورلۇق قىلىش؛ ھەقىقىي قارىغۇلۇق-ئاللاھنى تونۇماسلىق؛ ئەڭ چوڭ ھورۇنلۇق — پىكىر قىلماسلىق؛ يامان يولنىڭ باشلانمىسى — بىھايالىق؛ھەقىقىي بەخىتسىزلىك — كۈلەلمەسلىك...

توۋا دېگۈلۈك، قېرىنداش

توۋا دېگۈلۈك قېرىنداش، توۋا دېگۈلۈك. ئۇلۇغ سۆزلەش بەندىگە ياراشمايدۇ. قەلبىڭ قەسەۋەتلەشكەندە ئۆزۈڭ لەنەت ئوقۇغانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزۈڭنىڭ ھەم سادىر قىلىدىغىنىڭنى بىل. گۇناھلىق قىلمىشلارنى كۆرگىنىڭدە ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭنى ئەشۇنداق گۇناھكار قىلمىغىنىغا شۈكۈر قىل، ئۇلارغا...

نېمە لازىم، نېمە

قەلبىمدە لىق چوغ گۈلۈم، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ سەجدىدە ئاللاھقا ئۇچراشتىم، يەنە نېمە لازىم،نېمە؟ قولۇمدا بۈيۈك قۇرئان، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ كۆزۈمدە زۇمرەت ياش، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ تەبىئەت بىز ئۈچۈن، ئاي، قوياش بىز ئۈچۈن، يەنە نېمە لازىم، نېمە؟ سەن دىلبەر مەن...

دەرسلەر

بالىلار ئۈچۈن كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزۈش دەرسلىرى

بالىلار ئۈچۈن كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزۈش دەرسلىرى

كومپيۇتېر، تېلېفونلار ئۈچۈن يۇمشاق دېتال، ئەپلەرنى لايىھىلەشكە قىزىقىدىغان بالىلىرىمىز ئۈچۈن پروگرامما تۈزۈش ئۇقۇمىنى تونۇتۇشتا ئەڭ قولاي قورال بولغان Scratch ھەققىدە دەسلەپكى بىلىملەر...

تەرجىمىلەر

رامىزاندا ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ

مۇھەممەد ھوبلوس بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۆمرىگە باردۇق. كەبىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتۇق. ئەزان چىقتى. كىشىلەر يانچۇقلىرىدىن تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ كەينىدىكى رەڭگارەڭ يېنىپ تۇرغان سائەت مۇنارىنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى. چۆچۈپ كەتتىم، بۇ ئىنسانلار كەبىگە قاراپ، قەلبىگە كەبىنى...

ئەھمەدىنىجادنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىدا سۆزلىگەن نۇتقى

(ئىران سابىق پرېزىدېنتى ئەھمەدىنىجادنىڭ 2007-يىل 25-سېنتەبىردە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتىدا سۆزلىگەن نۇتقىنى 2008-يىل تەرجىمە قىلغانىدىم. توردىن ئىزدەپ تېپىپ، بەزى ئىملالىرىنى تۈزەپ يوللاپ قويدۇم)كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتى مۇدىرى ئەھمەدىنىجادنى سۆزگە تەكلىپ قىلغاندا "ئىچى...

سېنى كۆرگىلى كېلىشىدۇ

(نۇرەددىن يىلدىز ئۇستاز ئۈگۈتلىرىدىن) قىزىم، «قىز كۆرگىلى كەلدى» دەپ بىر گەپ بارغۇ، پەرىشتىلەر شۇنىڭدەك ھەركۈنى سېنى كۆرۈشكە كېلىشىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەم، كېلىپ كۆرۈشىدۇ. كۆرگەنلىرىنى يېزىشىدۇ. ياقتۇرغان-ياقتۇرمىغانلىرىغا ئاساسەن نومۇر قويۇپ كېتىشىدۇ. ھەر كۈنى بامدات...

بەك سىقىلدىم! مېنى كىمگە تاشلاپ قويدۇڭ ئاللاھىم!

(نۇرەددىن يىلدىز ئۇستازنىڭ ياشلارغا تەۋسىيەسى) ئۇنىۋېرستىت ئىمتىھانى دەپ سىقىلغان، خىزمەت تاپالمىدىم دەپ سىقىلغان، توي قىلالمىدىم دەپ سىقىلغان، ئاتا-ئانام مېنى چۈشەنمەيدۇ دەپ پارتلىغۇدەك بولغان، سىقىنچلىقتىن ئۆرتىنىپ تۇرغان جانلىرىم! ئاللاھ بەرگەن بىر ھادىسە تۈپەيلى...

ئائىلە باشلىقىغا خەت

ھېچكىم ھېچكىمگە ياشاشنى ئۆگىتەلمەيدۇ. بالىڭىزغا ھاياتنى تەييار بىر رېتسىپ ھالىتىدە سۇنالمايسىز. بالىڭىزنىڭ ھايات يولىنى سىزالمايسىز. ئۇنىڭغا پەقەت ئۆز يولىنى سىزالايدىغان بىر خەرىتە بېرەلەيسىز. سۆيگۈنىڭ چوڭدىن كىچىككە، ھۆرمەتنىڭ كىچىكتىن چوڭغا قارىتىلىشى توغرا ئەمەس....

بىر ئەر- ئايالنىڭ ھەقىقى ھېكايىسى

ئاتاقتا مۇسۇلمان بىر يىگىت خىرىستىيان قىز بىلەن توي قىپتۇ. بىر ۋاقىتلار ئۆتۈپ يىگىت دىننىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپتۇ ھەم ئۆزگىرىشكە باشلاپتۇ. قىز ئېرىنىڭ بۇرۇنقى كەيىپ- ساپا يوللاردا ماڭمايدىغان بولغانلىقىغا، ناماز ئوقۇشقا باشلىغانلىقىغا دىققەت قىپتۇ. ۋاقىتنىڭ...

غەززالىنىڭ كىبىر ھەققىدە ئېيتقانلىرى

سېنىڭ ئۆزۈڭنى باشقىلاردىن ياخشى دەپ قارىشىڭ بەكمۇ نادانلىقتۇر. باشقىلارغا دىققەت قىلغاندا ئۆزۈڭنى شۇ كىشىدىن تۆۋەن دەپ ئويلىغىن، شۇ ئەھۋالدا ھۆرمەتكە ئېرىشىسەن. كىچىك بالىنى كۆرگىنىڭدە، بۇ تېخىچە گۇناھ قىلىپ باقمىدى، شەكسىز مەندىن ياخشى، چۈنكى مەن نۇرغۇن گۇناھلارنى...

ئاياللار نېمىگە مۇھتاج؟

(ياسىر قازى لېكسىيەسىدىن تەرجىمە) 1. ئاياللار دائىم ئۆزىنىڭ سۆيۈلگىنىنى جەزملەشتۈرۈشكە مۇھتاج. ئەرلەر لوگىكىلىق پىكىر قىلىدۇ. مەن ئائىلەمنى قامداۋاتىمەن، ئۆيگە بالدۇر قايتىۋاتىمەن، ئايالىمغا خالىغىنىنى ئېلىپ بىرىۋاتىمەن، مانا بۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىڭ ئىسپاتى،...