بلوگ ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ھۆرمەتلىك دوستۇم، بەلكىم ئۇچۇر دەۋرىدە ياشىغىنىڭىزدىن سۆيۈنىدىغانسىز، زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ شاراپىتىدە كىچىككىنە «كەنت» كە ئايلانغان يەر شارىمىز، پەن- تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك قولايلىقلار سىزنى شاتلاندۇرىدىغاندۇ، ۋەياكى قايسىدۇ شائىرنىڭ:«سېغىنىمەن،مىڭ يىل ئاۋالقى ئادەملەرنىڭ ئادەملىكىنى…..»دەپ يازغىنىدەك، بوۋىلىرىمىزنىڭ تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشىغان دەۋرلىرىنى سېغىنىدىغانسىز. قانداقلا بولمىسۇن ئۇشبۇ دەۋرنىڭ پەرزەنتى بولمىش بىزلەرنىڭ بوۋىلاردىن مىراس پەزىلەت جاۋاھىرلىرىغا ۋارىس ھالدا زامانىۋى ئاڭ بىلەن تەرەققىياتقا ماسلاشمقىمىز- زۆرۈرىيەتتۇر. ئالدىراشچىلىق،جىددى تۇرمۇش رېتىمى بىلەن ھالسىراۋاتقان روھىڭىزغا ئازغىنە ئارام بېرىش بىلەن تەپەككۈر ئۈنچىلىرىدىن سىزلەرگە يەتكۈزمەكنى ئىستەپ «سادا» بېكىتىنى ئاچتۇق. «سادا» روھىڭىزنى ھارغىنلىق، غەپلەت توزانلىرىدىن ئازات قىلالىسا، بىزنىڭ مۇرادىمىز ھاسىل بولار ئىدى…

2000- يىل ئاۋغۇست

«سادا» نامىدا 2000-يىل ئېلان قىلغان تور بېكىتىدىكى مەزمۇنلارنى دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويدۇم. 2016-يىلدىن كېيىنكى يازمىلىرىم تولۇقلىنىۋاتىدۇ…ئەسكەرتىش: «تەرمىلەر» سەھىپىسىدىكى يازما-ئەسەرلەر ماڭا تەۋە ئەمەس.

2021-يىل 1-يانۋار