قاراڭغۇلۇقتا،
ھۆركىرىشەر يۇلتۇزلار.
تاڭنىڭ جىلۋىسى،
جىملەپ قويار جىمى يۇلتۇزنى.
قىرو باسقان ئاينىڭ لېۋىدىن،
تۆكۈلىدۇ قوياش تامان نۇر.
ئۇخلىمايدۇ چولپان كۈندۈزى،
مۈكۈۋالار كۈننىڭ كەينىگە.
يالتىرايدۇ ئاسمان ئەينىكى.
ئېسەنكىرەش.
دەرىزەڭدۇر جاھان ئەينىكى،
كۆرەلمەيسەن مەندىن باشقىنى.
بەك يىراقتا تونۇش بېكەتتە،
چالار گۈدۈك ھىجران پويىزى.
ئالىملىقتىن بەزدىم بىردىنلا،
ئالجىغۇم يوق، ئۇخلىغۇملا بار.
كېتىۋەرگىن مەن يوق ئارقاڭدا.
بېتخوۋىن-
گاس بولغاچقا يازار مۇزىكا.
بەلكىم،
پىكاسسومۇ رەڭ قارىغۇسى.
مەن – دىلمۇرات – ئاددىيلا ئادەم،
قۇلىقىم ساق، كۆزلىرىممۇ ساق.
يازالايمەن تەڭشەلسەم ئازراق،
مەيدە ئەمەس، ھىجران كەيپىدە.
ئۆتمۈش-خىرەلىككە تولغان تەلىمات.
مەن ياشايمەن چەكسىزلىك ئۈچۈن.
تۆككۈم كېلەر چەكسىز مىسرانى،
چەكسىز- چەكسىز ساما يولىغا،
يۇپېتىرغا، مارس، ساتۇرنغا.
ئۆگەتمىدىم يىغلاشنى تېخى،
ئەشۇ ئامراق كومپيۇتېرىمغا.
كېتىۋەرگىن ناتونۇش قىزچاق،
قارىماي قوي بولدى ئارقاڭغا.
كېتىپ قالدى يىگانە يىگىت،
چەكسىزلىككە، پاك بىر ماكانغا.