سىغدۇرۇپ ئىچىگە جاھاننى تولۇق،
ئۈگەتتى بىزلەرگە تۈمەنمىڭ خۇلق.
ئۇنتۇماقتىمىز ئاستا – ئاستا،
ئىزا – ھايانى.
شەيتان ئەينىكى ئەللەيلىمەكتە،
ئۇيغۇرنى، ئىندىئاننى
غەپلەتكە،
كەسرەتكە.
ئولتۇرغانچە بارماقنى شۈمۈپ،
سەبىيلىرىمىز ئۈگەنمەكتە،
سۆيگۈسىنى غەرپچە
ئىزھار قىلىشنى.
قاندىكى غەيۇرلۇق،
جەسۇر ئەركەكلىك
تېڭىرقىماقتا،
ئويلۇشۇپ شەھۋەتكە
ئورۇن بېرىشنى.
ئاتىلار دىۋانغا يېنى بولغانچە،
يوقاتماقتا
ئاتىلىق جاسارىتىنى.
ئانىلار قوشۇپ قۇندۇز چېچىغا،
بويىماقتا
شەرقچە نازاكىتىنى.
ئۆگزىلەردە رەزىل ئانتىنا
سۈمۈرمەكتە
چۈشكۈنلۈكنى،
بىپەرۋالىقنى.
نيۇيوركنىڭ ئىس – تۈتىكىنى،
لوندوننىڭ تۇمانلىرىنى.
شەيتان ئەينىكى،
ئۇنتۇلدۇرماقتا
بىر مىللەتنىڭ ئارمانلىرىنى…