مەن تۇنجۇقماقتىدىم. باھارنىڭكىدەك سۈپسۈزۈك ھاۋا دىمىقىمغا ئۇرۇلدى؛ قەلبىمگە رەزىللىكلەر ئورناشماقتىدى. ھەقنىڭ ساداسى ئۇلارنى ھۈركۈتتى. شۇندىلا مەن يىغلىۋەتتىم. بوغۇزۇمغا قاپلاشقان ئېغىرچىلىق بوشايدىغاندەك ئەمەس ئىدى؛ كۆزلىرىم ئولتۇرۇشقان، گۇناھلىرىمدەك سانجاق- سانجاق ساقاللىرىم ئۇيالغان يۈزۈمنى ئاز- تولا توسۇپ تۇراتتى. ياشلىرىم قىزىمنىڭ كىچىككىنە قوللىرىدەك يۈزلىرىمنى سىيپايتتى؛ قۇرئاننى جايىغا قويدۇم. غەپلەتلىك دەقىقىلەردە نېمىشقىمۇ ئۇنىڭغا قول سوزۇشقا ئېرىنىدىغىنىمنى چۈشەنمەيتتىم، لېكىن ئاللاھنىڭ قۇرئان مۇھەببىتىنى دىلىمدىن كۆتۈرۈۋەتمىگىنىگە مىڭلاپ شۈكۈر ئېيتاتتىم؛ دۇنيا مۇھەببىتىنىڭ زىيادىلىكىدىن پاناھ تىلىسەم، قۇرئان مۇھەببىتىنىڭ زىيادىلىكىنى تىلەيتتىم؛ مەن سولماقتىدىم، تىلاۋەتنىڭ ئەگىزى مېنى ياشارتتى. جانلانغىنىمدا قىزىمنىڭ قۇلىقىغا جىمى مۇھەببىتىم بىلەن ئۇنى شىۋىرلىدىم. شىۋىرلىغىنىم ئەللەي قوشىقى ئەمەس ئايەت ئىدى. كىچىككىنە نوتامنىڭ كۆزلىرى چاقناشقا باشلىدى. ئۇ ياشنىماقتىدى…