ئاتەش

تىترىدىم، چىن تىترەش ئەمەستۇر ئاسان،
يىغلىدىم ھىجرىڭدە بولۇپ پەرىشان.
پىراقتا قىينىلىپ ئۆلۈشۈم مۇمكىن،
قاراقتا بولمىسا چېھرىڭدىن نىشان.

سەبىيلىك، ئاشىقلىق، ئىدىم چىن ئىنسان،
بولاتتىم پەرىشتە سەن يولۇقمىساڭ.
نە ئەمدى ئادەملىك ئارتۇقچە ماڭا،
بوسۇغاڭ ياتىمەن ئۇرساڭ، تىللىساڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز