ماددىدىن قانائەت ئىستەش – بىھۇدىلىك. جىسىم ئەمەس روھ تويۇنغاندىلا ھەقىقىي قانائەتنى تاپقىلى بولىدۇ. روھ تەن ئۈچۈن ئەمەس، تەن روھ ئۈچۈن ئىشلىشى كېرەك. ئەكىسچە بولغىنىدا روھ ئۆز بۈيۈكلۈكىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

ئىنساننىڭ قوغلىشىدىغىنى ئەبەدىيلىك نەرسىلەر. ھالبۇكى، جىمىكى ئەبەدىيلىك ئۆلۈمدىن كېيىن مەۋجۇت بولىدۇ. لېكىن، ئىنسان نەپسى ئالدىدىكى ئاجىزلىقى ۋەجىدىن كۆپ ھاللاردا بىردەملىك راھەتكە ئەبەدىيلىك بەخىتنى تېگىشىۋېتىدۇ. دۇنيالىق ۋاقىتلىق بەھرىمەنلىكتىن كېيىن ئۇلارنى ئۆلۈم ئارقىسىدا كۈتىدىغىنى ئەبەدىيلىك ئازاب بولىدۇ. شۇڭا، ئازغۇن ئىنسان ھەرۋاقىت ئۆلۈمنىڭ ھەممىنىڭ خاتىمىسى ئىكەنلىكىگە ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشكە ئورۇنۇپ، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئەبەدىيلىكنىڭ سەپىسەتە بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىدلەيدۇ.