قار ياغقان كېچە.
بىر يالغان ھاياجان پەپىلەر مېنى.
ياز كۈنى.
ناتونۇش بىرىگە تۆككەنمۇ بولدۇم
ھېچكىمگە ئېيتمىغان يالغان سىرىمنى.
تالاي رەت
ئىزلىدىم تىپ- تېيىز، مۇڭسىز كۆزلەردىن،
ۋاقىتسىز يوقاتقان ھاياجىنىمنى.
سەن بەلكىم ياش تۆكۈپ يۈرىسەن قىزچاق،
تۇرقۇمغا ئوخشىتىپ باشقا بىركىمنى.

قوڭغۇراق چالغاندا چىنلىق بىر كۈنى،
مەن يىرتىپ تاشلايمەن يازغان خېتىڭنى.
قوۋۇرغام يوقالغان جەزىرىلەرگە،
نەزىر قىپ تاشلايمەن قاقشال تېنىمنى.

يەم بولار ئاخىرى قۇزغۇنغا يۈرەك،
ۋەياكى تۇپراققا ئايلىنار جىمجىت.
شېئىرغا ئايلىنىپ ياشايدۇ مەڭگۈ،
ياپمۇياش قەلبىمگە سىڭگەن مۇڭ، سۈكۈت.