مېنىڭ قەلبىم دۇنيا ھالاۋىتىدىن ھالقىپ ئەبەدىيەت ئالىمىگە تۇتىشىشنى ئارمان قىلغان قەلىب . شۇ ۋەجىدىن مېنىڭ ھاياتىم ۋاز كېچىش، تەنھالىق، ھەقىقەت ئىزلەش، تەپەككۈر، ئىستىقامەتلەر بىلەنلا مەزمۇنلىنىدۇ.مەن بەخىتسىزلىكلەر ئىچىدىن بەخىت ئىستەشكە، مەھرۇملۇقلار ئارىسىدىن مۈيەسسەرىيەت ئىستەشكە كۆنۈك ئىنسان.بۇ ھال سېنىڭ قەلبىڭدە كىرزىس ئويغىتىشى مۇمكىن.سەن ئۆزۈڭ يەتمەكچى بولغان مەنزىلنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق دەڭسەپ، كۆزلىرىڭنى يوغان ئېچىپ تاللىغان يولۇڭغا سەپ سال. بەزى ھاللاردا سەن تىرمىشىپ ئېرىشكەن نەرسە دەل ئۆزۈڭنىڭ بەخىتسىزلىكى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن…