يوقلۇق بوسۇغىسى.
چۈشلىرىمدە ئاجايىپ بىر ئىز.

يوللىرىمىز ئەسلى بىر ئەمەس.
سەن ئىستەيسەن ئوتلۇق ۋەسۋەسە،
مەن ئىستەيمەن مۇڭلۇق تەسەللى.
كۆزلىرىمىز، رەڭگىمىز ئوخشاش،
بېشىمىزدا دوپپىمىز ئوخشاش،
ئىستىكىمىز باشقا- باشقىچە.

يۈرەك ئىزلەپ چىقتىم سەپەرگە،
خىلۋەتلەردىن ئۇچقان قىرائەت،
قايتۇرماقتا مېنى ئەسلىمگە.
باغلانماقتا ئاق تەنلىك، نېگىر،
قوڭۇر تەن ھەم سېرىق تەنلىكلەر،
شام پەيتىدە ئەزان ئۈنىدە.

كۆزلىرىمىز، رەڭگىمىز ھەرخىل،
بېشىمىزدا دوپپىمىز ھەرخىل.
تىلىڭنىمۇ بىلمەيتتىم، بىراق،
قېرىندىشىم بوپقالدىڭ بىردىن.