كېتەلمەيمەن سوغۇق ھىجراندا،
ئۆكۈنچ بىلەن مۇزدەك قەبرىگە.
ئۆرلىيەلمەس گۇناھكار روھىم،
بۈيۈكلۈككە، كۆكنىڭ قەرىگە.

ئاللاھ،
تىلسىماتقا ئوخشايسەن خۇددى،
يەتمەيدىكەن ھېچبىر خوشاللىق،
سېنىڭ ئىزىڭ ئۇچراتقاندىكى
شۇ سۈپ-سۈزۈك ھاياجىنىمغا.
6- ئاي، ئۈرۈمچى تونۇر،
تالاي سۈبھى غەپلەتكە ئولجا.
بەخىت كۈلۈپ تۇرىدۇ ماڭا،
مەسچىت ئىزلەپ يۈرگەن كوچىدا.
سىماپمىدۇ بۇ يۈرەك دېگەن،
لىغىرلايدۇ دىلبەر ئىشقىدا.
قاناتسىزمەن، ئۇچىمەن لېكىن،
ئۇچالايمەن ئېتىكابىمدا.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!»
شۇنچە ئىللىق سالاملىشىشلار.
تونۇشمايمەن سەن بىلەن لېكىن،
بەك ئوخشايسەن قېرىندىشىمغا.

كوچىدا يۈرگەنلەر،
پىۋا ئىچكەنلەر،
يانفون،
راكىتا…
مەنزىل ئۇزۇن ئادەم بولۇشقا.