نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن

يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە كىشىلىرىمىز ئارىسىدا، مەتبۇئات، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە مەۋجۇتلۇق ھالىتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئەتىكى تەقدىرى ھەققىدە ئاز بولمىغان بەھس- مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇنى قارىقۇيۇق تاپا- تەنە، ئاھانەت ۋەياكى پالان- پۇستان بىر نېمە دېگۈچىلەرمۇ، قوللىغۇچىلارمۇ بولدى. ئەمما، زادى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان بىر يىرى شۇكى، ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى ئەمىلىيىتىمىزدە شۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ ۋەياكى باشقىلار نورمال ئىش دەپ قارىغان ھادىسىلەرنى مەسىلىگە باشقىچىرەك كۆزدە قارايدىغان، ئادەتلەنگەن تەپەككۇرنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئامراق « ئېقىمغا قارشى قەھرىمان » لارنىڭ مەسىلە، كېسەللىك، چاتاق، دەپ قارىغانلىغىدىندۇر. نېمىلا بولمىسۇن، مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر پىكىرنىڭ بولۇشى ئۆزىگە ۋە قەۋمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، تۇرمۇشتىن تاكامۇل ئىزدەيدىغانلارنىڭ بارلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئەمما، ئوتتۇرىغا چىققان ھەرقانداق بىر پىكىر- ئىنكاسنىڭ مەدەنىيىتىمىز ۋە روھىيىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشى ناتايىن. بىزنىڭ مەدەنىيەت ئاسمىنىمىزدا تولىمۇ تار، بىر تەرەپلىمە قىممەت قارىشىنىڭ تۈرتكىسىدە قىزىققان ھاياجان بىلەن مەيدانغا چىققان «ئەخلەت ئىدىيە» لەرمۇ ساماندەك. ھاياتلىق قىممتىمىز ۋە تەقدىر- قىسمىتىمىز پاجىئەلىك تۈستە ئايان بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئېڭىمىزدىكى، يۈزلىنىشىمىزدىكى، تۇرمۇشىمىزدىكى ئازغۇن ئىدىيە، چىركىن قىممەت قاراشلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ ساغلام ئەقىدە تۇرغۇزۇش يېپيىڭى تۇغۇم بىلەن باراۋەردۇر. سودىدىكى، كەسپتىكى، سەپەردىكى بىر خاتالىق كىشىنى مۇئەييەن پايدا- ئىقتىسادتىن، كۈچتىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئىنساننىڭ بارلىق ھەرىكەت- پائالىيىتىگە قوماندانلىق قىلىدىغان ئىدىيە- ئاڭدىكى ئازراقلا خاتالىق بولسا كىشىنى بىر ئۆمۈر سەرسان- سەرگەردان، خانۇ- ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. بىر قەۋمنىڭ ئومۇمىي ئىدىئولوگىيىسىدىكى بىنورمال يۈزلىنىش بولسا پۈتكۈل قەۋمنى ھالاك، مەدەنىيىتىنى گۇمران قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا مېنىڭچە بىر مىللەتنىڭ ئىدىيە- ئەقىدىسىدىكى خاتا، ئازغۇن قاراش- تۇنۇشلارنى تازىلاش ھەممىدىن بالدۇر، ھەممىدىن چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىشى كېرەك. ناخشىنى بۈگۈن بولمىسا ئەتە ئېيتىش تامامەن مۇمكىن. ساغلام قاراش بولغاندىلا كلاسسىك ئەدەبىياتنىمۇ، مۇقامنىمۇ تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. پاكىز ئېتىقاد مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى چىرىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.
« جىنسىيەت » ئىلمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىدە كۈچلۈك تېڭىرقاش، شۇنداقلا تەسۋىرلەش قىيىن بولغان مۇرەككەپ تۇيغۇ ئويغىتىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش شۇ خىلدىكى زۈرۈرىيەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەقەززادۇر.
جىنسىيەت ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە يات نەرسە ئەمەس، تېخى يېقىندىلا بايقىغان نەرسە تېخىمۇ ئەمەس. ئۇ ئىنسان يارىتىلغان دەقىقىدىن باشلاپلا ئۇنىڭ ئەزايى- تىنى، روھىيىتى بىلەن مەھكەم جىپسىلاش ھالەتتە بارلىققا كەلگەن. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنىنى مەلۇم مەنىدە جىنسىيەتتىن ئىبارەت بۇ ۋاستىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇ بىردىنبىر ۋاستە ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ پۈتۈنسۈرۈك ۋۇجۇد- كالامىدىكى تولىمۇ كىچىك بىرلىك. ئەمما ئۇنىڭ تارتىش كۈچى، ئىنسان نەزىرىدىكى مۇقەددەسلىك ئورنى كۆپ ھاللاردا ئىنسانلىقنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ماھىيىتىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ باشتىن تارتىپلا ئىنسان جەزمەن مەخپىي تۇتۇشى كېرەك بولغان ئۇياتلىق، نومۇسلۇق يەر قاتارىدا سانىلىپ كەلدى، بىر ئاماللار بىلەن يۆرگەلدى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئەخلاق مىزانلىرى، ھايا- ئۆلچەملەر شەكىللەندى. بىز تارىخنىڭ ئۇزاق قاتلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ جىنسقا تىۋىنىش، چۇقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكىنىنىمۇ بايقايمىز. جىنسىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ئىجتىمائىي يوسۇن- قائىدىلەردىكى ئۇنىڭ رولى، ئورنى، قىممىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيەت- تارىخ تەرەققىياتىدا ئىزچىل كۆرۈلگەن، ساقلانغان، دە- تالاش پەيدا قىلغان، ئەمما ئىزچىل ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلە. نوھنىڭ قەۋمى ئەخلاقى بوزۇقچىلىق تۈپەيلى توپانغا غەرق بۇپ كەتتى. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئومۇمىيۈزلۈك بەچچىۋاز بولۇپ كەتكەچكە، تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك قىلىندى. ئىپتىدائىي ئادەملەر چېغىدا دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى بىلەن بولسىمۇ ئۇنى ياپتى. قەبىلىلەر ئاساسىدا ئۇيۇشقان جامائە ئۆز ئۇرۇقىدىكىلەر بىلەن تويلاشتى، يەنى بىر ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا جىنسىي ئالاقىنى مۇۋاپىق كۆردى. ھەتتا دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئانىسى بالىسىغا خوتۇنلۇققا قالدى. بىر ئائىلىدىكى ئۈچ- تۆت ئوغۇل بىر ئايالنى ئورتاق خوتۇن قىلىشتى. مانى دىنى بۇنداق نىكاھنى چەكلىدى. ئەمما مەزدەك بۇنىڭغا قارشى:« ئىنسانلار توغۇلىشىدىنلا باراۋەر، مال- دۇنيا، خوتۇن دېگەنلەردىنمۇ كىشىلەر ئورتاق ھەمشىرىك بولۇپ پايدىلىنىشى كېرەك» دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. بۇددىزىم دۇنيانىڭ بارلىق ھاۋايى- ھەۋەسلىرىنى كىشىنىڭ تىنى، روھىيىتىنى چىرىتكۈچى زەھەر قاتارىدا كۆردى ۋە تەركىدۇنيالىق، زاھىتلىقنى، جاپانى بىردىنبىر يول قىلىپ تاللىۋالدى، جىنسىيەتنى قەتئىي بەنت قىلىپ تاشلىدى، ئائىلە، ئاياللار ۋە جەمئىيەتنڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلىقىغا كۆزىنى يۇمۇپ ئارقىسىنى قىلىۋالدى. ئەمما رايىش بۇددىزم ئاساسىدا شەكىللەنگەن بۇددا مەدەنىيەت- سەنئىتى پۈتكۈل جەمئىيەتنى يالىڭاچ رەسىم ۋە بۇتلارغا كۆمۈۋەتتى. ئۇلار ماھىيەتتە جىمجىت ئولتۇرۇپ جىنسىيەتنى خىيال قىلىۋاتقان زاھىتلارغا بەكرەك ئوخشاپ قالدى. خرىستىئان دىنى گەرچە ئائىلە، نىكاھ، ئەخلاق جەھەتلەردە جاھالەتكە پاتقان ئىنسانىيەتنى يېڭى بىر ئاڭ ئېقىمى ساھەسىگە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كېيىنچە كىشىلەرنىڭ ئۆز خىيالى بويىچە توقۇغان ئەپسانە- رىۋايەت، يازمىلىرى بىلەن ئەبجەشلىشىپ راست- يالغىنىنى بىلگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە غۇۋالىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ھەددىدىن زىيادە ئەۋرىشىم- يۇمشاقلىق ئۇنى خرىستىئان دۇنياسى ئۇلۇغلايدىغان، ئەمما ئازراقمۇ ئەمەل قىلمايدىغان دەستۇرپىچكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىكولوگىيىسى تايانچ تۈۋرۈكسىز قالدى، ئەخلاق بۇزۇلدى. ئىنسانىيەت يەنە بىر قېتىملىق جاھالەت ۋە ئازغۇنلۇق ئۆڭكۈرىگە قاپسالغان شۇ دەۋردە ئىسلام دىنى بارلىققا كەلدى. ئۇ جەمئىيەتنى ئەخلاق- ئېتىقاد ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئورتاق، ئادىل بىر ئۆلچەم قوللىنىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلدى، تەشەببۇس قىلدىلا ئەمەس ئۇنى ھەربىر ئادەم جەزمەن ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان مۇقەددەس پەرھىزگە ئايلاندۇردى، رېئاللاشتۇردى. روھىيەت ۋە جىسمانىيەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ساغلام، پاك، دۇرۇس بولۇشىدا ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇكەممەللىكنىڭ لايىھىسنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ تەرىقىدە جىنسىيەت ئۆزىگە يارىشا بىر مۇكەممەل تۇنۇش، پوزىتسىيىگە ئېرىشتى. ئۇ كەمسۇندۇرۇلمىدى، ئەمما ھەددىدىن ئېشىغا ئېنىق چەك قويۇلدى. نىكاھ جىنسىي بىرىكىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىندى. ئۇنى يۆرگەش، مەخپىي تۇتۇش قەتئىي تەلەپ قىلىندى…
ئەمما ئىنسان يەنىلا ئۆزى بىلگىنىنى، مۇۋاپىق دەپ ئويلىغىنىنى قىلىۋەردى. تارىخ ئۆز ئېقىنىدا ئېقىۋەردى.تالاي يىللار ئەشۇنداق قورقۇش، بۇزۇش، چەكلەش، قاراملىق، گاڭگىراش، قىزىقىش، تەلۋىلىك ئىچىدە ئۆتۈپ بۈگۈنگە ئولاشتى…
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىدا ئۆز ئىچكى نىزالىرى بىلەن قېقىلىپ- سوقۇلۇپ ئۆتكەن بىزلەرمۇ جاھاننىڭ بۇ قىسمەتلىرىدىن خالىي قالمىدۇق. بىزمۇ تىپىك يەرلىك مەدەنىيەت ھەقدارى ۋە باشتىن- ئاخىر باشقىلارنىڭ ئىدىيە- مەپكۇرىسىغا خېرىدارلىق قىلىپ ئۆزىمىزنى شادلاندۇرۇشتەك ئىككىلەمچى سالاھىيىتىمىز بىلەن جىنسىيەتكە باغلانغان نۇرغۇن كەچمىش- تەجرىبىلەرنىڭ ئىجراچىلىرى بولدۇق. بولۇپمۇ بۇ ھەقتىكى مەدەنىيەت ئۇچۇرى بىزدە باشقا ئەل مىللەتلەرگە قارىغاندا ئالاھىدە كۆپ، قۇيۇق بولۇپ كەلدى. زور قىرغىندىن ئېشىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر بالا بۆرە بىلەن جۈپلەشتى… ئوغۇزخان دەرەخ كاۋىكىدىنمۇ خوتۇن تاپتى… بىر ساھىپجامالغا پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەلنىڭ تەقدىرىنى تەمتىرىمەستىن تىگىشىشكە تەييار تۇرىدىغان ئىشقىۋاز سەركەردىلەر، ئۇيغۇر خەلق ناخشا- قوشاقلىرىدىكى مۇھەببەت، يار ئوبرازلىرى ۋە روھىي تەقەززالىقلار… ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولدى. مۇھەممەد باغراش:« پرومېتى مۇنداق دەيدۇ: پەخەس بولۇڭلار، ئادەملەر »)« تارىم » ژۇرنىلى 1998_ يىللىق 12_ ، 1999_ يىللىق 2_ سانى) ناملىق بەدىئىي مۇلاھىزىسىدە بۇ ھەقتە باش چۆكۈرۈپ ئىزدىنىپ، ناھايتىمۇ ئىنچىكە تەھلىللەرنى ئېلىپ بارغان.
بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئۇيغۇر ئەل مەدەنىيىتى (فولكلور) دە ساقلىنىۋاتقان جىنسىيەتكە دائىر قاراش، ئادەت، قىلىق ۋە تۇنۇشلارنى تەھلىل، تەتقىق قىلىش ئەمەس. تەتقىق قىلىدىغان بولساق نەچچە توملۇق قامۇس چىقىرىۋېتىشىمىزمۇ مۇمكىن. ئايانماي شۇنداق ئېيتالايمىزكى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات- سەنئىتى ھاياجىنى ئۇرغۇپ، پارتلاپ تۇرىدىغان ئىشقىۋازغا بەكرەك ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇنى ئەقىدە- ئېتىقاد، ئار- نومۇس زەنجىرى ھەرمىنۇت سىلكىپ، كىشەنلەپ تۇرمىسا ئۇ ئالەمنى مالەم قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. بىز بۇ ھەقتە شۇنچىلىكلا دەپ قويىمىز. ئۆتمۈشتىكى قاراش، ئادەت، قىلمىش- ئەتمىشلەر شۇنداق بۇپتىكەن. ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق كۆرگۈلىكى ھەغدادىغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، يەتمىگەن بولسا بۇندىن كېيىن يېتىدۇ. ئۇلار ھەققىدە قايناپ، سۆزلەپ بەت بوياش ئەھمىيەتسىز ھاياجان ۋە ئەقىل، قەغەز، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما ئەشۇلارنىڭ قالدۇقاتلىرى، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىى، يۈزلىنىشى، ئۇلار پەيدا قىلىدىغان، قىلىۋاتقان ياخشى- يامان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە بىرەر قۇر پاراڭ سوقۇشنىڭ ئاز¬- تولا ئەھمىيىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىزنى بىۋاستە پايدا- زىيانغا ئۇچراشتۇرىدىغان نەق رېئاللىق.
راستىنى ئېيتسام، مېنىڭ بۇ ھەقتە، يەنە كېلىپ ئاشكارا مەتبۇئات يۈزىدە بىرەر نەرسە دېگۈم زادىلا يوق ئىدى. لېكىن ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەپۇسىنى تىلەيمەن.
مۇھاكىمىنىڭ قوزغىلىشىغا مۇنداق ئىشلار سەۋەب بولدى.1. جەمئىيەت ۋە ئۇندىكى جىنسىيەتكە باغلانغان تۈمەن مىڭ خىل ھادىسىلەر 2. كىشىلەرنىڭ جىنسىيەتكە بولغان تۇنۇشىنىڭ غۇۋالىقى، قاتماللىقى، بىر تەرەپلىمە، زىددىيەتچان بولۇشى. ھەتتا ئۇنىڭغا چېقىلىشتىن ئەيمىنىپ ياكى بۇ تېمىغا چېقىلىشتا ئۆلچەمسىز، خالىغانچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى 3. ياشلار، يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىيەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئالدىدا ئىزاھاتسىز، يۈگەنسىز تەمتىرىشى، گاڭگىرىشى، بۇ مەسىلىگە ئاڭسىز، ئۆز مەيلىچى مۇئامىلە قىلىشى 4. ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئىنكاسى 5. يات مەدەنىيەت، ئىدىيىلەر ئالدىدىكى تۇرمۇش، قىممەت قارىشىمزىنىڭ بىچارە شۈمشىيىشى 6. ئارىمنىزدا بارغانسىرى ئەدەپ باش كۆتۈرىۋاتقان يېڭىچە قاراش، تەشەببۇس، يۈزلىنىشلەر….
يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئەھۋاللار گەرچە ئۇزاقتىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى ئون نەچچە يىل مابەينىدە ناھايتىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى، زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. جىنسىيەتنى ئېچىشقا بولمايدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن خەلقىمىز بۇ ھەقتىكى ئەقىدە- ئېتىقادىنىڭ نەلەرگىدۇر سۈپۈرۈلۈپ تاشلانغىنىنى بىلىپ، ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ بولغىچە ئۇ ئېچىلىپ بولدى. بەلگىلىك ئەخلاق ۋە ئەركان رامكىلىرىنىڭ ئىچىدە ھايا پەردىلىرى بىلەن مەخپىي ئىپادىلىنىپ كەلگەن بۇ « زەنجىرلەنگەن پرومېتى » نىڭ باغلىقى كۈنسىرى بوشاپ كەتتى. بىز ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزنى ۋە ھۈرمەتلىك يازغۇچىلىرىمىزنى بۇ ھەقتە دادىل يول بېسىپ جىنسىيەت ھەققىدىكى پاراڭ ۋە تەسۋىرلەرنىڭ ئېچىلىشىغا يېتەرلىك تۆھپە قاتتى، دىيەلەيمىز.
«مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى»دىن كېيىنكى ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزدە مودا بولغان شوئارۋاز چاقىرىقنىڭ بىرى «چەكلەنگەن تېمىلارغا بۆسۈپ كىرىش»تۇر. بۇ شوئار ئاپەتلىك يىللاردىكى ئەدەبىياتنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشى، شوئارلاشتۇرۇلۇشى ۋە شەخسنىڭ ئىرادىسى بويىچە سىنىپىيلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇ ئەدەبىياتىمىزدىكى شۇ مەزگىللەردە چەكلەنگەن تېمىلارغا ئەركىن، دادىل يۈرۈش قىلىپ تۇرمۇشنى تېخىمۇ زور بەدىئىي يۈكسەكلىكتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئارزۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تەگ- تېگىدىن ئېيتقاندا، ئۇ مۇھەببەت تېمىلىرىغا بۆسۈپ كىرىشنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىدىن بۆلەك نەرسە ئەمەستەك تۈس ئالدى. ھەقىقەتەنمۇ، ئىنسانغا بەخش ئىتىلگەن بۇ ئالىجاناب مەنىۋىي نىئمەت ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىن بىر مەزگىل قوغلانغان ۋە «سېرىق»، «شەھۋانى»، «بۇزۇقچىلىق» نامىدا ئەيىبلەنگەن ئىدى. مۇھەببەت تېمىلىرىغا بېغىشلانغان ھەرقانداق بىر شېئىر، ناخشا، قوشاق يازغان، ئېيتقان، شۇ ھەقتىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلارغىچە مۇشتۇمزور سىياسىينىڭ رەھىمسىز كالتىكىنىڭ قارىقۇيۇق توقماقلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئادەملەردىن مېھىر- شەپقەت كۆتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنى شەپقەتسىز سىياسىي تېرورلۇق قاپلىغان ئون يىل بولدى. ئىنسانغىلا خاس بولغان بۇ يۈكسەك تۇيغۇنى قارىلاش ئىنساننى قارىلاش بىلەن باراۋەر ئىدى. مۇھەببەت ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق تۇيغۇ بولغان ئىكەن، ئۇ ئەدەبىياتتىمۇ ئەكس ئېتىشى تامامەن كېرەك ئىدى. ئاخىرى ئەدەبىياتىمىز «مۇھەببەت»كە ئېرىشىپ ئارمىنىغا يەتتى. ئەمما ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتەر- ئۆتمەيلا ئەخلاق، ھايا سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ كەلگەن مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ تېمىنىڭ ئۆزىدىنمۇ يەنە چەكلەنگەن تېمىلار بايقىلىپ قالدى. يازغۇچىلىرىمىز ئەدەبىياتتىكى چەكلەنگەن تېمىلارغىلا ئەمەس، رېئال تۇرمۇش ۋە مۇقەددەس ئېتىقادىمىزدىكى چەكلەنگەن تېمىلارغىمۇ دادىل بۆسۈپ كىرىشنى ئىستەيدىغان بولدى. ئىنسان ھەقىقەتەنمۇ قانائەت قىلمايدىغان مەخلۇق ئىدى. جىنسىيەت ئەدەبىياتىمىزدا ئاپئاشكارا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى. قىلچە زۈرۈرىيىتى بولمىغان، ئىستېتىك ئۆلچەملەرگىمۇ توشمايدىغان بەزىبىر تەپسىلاتلارنى ئەتەي تەپسىلى، زىغىرلاپ يېزىش خېلىلا ئەۋج ئېلىپ قالدى. « بەزى يازغۇچىلىرىمىز قەھرىمانلارنىڭ قانداق سۆيۈشكەنلىكى، كۇسارغا قانداق قول ئۇزاتقانلىقى، قانداق ئاۋازلارنىڭ چىققانلىقى، تەمىنىڭ قانداقلىقى»( ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى « كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-_ يىل 7_ ئاي نەشرى)، كۆكسىنىڭ قانداقلىقى، ئاياللارغا قانداق ئۇرۇلغانلىغى، چاترىقىنىڭ كېرىلىشى، قانداق نەپەسلىنىشى، قانداق تىپىرلاپ، قانداق جىم بولۇشلىرىغىچە تەپسىلى، زوق- ھاياجان بىلەن يازىدىغان بولۇۋېلىشتى. ھەتتا، بەزى يازغۇچى- شائىرلىرىمىز بۇزۇقچىلىق، رەسۋالىق، جالاپ، شەرمەندىلىكلەرنى بىر ئاماللار بىلەن ئاقلاپ چىقىشتى، ئۆز پىرسۇناژلىرىنىڭ تۇرمۇش، ھاياتقا بولغان قارىشىدىكى چۈشكۈن، ماداراچىلىقنى زوق- شوق بىلەن كۈيلىگەن بولۇشتى. ئۇلارچە ئىنساننىڭ ھېسسىياتى تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا رەزىللىك، ياۋۇزلۇققا سېزىك، يېقىن ئىدى. ئۇلار ئەدبىيات- سەنئەتتىكى بۇ خىل ئېچىپ ئىپادىلەش «دادىللىق»ىغا قارىتا «چىن، ھەقىقىي ئىنسان ھېسسىياتىنىڭ پەردازلانمىغان ئىپادىلىنىشى» دەپ پەتىۋا بېرىشتى. بىز 90- يىللاردىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن پىرسۇناژلىرىمىزنىڭ دۇنيا قارىشى، بولۇپمۇ ئەخلاق، ئىپپەت مەسىلىلىرىگە بولغان پوزىتسىيىسىدىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كەسكىن جانپىدالىقنى كۆپ ئۇچرىتالمايمىز. ئەمما بۇزۇقچىلىقنى يەتكىچە قىلىپ بولۇپ ئارقىدىنلا ئۇنى ئاقلاشقا چۈشىدىغان ئەقىدىسىز ماڭقۇرتلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز.80- يىللاردىكى ئەدەبىيات بىلەن 90- يىللاردىن كېيىنكى ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇھەببەت تەسۋىرلىرىگە قارىساقلا مۇھەببەتنى ئىپادىلەشكە بولغان ئەستايىدىللىق، جەريان تەپسىلاتچىلىقى ۋە ھەۋەس- زوقمەنلىكنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىىنى ئېنىق ھېس قىلىپ يېتىش مۇمكىن. ھەتتا بەزى ئەسەرلەر شەھۋانىي ئەسەرلەرگە ئايلىنىپ قالايلا دېدى. بۇ ھال كېيىنچە كىنو- تىياتېر ساھەسىگە ئىنتايىن تېزلىك بىلەن كىرىپ كەلدى- دە، قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش، يالىڭاچ يۇيۇنۇش، ھەتتا چېكىدىن ئېشىپ جىنسىي ئالاقە ھەرىكەتلىرىگىچە تەپسىلىي ئىپادىلەش، كۆرسىتىش بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ يىپيېڭى يۈزلىنىش مودىسى بۇپقالدى. شۇغىنىسى، بىز ئەشۇ پىرسۇناژلارنىڭ روھ- تېنىدىن بىر دەۋرنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ، سىزەلىشىمىز كېرەك ئىدى. يازغۇچى بولغان ئادەم تۇرمۇشتا نېمە بولسا شۇنىڭ ھەممىسىنى شۇ پېتى تەسۋىرلەۋەرسە سەنئەتتە مەزە قالمايدۇ. يازغۇچى تۇرمۇشقا جەزمەن مەلۇم بىر ئەقىدە بىلەن ياندىشىشى ۋە پىرسۇناژلارنىڭ ھېس- تۇيغۇ، پائالىيىتى ئارقىلىق مەلۇم بىر توپنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى، ئادالەت- قاباھىتىنى سىزىپ بېرىشى كېرەك. كۆپىنچە ئەھلى سەنئەت «يازغۇچى رېئاللىقتا نېمە بولسا شۇنى چىنلىق بىلەن ئىپادىلىشى، مۇھاكىمە كىتابخاننىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلۇشى كېرەك»، دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ يازغۇچى قېلىپسىز، ئۆلچەمسىز، دەخلىسىز ھەرىكەت قىلسا، نېمىنى، قانداق يازغۇسى كەلسە شۇنداق يازسا بولىۋىرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. يازغۇچى سەنئەت بېغىدىكى نېمىنى ئۈزگۈسى كەلسە ئۈزۈپ، نېمىگە ئۈسكۈسى كەلسە ئۈسسە ھەق، توغرا بولىۋىرىدىغان باشتاق ئېشەك ئەمەس. ئۇ مەلۇم بىر مەدەنىيەت توپىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى بولغانىكەن، شۇ توپنىڭ ئەخلاق- ئەركان، مىزان، پرىنسىپلىرىنى ئەستىن چىقارمىغان ئاساستا قەلەم تەۋرىتىشى كېرەك. جىنسىيەتنى شۇ قەدەر شەھۋانى ھېسسىيات، ئۆلچەمسىز مەۋقە بىلەن بېرىلىپ ئىپادىلەش يازغۇچىلىرىمىزدىكى تولىمۇ شاللاق كەيپىياتنى تۇلۇقى بىلەن ئاشكارىلاپ بەردى. مەدەنىيەت ئاسمىنىمىزدا جىنسىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا مۇئەييەن زېمىن، ئاساس ھازىرلاندى.
كېيىنكى كۈنلەردە غەرب ئەدەبىياتىدىن كىرىپ كەلگەن ئاتالمىش مۇدىرنىزم بىزنىڭ يازغۇچى- شائىرلىرىمىزنىڭ ئىپادىلىيەلمەي قالغان ھېسسىياتىنى قايناپ تاشتۇرىۋەتتى، شۇنداقلا تېخىمۇ شاللاق، ئەرزىمەس، تۇترۇقسىز پاساڭلاشتۇرىۋەتتى.چىن ھېسسىيات ۋە رېئال ئىش- پائالىيەتنىڭ ئورنىغا يۇشۇرۇن ئاڭ، چۈش، باش- ئايىغى يوق خىيال، ئەھمىيەتسىز سىمۋول، ئىشارىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى لىپمۇ- لىق قاپلاپ كەتتى. يىغلاڭغۇ شېئىرىيەت ۋە ئىزلەنمە ھېكايىچىلىق نامى تامغىلانغان، ئاپتورىمۇ چۈشىنەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى بىمەنە خىيال- تەسۋىرلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۇرسىنى نەچچە ھەسسە چۈشۈرىۋەتتى. ئەگەر بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى، پايدىسى بولدى، دىيىشكە توغرا كەلسە ئەنئەنىدىن دادىل گۇمانلىنىش، بىر قېتىملىق ئاڭسىز تەجرىبە ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا غەربنىڭ ئاز- تولا قاراش- ئىدىيىلىرىنى چالا- پۇلا سۆرەپ ئەكىرىش بولدى.
ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ خىل يۈزلىنىش رايونىمىزدا ئىسلاھات تۈرتكىسىدە مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشى كەسكىنلىشىۋاتقان، تەشۋىقات ۋاستىلىرى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. تۇرمۇشىمىزغا يات مەدەنىيەت ئېقىملىرى بەس- بەستە كىرىپ كەلدى. ئادىل ئابدۇقادىر ئەخلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ئۈچ چوڭ كۈچ سۈپىتىدە سىياسى، تېخنىكا، ئۇرۇشنى تىلغا ئالىدۇ.( ئادىل ئابدۇقادىر «ئەخلاقنىڭ دۈشمىنى» شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2005_ يىل 3_ سان) سىياسى بىلەن تېخنىكىنىڭ بىزنىڭ ئەخلاق پرىنسىپلىرىمىزغا ئېلىپ كەلگەن يۇشۇرۇن ۋەيرانچىلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بولدى. ئۇلار ئاشكارا تۈستە ئىپادىلەنمىدى، ئەمما ئون يىللىق ئاپەت مەزگىلىدىكى قالايمىقان سىياسىي ھەرىكەت خەلقىمىزنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت پرىنسىپلىرىغا ھەددىدىدن زىيادە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان دەرىجىدە قورقۇنچاق، سەزگۈر قىلىۋەتتى. بىزدىكى ئەڭ ئېسىل ئەخلاق سەمەرىلىرىگە فېئودالىزىمنىڭ قالدۇقى، كونىلىق، جاھالەت، خۇراپىيلىق تامغىلىرى بېسىلدى. ئون يىللىق سىياسىي مالىمانچىلىق بىزنىڭ ئەڭ ئېسىل مەدەنىيەت سەمەرىلىرىمىزگە قارا قالپاق كېيگۈزۈپ ئۇلارنى بولۇشىغا تىللاپ چىققان بولدى. مالىمانچىلىق ئاخىرلاشتى، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئىدىيە- ئېڭىنىڭ قات- قېتىغا سىڭىپ كەتكەن پۈتمەس- تۈگىمەس گۇمان، خۇدۇكسىرەش، ئۆزىدىن ئۈركۈش كېسىلى ئاخىرلاشمىدى. كاللىسى فېئودالىزمنىڭ سېسىق تۇرخۇنىغا ئوخشاپ قالغان ئەشۇ كىشىلەر ياشلىرىمىزغا ئەنئەنىۋىي جىنسىيەت، نىكاھ، ئائىلە، قىممەت قارىشىنى زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغان كونىلىق، خۇراپىيلىق دەپ ئېزىپ چۈشەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يازغۇچى- سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئېغىزى قۇلىقىغا يېتىپ ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىزدىكى تەۋەررۈك ئەخلاق ئادەتلىرىمىزنى سۆكۈش، ئۇلارغا فېئودالىزمىنڭ قالپىقىنى كېيگۈزۈپ تىللاپ، قارغاپ چىقىش، ئاتالمىش يېڭىلىق ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتنى كۈيلەش، مەدھىيلەش مودىغا ئايلاندى. خەلقىمىزدىكى ئەنئەنىۋى قىممەت، مەدەنىيەت قارىشىغا بولغان چۈشەنچە، ساداقەت، ئېتىقاد ناھايتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى. تېخنىكىنى ۋاستە قىلغان تېلېۋىزور، رادىئو، گېزىت- ژۇرنال ۋە ئۈن- سىن ۋاستە- بويۇملىرى ئۇنىڭغا قېتىلىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەخلاقى يىمىرىلىشنىڭ تېزلىشىشىگە مۇئەييەن ھەسسە قاتتى. تېلېۋىزورلارنى غەربنىڭ يالىڭاچ فلىملىرى قاپلاپ كەتتى. ئاتا- بالا بىر يەردە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشتىنمۇ ئەنسىرەيدىغان دەرىجىدىكى شەھۋانىيلىقى كۈچلۈك فلىملەر ئېكراننى بىر ئالدى. ئەزەلدىن جىنسىيەتتىن ئىبارەت بۇ نەرسىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ئاتا- ئانىلار نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قېلىشتى. ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئالدىدىلا كۆرسىتىلىۋاتقان ئىشلاردىن خېجىل بولاتتى. ئەمما بۇنى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى ئەسلا بىلەلمەيتتى. بۇ توغرىدا گەپ ئېچىشتىن ئەيمىنەتتى. ئىككى ئىت كوچىدا جۈپلەشسىمۇ چالما- كېسەكتە ئۇر- قاچ قىلىپ كۆنۈپ قالغان بۇ خەق ئېكراندىكى ئادەملەرنىڭ ئۇيالماستىن قىلىپ يۈرگەن قىلقلىرىنى ئەدەبلىيەلمەيتتى. ئىچىدە تىللاپ باشقا ياققا قارىۋالاتتى، قانال ئالماشتۇراتتى… بالىلار خېجىل بولغاندەك قىلاتتى، قىزىقسىنىپ ئوغرىلىقچە قارايتتى، يەرگە قارىۋالاتتى، كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلاپ، نېمىلەرنى خىيال قىلىپ يۈرگىنىنى بىر خۇدا ئۆزى بىلەتتى…
ئەقىدە تەربىيىسىنىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈشى، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق، مەدەنىيەت قارىشىنىڭ يەكلەشكە ئۇچرىشى، نوقۇل ئەقلىچىلىكنى بەلگە قىلغان پەنگە چوقۇنۇشنىڭ كۈچەپ تەرغىپ قىلىنىشى، قارىقۇيۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي قىزغىنلىقنىڭ بىنورمال يۆنىلىشتە ئەۋجىگە چىقىشى، ياش- ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەربىيىنىڭ ئەقلىلىكتىن ھالقىپ چىقالماسلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە كۆپ ئۆتمەي تۇرمۇشىمىزمۇ ئېكرانلىشىپ كەتتى. كىشىلەر ئەمدى ئوغۇل-قىزلارنىڭ قولتۇقلىشىپ مېڭىشلىرىنى ئۇنچىۋىلا ھار ئېلىپ كەتمەيدىغان بولدى، بۇنى ئادەتتىكى ئىش، زامان شۇنداق بۇپ كەتتى، دەپلا قويىدىغان بولۇشتى. كىشىلەر جىنسىيەت ھەققىدە خۇپىيانە، پەس ئاۋازدا ئەمەس ئاشكارا سۆزلىشىدىغان بولدى. جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئېلانلىرى، قىزلىق پەردىسى سېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ھەققىدىكى ئېلان، ئۇچۇرلار قۇلاقنى ئەتسىمۇ ياڭراپ، كۆزنى يۇمۇۋالسىمۇ مانا مەن قېشىڭىزدىلا، دەپ دىغىراپ تۇرىدىغان ھالغا يەتتى. 14- 15 ياشلىق قىزلارنىڭ ھامىلدار بۇپقالغانلىغى، كىيىملىرىمىزنىڭ بارغانسىرى ئېچىلىپ، تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، توختاۋسىز غىدىقلىنىش، ھاياجانلىنىش ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئەرلەر ئىچىدىكى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشى، قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ بازار تېپىشى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى نامىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن پاھىشىخانىلارنىڭ ئاۋاتلىشىشى، ئەر- ئاياللارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى، ئائىلىنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى… قاتارلىق ھادىسىلەر بىزدە ئەڭ ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى. ئەيدىز، سىفلىس ۋە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر، تۈرلۈك روھىي كېسەللەر جەمئىيىتىمىزنى لىق قاپلىدى. ئائىلىلەر ئېغىر كرىزىسكە دۇچار بولدى. ئاجرىشىش، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە جىنايەت نىسبىتى تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىدى. ستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، 1960 – يىلىدىن 1990- يىلىغىچە غەرب دۇنياسىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى توي قىلىش نىسبىتىگە قارىغاندا ئىككى- ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولغان، ھارامدىن تۇغۇش نىسبىتى بولسا تۆت ھەسسىدىن ئالتە ھەسسىگىچە كۆپەيگەن يەنى، 1800- يىلىدىن 1960- يىلىغىچە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن ھارامدىن تۇغۇش ھادىسىسى 1992- يىلىغا كەلگەندە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 32 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بولسا 6-7 ھەسسىگىچە كۆپەيگەن( Jkalb.org تور بېتىدىكى « ئەنئەنە جاھىللىقى » ناملىق ئىنگلىزچە ماقالىگە قارالسۇن) بىزدە بۇ خىل ستاتېستىكىلارنى تاپماق بەكمۇ تەس. ئەمما 25 مىڭ نوپۇسى بار بىر يېزىنىڭ يىللىق تويلىشىش، ئاجرىشىش ئەھۋالىنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمچە، توي قىلغانلار سانى 200، ئاجراشقانلار سانى 80 ئەتراپىدا بولغان. ئاجراشقانلارنىڭ %95 ياشلاردىن بولغان. يېزىلاردا خەلق ئىشلار تارماقلىرىغا تىزىملاتمايلا ئاجرىشىپ، يەنە خوتۇن ئېلىۋالىدىغان ئىشلار ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ ئۈرۈمچىدىن ئىككى مىڭ كلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ناھايتىمۇ چەت، ئەنئەنىۋىي ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچى رولىنى يوقاتمىغان سەھرادىكى نىسبەت. شەھەرلەردىكى، ئەخلاقنىڭ رولى كۈچىدىن قالغان جايلاردىكى نىسبەت قانداق چىقىشى مۇمكىن؟ ئېنىقلاش مۇمكىن بولمايدىغان خۇپىيانە جىنسىي زوراۋانلىقلار، بۇزۇقچىلىقلار، ھارامدىن تۇغۇش، نىكاھسىز يېقىنچىلىق قىلىش، شەھەرلەردىكى ئاشكارا- يۇشۇرۇن ئىشرەتخانىلار ۋە ئۇ يەرلەردىكى بۇزۇقچىلىقلارنى ئېنىقلاپ، مۇھاكىمىگە قويساقچۇ؟ دېمەككى، بىزدىكى مەسىلە كىشىنى چۈچۈتىدۇ. مەن بىر دوختۇرنىڭ ھازىرقى ياشلارنىڭ 90 پىرسەنتى جىنسىي كېسەل دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتۇتى تىل تارماق ئېنىستىتۇتىنىڭ ھۈرمەتكە سازاۋەر ئېنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ شىفېڭ بىر قېتىملىق دەرىسىدە :«ئەگەر خەنزۇلارنىڭ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش، ئىستىمال ئادەت- يۈزلىنىشى موشۇ بويىچە داۋاملىشىپ ماڭىدىغان بولسا جۇڭگولۇقلار يەنە 50 يىلدىن كېيىن پەرزەنت كۆرەلمەسلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ بۇ سۆزىنى يەڭگىللىك بىلەن مۇنداقلا دەپ قويغان ھۆكۈم ئەمەس، بەلكى نوپۇزلۇق ئالىم، مۇتەخەسىسلەرنىڭ نەچچە يىللىق تەتقىقاتىنىڭ، جەمئىيەتشۇناس، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قايناپ تۇرۇپ ئېلىپ بارغان مۇنازىرە- مۇھاكىمىسىنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە ئوتتتۇرىغا قويغانىدى. بۇنى دەلىللىگەندەكلا تەكشۈرۈش ئارقىلىق %40 ياشنىڭ ئۇرۇقى پۈچەك چىقتى. (« ئۇرۇقىمىزنى قۇتقۇزىۋالايلى» تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس تەرجىمىسى شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2005- يىل 5- سان ) شەك- سۈبھىسىزكى، « بۇ روھ ئاينىغاندىن كېيىنكى تەننىڭ ئاينىشىدۇر»( ئابدۇرېھىم دۆلەت «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلۇقىمىز» شنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003_ يىل 5_ ئاي نەشرى). ئادەمدە ئىمان- ۋىجدان قالمىغاندىلا ھارامنى، زىنانى، بۇزۇقچىلىقنى، كىشىنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە راۋا، دۇرۇس كۆرىدۇ.
جىنسىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئاپەت سۈپىتىدە يامرىشى ۋە كىشىلەرنىڭ بۇنى ئانچە ئېغىر ئېلىپ كەتمەسلىكى، ھەتتا زامان تەرەققىي قىلىپ شۇنداق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ بۇنى بىغەملەرچە دەۋرگە ۋە ئاتالمىش مەدەنىيەتكە، تەرەققىياتقا يۈكلەپ ئۆزلىرىنى خاتىرجەم تۇتۇپ يۈرىۋىرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بولۇپمۇ بىزدەك نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى جىنسىيەتكە تولىمۇ كۈچلۈك ئېھتىيات ۋە قاتتىق ئەقىدە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە جىمجىت سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرۇشى كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بەش يىل مابەينىدە داۋالاش كەسىپلىرى ئىچىدە جىنسىي كېسەللىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك داۋالاش كەسىپلىرى ۋە شۇ ساھەدە مەخسۇسلاشقان دوختۇرخانا، بۆلۈملەر ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە راۋاجلانغان، كېڭەيگەن، بىمارلىرى ئىزچىل كۆپەيگەن. بىز «بوغدا دوختۇرخانىسى»نىڭ ئىنتايىن قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ، زورىيىپ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەنلەردە تارماق دوختۇرخانىسى بار زەنجىرسىمان داۋالاش لىنيىسى شەكىللەندۈرگەنلىكى، بۇ يەرگە كېلىۋاتقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلىغىغا قاراپ باقساقلا مەسىلىنىڭ ئۇنچىۋىلا ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. بۇ مەسىلە، كېسەللىكلەر قانداق پەيدا بولدى؟ ئەجىبا بىزدىكى ئەقىدە ئۆلدىمۇ؟ ئەخلاق شۇ قەدەر ئەرزىمەس، ئەھمىيەتسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالدىمۇ؟ ۋەياكى جىنسىيەت راستىنلا ئېچىلىشى، كىشىلەر ئۆزلىرى خالىغان، بىلگىنىنى قىلىپ ياشاپ ئۆتىۋىرىشى كېرەكمۇ؟
گەرچە غەرب ئەللىرىدە كەڭ ئەۋج ئالغان جىنسىي بۇزۇقچىلىقلار بىزدە تېخى مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلىپ ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ۋە خەتىرىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسىغا، نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا، ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكىگە، مەدەنىيەت، ئەقىدە- ئېتىقادىغا ئوخشىمىغان شەكىل، كۆلەمدە زور تەسىر كۆرسىتىپ يېڭىدىن- يېڭى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلماقتا. كىشىلەر گاڭگىرىماقتا، نېمە قىلسا توغرا بولىدىغانلىغىنى بىلەلمەي نائىلاج ھەممىنى دەۋرگە ئارتىپلا بولدى قىلماقچى بولىشىدۇ، داۋالاشقا يۈگرىشىدۇ ياكى زاماننىڭ بۇزۇلغىنىدىن زارلاپ، قاقشاپ ئاخىرىدا يەنە پەسكويغا چۈشۈپ ئۆز دۇنياسىغا چۆكۈپ كېتىشىدۇ. نۇرغۇن كىشى جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىكولوگىيىسىنى ئەمدى تۈزەش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ، قۇلىقىنى يۇپۇرىۋالىدۇ. ۋەھالەنكى، مەسىلە بولغان ئىكەن، جەزمەن ھەل قىلىش چارىسى بولىدۇ. ھەل بولماسلىق مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىغىدا ئەمەس، ھەل قىلغۇچىنىڭ ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولمىغانلىغىدا.
ئۇنداق بولسا، جىنسىيەتكە باغلانغان بۇ كرىزىسلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ؟ زادى قانداق قىلىش كېرەك؟
بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ بۇھەقتىكى بىر بەدىئىي مۇلاھىزىسىدە بىر قاتار دىلولارنى مىسال كەلتۈرۈپ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:«بۇ دېلولارنى ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى موشۇ دېلولارنىڭ سادىر بولۇشىغا زېمىن بولغان مىللىي مەدەنىيەت قۇرۇلمىمىز، ئەنئەنىۋىي جىنسىي قاراشلىرىمىز، جىنسىي ئەخلاق ئۆلچىمىمىز ۋە جىنسىي پىسخىكا زەئىپلىكىمىز ۋەھاكازالار توغرىسىدا قاتتىق ئېچىنىش كەيپىياتى ئىچىدە ئۇزۇنغىچە ۋە چوڭقۇر ئويلانماي قالمايدۇ». ئۇ جەمئىيىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي قاباھەتنىڭ يىلتىزىنى مەدەنىيىتىمىزدىن ئىزدەيدۇ. ۋەھالەنكى، مەن مەدەنىيىتىمىزدىكى جىنسىي ئەخلاق، پرىنسىپ- قاراشلىرىنىڭ كىشىلەرنى جىنسىي بۇزۇقچىلىققا، زوراۋانلىق، جىنايەتكە يىتەكلەيدىغانلىغىغا ئىشەنگۈچىلەردىن ئەمەسمەن. خەلقىمىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مىڭ يىللار مابەينىدە ئۇنىڭغا تەلتۈكۈس، تۇلۇقى بىلەن رېئايە قىلىپ ئۇنى ھاياتلىقتىكى مۇتلەق مىزانغا ئايلاندۇرالمىغان بولسىمۇ، ئەمما جىنسىيەتكە ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە كەلگەندە نىكاھنى، قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان. نىكاھسىز بىللە تۇرۇش، ئەر- ئاياللارنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشى، زىنا قىلىش ھەتتا باشقىلارنىڭ ئايالىغا قاراشنىمۇ چەكلەپ كەلگەن. نىكاھتىكى ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقىنى مۇھىم شەرت قىلغان، جامائەت گۇۋاھلىقىنى ئاساس قىلغان. يېتەرلىك مەھرى بېرىش، ئاجرىشىشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ئۇنى ئەسكى چاپاننى چۆرىگەندەكلا قوغلاپ چىقارماستىن ئايالنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئويلىشىش، ئۇياتلىق يەرلەرگە قارىماسلىق، ھەتتا ھاجەت بولمىسا خالىغانچە تۇتۇپ سىلىماسلىق، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھارام يولغا ماڭماسلىق، كۆڭۈلنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن قاتتىق ئۆزىنى تارتىش، مەنىۋىي بۇلغىنىش ۋە يامان خىياللارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ ھاياتلىقتا پاكىز، رەتلىك، مەنىلىك ياشاپ ئۆتۈش ئۈچۈن قۇربى يەتسە ۋاقتىدا كۆڭۈلدىكىدەك، مۇۋاپىق بىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ھاياتىنى قامداش، قۇربى يەتمىسە ھەتتا روزا تۇتۇپ بولسىمۇ ئۆزىنى، جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىنى ساقلاش… قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەخلاق تۈزۈم- پرىنسىپلىرىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا رېئايە قىلىشقا تىرىشقان. ھالالدىن بولمىغان ھەرقانداق جىنسىي پائالىيەتنى قاتتىق چەكلىگەن، ئېنىق جازا تەدبىرلىرىنى بىكىتىپ، يۈرگۈزۈپ، جەمىئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلىقىنى، ئائىلىنىڭ، نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، ئەخلاقنىڭ چەكلەش كۈچىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن. ئەمما نىيىتى دۇرۇس، ئىمانى پاكىز، قەلبى تازا، ئەخلاقى ياخشى بولمىغان ئادەملەر يۇشۇرۇنچە ناشايان ئىشلارنى قىلغان، ھاياتلىقتىكى مۇقەددەس پرىنسىپلارنى بۇزغان. باشقىلارنىڭ خوتۇن- قىزلىرىغا چېقىلغان، ھارام نىيەتتە بولغان. ھەتتا پاھىشىخانىلارمۇ ئېچىلغان، بەچچىۋازلىق قىلغۇچىلارمۇ بولغان. بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. ئەمما ھەرگىز ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، ئەخلاقى چىركىن، بەدبەخ ئادەملەرنى بۇ خىل جىنايەت يولىغا ماڭدۇرغان بىزنىڭ مەدەنىيەت ئەمەس! بىزنىڭ ئېتىقاد ئەمەس! بىزدىكى جىنسىي ئەخلاق ئۆلچىمى، قاراشلىرى تېخىمۇ ئەمەس! نېمە قىلغۇڭ كەلسە ھالاللاپ ئېلىپ قانغۇچە قىل، ئالالمىساڭ ئۆزۈڭنى، كۆزۈڭنى، نەپسىڭنى يىغ، روزا تۇتۇپ بولسىمۇ پاكىز ئۆت، ئۆزۈڭنى، ئۆزگىنى، جەمئىيەتنى بۇلغىما دەپ تۇرىدىغان پرىنسىپنى مۇتلەق مىزان قىلغان بىزنىڭ مەدەنىيەت مۇنداق چىدىغۇسىز ھاقارەتنى كۆتۈرەلمەيدۇ ھەم ھەرگىز كۆتۈرمەيدۇ. كىم مەدەنىيىتىمىزدە باشقىلارنىڭ خوتۇنىغا پوخۇرلۇق قىل، زىنا قىل، دەيدىغان گەپلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ئاڭلاپتىكەن؟ بىزنىڭ جىنسىي ئەخلاق ئۆلچىمىمىزدە نىكاھسىز پېتى يات جىنسقا يېقىنلاشسا بولىۋىرىدۇ، دەيدىغان گەپنىڭ ئۇرۇق- پىچىكىمۇ يوق. ئېتىقادنىڭ لەنىتى بۇزغۇنچىلىرى، مەدەنىيەتنىڭ زەھەرلىك مىتىلىرى، ئەخلاقنىڭ چۈشكۈن ئىجراچىلىرى سادىر قىلغان خاتالىق مەدەنىيەتكە، ئەخلاققا يۈكلەنسە بۇنى زادى نېمە دېگۈلۈك؟
يۇقىرىقى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان يازغۇچى بىزدىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بالا- قازا سۈپىتىدە زاھىر بولۇۋاتقان پاجىئەنى «جىنسىي ساۋاتسىزلىق» دەپ ئاتايدۇ ۋە «مۇبادا بىزنىڭ تۇرمۇش شەكلىمىز، جۈملىدىن جىنسىي تۇرمۇشىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالمىسا، يېتىشەلمىسە ئۇ ھالدا بىز دەۋرنىڭ سىرتىدىكى تاشلاندۇق ‹بوشلۇق›تا تىنەپ- تەمتىرەپ، مۈدۈرۈپ- چوقۇرۇپ، بىر ئىزىمىزدا چۆرگىلەپ قېلىۋىرىمىز. ئەسىر بىزگە بەخش ئەتكەن تەرەققىيات ۋە ئەلالىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمىز»دەپ ئۆز ئەندىشىسىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئەندىشە قاپلىغان بايانلىرى كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتى بىزنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىمىزغا نېمە تەلەپ قويۇپتۇ؟ بىز يېتىشەلمىگۈدەك ئۇ قايسى باسقۇچقا بېرىپ يىتىپتۇ؟ ئۇ بەلكىم جىنسىي جەھەتتىكى بىلىم- ساۋاتلار بىلەن تەربىيىلىنشنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسا كېرەك. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ يازغۇچى بىزدە ئايان بولۇۋاتقان بىر قىسىم جىنسىيەتكە باغلىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئىزاھلىغان ۋە بۇ خىل پاجىئەلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن جىنسىي ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتەر- ئۆتمەيلا مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، جىنسىيەتنى دەرسخانىلارغا ئېلىپ كىرىشنىڭ زۈرۈرلۈكى ھەققىدە ماقالە- تەشەببۇسلار كۆپىيىپ بەلگىلىك پىكىر- ئېقىمى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. تېخى يېقىندىلا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۆڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە يول قويۇش- قويماسلىق ھەققىدىكى مۇنازىرىدە خېلى كۆپ سانلىق ئامما قەتئىي تۈردە يول قويۇش كېرەكلىگىنى بىلدۈرۈشتى، نۇرغۇن ئادەم گاڭگىراپ، نېمە قىلىش كېرەكلىگىگىمۇ ھۆكۈم قىلىشالمىدى. شەكسىزكى، بۇ ئۇلارنىڭ «ئېچىش»، «قۇيىۋېتىش»كە بولغان مايىللىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.
مەن توساتتىن شۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم: جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ئەخلاقىي بۇزۇلۇش، چىرىكلىشىش، جىنسىي بۇزۇقچىلىق، يامراۋاتقان كېسەللىك، زەئىپلىشىۋاتقان تەن، چۈشكۈنلىشىۋاتقان روھىيىتىمىزنى راستىنلا قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولارمۇ؟ ياكى بۇ بىر يېڭى ئاپەتنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالارمۇ؟
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەيلى كىمنىڭ پىكىر- قارىشى بولسۇن، بۇ تېگى- ماھىيىتىدىن ئالغاندا بىزدىن چىققان پىكىر- قاراش ئەمەس. يەنى جىنسىيەت تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق جىنسىيەتنى بەلگە، مەنبە قىلغان مەنىۋىي ئەخلەت، بالا- قازالارنى تازىلاش تەشەببۇسىمۇ جىنسىيەتنى بازارلاشتۇرۇش، ئېچىش، قۇيىۋېتىش ئىدىيىسىگە ئوخشاشلا غەربتىن كەلگەن ھارام توغۇندى. بىزدىكى قىزىققان ھەۋەسكارلار غەربلىك يېڭى مەدەنىيەت بايراقدارلىرىدىن بىرنەچچىسىنىڭ ئىسمىنى ۋە تەرجىمىھالى، ئەسەرلىرىدىن ئاز- تولا ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇغان بولۇشى تەبىئي ۋە شۇنىڭ ئەس- ھاياجىنىدا سۆزلەپ كەتكەنلىكى ئېنىق. جىنسىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمىز ئىسمىنى تولا ئاڭلىغان، چوڭ بىلىپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىدىيە- مەپكۇرىسى ھەققىدىكى بىر- ئىككى ئېغىز سۆزنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئىجادىيىتىگە تەدبىقلىغان شەخس ئاۋستېرىيىلىك دوختۇر، روھىي ئانالىز ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى سىگمۇند فرېئۇدتۇر. راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۆلچەرلىگۈسىز بولدى. ئۇنىڭ ئىدىيىسى ھەققىدە مۇپەسسەل بىر نەرسە بىلىدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا بولغان بىلەن «يۇشۇرۇن ئاڭ»، «چۈش تەبىرى»، «روھىي ئانالىز»، «سەنئەت- چۈش دېمەكتۇر»، «جىنسىيەت»… دېگەندەك ئۇقۇم- ئاتالغۇلارنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئۇنى پۈتكۈل ئىجادىغا سىڭدۈرىۋەتكەن ئىخلاسمەن مۇرىتلار ئاز ئەمەس. بىز يېڭىچە شېئىرىيەت ۋە شۇ مەزگىلدە مەيدانغا چىققان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ماقالە، ھېكايە، نەسىرلەرگە شۇنداقلا قارىساقلا پۈتۈنلەي سۇبيېكىتلاشقان، سىمۋوللاشقان، روھقىلا ئالاقىدار سۆز- جۈملىلەردىن بۇنىڭ تەسىرىنڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بايقايمىز. گەرچە فرېئۇد روھىي ئانالىز ئىلمىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بىر ئۆمۈر دۇختۇرلۇق بىلەن شوغۇللىنىپ ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى ياۋرۇپادا غۇلغۇلا قوزغىغان، ئەمما كىشىلەر تەرىپىدىن دېگۈدەك قۇبۇل قىلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئالىم، پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر قاتارىدا سانالدى. ئۇنىڭ نەزىرىيىسسى غەربتە پەقەت بىر نەزىرىيە سۈپىتىدە قارالغان بولسا، بىز ئۇنىڭ سادىق ئىجراچىلىرىغا ئايلاندۇق. ئەمما ئۇنىڭ قاراشلىرى قانداق، ئۇ زادى بىر مەدەنىيەتنىڭ يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي تۈستە ۋەكىللىك قىلغۇچى ھەقلىق، ئىلمىي قاراشمۇ ئەمەس، بىزلەر ئۇنىڭغا زادى قانداق مەۋقەدە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، دېگەندەك تېمىلار ھەققىدە ئالقانچىلىكمۇ مۇنازىرە بولۇپمۇ ئۆتمىدى. ئۇ ھەقتىلا ئەمەس، باشقا ھەرقانداق يېڭى ئىدىيە، نەزىرىيە ھەققىدىمۇ بىزدە ئىلمىي پاراڭ ھاۋاسى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلدى. بۇ ئەلۋەتتە قىممەت قارىشىمىزنى تېخىمۇ تېز كېرەكتىن چىقىرىدۇ. ئىستىمالدىكى قارا- قۇيۇق قوبۇللاش تەننىمۇ، روھنىمۇ ناھايتى تېزلىكتە كاردىن چىقىرىدۇ. بىزدە «ئاز يېگەن توق يەر، جىق يېگەن پوق» دەيدىغان ھېكمەت بار. بۇ تاللاپ، چېكىپ، ئويلىنىپ قوبۇللاشقا قارىتىلغان.
خوش، ئۇنداق بولسا، پۈتكۈل دۇنيادا جىنسىيەتنىڭ جەمئىيەتلىشىشىگە، ئېچىلىشىغا ۋاستىلىق يول باشلىغۇچى دەپ قارىلىدىغان فرېئۇدنىڭ ئىدىيىسى قانداق؟ بىزنىڭ ئاقىللار تەشەببۇس قىلغاندەك جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلىم- ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، مەكتەپلەردە مەخسۇس دەرس تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئاپەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاپ، ساغلام جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولامدۇ؟ بۇ ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل، تاللاشمۇ؟ ئېچىلىۋاتقان جىنسىيەت ۋە ئۇ كەلتۈرىۋاتقان ئاپەتلەرنى جىنسىيەتنى يەنە ئېچىش، جەمئىيەتكە ئومۇملاشتۇرۇش، بۇ جەھەتتە تەرەققىي قىلىپ باشقىلارغا يېتىشىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟
بىزدە پەيدا بولغان «جىنسىيەتتە تەرەققىي قىلىپ يېتىشىۋېلىش»، «جىنسىيەتنى ئېچىش»، «دەرسخانىلارغا جىنسىيەتنى ئەكىرىش»، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشىنى ئەركىن قۇيىۋېتىش»… ھەققىدىكى چاقىرىق، تەشەببۇسلار يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ماھىيەتتە، ئاتالمىش غەربچە ئەركىن تۇرمۇش شەكلى، ئەركىن قىممەت سېستىمىسىنى قوغلىشىش ئارزۇسىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى؛ فرېئۇد، ئوشۇ، لاۋرېنسلارنىڭ جىنسىيەت، مۇھەببەت قارىشىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا جاكارلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز ئەمدى ئۇلار ئىنتىلگەن تۇرمۇش شەكلى، ئۇلارنى زۇۋانغا زورلىغان قىممەت قاراشلىرى ھەققىدە بىر قۇر توختىلىپ ئۆتىمىز.
17-18- ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى غەرب دۇنياسى خرېستىئان دىنىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىشى ئىچىدە ئۆتتى. پوپلارنىڭ، چىركاۋ روھانىيلىرىنىڭ ھەربىر سۆزى مۇقەددەس سانالدى. ئۇلار ئۆز مەپكۇرىسىغا چۈشمىگەن ياكى ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن ھەرقانداق نەرسىنى بار كۈچى بىلەن ئىنكار قىلدى، چەتكە قاقتى. دىن دىنغا ئوخشىماي قالدى. ئىتالىيىدە كۆتۈرۈلگەن ئەدەبىيات- سەنئەت قايتا گۈللىنىشى ۋە ياۋرۇپادا ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن ئىلمىي مۇۋەپپىقىيەت، ئىزدىنىشلەر ئاستا- ئاستا غەرب دۇنياسىنى ئويغىتىپ تاشلىدى. مارتىن ليۇتېر كىڭنىڭ دىنىي ئىسلاھاتىدىن كېيىن دىن ئاستا- ئاستا شەخسنىڭ خۇسۇسىي ئىشىغا ئايلىنىپ قالدى. چىركاۋ بىلەن جەمئىيەت بىر- بىرىدىن يىراقلاپ كەتتى. غەرب دۇنياسىدا ئەركىن قىممەت قارىشى ئومۇمىيۈزلۈك بازار تاپتى. جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىكولوگىيىسى ۋە ھاياتلىق مىزانىغا ئائىت ئېتىكىلىق قاراشلاردىن بەكرەك شەخسىنىڭ ئارزۇ- ھېسسىياتىغا مايىل خۇسۇسىي خاھىش، ئەقلى تەجرىبىچىلىك ۋە تەتقىقات كەڭ قانات يايدى. ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي، روھىي تەجرىبە، خۇلاسىلىرىدىن كەسكىن گۇمانلىنالايدىغان ۋە يېڭى ئۆزگىچە تەھلىل، تەسەۋۋۇر، خۇلاسە، يەكۈنلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان جۈرئەت غەربلىكلەرگە دۇنيانىڭ ماھىيىتى، شەكلى، بەرپا بولۇشى، ئادەمنىڭ تەبئىتى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى… قاتارلىقلارنى باشقىچە تەرزدە كۆرسەتتى. ئۇلار نەچچە ئەسىر قول بېرىپ كەلگەن دىننى «زەھەرلىك ئەپيۇن» دېدى، ئىنساننى« مايمۇندىن ئۆزگەرگەن»، «ئەزەلدىن يوق قۇتقۇزغۇچ خۇدا» دەپ سۈرەن سېلىشتى ۋە بۇنىڭغا لايىق نەزىرىيە، ئىسپاتلارنى تۈزۈش، تېپىشقا كىرىشتى. پۈتكۈل دۇنيا بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئوي- خىيال، تەسەۋۋۇرىغا ئەگىشىپ كېتەيلا دېدى. كىشىلەر ھاياتلىقتا رېئايە قىلىدىغان مىزان- تەرتىپلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇلارنىڭ ھاياتتىن ئىزدەيدىغان مەنە- ئېھتىياجلىرىنىمۇ، تۇرمۇشقا قويىدىغان تەلەپ- ئۆلچەملىرىنىمۇ ئۆزگەرتىپ تاشلايدۇ. قۇدۇققا مەھكۇم پاقا دۇنيا ۋە ماھىيەت مۇشۇ، دەپ بىلىدۇ، شۇنىڭغا يارىشا ھەرىكەت قىلىدۇ. لاچىن پەرۋازدىن بۈيۈكلۈك، كۆكتىن يۈكسەكلىكنى بىلىپ، ھېس قىلىدۇ ۋە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەرگە قانات قاقىدۇ. «موزاينىڭ يۈگرىشى سامانلىق، چىۋىننىڭ قونار جايى پوق- سۈيدۈك». چىۋىن پوق- سۈيدۈكتىن راھەت ئىزدەيدۇ، ھەسەل ھەرىسى گۈل شىرنىسىدىن ھاياتىنى زوققا ئورايدۇ.
غەرب دۇنياسىدىكى تۇرمۇش مەنتىقىسىمۇ غەربتە مودا بولغان ئېقىم- ئىدىيىلەرنىڭ ناھايتى زور زەربىسىگە ئۇچرىدى. گەرچە بىر- ئىككى شەخس مەلۇم بىر جەمئىيەت، مەدەنىيەتنىڭ تەقدىرىنى، يۆنىلىشىنى بەلگىلىيەلمىسىمۇ، ئەمما بەزى ھاللاردا ئۇلارنىڭ يۈزلىنىشىگە ناھايتى زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ. دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىش» نەزىرىيىسى دۇنيادىكى نەچچە مىليۇن خەلقنى ئۆز ئەقىدىلىرىدىن يالتايتقۇزدى، ھاياتقا يېڭى، يىشىلمەس گۇمان ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىنى «ھايۋان» دەپ شەكسىز ئىشىنىشتى. ماركىسنىڭ كوممۇنىزم نەزىرىيىسى نەچچە مىليۇن خەلقنىڭ ئەقىدە- ئېتىقاد تۈۋرۈكىگە ئايلاندى، دۇنيادا ئاتېزم يەنى دىننى ئىنكار قىلغۇچى ئېتىقاد شەكلى مەيدانغا كەلدى- دە، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئادىتىنى تەرتىپكە سېلىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن مۇقەددەس مىزانلارنىڭ كۇرسى پەگاغا تەگ بولدى، كىشىلەرنى تەپتارتقۇزۇپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي نوپۇز ئۆلدى. جەمئىيەت ئىقتىسادنى بەلگە قىلغان سىنىپىي رامكىلارغا ئايرىلىپ كەتتى. فرېئۇدنىڭ نەزىرىيىسى كىشىلەرنى مەلۇم بىر جەمئىيەت ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، ئەتىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىش رامكىسى بىلەن تەمىن ئەتمىدى. ئەمما ئۇ كىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە، مەدەنىيەتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ناھايتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. مىكائىل روس ئۆزىنىڭ « فرېئۇد: مەدەنىيەت ۋە تۇقۇنۇش» ناملىق كىتاۋىدا فرېئۇدنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ :« روھىي ئانالىز سەرخىللارنىڭ ۋە مودا مەدەنىيەتنىڭ، سىياسىي، رومانتىكا، يۇشۇرۇن ئاڭ، ئاڭسىزلىقنى ئىپادىلەشنى تۈپ نىشان قىلغان رەسساملىق، شۇنداقلا كۈلكىلىك، بىمەنە ئىشلارنى مەقسەت قىلغان كارتونچىلىقنىڭ قوغلىشىدىغان مۇھىم ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالدى»(«20_ ئەسىرنى تەشكىل قىلغۇچى ئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل ئىنگلىزچە نەشرىگە بېرىلگەن نەقىل(. ھەقىقەتەنمۇ، ئۇنىڭ روھىي كېسەللەرنىڭ پىسخىك بىنورماللىقىنى داۋالاش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى ئاساسىدا يېزىلغان، ئوتتۇرىغا قويۇلغان «روھىي ئانالىز»، «ئاڭسىزلىق»، «چۈش تەبىرى» ۋە جىنسىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرى بۈگۈن پۈتكۈل دۇنيانىڭ بولۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە قاپلاپ كەتتى. گەرچە ئۇ فرېئۇدىزم سۈپىتىدە تارقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەدەنىيەتنىڭ بارلىق ئېقىم- كاتىگورىيىلىرىگە ئۈنسىز سىڭىپ كەتتى. ئاڭسىز، ئىدراكسىز كىشىلەرنىڭ روھىي بەرباتچىلقى نورمال، ساغلام كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغان، قىزغىن بەھس قىلىدىغان ئەڭگۈشتەر تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بەلكىم فرېئۇد ئۆزىمۇ مۇنداق بۇلارىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
فرېئۇد بىر ئۆمۈر روھىي كېسەللەرنى داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغان دۇختۇر. ئۇ بۇ جەرياندا كىشىلەردىكى روھىي تۇسالغۇ، بېسىلىش، سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللار ئۈستىدە ناھايتى چوڭقۇر ئىزدەنگەن ۋە بىر قاتار ئوي- خىياللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە ئۇ بۇ نەزىرىيىلەرنى بىر خىل ئىلمىي قىياس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن راست ھەقىقەتتەك قۇبۇل قىلىندى. ئارىدىن يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتەر- ئۆتمەيلا فرېئۇدنىڭ نەزىرىيسىدىن ئاز- تولا خەۋىرى بار بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنى باشقىچە تەرزدە سۈيئىستىمال قىلىپ «جىنسىي ئازادلىق» ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىۋەتتى. نۇرغۇن كىشى فرېئۇدنىڭ «جىنسىي ئازادلىق» ھەرىكىتىگە ۋە كىيىنكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئەخلاقى چۈشكۈنلىشىشى بىلەن باغلىنىپ قېلىشىغا شۈبھىلىك كۆزدە قارايدۇ ۋە بۇنى فرېئۇدقا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك، ھاقارەت، دەپ كۈچىنىڭ بارىچە ئاقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ھەركىمنىڭ چۈشىنىشىگە باغلىق مەسىلە. بىز تۆۋەندە فرېئۇدنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى بەزىبىر قاراشلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز:
فرېئۇد بالىلارنىڭ سۈت ئىمىش ئارقىلىق ھاياتلىقنى قامدىشى ماھىيەتتە، «پۈتكۈل جىنسىي تۇرمۇش تەرەققىياتنىڭ چىقىش نۇقتىسى»، « سۈت ئىمىش ئىستىكى ئەمەلىيەتتە ئانىنىڭ كۆكسىگە ئىنتىلىش ھەۋىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاننىڭ كۆكسى جىنسىي شەھۋەتتىكى تۇنجى ئوبيېكىت»، «بالىلاردىكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئانىلار تەمىنلەيدۇ»(« فرېئۇدنىڭ پىسخىك پەلسەپىسى» توققۇز ئايماق نەشرىياتى 2003_ يىل 8_ ئاي 1_ نەشرى خەنزۇچە) دەپ قارايدۇ. ئاندىن بالىلارنىڭ زوق- شوق بىلەن سۈت شورىشى، ئىمىزگە ئىمىشى، قولىنى ئىمىشى… قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەڭ دەسلەپكى جىنسىي ھەۋەس، جىنسىي تەلەپنىڭ قاندۇرۇلۇشى دەپ قارايدۇ. بالىلارنىڭ تىپىچەكلىشى، ئۆمىلىشى، كاسا سۈركەپ مېڭىشىدەك ئەڭ ئەقەللىي ھەرىكەتلىرىنى جىنسىي شەھۋەتنىڭ بالىلىقتىكى ئىنكاسى، دەيدۇ.ئۇ 1915- يىلىدىن 1917- يىلىغىچە يېزىپ چىققان « كېرىش لىكسىيە »دە :« ئىنسانىيەتنىڭ شۇنچە ئۇزاقتىن بىرى بالىلىق دەۋر جىنسىي ئىستەكسىز دەپ ئىشىنىپ يۈرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ» دەپ يازىدۇ. فرېئۇدنىڭ شاگىرتى، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، فرېئۇد نەزىرىيىسىگە قارشى تەنقىد ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى ۋىنالىق دۇختۇر ئالفىرد ئادلېر بالىلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى جىنسىي قۇتراتقۇلۇق ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك رەت قىلىدۇ ۋە فرېئۇد تۇنجى جىنسىي ئىستەك دەپ قارىغان ئىمىش، ئانىنىڭ كۆكسىگە ئىنتىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىنسانىيەتنىڭ يىتىلىشكە بولغان تۇغما پوتېنسىئال (ئىچكى) كۈچى دەپ قارايدۇ ۋە « ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدىن باشقا ھېچنەرسە ئەمەس، بالىلار توغۇلۇشى بىلەنلا ئىنتايىن كۈچلۈك ئېچىرقاش سىزىمى بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. كىچىك، ئاجىز بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە ئوخشاشلا چوڭ بولغۇسى، كۈچەيگۈسى كېلىدۇ. بۇ خىل تۇغما، تەبىئىي ئىنتىلىشكە جىنسىيەتنىڭ تامغىسىنى بېسىش ئىلىمگە، ئىنسانغا قىلىنغان كەچۈرگۈسىز ھاقارەت»( « 20_ ئەسىرنى تەشكىل قىلغۇچى ئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە) دەيدۇ. فرېئۇد يەنە : «بالىلار توغۇلۇپ جىنسىي سەزگۈ ئەزا سۈپىتىدە زاھىرلىنىدىغان ۋە قەلبتە جىنسىي تەلەپ ئويغىتىدىغان تۇنجى ئەزا- ئېغىز »(« فرېئۇدنىڭ پىسخىك پەلسەپىسى» توققۇز ئايماق نەشرىياتى 2003_ يىل 8_ ئاي 1_ نەشرى خەنزۇچە) دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭچە بالىلاردىكى جىنسىي ھەۋەس ئېغىزدا زاھىر بولاتتى ۋە ئېغىز ئارقىلىق قاندۇرۇلاتتى. تاماق يېيىش، ئىمىش، سۈت شوراش، قولىنى ئىمىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر جىنسىي ئالاقە، جىنسىي شەھۋەتنىڭ قاندۇرۇلۇشىدىن باشقىچە نەرسە ئەمەس ئىدى. ئېغىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى جىنسىي ئەزا سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشى كىشىنىڭ كۈچلۈك غەزىۋىنى، قۇسقۇسىنى قوزغايدۇ. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا لەنەتگەردى بەچچىلەر ھەقىقەتەنمۇ پاكىز، ھالال تائام يىيىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئېغىزنى رەسۋالەرچە بۇلغىدى، بىر- بىرىنىڭ ئەۋرىتىنى شوراپ، يالىدى، ئاققان خۇن- زەرداپنى ئىچىشتى( Inoohr.org تور بېتىگە قارالسۇن.)
فرېئۇد يەنە ئوغۇللاردا ئودىپوس دەۋرى- ئانىسىنى دادىسىدىن كۈنلەش يەنى ئانىسىنى يالغۇز ئىگىلەشنى ئويلايدىغان باسقۇچ بولىدۇ، دەپ قاراپ دادا- بالىنى بىر ئايال ئۈچۈن خىرىس قىلىپ تۇرغان ئىككى ھايۋانىي كۈچ سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ. پۈتكۈل ئاياللارنى بولسا دادىسىنىڭ ھاياتىدىكى ئانىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا تەلپۈنىدىغان، بويسۇنغان مەخلۇق دەپ قارايدۇ. يەنى ئۇنىڭچە بارلىق قىزلار دادىسىغا خوتۇن بولۇش ئىستىكىدە پۇچۇلىنىدىغان، بارلىق ئوغۇللار ئانىسىنى خوتۇن قىلىشنى، يالغۇز ئىگىلەشنى ئارزۇ قىلىپلا يۈرىدىغان كۈچلەردىن ئىدى. ئائىلە ئىنسانىي قان- قېرىنداشلىق ۋە مېھر- مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۈزۈلمەس مەنىۋىي بىرلىك ئەمەس بىر- بىرىگە خىرىس، ھەسەت، كۈنلەمچىلىك قىلىپ تۇرغان شەھۋانىي كۈچلەرنىڭ يىغىندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. مارىن كزېگدى ماسزاك ئۆزىنىڭ « ئىدىيىۋى ھۆكۈمران » ناملىق ماقالىسىدە فرېئۇدنىڭ ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ئىستىكى ھەققىدىكى يۇقىرىقى قارىشىنى «كەچۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئېغىر خاتالىق» دەپ يازىدۇ.( « تالانتنىڭ سىرى » ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە )
فرېئۇد يەنە «ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۆرپ- ئادەت، ئېتىقاد، مۇراسىم، ئەخلاق، تەرتىپ- مىزانلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىپ ئېيتقاندا ئادەملەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىدىن توغۇلغان نەرسىلەردىن ئىبارەت. بارلىق ئىلىم- پەن ۋە مەدەنىيەت- سەنئەت ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئۆرلەپ ۋايىغا يەتكەنلىكنىڭ دەلىلى. ئىنساننىڭ شەھۋانىي نەپسىنىڭ بېسىلىشى، قاندۇرۇلماسلىقى سەۋەبىدىن باشقىچە چىقىش يولى ئىزدەپ ئېقىشى نەتىجىسىدە ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن»(« فرېئۇدنىڭ پىسخىك پەلسەپىسى» توققۇز ئايماق نەشرىياتى 2003_ يىل 8_ ئاي 1_ نەشرى خەنزۇچە) دەيدۇ. فرېئۇدنىڭ ياقلىغۇچىلىرى ئۇنىڭ موشۇ سۆزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، دېمەككى « فرېئۇدنىڭ ئېستىتىك ئىدىيىسى جىنسىي ئازادلىق ئىدىيىلىرى بىلەن تۈپتىن قارىمۇ- قارشى بولغان ئىدىيە، ئۇ كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدىكى جىنسىي تەلەپنىڭ بېسىمغا ئۇچرىشىنى ياقلايدۇ» (ئەلى ياقۇپ «فرېئۇد ۋە جىنسىيەت »، «شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى» ژۇرنىلى 1998_ يىل 2_ سان) دەيدۇ. ئەمما سەل كاللىسى بارلا كىشى فرېئۇدنىڭ ھاياتلىقتىكى ھەرقانداق بىر ھەرىكەت، تىنىق، رەڭ، ھەتتا نەقىشلەردىنمۇ جىنسىي مەنە ئىزدىشىگە قاراپ ئۇنىڭ ئەخلاقىدىن، نەزىرىيىسىنىڭ توغرا قىممەت قارىشى ئاساسىغا قۇرۇلغانلىغىدىن گۇمان قىلماي قالمايدۇ. يەنە كىلىپ ئۇنىڭ «جىنسىي ئەخلاق ۋە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تەشۋىشى» ناملىق ماقالىسىدىكى مەدەنىي جىنسىي ئەخلاق (بېسىلغان جىنسىي شەھۋەت) نىڭ كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدىكى ئايىغى ئۈزۈلمەس ئەندىشىسى، ۋەھىمىلىك بايانلىرى كىشىنى ئىختىيارسىزلا ئۇنداقتا جىنسىيەتنى ئۆز مەيلىچە قويىۋېتىش كېرەككەندە، دېگەن خىيالغا ئەكىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئۇمۇ قانداق قىلىش كېرەكىلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېمەيدۇ. بەلكى بېسىلىشنىڭ يامانلىقى، زور خەۋپ ئېلىپ كىلىدىغانلىغى ھەققىدە تىنماي گەپ ساتىدۇ. « نىكاھتىن ئىلگىرىكى قاتتىق پەرھىز قىز- ئاياللارغا تېخىمۇ ئېغىر خەۋپلەرنى پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى يەنىلا ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى تەرەققىياتىنىڭ جىنسىي بېسىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغىنىدىن بولغان، دەپ قارايمەن» (« فرېئۇدنىڭ پىسخىك پەلسەپىسى» توققۇز ئايماق نەشرىياتى 2003_ يىل 8_ ئاي 1_ نەشرى خەنزۇچە) دەپ يازىدۇ. ئەجىبا بۇ ئەي ئاياللار، ئاچ، بېسىمدىن قۇتۇل، ئەقلىڭنى، زېھنىڭنى قۇتۇلدۇرىۋال دېگەن بولماي زادى نېمە؟
فرېئۇد ئىنساننىڭ ماھىيىتىنى نۇقۇل ئۇنىڭ تەبئىي بىئولوگىيىلىك نۇقتىسىدىنلا كۆزىتىپ، ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىقىغا ئېغىر دەرىجىدە سەل قارىغانىدى. نىكاھ مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا ئادىمىلىك، مۇھەببەت، ئەخلاق، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك پرىنسىپى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەدلى- ئادالىتى، خاتىرجەملىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش نۇقتىسىدىن باھا بەرمەستىن، نۇقۇللا جىنسىي مۇناسىۋەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن باشقا مەسىلىلەرنى ئويلاشقانىدى. جىنسىيەتنى ھەرقانداق بىر مەسىلىگە قاراشتىكى لوپا ئەينەك قىلىۋالغانىدى. ئۇنىڭچە جىنسىيەتتىن باشقا ھېچقانداق بىر نەرسە ھەرقانداق بىر ئىش- ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشى ياكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالمايتتى، جىنسىيەت بەجايىكى يەر شارىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرغان مۇتلەق كۈچ ئىدى. ئۇ ھاياتلىقتىكى بارچە ئىنتىلىش، مەنىلەرنىڭ يادروسىنى جىنسىيەت دەپ ئىزاھلىغانىدى. ئۇنىڭدىن ئاز كەم ئون ئەسىر ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن شەرق مۇتەپەككۇرى ئىبن سىنا :« نۇقۇل جىنسىي خاھىشقا بېرىلىش مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى كۆرمەستىن پەقەت ئۇنىڭ سىرتىنى سۆيگەنلىك» دېگەنىدى. فرېئۇد ھاياتلىقتىكى ماھىيەت بىلەن پوست، مەنە، مەزمۇن بىلەن شەكىلنى ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتۇرىۋەتكەنىدى. ئۇ ئىنسانىلىقتىن چىقىپ جىنسىيەتنىڭ ئىنساندىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاران بىر قىسمى ئىكەنلىكىگە يۈزلەنمەي، جىنسىيەتتىن ئىنسانغا تازىم قىلغانىدى. فرېئۇد ئۈچۈن جىنسىيەت بەجايىكى قىبلىگە ئوخشاپ قالغانىدى.
ئۇ :« بالىلىق ئەسلىمىلىرى شۇ قەدەر خەتەرلىك، قورقۇنچلۇق (ئۆزى ئىزاھلىغان جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى دېمەكچى). ئۇ يۇشۇرۇن ئاڭدا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەربىر مەۋجۇداتتا بۇ خىل يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىنى قوغدىغۇچى مۇرەككەپ تور شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇ قوغدىغۇچى تور قۇرۇلمىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ھەرگىزمۇ يامان ئىش ئەمەس، بىز ئېزىتقۇ دۇنيادا ئۆزىمىزنىڭ تەڭپۇڭلىقىمىزنى ساقلاش، غەم- ئەندىشىلەردىن ساقىت بولۇش ئۈچۈن بۇ قوغدىنىش تور قۇرۇلمىلىرىغا ھەرۋاقىت مۇھتاجمىز» (« 20_ ئەسىرنى تەشكىل قىلغۇچى ئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە ) دەپ يازىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى ئىسپاتلاپ، ھەتتا ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گرىپتار بولۇپ 30 نەچچە قېتىم ئوپراتسىيىگە چۈشكەندىن كېيىنمۇ تاماكا چىكىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە جىيەنىگە :« تاماكا چىكىش ھاياتلىقتىكى ئەڭ بۈيۈك، شۇنداقلا ئەڭ ئەرزان لەززەت. ئەگەر ماڭا تاماكا چەكمەسلىك ھەققىدە ۋەز قىلماقچى بولىدىكەنسەن، ساڭا دەيدىغىنىم ‹ كەچۈر ›، دېگەن» (« 20_ ئەسىرنى تەشكىل قىلغۇچى ئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە). ئۇنىڭچە تاماكا چىكىش بالىلىقتىكى ئىمىش، شوراش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋامى ئىدى، ئۇ يۇشۇرۇن ئاڭدا ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن ۋە تالاي يىللاردىن كىيىن تاماكا ۋاستىسى بىلەن قايتا زاھىر بولغان ئىدى. تاماكا شوراشتىن كېلىدىغان لەززەت جىنسىي ئىستەكتىن بولىدىغان تەقەززالىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايتتى. شۇڭا ئۇنى قەدىرلەش كېرەك ئىدى. فرېئۇد ھەممە مەۋجۇداتنىڭ بارلىق تىنىقىدىن جىنسىي بەلگىلەرنى ھارماي ئىزدەپ چىققان ئىدى. «گەرچە جىنسىي خاھىش بىلەن مۇھەببەت خاھىشىنى بىر- بىرىگە تۇتاش، ئەمما پۈتۈنلەي بىردەك بولمىغان خاھىش دەپ ئىزاھلىسىمۇ، جىنسىي خاھىشنىڭ تىزگىنسىز يامراپ كەتمەسلىكىنى تىلغا ئالسىمۇ، ئەمما ئاڭدىن خالىي جىنسىي خاھىشنى تۇغما ئىقتىدارنىڭ يادرۇسى، خۇشاللىق ئىنتىلىشىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھۆكۈمران شەكلى» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002_ يىل 2_ ئاي نەشرى) دەپ قارىغان ئىدى. ئىنسان ئۈچۈن ئاڭسىز، ئىدراكسىز جىنسىي خاھىشتىن ئېشىپ چۈشىدىغان خۇشاللىق، راھەت ئىش يوق دەپ بولۇشىچە جار سالغان ئىدى. لېكىن ئۇ « قىممەت مەسىلىسىدە نىسپىيلىك قارىشىدا چىڭ تۇرىۋالغانلىقتىن ئەخلاقشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىغىلا ئەمەس، بەلكى پىسخولوگىيىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈنمۇ زور پاسسىپ تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» (ئىرخ فروم «ئۆزلۈكنى ئىزدەش» ئىشچىلار نەشرىياتى 1988_ يىل نەشرى خەنزۇچە ). بولۇپمۇ ئۇنىڭ قاراشلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنمىگەن بىر توپ شوركا مۇخلىسلار فرېئۇدنىڭ جىنسىي بەلگە ئالامەتلەر، ئۇنىڭ بېسىلىشى ئېلىپ كىلىدىغان خەۋپلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن ناھايتى زور ئىلھام ئالدى، فرېئۇد شەھۋەتخور جىنسىيەت دەۋاگەرلىرىنىڭ ھايۋانىي نەپسىنىڭ قاندۇرۇلۇشىغا ئىلمىي، نەزىرىيۋىي ئاساس تىكلەپ بەردى، شۇنداقلا نەچچە مىليۇن خەلقنىڭ مۇئەييەن ئۆلچەمگە ئىگە تۇرمۇش شەكلى، ئەقىدە- ئېتىقادىنى ۋاستىلىك ھالدا كاردىن چىقىرىۋەتتى. فرېئۇدنىڭ ئۆزىنىڭ جىنسىي ئازادلىقنى ئاشكارا تەرغىپ قىلمىغانلىغى راست، ئەمما ئۇ كىشىلەرگە جىنسىيەتنى بېسىشنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىردىنبىر، ئەڭ بۈيۈك لەززەت ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى. ئۇ ئۆزى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلمىدى. ئەمما ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدە تاپتىن چىققان تۈركۈم- تۈركۈملىگەن بايراقدار يېڭى مەدەنىيەت تەشەببۇسچىلىرى بەس- بەستە جىنسىي ئازادلىق، جىنسىي ئەركىنلىك دەۋالىرىنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقتى. كىشىلەر قۇلاق يېقىپ دىيىشىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بۇ تېما ئېچىلىپ كەتتى. بىزنىڭ ھە دېسىلا «ئىلمىي»لىكتىن چۈشىدىغان مەۋقەسىز زىيالىيلىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا « جىنسىيەت ئاخىرى بىر ئىلىم، پەن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى». گېزىت- ژۇرنال، ئاشكارا سورۇنلاردا بۇ ھەقتە ئوچۇقتىن- ئوچۇق پاراڭ، گەپ- سۆزلەر بولىدىغان بولدى. جىنسىيەت كىشىلەر قورقىدىغان ئەيمىنىپ، نومۇس قىلىپ چېقىلالمايدىغان پەرھىزكار تېما بولۇشتىن قالدى. چەكلەنگەن تېما، رايونلارغا بۆسۈپ كېرىشكە خۇشتار كىشىلەر قىلغۇسى بارنى قىلدى، كۆرگۈسى بارنى كۆردى. «كۆڭۈلگە ياقىدىغان نەرسە دەل ئەقىلگە مۇۋاپىق نەرسە » دەيدىغان بىدئەت جاھانكەزدى ئىدىيىلەر ھەقىقەتەنمۇ پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئومۇمىيۈزلۈك بازار تاپتى. كىيىملەر ئېچىلدى، ئاياللارنىڭ زىننىتى، ئەۋرىتى دەپ قارىلىدىغان تەن- ئەزايى مانا مەن دەپ ئاشكارىلاندى. نىكاھسىز بىللە تۇرۇش، ھامىلدار بولۇش، ھارامدىن بالا تېپىش، بالا چۈشۈرۈش، ئوخشاش جىنسلىقلار ئارا يېقىنچىلىق قىلىش نومۇس، گۇناھ سانالمايدىغان بولدى. ئىشرەتخانىلارمۇ ئاشكارا ئېچىلىدىغان بولدى. چۈنكى، بۇ خىل ئىشلار ئەمدى نومۇس، گۇناھ ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ تۈپ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش، ھەقىقىي، پەردازلانمىغان ئىنسانىلىققا يۈزلىنىش ئىدى، ئۇرغۇپ چىققان شەھۋەتنى بېسىش، كىشىلەرنى قىلغۇسى بار ئىشتىن توسۇش بولسا ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئارزۇ- خاھىشىغا قارشى چىققانلىق، كىشىلىك ھوقۇق- ئەركىنلىكى، تاللىشىغا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىق، جىنايەت ئىدى. بۈگۈن سەپسەتىلەر ئۆزلىرىگە چۈشلۇق يالغان- ياۋىداق نەزىرىيە- مەپكۇرلىرى بىلەن مۇتتىھەملىشىپ ھەممىدىن ئۈنلۈك سۆزلەيدىغان، ئەسەبىلىكى چېكىگە يەتكەن بىر دەۋر بولدى.
بىز فرېئۇدقا، ئۇنىڭ نەزىرىيىسىگە قارىغۇلارچە ئەگەشكۈچىلەرگە نېمە دەيمىز؟ مېنىڭ ھېچنەرسە دىگۈم يوق. پەقەت خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نىرۋا- روھىي كېسەللەر ئىلمى پروفېسسورى روبىرت ستىكگولدنىڭ مۇنۇ سۆزىنى يەتكۈزۈپلا قويىمەن :« فرېئۇد %50 توغرا، لېكىن %100 خاتا»( « 20_ ئەسىرنى تەشكىل قىلغۇچى ئۈچ كاللا» ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتچىلىقى 2003_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە).
ھالا ئەسىر 21 گە ئولاشقاندا غەربلىكلەر ئۈچۈن جىنسىيەت ئاللىقاچان «ئاش- نان» دېگەندەكلا ئەرزىمەس، ھېسسىز بىر گەپكە ئايلاندى. بەش ياشلىق بىر غەربلىك ئۆسمۈر ئۈچۈن ئەر- ئاياللارنىڭ تىنى، بىرگە بولسا نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىغى ھەرگىزمۇ يات ئەمەس. بىزنىڭ ئاقىللار بىزدىكى ياش- ئۆسمۈرلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ يات جىنسلىقلارنىڭ ئەزايى- تىنى بىلەن بالدۇرراق تۇنۇشۇپ چىقىشىنى ئارزۇلايدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ، جىنسىيەت ھەققىدە بىلىم ساۋاتلىق بولۇشنى تەرەققىيات، زامان بىلەن ماس ھالدا ئەلالىشىش، دەيدۇ. ئۇلارچە جىنسىيەت ئېچىلسا، كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ تىنى ھەققىدە تۇنۇش، بىلىشكە ئىگە بولسا ئەخلاقى پاجىئەلەر تۆۋەنلىگۈدەك. راستىنلا شۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بىز جىنسىيەت ئېچىلغان، جىنسىي جەھەتتىكى ساۋات- تەجرىبىلەر كەڭ ئومۇملاشقان جەمئىيەتلەرگە قاراپ باقايلى. بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز قانداق ئىلمىيلىك ۋە قانداق مەدەنىيەت، قانداق ئەلالىق بولاركىن؟
غەربتە ھەقىقەتەنمۇ جىنسىي ساۋاتلار، بىلىملەر كەڭ ئومۇملاشقان. بىر قىسىم دۆلەتلەر ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ يولغىمۇ قويدى. ئەمما ئەمەلىيەت شۇنى چوڭقۇر ئىسپاتلىدىكى، جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيەتتىكى جىنسىي بۇزۇقچىلىق، ئەخلاقى چۈشكۈنلۈكنى كېمەيتمەستىن ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋەتتى. ئۇ ئېچىلدى- دە، ئەسلى مۇقەددەسلىكىدىن قالدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا خالىغانچە يېقىنلاشتى، خالىمىسا يىراقلاشتى. يات جىنسلىقلارنىڭ ھىدى، تىنى ھەتتا كىشىلەردە ئۆزگىچە تۇيغۇلارنى ئويغىتالماس بۇپكەتتى. ئىنسانىي روھ قاشاڭلاشتى. يات جىنسلىقلارنىڭ ھاياسى بىر- بىرىگە يات، سىرلىق، تارتىملىق تۇيۇلمايدىغان بولدى، ئۇلارنى بىر- بىرىگە تارتىپ تۇرىدىغان كۆرۈنمەس سېھىرلىك زەنجىر ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئەرلەر بىر ئايال بىلەن قانائەت قىلمايدىغان، ئاياللار بىر ئەرگە قانماي يەنە باشقىسىنىڭ كەينىدىن سوكۇلدايدىغان، نىكاھ، ئائىلىنىڭ ئىناۋىتى قالمىغان بىر ھال غەرب جەمئىيىتىدە ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلاندى. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىكنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ بارلىق ھەرىكەت- قائىدىلەرنى ئۆلچەمسىزلەشتۈرۈشكە تىرىشتى، كۆڭۈلنىڭ رايىنىلا، نەپسنىڭ خاھىشىنىلا مۇقەددەس بىلدى. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن رادىي فىشنىڭ «جالالىدىن رۇمىي» رومانىدىكى «تېنىڭ بىر ئات، سەن شۇ ئاتقا مىنگۈچى. ئىي ئاتقا مىنگۈچى، ئاتنىڭ ئوقۇرىدا ھەم ياتمىغىن، ئات ئۇزۇقى سېنىڭ ئۇزۇقۇڭ بولالماس، ئات سېنى ئەمەس، سەن ئاتنى ئۆز يولۇڭغا سال» دېگەن ھېكمەتلەرگە يانداش ئاھاڭدا مۇنداق دېگەنىدى :« ئىنسان جىسمانىي جەھەتتىن بىر ئات، مەنىۋىي جەھەتتىن ئاتقا مىنگۈچى. ئەگەر ئاتقا مىنگۈچى دانا بولسا ئاتنى كامالەتكە باشلايدۇ، نادان بولسا ئات ئۇنى ئوقۇرىغا باشلايدۇ». ھەقىقەتەن بەزىلەر خۇن- زەردابنى شەربەت بىلدى. ھەتتا يات جىنسىلىقلار بىلەن خالىغانچە ئالاقە قىلغىنىغا قانائەتمۇ قىلماي ھەددىدىن ئېشىپ ئۆز جىنسداشلىرى بىلەن ئالاقىگە چۈشۈشتى ۋە بۇنى نومۇس قىلماي ئەقىلنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە، قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتى. ئەڭ يېڭى ستاتېستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداشلار، بەچچىۋازلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10 دىن ئېشىپ كەتكەن.نىكاھسىز بىللە تۇرغۇچىلار، پاھىشىلەر، كۆڭلى تارتسىلا خالىغان بىرى بىلەن ئىچ- پۇشۇقىنى چىقىرىپ يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋىرىدىغان سەرگەردان سوكۇلداقلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. كىشىنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغان يىرى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل شەرمەندە قىلىقىدىن ئازراقمۇ نومۇس ھېس قىلىپ باقمايدۇ، ئۇيالمايدۇ. بەلكى كوچىلارغا چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەقلىقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئېتراپ قىلىشى ھەققىدە تىنماي نامايىش ئۆتكۈزۈپ داۋراڭ سالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس تەشكىلاتى، گېزىت- ژۇرناللىرى، تور بەتلىرى بار. مىڭلىغان بەچچىلەرنى زىيارەت قىلىپ چىققان ئالفېرد كىنسىينىڭ ئېيتىشىچە :« مۇتلەق كۆپ سانلىق بەچچە ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت- ھۈرمىتى، ئارزۇ – خاھىشىنىڭ قوغدىلىشىنى، قوللاشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن»( « ھەپتىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» 1993_ يىل 15_ فېۋرال سانى، Inoohr.org تور بېتىدىكى ستاتېستىكىلق مەلۇماتلارغا كەلتۈرۈلگەن نەقىل ). گەرچە بىر قىسىم ئامما ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىدىن غەزەبلەنسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ سانلىق خەلق ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ھەرىكىتنى شەخسنىڭ خاھىشى، دەپ قارايدۇ، ئارىلىشىش، توسۇشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدۇ، كارى بولمايدۇ. بەچچىلەرنىڭ توي قىلىشىنى قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلەشكە ماقۇل بولغان مىكائىل.ج.مىد ئىسىملىك بىر شىتات ئەمەلدارى شۇنداق دېگەن :« بىز ئاساسىي قانۇن لاھىيىسى ئارقىلىق قوش جىنسلىق مۇھەببەتداشلارنىڭ باراۋەر نىكاھ ھوقۇقىنى قوغدايمىز. قاراپ تۇرۇڭلار، بۇ جەزمەن شۇنداق بولىدۇ. بۇ قورققۇدەك ئىش ئەمەس، ئاسمان ئۆرۈلۈپمۇ چۈشمەيدۇ»( 365Gay.com تور بېتىنىڭ 2005_ يىل 7_ فېۋرالدىكى سانىغا قارالسۇن). ھەتتا ياۋرۇپا دىنىي ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى بولمىش مارتىن ليۇتېر كىڭنىڭ ئوقۇغۇچىسى، كامبىرىج دىننى بىرلەشتۈرۈش- ئومۇملاشتۇرغۇچىلار باش مەھكىمىسى ۋە چىركاۋىنىڭ مىنىستىرى رېۋ.توماس.ج.س.مېكىلسون :« مەن ئوخشاش جىنسلىقلارغا توي قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى قوللايمەن. بۇنداق ھوقۇقنىڭ بولماسلىقى بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئائىلە ۋە نىكاھ چۈشەنچىمىزگە چوڭ توسالغۇ ئېلىپ كېلىدۇ. ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتى ۋە ھەرىكىتى بىزنىڭ مۇشۇ مەدەنىيەتتىن چىققانىكەن، يەنە مۇشۇ مەدەنىيەتتىن قوللاش مۇھىتى بېرىلىشى كېرەك» دېگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ :« بۇ ئىشلارنىڭ نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىغىنى بىلمەيمەن، ئەمما بىز ئۇلارغا باراۋەر نىكاھ ھوقۇقى بېرىلگۈچە كۈرەش قىلىمىز»( Freedomtomarry.org ( نىكاھقا ئەركىنلىك) تور بېتىگە قارالسۇن). دېگەن. « ئىنساننى، ئىنسانىلىقنى پاكىز، غەرەزسىز سۆيۈش» تىن ئىبارەت خرېستىئان روھىنىڭ بۇ باش ئىپسكوپى ئۆز قارىشىغا ئۆزى پەتىۋا بېرىپ يەنە شۇنداق دەيدۇ :« مەن ھەممە يەردە ئوخشاش جىنسلىق بەچچىلەرنىڭ ئائىلە، خىزمەت، نىكاھ، پەرزەنت، قوشنىدارچىلىق، ھاياتلىقتىن بەھرلىنىش ھەققىدىكى تەلەپ- چوقانلىرىنى ئاڭلايمەن. ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتىمۇ مۇھەببەتنىڭ بىر خىل شەكلى. ئۇلار ئۈچۈن قانۇنلۇق نىكاھ پۇرسىتى بېرىش جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي نىكاھ چۈشەنچىسىنى چىڭىتىدۇ». كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغان بۇ چاكىنا پەتىۋا خرىستىئان روھىنىڭ ئادەمنىڭ نەپسى- خاھىشىغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان لىڭتاسما ئېتىقاد شەكلىگە ئايلىنىپ قالغىنىنى تۇلۇقى بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. غەرب مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتتىمۇ نەپس ۋە جىنسىيەت قوغلاپ زورايغان بەھەيۋەت لەھەڭگە ئوخشاپ قالغانىدى. ئەخلاق- ئەقىدىسى چۈشكۈن بىر توپ زەھەرخەندە مىتىلەرنىڭ چەكتىن ئاشقان يولسىز مۇتتىھەملىكىنى توغرا، دەپ ئېتىراپ قىلىش، ئۇنى قوغداش جەمئىيەت خاراكتېرلىك بۇزۇلۇشقا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىك بىلەن باراۋەر ئىدى. دىنىي مۆتىۋەر كۈچلەرنىڭ پاسىقلىقنى ھەق دەپ قوبۇل قىلىشى تارىخمۇ، شۇلار ئىشەنگەن خۇدامۇ مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغان ئىپلاس شەرمەندىلىكتىن، ئېتىقادقا قىلىنغان شەكسىز خورلۇق، ئاسىيلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دىنىي كۈچلەر، ھۆكۈمەت ۋە كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ جىنسىي ئەركىنلىك ۋە بەچچىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئەخلاققا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان نومۇسسىز قىلمىشلىرىنى شەخسنىڭ ئەركىن تاللىشى، چېقىلغىلى بولمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق، ھۈرمەت قىلىنىشى كېرەك بولغان خاھىش دەپ ئېتىراپ قلىشى، قوللىشى، پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشى نەتىجىسىدە پاسىق بەچچىلەرگە تېخىمۇ جان كىردى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھايۋانىي نەپسىگە قانۇندىن ئاساس، دىندىن پەتىۋا ئېلىشقا بار كۈچى بىلەن ئۇرۇندى. ئىندىئانا شىتاتى قوش جىنسلىق مۇھەببەتداشلارنىڭ نىكاھ ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن لاھىيىسى تۇرغۇزۇشقا پىكىر ئېلىش مەزگىلىدە رېۋ.جىف.ماينىر ئىسىملىك بىر بوۋاي :«تارىخ شەرمەندىلىككە رەھىم قىلمايدۇ، ھەرگىز مۇنداق خاتالىققا يول قويمىغايسىلەر. نەچچە يىللاردىن كېيىن ئەۋلادلار بىزنىڭ بۇ قىلىقىمىز ئۈچۈن نومۇس قىلمىسۇن» ( Freedomtomarry.org ( نىكاھقا ئەركىنلىك) تور بېتىگە قارالسۇن.) دېدى تىترەڭگۈ ئاۋازدا يېلىنىپ. جىننىي دىكلېمېنتى ئىسىملىك يەنە بىر ئايال :« ئەگەر ئىندىئانا تۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئەشۇنداق پاسىق جايغا ئايلانسا، مەن بۇ يەردىن كېتىشكە ھەرقاچان تەييار» دېدى غەزەپتىن لاغىلداپ تىترەپ تۇرۇپ. ئەمما دەل شۇ چاغدا بۇ قانۇن لاھىيىسى ئاللىقاچان 11 شىتاتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ 24 شىتاتتا مۇھاكىمە باسقۇچىغا كىرگەنىدى (Fortwayne.com تور بېتىگە قارالسۇن). «شىمالىي ئامېرىكا ئەر- ئوغۇللار سۆيگۈ تەشكىلاتى» نامىدىكى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ بەچچە تەشكىلاتنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئەزالىرى لوزۇنكا كۆتۈرۈپ « سەككىز ياشتىن كېيىن قالغان جىنسىي ئالاقە ئەڭ چوڭ كىچىكىش!»، « ئون پىرسەنت يېتەرلىك ئەمەس، يېڭى ئەزا قوشايلى، يېڭى ئەزا!» دەپ شۇئار توۋلاپ نامايىش كۆتۈرۈپ يۈرەتتى. ئۇلار يېشى كىچىكلەرگە مەجبۇرىي چېقىلىش ئارقىلىق ئەزا سانىنى كۆپەيتىشنى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم مەقسىتى قىلغان ئىدى. يېشى قانچە كىچىك بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارىشاتتى. «ئايال مۇھەببەتداش قىساسچىلار تەشكىلاتى» ئەڭ ياش، گۆدەك قىزلارغا زوراۋانلىق يۈرگۈزۈپ، كۆپلەپ ئەزا قۇبۇل قىلغىنىدىن ئاشكارا پەخىرلىنىپ مەيدە قېقىپ يۈرەتتى. («سان فرانسىسكو مۇھاپىزىتى» 1992_يىل 27_مارت سانى ، Inoohr.org تور بېتىدىكى ستاتېستىكىلق مەلۇماتلارغا كەلتۈرۈلگەن نەقىل) بىر يېرىم پىرسەنت بالا ئاتا- ئانىسى تەرىپىدىن خورلانغان ئىدى. بەچچىلەرنىڭ بۇزۇقچىلىقتىكى يىرگىنىشلىك قىلمىشلىرىنى ئويلاشمۇ كىشىنى سەسكەندۈرۈپ، كۆڭلىنى ئاينىتىۋېتىدۇ. مېنىڭ بۇ خىل رەسۋالىقلارنى يېزىشقا ھەقىقەتەنمۇ قولۇم بارمىدى. ئەقلى جايىدا ھەرقانداق ئادەم يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز ئىنتىلىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ تەگ- ماھىيىتى ھەققىدە مەلۇم خۇلاسىگە كېلەلەيدۇ ۋە نېمە قىلىش، نېمە قىلماسلىق ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرالايدۇ.
يۇقىرىقى نومۇسسىز قىلىقلارنى قىلىۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بەزى «ئاقىل»لىرىمىزنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئەقىللىق، ساۋاتلىق، مەدەنىيەتلىك ئادەملەر ئىدى. ئۇلار ئوقۇغانلار، ھازىرقى زامان تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان سەرخىللاردىن سانىلاتتى. ۋاشىنگىتون، نيۇيورك، سان فرانسىسكو كوچىلىرىدا بەچچە، قوش جىنسلىق مۇھەببەتداشلىق دەۋاسى قىلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ %59.6 ئى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، %18 ئى ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلار، %49 ئى كەسپىي، مەمۇرىي خادىملار، %15.9 ئى ئادەتتىكى پۇقرالاردىن ئىدى (1990_ يىلى نەشىر قىلىنغان «ئامېرىكا قىسقىچە ستاتېستىكىسى» دىن Inoohr.org تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا كەلتۈرۈلگەن نەقىل). دېمەككى، جىنسىيەت ھەققىدىكى ئىلىم، ساۋات، ئۇچۇرلاردىن خېلى مۇكەممەل خەۋىرى بار، دەپ قارىلىدىغان ياشلار، زىيالىيلار، جاھاننىڭ سەركىلىرى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ بۇزۇقلىرىغا، ئەخلاقنىڭ، ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانخور كۈشەندىلىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇلار يات جىنسلىقلارنىڭ تىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ناھايتى ئوبدان بىلەتتى، لېكىن ئەقىدىسىز ئىلىم ئۇلارنى توغرا، ساغلام ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش شەكلىگىمۇ ئېرىشتۈرەلمىگەن ئىدى. جىنسىي ساۋاتتىكى ھۈرمەتلىك نوپۇزلۇقلاردا ئەخلاقى بوزۇلۇش، روھىي ئاينىش ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن بىلەن، بۇ ھەقتىكى ئىلىم، ئۇچۇرلاردىن ئانچە خەۋىرى بولمىغان ئادەتتىكى پۇقرالاردا ئەڭ ئاز بولغان. غەرب دۇنياسىغا قارىمۇ- قارشى ھالدا شەرق ئەللىرىدە، بولۇپمۇ دىننىڭ، ئۆرپ- ئادەتنىڭ ھاياتى كۈچى يوقالمىغان، جىنسىيەت ئېچىلمىغان، دەرسخانىلارغا، ئاشكارا سورۇنلارغا تۇلۇق چىقالمىغان جايلاردا جىنسىي زوراۋانلىق، بۇزۇقچىلىق، ئەخلاقى چۈشكۈنلۈك، روھىي سۇلغۇنلۇق ئەڭ ئاز كۆرۈلگەن. كۆرۈلسىمۇ جەمئىيەتلىشەلمىگەن، مۇئەييەن چەكلەش كۈچىنىڭ نەتىجىسىدە بۇزۇقچىلىق سادىر بولسىمۇ، خۇپىيانە، خالىي جايلاردا بولغان. «بەچچىۋازلار ئۈستىدە تەتقىقات» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلغاندەك :« دىنىي كەيپىيات سۇس ياكى ئۆلگەن ئائىلە، جەمئىيەتلەردىن جىنسىي، ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق، زوراۋانلىق ھادىسىلىرى، پاھىشىۋاز، بەچچىۋازلار ئەڭ كۆپ چىققان»( Inoohr.org تور بېتدىكى ئىنگلىزچە ستاتېستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارالسۇن) جىنسىيەت يېپىلغان، يۇشۇرۇلغان، خالىغانچە، ئۆلچەمسىز مۇئامىلە قىلىش چەكلەنگەن جەمئىيەت، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىتى بىر قەدەر ساپ، جۇشقۇن، خاتىرجەم، مەنىۋى ھاۋاسى سۈزۈك، كىشىلىرى ھەر جەھەتتىن ساغلام بولغان.
ھىندىستانلىق پەيلاسوپ، ناتىق ئوشۇمۇ بىزنىڭ « تەرەققىيپەرۋەر » زاتلار تەشەببۇس قىلغاندەك فرېئۇدنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ جىنسىيەتنى يېپىشقا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ مەلۇم ياشقا يەتكىچە يالىڭاچ يۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭچە « ئۇلار كىيىم زۈرۈرىيىتى جىنسىيەت سەۋەبىدىن ئەمەس، باشقا سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك» ئىمىش( ئوشۇ « چىن مۇھەببەت سەپىرى »، تەڭرىتاغ ژۇرنىلى 1998_ يىل 4_ سان.) ۋەھالەنكى، جىنسىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى يات جىنسلىقلارنىڭ ئەزايى- تىنىنى پىششىق بىلىدىغانلار ئارىسىدا بولىدۇ. مەن كىيىم زۈرۈرىيىتى %90 جىنسىيەت ۋە ئۇنى يۆرگەش سەۋەبىدىن دەپ قارىغۇچىلاردىن. يات جىنسلار ئارا تەن، ئەزالارنىڭ بىر- بىرىگە تۇنۇش بولۇشى قەلبتىكى رەزىللىك ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇپ تاشلىيالمايدۇ. تەنلەرنىڭ تۇنۇش بولۇشى راستىنلا ئىجتىمائىي ئاپەتنى تۈگىتىشتىكى بىردىنبىر ھەل قىلغۇچ ئامىل بولسا كىيىملەر ئاساسەن دېگۈدەك ئېچىلغان، ئاتا- بالا ئېشەكتەك قېپيالىڭاچ پېتى بىر مۇنچىدا يۇيۇنىۋىرىدىغان شەھەرلەر، غەرب، ياۋرۇپا دۇنياسىدا نېمە ئۈچۈن ئىجتىمائىي كرىزىس شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىدۇ؟ ئەگەر يات جىنسلار ئارا تەننىڭ تۇنۇش بولۇشى ئىجتىمائىي كرىزىسلارنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتالايدىغان بولسا بىز نېمە ئۈچۈن يالىڭاچ يۈرۈشنىلا تەشەببۇس قىلمايمىز؟ كىيىم زۈرۈرىيىتى جىنسىيەت سەۋەبىدىن بولمىغان ئىكەن ئۇنى كىيىۋېلىشنىڭ، جىنسىي ئەزا- بەلگىلەرنى يۆرگەپ يۈرۈشنىڭ يەنە نېمە ھاجىتى؟
ئوشۇ يەنە جىنسىي خىيالنى داۋالاش ئۈچۈن ئىستىقامەت يولىنى تاللاش كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇ ئوشۇ ۋەكىللىك قىلغۇچى بۇددىزم ئېتىقاد- مەدەنىيىتىنىڭ قالدۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز ئىنسانغا بەخش ئىتىلگەن نورمال كىشىلىك لەززەت، قەدىر- قىممەتكىمۇ ئارقىسىنى قىلىۋېلىپ، دۇنيادىن تەلتۈكۈس قول ئۈزۈپ زاھىتلىقنى تەرغىپ قىلغۇچى راھىپلىق يولىغا قايتا قەدەم باسامدۇق؟ مەن دەيمەن ئەقىدە. ئەقىدە – ئېتىقادسىز جىمجىت ئولتۇرۇپ ئىستىقامەت قىلىش كاللىنى ھارام خىيالغا پاتۇرىۋېتىدۇ. مەزمۇت ئەقىدىگە تۇيۇنغان روھىي قۇۋۋەتكە راھىپلاردەك ئىستىقامەتمۇ، يالىڭاچلىنىپ كۆز تويدۇرۇشمۇ لازىم ئەمەس. كۆڭۈل ئاچ، روھ زەئىپ، مەنىۋىيەت قۇرغاق تۇرسا كۆز، قۇرساق، نەپس تويامتى؟
جىنسىيەت، ئۇ ناھايتىمۇ نازۇك تېما. ئۇنىڭ نازۇكلۇقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ يېپىلىشىنى بەلگىلىگەن. ئېستىتىكىدىمۇ نازۇك نەرسىنىڭ كۈچلۈك زەربىگە، قالايمىقان قېقىلىپ- سوقۇلۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىغى سۆزلىنىدۇ. ئۇنى ئاۋايلاپ، ئاسراپ، پەپىلىگەندىلا ئىشلەتكىلى، گۈزەللىكىدىن زوقلانغىلى بولىدۇ. جىنسىيەتكە مۇئامىلە قىلىشتا جەزمەن دۇرۇس، ساغلام ئۆلچەم بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئېچىلىپ، يالىڭاچلىنىپ كېتىشى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى، سېھرىي كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. تىرىلەر تىگىشىپ، چاچلار غىدىقلاپ، ئوتتەك نەپەسلەر گۈرۈلدەپ يېنىپ تۇرسا ئادەمدىكى قىممەتلىك روھىي زىلزىلىلەر ئاسان قوزغىلىپ، ئاسان يېنىپ- يېتىپ ئېتىبارى قالمايدۇ، يات جىنسلارنىڭ ئوچۇق تۇرغان ھەربىر ئىككىلەمچى جىنسىي ئەزا- بەلگىلىرى، بولۇپمۇ، گرىمدە ئاتايىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن لەۋ، كىرپىكلەر، لەپىلدەپ سويلاپ تۇرىدىغان چاچلار، ئوچۇق تۇرغان بىلەك، يوتا، كىندىك، پاقالچاق، كۆكرەكلەر، تار، خىپچاق كىيىملەردىن پاتماي چىڭقىلىپ تۇرىدىغان كۆكرەك، يوتا، ساغرا، قىسىلچىقلار قارشى تەرەپتە ئىنتايىن ئوڭايلا غىدىقلىنىش، ھېسسىيات قوزغىلىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تار، قىسماقتەك قىسىپ، پۈتكۈل ئەزايى- تەننى چىڭقالدۇرۇپ تۇرىدىغان كىيىملەرنىڭ ئۆزىمۇ غىدىقلىنىش، ھېسسىي قوزغىلىش، چىڭقىلىش پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل غىدىقلىنىش ئۇزۇن داۋاملاشقانسىرى دائىم قوزغىلىش ئىچىدە تۇرغان بۆرەككە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىپ، بەدەندىكى كۈچ- ماغدۇر، قۇۋۋەتنىڭ سوۋۇپ كېتىشىنى، ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىلىك سۇۋۇيدۇ، جەڭگىۋار، جۇشقۇنلۇق ئاجىزلاپ، خام- خۇتا لامزەللىلەر شىددەت بىلەن ئاۋۇپ كېتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، دەسسىسە يەر تىترەيدىغان، ئەقلى كىشىنى لال قىلىدىغان زەبەردەست كىشىلەرنى كۆرمەكمۇ بەسىي مۈشكۈللىشىپ كەتمەيۋاتمامدۇ؟! يەنە كېلىپ تار، بەدەننى قىسىپ، سىقىپ تۇرىدىغان خىپچاق كىيىملەر قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ تېرىلەرنىڭ سېزىمچانلىغىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تۆۋەنلىتىدۇ. تېرىلەر، سەزگۈ ئەزالار تولا غىدىقلىنىپ بارا- بارا قاشاڭلىشىدۇ، بۇ ھال ئۇزۇن داۋاملاشقانسىرى تەننىمۇ، روھنىمۇ، زېھىننىمۇ كاردىن چىقىرىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەمدىكى تولا غىدىقلىنىش، ھاياجانلىنىش بەدەندىكى رەئىس ئەزالارنى، بولۇپمۇ بۆرەكنى ئەڭ تېز كاردىن چىقىرىدۇ، بۆرەككە زەرەر يەتكەن ھامان نېرۋا، مېڭىنىڭ فونكىسىيىسى تېز سۈرئەتتە ئاجىزلايدۇ. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، كەيپىيات ناچارلىشىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى پەيدا قىلغاندىن باشقا يۈرەك، جىگەر، ئاشقازاننىڭ خىزمتىگە ئېغىر بېسىم ۋە كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر غىدىقلىنىش ئۈزۈلمەي داۋاملاشسا جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىگە تەرەققىي قىلىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ زور ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ، كەيپىياتى غەمناكلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ، بارا- بارا يات جىنسنى كۆرسىمۇ ۋۇجۇدىدا باشقىچە ھېسسىيات، غەيرىي سىزىم پەيدا بولمايدىغان دەرىجىدە قاشاڭلىشىپ كېتىدۇ. يات جىنسنى كۆرسىمۇ، بىر- بىرىگە سۈركىلىپ تۇرسىمۇ باشقىچە ھېسسىيات ئويغانماسلىق دەل ئەرلەردىكى جۇشقۇنلۇق، جەڭگىۋارلىق، ئەركەكلىكنىڭ ئۆلۈشى، ئاياللاردىكى لاتاپەت، سېھىر- جەزىبىنىڭ خوراپ تۈگىشى بىلەن باراۋەردۇر. ئەڭ ئەقەللىي ئادىمىيلىك ھېسسىياتى ئۆلگەن بۇنداق كىشىلەردىن ئۇلۇغۋار غايە، نەتىجە، ئارتۇق ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. بۇنداقلاردىن توغۇلغان بالىلاردىن جەڭگىۋار، جۇشقۇن، قەتئىيلىرى ئازراق، مۇرەسسەچى، تەسلىمچى، خۇمسى مىجەز نائەھلىلەر كۆپ چىقىدۇ. تەن ساپاسى يىلدىن- يىلغا تۆۋەنلەيدۇ، ئەقلى قۇۋۋىتى ئاجىزلايدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئۇرغاچىلىرىنىڭ كۈيلەيدىغان مەزگىلىدە ئەركەكلىرىنىڭ توپلىشىپ كۈچ سىنىشىپ يەڭگەنلىرى بىلەن جۈپلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ زور ھېكمەت بار. مانا بۇ ئۆزىگە، قەۋمىگە، قەۋمىنىڭ كېلىچەكتىكى ساپاسى، مەۋجۇدلۇق سۈپىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت! راست، ئۆز ھاجىتى ئالدىدا ئامالسىز ئادەم قانداقمۇ باشقىلارغا ھەمتاياق بولالىسۇن؟
ئەخلاق يىرتىلغان، جىنسىيەت ئېچىلغان يەردە ئەڭ ئالدى بىلەن ئەرلەر ئاجىزلايدۇ، ئاندىن ئاياللار قۇترايدۇ. كىشلەر بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز سىقىلىش ئىچىدە ياشايدۇ-دە، ئۆز كۆڭلىنى ئەسەبىيلىك، تەلۋىلىك ئارقىلىق خۇش قىلىشقا چۈشىدۇ. ئائىلە ۋەيران بولىدۇ، نىكاھنىڭ مەززىسى قالمايدۇ. مۇھەببەتلىشىش كەڭ ئەۋج ئالىدۇ، ئەمما مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارنىڭمۇ نىكاھىدا خاتىرجەملىك قارار تاپمايدۇ، چۈنكى تولا مۇھەببەتلىشىپ، تولا ئايرىلغان ئادەم ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ بىر خىل قارىشىغا قانائەت قىلالمايدۇ، ئۇلاردىن ۋاپا كۈتكىلىمۇ بولمايدۇ. تويدىن ئىلگىرىكى يېقىنچىلىق سەۋەبىدىن نىكاھتا ئىززەت، قىممەت قالمايدۇ، توي كېچىسىدە مەڭگۈ ئەستىن چىقمىغۇدەك ئۆزگىچە ئۇچرىشىش ياكى يېڭىچە تۇيغۇ روياپقا چىقمىسا، نىكاھ تۇزسىز تاماققا ئوخشاپ قالىدۇ. تويدىن ئىلگىرىكى تۇرمۇش بىلەن كېيىنكى تۇرمۇش ساڭا يېڭىلىق، مېھىر، ئىللىقلىق ئاتا قىلالمىسا بۇنداق نىكاھ جەزمەنكى ھامان مەغلۇپ بولىدۇ، ھايا ۋە نومۇس ئۈستىگە قۇرۇلمىغان نىكاھتىن بەختنىڭ كىشىنى مەست قىلغۇچى شادىمان كۈيلىرى ئەمەس ئازابنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان يېقىمسىز تاراڭ- تۇرۇڭى چىقىدۇ.
ھاياتقا بولغان دۇرۇس ئەقىدە سۇنمىغان جايدا جىنسىيەت ئىززەتلىك بولىدۇ. نىكاھ يات جىنسلار ئارىسىدىكى مۇقەددەس ئۆتۈشۈش شەرتى ھېسابلىنىدۇ. ئىپپەت پاكلىقنىڭ، چىن سۆيگۈنىڭ، مېھىر- ۋاپانىڭ، ساداقەتنىڭ سىمۋولى سانىلىدۇ. جىنسىي ئەزاغا قاراش تۈگۈل، زۈرۈر بولمىسا شۇ ھەقتە گەپ قىلىشمۇ ئەيىپ سانىلىدۇ. ئەر- ئايالنىڭ بىر- بىرىگە شەرتسىز ساداقىتى قەتئىي تەلەپ قىلىنىدۇ، ھارام خىيال، خىيانەت نومۇس، ھاياسىزلىق، بۇزۇقلۇق سۈپىتىدە قارىلىدۇ، جازا- تەدبىرلىرى ئېنىق بولىدۇ. جىنسىيەتنى ھاقارەتلەپ پەس كۆرۈشكىمۇ، ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا كۆتۈرىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ.
مانا بۇ بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جىنسىيەتكە قويغان تەلەپ- ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلىسى. بىرنەچچە ئون ياكى بىرەر مىڭ ئادەمنىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى پۈتۈنسۈرۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ گۇناھى قىلىپ ئارتىش چەكتىن ئاشقان يولسىزلىقتىن ئىبارەت. بىر مىليۇن ئۇيغۇر كوچىغا قېپيالىڭاچ چىقىۋېلىپ ئاشكارا بەچچىۋازلىق بىلەن شوغۇللانسىمۇ مەن ئۇنى ئادەمنىڭ، شۇلارنىڭ گۇناھى، رەزىللىكى دەيمەنكى، ھەرگىزمۇ مەدەنىيەتنىڭ، ئېتىقادنىڭ گۇناھى دەپ بىلجىرلىمايمەن. بىر نەچچە ئادەمنىڭ رەسۋالىقىنى دەپ ئۆزىنى چۈشۈرۈپ ئۆزگىنى تەكچىگە كۆتۈرۈش ئەقىلسىز تەنتەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىزنىڭ ئىلمىي تەشەببۇسلىرىمىز بىردەملىك ھېسسىياتنىڭ ئەمەس، پاكىتلىق، ئىلمىي دەلىلنىڭ زۇۋانى بولۇشى كېرەك. چېغىدا ئامېرىكىلىق ئەخلاقشۇناسلار مۇنداق دەيدۇ :« پەقەت ئەنئەنىۋىي جىنسىي ئەخلاقلا كىشىلەرنىڭ نەپسى- ئارزۇسىنى ساغلام قاندۇرۇپ، ئەخلاق، ئائىلىنى قۇتقۇزۇپ قالالىشى، ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇش كۈچىنى چىڭىتالىشى مۇمكىن. باشقا ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ»( Jkalb.org تور بېتىدىكى « ئەنئەنە جاھىللىقى » ناملىق ئىنگلىزچە ماقالىگە قارالسۇن).
باشقىلارنىڭ نېمە دىيىشىدىن قەتئىينەزەر، مەن شۇنداق دەيمەن: جىنسىيەت يۆرگىلىشى كېرەك! ئۇنىڭغا ئىلمىي، ساغلام قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك. ئۇنى ئېچىش، ئۇ ھەقتە جەمئىيەت خاراكتېرلىك ساۋات ئومۇملاشتۇرۇش جىنسىيەت ھەققىدە ساۋاتلىق، ئاقىل بولغانغا باراۋەر ئەمەس. ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان جىنسىي نومۇسسىزلىقلارنى جىنسىي بىلىم- ساۋاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق چەكلەيمەن دىيىش ئۆلۈۋاتقان ئادەمنىڭ ئېغىزىغا زەھەرنى «ياسىن سۈيى» ئورنىدا تېمىتىشنى ئارزۇلاشتىن باشقا ئىش ئەمەس. جىنسىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق روھىيەتنى، جەمئىيەتنى ساغلاملاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان بولسا بۈگۈنكى ياۋرۇپا، ئامېرىكا قالتىس ساغلام كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان بولاتتى. ۋەھالەنكى، پۈتكۈل دۇنيا ئاللىقاچان ئەڭ ساغلام، كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يېتەكچىلىك قىلغان دەۋر دەپ بىردەك ئېتىراپ قىلىشتى. ئەپلاتوننىڭ «غايىۋىي دۆلەت»ئى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»تىكى دۆلەتچىلىك ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر، قاراشلىرى، ماركىسنىڭ كوممۇنىزمى پەقەت بىر گۈزەل جەمئىيەت ھەققىدىكى شىرىن خىيال، تەسەۋۋۇر پېتىلا قالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملا جەمئىيەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، مۇكەممەل لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۆزى ھايات چېغىدا ئۇنى نەق رېئاللاشتۇرۇپ ئۇنى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى، ئۆزى بولسا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىردىنبىر ئۇلۇغ شەخسكە ئايلاندى(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993_ يىلى 12_ ئايدا نەشىر قىلغان «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر كىشى» ناملىق كىتاب ۋە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1996_ يىلى نەشىر قىلغان «ئىسلام دۇنياسى» (ئىنگلىزچە) ناملىق كىتابلارغا قارالسۇن).
جىنسىيەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلە- كېسەللەر ئاللىقاچان يەر شارى خاراكتېرلىك ۋاباغا ئايلاندى. ئۇنى دۇختۇرخانىلار داۋالاپ ساقايتىپ بولالىشى، تەشۋىقات ۋاستىلىرى، بويۇملىرىنىڭ چەكلەپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئۇنى قۇيىۋېتىشكە، يالىڭاچلىۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. جىنسىيەتنى دەرسخانىلارغا سۆرەپ كىرىش كېسەل تەگكەن دەرەخنىڭ تۈۋىگە كىسلاتا قۇيغان بىلەن باراۋەر. ئۇنداق قىلىش بىزنى، بىزنىڭ مەدەنىيەتنى، كېيىنكى ئەۋلادلارنى تۈگىمەس بالالارغا مۇپتىلا قىلىدۇ. يېتەرلىك پەرۋىش، ساپ ھاۋا، بۇلغانمىغان سۇ بولغاندىلا يۇقۇملانغان، زەئىپلەشكەن تەن- روھنى قۇتقۇزىۋېلىش مۇمكىن. ھە راست، لازىم نەرسىلەرنىڭ بولۇشىلا كۇپايە ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى لازىم نەرسىنى لازىم چېغىدا لازىم يېرىگە، جايىدا ئىشلىتىش. كېسەلنى داۋالاشقىلا، داۋالاش تەشەببۇسلىرىغىلا تاشلاپ قويۇپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللانماسلىق ئۆلۈمنى ئارزۇلاپ يېتىشتىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئالدىن مۇداپىئە كۆرۈش داۋالاشتىن مىڭ ئەۋزەل. چىركىن ئېقىم، مۇشتۇمزور ئىدىيىلەر كەلكۈندەك باسقاندا پاكىز روھىي سەرمايىدىن ئەپچىل كېمە ياساپ چىقىۋېلىش چۈشكۈنلۈك ئىلكىدە توپاننى چىللاش- تىللاشتىن كۆپ ئەلا. ساغلام ئەقىدە، كەسكىن تۇرمۇش پرىنسىپى ئارقىلقلا بۇ ۋابادىن قۇتۇلۇش مۇمكىن. باشقىلار ئاچ دەيدۇ، مەن ياپ، قاچ دېگۈچىلەردىن!
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش قەھرىمانى فلىد مارشال مونتىگومىرى 1964- يىلى 24- ماي كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا :« ئاڭلىسام فرانسىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بىر قانچە دۆلەت ئوخشاش جىنسلىقلار قىلمىشىغا قانۇنىي يول بېرىپتۇ. بىز فرانسوز ئەمەس، شۇنداقلا باشقا مىللەت، دۆلەت تېخىمۇ ئەمەس. بىز ئەنگىلىيىلىك! ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۈكرى! »(« ئوكسىفورد ئۈزۈندىلەر لۇغىتى »، ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1994_ يىل نەشرى ئىنگلىزچە) دەپتىكەن. مەنمۇ شۇنداق دەيمەن :« دۇنيادا ئەخلاق پەقەت ۋە پەقەت بىر! بىز باشقا ھېچكىم ئەمەس، باشقىلارغا ئوخشىغىمىزمۇ يوق. ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۈكرىكى ۋە جان- جېنىمىز بىلەن تىلەيمىزكى: توپان بىزگە ھاجەت ئەمەس! ئاپەتنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماي بارغۇسى كەپقالغان ئازغۇنلارغا دەيدىغىنىمىز : يول بولسۇن!».

(«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2005- يىللىق 6- سانىدىن ئېلىندى)