ھەممە مەدھىيە ئاللاھقا خاس، ئاللاھنى مەدھىيلەيمىز. ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمىز. ئاللاھقا توۋا قىلىمىز. ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. سىلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى تەرغىب قىلىمەن. سۆزۈمنى خەيرلىك ئىشلاردىن باشلايمەن.
ئى خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇ يىلدىن كېيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. ئى خالايىق، تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر، بىر- بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىش خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر. سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.
قولىدا كىشىلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن؛ جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىنغان جازانىخورلۇق بىكار قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن تاغام ئابباس ئىبنى مۇتتەلىبنىڭ جازانىخورلۇقىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قان قەرز بىكار قىلىنىدۇ، ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارىسنىڭ قان قەرزىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئادەتلەردىن كەئبىنى، ئابىزەمزەمنى باشقۇرۇشتىن باشقىلىرى بىكار قىلىنىدۇ. قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇ بىر كىشىنى تاياق ياكى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، قىسمەن قەستەنلىك ھېسابلىنىپ، قىساسىغا يۈز تۆگە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ ئىشى.
ئى خالايىق! شەيتان سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا خۇدا بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. لېكىن ئۇ سىلەر كىچىك سانايدىغان ئىشىڭلاردا سىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بولىدۇ.
ئى خالايىق! نەس دېگەننى قوللىنىش كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، كاپىرلارنى ئازدۇرىدۇ. ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ئۆزلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، يەنە بىر يىل ھارام قىلىشىدۇ، ئاللاھ ئاسمان- زېمىننى ياراتقان ۋاقىتتىن تارتىپ، زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىدە ئاسمان- زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى- زۇلقەئىدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم بىر- بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. جامادىيەلئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا يالغۇز كېلىدۇ. سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.
ئى خالايىق! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەققى بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرىي ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش- نان، كىيىم- كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار. سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىۋالدىڭلار. ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بولغىن.
ئى خالايىق! مۆمىنلەر بىر- بىرىگە قېرىنداش، قېرىندىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرمىگەن مېلى ھېچكىمگە ھالال ئەمەس. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بولغىن.
مەندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ بىر- بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئازمايسىلەر، سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بولغىن.
ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان، ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان. كىم ئەڭ مۇتتەقى* بولسا، شۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەب بولغان ئادەم بىلەن غەيرىي ئەرەب بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى تەقۋادار بولسا، شۇ ئەۋزەل. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىمكى، ئى ئاللاھ، گۇۋاھ بولغىن.
سۆزۈمنى بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن.
ئى خالايىق! ئاللاھ ھەر بىر ۋارىسقا مىراس نېسىۋىسىنى بەلگىلىدى. مىراسىنى بىرلا ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس؛ مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس؛ بالا ئەرنىڭ بولىدۇ، زىنا قىلغۇچىنىڭ بولمايدۇ. كىمكى ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى ئاتا دەپ، خوجىسىدىن باشقا بىرىنى خوجا دەپ دەۋا قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ھەممە كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىسى ۋە گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.
_____________________________________________________________
مۇتتەقى*: ئاللاھتىن ھېيىققۇچى، تەقۋادار.

(«دۇنيادىكى مەشھۇر مۇتەپەككۇرلارنىڭ نوتۇقلىرىدىن نەمۇنىلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.)