2020-يىل 30-ئۆكتەبىر تۈركىيە ئىزمىردا 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن يەر تەۋرەش پەيتىدە تارتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا 5.5 باللىق يەر تەۋرىگەندە 12-قەۋەتتە لەپەڭشىپ ئولتۇرۇپ، شاھادەت كەلتۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەلدى. ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز قۇدرىتىدىن باشقا ھېچنەرسىنى ھېس قىلمايدىغان دەھشەت پەيتلىرىدە كىشى ئاللاھقىلا يېلىنىدۇ.«مەككە مۇكەررەمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بىلەن فەتىھ قىلىنغاندا ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جىددە تەرەپكە قېچىپ بىر كېمە ئارقىلىق ھەبەشىستانغا كەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما، دېڭىزدا قاتتىق بوران چىقىپ كېمە خەتەر ئىچىدە قالغاندا، دەسلىپىدە ئىلاھ، مەبۇدلارنى چاقىرىشقا باشلايدۇ. ئەمما، بوران تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلاپ، كېمە غەرق بولاي دەپ قالغاندا، كېمىدىكى بارلىق مۇساپىرلار: «بۇ ئاللاھدىن باشقىنى چاقىرىدىغان چاغ ئەمەس، ئاللاھ خالىسىلا ئاندىن بىز قۇتۇلۇپ قالالايمىز» دېيىشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، قەلبىدە «ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى قۇتقۇزۇۋالالمايدىغان بولسا ئۇنداقتا باشقىلار باشقا يەردە قانداقمۇ قۇتقۇزۇۋالالىسۇن؟ مۇھەممەد دەل مانا مۇشۇ سۆزنى يىگىرمە يىلدىن بېرى بىزگە سۆزلەپ، چۈشەندۈرۈپ كەلمىگەنمىدى؟ ئەمما، بىز ئۇنىڭ بىلەن بىكارغا جېدەل قىلىپ يۈرۈپتىمىز ئەمەسمۇ؟» دېگەن ۋىجدانىي سادا ياڭراشقا باشلايدۇ. بۇ دەل ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىنقىلابىي بۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا «ناۋادا مەن بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالسام، ئۇدۇل مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قول بېرىمەن» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ مۇسۇلمان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قالغان پۈتۈن ھاياتىنى ئىسلام يولىدا جىھاد قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.» (مەۋدۇدى تەپسىرىدىن ئارىيە)مۇسىبەت ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلقمىز. لېكىن، ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغان مۇسىبەت مۇسىبەت ئەمەس نېمەت، ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرغان «نېمەت»مۇ ئەڭ چوڭ مۇسىبەت، دېگەن ھېكمەت قەلبلەرگە سىڭمەيدىكەن، مۇسىبەتلىرىمىز ئېغىرلاپ كېتىۋېرىدۇ…