«بويسۇندۇرۇپ بەردى» دېگەن سۆزدىن ئادەتتە كۆپىنچە كىشىلەر «باش ئەگدۈرۈش» دېگەندەك خاتا مەنىنى چىقىرىۋالىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندىكى باشقا ئايەتلەردىنمۇ نۇرغۇن ئاجايىپ-غارايىپ مەنىلەرنى پەيدا قىلىۋالىدۇ. ھەتتا تېخى بەزىلەر «بۇ ئايەتلەرنىڭ روھى بويىچە ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى ئەسلى مەقسەت ئاسمان-زېمىننى باش ئەگدۈرۈشتۇر» دېگەندەك چۈشەنچىگە كېلىشكە باشلايدۇ. ھالبۇكى، «بويسۇندۇرۇپ بېرىش»نىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئالاھىدە بىر قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغان قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قىلىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.(مەۋدۇدىنىڭ قۇرئان تەپسىرىدىن ئارىيە)