ئېتىقاد — ھاياتنىڭ قۇۋۋىتىدۇر.
— تولستوي

كەسىپ ياكى تىل سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن Youtube ياكى UDemy دىن دەرسلىك، چاتما فىلىم ياكى كىنولارنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇلار ئىگەللىگەن سائەتلىرىمىزگە سېلىشتۇرغاندا، كۆپىنچىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئايرىغان سائەتلىرىمىز تولىمۇ ئاز دەپ ئويلايمەن. ھالبۇكى، ئىمان-ئېتىقاد سەۋىيەمىزمۇ باشقا سەۋىيەلىرىمىزگە ئوخشاش توختىماي يېڭىلاشقا، ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ سەۋىيە ئۆستۈرۈلسە، ھايات ۋە تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىمۇ ئۆسىدۇ؛ يۈزلەر نۇرلىنىدۇ، ھاياتنىڭ مۇشەققەتلىرى، سىناقلارنىڭ ئۇرۇپ-سوقۇشلىرىدا زېدىلەنگەن قەلبلەر شىپاسىنى تاپىدۇ؛ دۇنيا ھاياتى ئىچىدىلا قاپسىلىپ قالغان قىممەت قاراشلىرىمىز ئاخىرەت چەكسىزلىكىگە ئۇلاشقىنىدا قاراڭغۇلۇقلار ئارقىسىدىكى نۇرانە ئۇپۇقنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز؛ چۈشكۈنلۈكلىرىمىز نۇرلار دەستىسى ئۇرۇلغىنىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ.بىر يېرىم سائەت ۋاقتىڭىزنى شۇ ۋىدىيوغا بېرىڭ، ئاللاھقا ئىمانىڭىز كۈچەيسۇن، غەملىرىڭىز غايىپ بولسۇن…