ئ‍وقۇغان كىتابلىرىمدىن ئەڭ ئۇزۇن خاتىرە قالدۇرغان، ئەڭ كۆپ جۈملىلىرىنىڭ ئاستىغا سىزغان كىتابىم «جالالىدىن رۇمى» ئىدى. 20 ياشلىرىمدىكى شۇ كىتاب بەرگەن زوق بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر يازلىق تەتىل ھېلىھەم ئۆتكەن يىل يازدەك يېقىن تۇيۇلىدۇ. بۇ كىتاب ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى لەززەتلىرىنى ئىزدەش بىلەن قەلبنىڭ دائىمىي زوقىنى ئىزدەش ئارىسىدىكى پەرقلەر، تەقۋادارلىق، پاكلىقنىڭ ھەدىيەسى بولغان يۈرەكتىكى ئارامبەخىش تۇيغۇلار، نەفىس تىزگىنىنى قولغا ئالغاندا تېتىيدىغان ئىمان لەززەتلىرىنى تونۇتقانىدى.
تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان «يۇنۇس ئەمرە» دېگەن ئىسىم كۆپ قۇلىقىمغا كىردى. بۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭ قەغەز پۇلى ئىككى يۈز لىراغا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بۇ مۆھتەرەمنىڭ پارچە مىسرالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇردۇم. ئاق شەمسىددىن، كوجا سىنان، باراباروس… دېگەندەك ئىسمى كۆپ تەكرارلىنىدىغان شەخسلەرنى تونۇش ئۈچۈن بۇ شەخسلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن كىتابلاردىن بۇلارنىڭ قىسقىچە ھاياتلىرى بىلەن تونۇشقانمۇ بولدۇم. ئۆتكەن يىلى توردىكى يۇنۇس ئەمرەنىڭ ھاياتى تەسۋىرلىنىدىغان چاتما ت ۋ تىياتىرى «ئاشىق سەپىرى» ھەققىدىكى باھالار قىزىقىشىمنى قوزغىدى. بىر قانچە قېتىم تېلېۋىزوردا پارچىلىرىنى كۆرۈپ قىزىقىپ كەتمىگەنىدىم. ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرغان يۇقۇم مەزگىلىنىڭ ئىش خوشياقمىغان ئۈنۈمسىز كۈنلىرىدە بۇ چاتمىنى كۆرۈشنى باشلىدىم. ئېسىل سىنارىيە، ماھىرلارچە رول ئېلىشلار، يېقىملىق ئاۋاز، بىر-بىرىدىن گۈزەل، چوڭقۇر مەنىلىك مىسرالار… ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن «جالالىدىن رۇمى»نىڭ زوقىنى «ئاشىق سەپىرى» بەردى.
ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىرى، جاپا-مۇشەققەتلىرى، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مەرھەمەت، مۇھەببەت، ھەسەت، ئاللاھنى زىكىر قىلىش كەلتۈرگەن پەزىلەت قاتارلىقلار ئاجايىپ چىرايلىق تەسۋىرلەنگەنىدى.
ئايلار ئۆتتى، ئىشلەۋاتقاندا ھايات غەۋغالىرىنى ئۇنتۇپ، ئىنسانلىق بۇرچۇمنى ئەسلەش ئۈچۈن فىلىمدىكى يۇنۇس ئەمرە دېكلاماتسىيەلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.
بۈگۈن يۇتۇبتا «يۇنۇس ئەمرە» رولىنى ئوينىغان يۇسۇف گۆكخان زىيارەت فىلىمىنى كۆرۈپ بۇ خاتىرىنى ئورتاقلىشىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم. بەلكىم «ئاشىق سەپىرى»گە چىقماقچى بولغانلارغا تۈرتكە بولۇپ قالار.


(ئەسكەرتىش: تۈركىيەنىڭ باشقا چاتمىلىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى بۇنىڭ بىر قىسمى ئاران بىر سائەت)

يازمىدا تىلغان ئېلىنغان زىيارەت:

https://www.youtube.com/watch?v=EU7Hqg12do4&t=3s

«ئاشقنىڭ سەپىرى» فىلىمى:

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى: