(ئىران سابىق پرېزىدېنتى ئەھمەدىنىجادنىڭ 2007-يىل 25-سېنتەبىردە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتىدا سۆزلىگەن نۇتقىنى 2008-يىل تەرجىمە قىلغانىدىم. توردىن ئىزدەپ تېپىپ، بەزى ئىملالىرىنى تۈزەپ يوللاپ قويدۇم)

كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتى مۇدىرى ئەھمەدىنىجادنى سۆزگە تەكلىپ قىلغاندا «ئىچى تار، رەھىمسىز دىكتاتۇر» دەپ ئاتاپ سۆزگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەھمەدىنىجاد سۆزىنى ئەرەبچە قۇرئان تىلاۋىتى ھەم تۆۋەندىكى دۇئا بىلەن باشلايدۇ:
ئى ئاللاھ، ئىمام مەھدىنى تېزرەك كەلتۈرۈپ بەرگىن، ھەم ئۇنىڭغا سالامەتلىك ھەم غەلىبە ئاتا قىلغىن، ھەم بىزنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەم گۇۋاھچىلىرىدىن قىلغىن.
ھۆرمەتلىك مۇدىر، قەدىرلىك پروفېسسورلار ھەم ئوقۇغۇچىلار، خانىملار ۋە ئەپەندىلەر. سۆزۈمنىڭ بېشىدا مەن ھەرقايسىڭىزلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلۇغ خۇدانىڭ ماڭا ئىلىم ئىزدىگۈچىلەر ۋە پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار بىلەن ھەمسورۇن بولۇش پۈرسىتى بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئالدى بىلەن ماڭا قارشى سىياسىي بايانات ئوقۇغان كىشىدىن ئازراق ئاغرىنغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئىراندا بىراۋنى سۆزگە تەكلىپ قىلساق، بىزنىڭ ئەنئەنىمىز نوتۇق ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەم پروفېسسورلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ نوتۇقتىن ئاۋۋال بىر قاتار باياناتلار بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا ۋاكسىنا ئەملىمەيدۇ. (چاۋاك)
مېنىڭچە بۇ قەدىرلىك ئەپەندىنىڭ بۇ يەردە قىلغان گەپلىرى ماڭا ئەمەس، بۇ يەردىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىلىم ھەم مەلۇماتىغا قىلىنغان ھاقارەت. ئۇنىۋېرستىت مۇھىتىدا بىز جەزمەن كىشىلەرنىڭ ئۆز ئويىنى سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىشىمىز كېرەك، ھەممىنىڭ پىكىر بايان قىلىشى نەتىجىسىدە ھەقىقەت ئاخىرى ئايدىڭلىشىدۇ.
تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇنىڭ نۇتۇقىنىڭ نۇرغۇن قىسىملىرىدا كۆپلىگەن ھاقارەت ۋە خاتا باياناتلار بار. ئەلۋەتتە، مەن ئۇنى سىلەرنىڭ بۇيەردىكى نەشرىيات، تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىنىڭ، سىياسى ئاساسىي ئېقىمنىڭ تەسىرىدىن دەپ بىلىمەن، بۇ دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ تەلىپىگە خىلاپ.
ئەپسۇس، مەن دوستانە بولمىغان مۇئامىلىنىڭ تەسىرىدە سۆز باشلىماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەن چوقۇم سىلەرگە ئېيتىشىم كېرەكلىرىنى ئېيتىمەن، ھەم ئۇ سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىمدىن خۇشالمەن. لېكىن ئۇ كۆتۈرۈپ چىققان بىر مەسىلىدە، ھەممىمىزنىڭ ئىشلارنىڭ تېگى- تەكتىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز ئۈچۈن ئۇزۇنراق توختىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن.
بۇ قىممەتلىك مۇنبەردە ئىلىم، ئۇچۇر، مائارىپنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سىلەر بىلەن سۆزلىشىش مېنىڭ قارارىم. ئالىملار ۋە ئۆلىمالار ئارىمىزدىكى قاراڭغۇلۇق ھەم جاھالەتنى يورۇتىدىغان، ئىنسانىيەتنى نادانلىق، ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يانغان مەشئەللەرگە ئوخشايدۇ. ئەتراپىمىزدىكى رېئاللىقنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئېچىلمىغان ساھەلەر ۋە نامەلۇم ئىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ قولىدا. رېئاللىقنىڭ دەرىزىسىنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئالىملار، ئىلىم ئىگىلىرى ئاچالايدۇ. ھەربىر تىرىشچانلىق بىلەن بىر دەرىزە ئېچىلىدۇ ھەم بىر ھەقىقەت ئاشكارا بولىدۇ.
قايسى دەۋردە ئىلىم يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلسا ۋە ئالىم- تەتقىقاتچىلار تېگىشلىك ھۆرمىتىنى تاپسا، شۇ دەۋردە ئىنسانىيەت ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە زور يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشىپ كەلدى. ئەكسىچە، قايسى دەۋردە ئىلىم ئەھلى ۋە ئىلىمگە سەل قارالسا، ئىنسانىيەت قاراڭغۇلۇق ۋە نادانلىق، بىپەرۋالىقىدا قېلىۋەردى. ئەگەر ئىنساندا ھەقىقەتنى بايقاشقا بولغان توختىماس تەبىئىي قىزغىنلىق بولمىغىنىدا ئىدى، ئىنسانىيەت نادانلىقتا قېلىۋەرگەن، بىزگە بېرىلگەن ھاياتنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرى بايقالمىغان بولاتتى. ھەقىقەتتە ئىنسان تەبىئىتى ياراتقۇچى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممىمىزگە بەرگەن سوغىسى. پەرۋەردىگار ئىنسانىيەتنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدى ھەم ئۇنىڭغا ئەقىل ھەم بىلىمدىن ئىبارەت بۇ سوۋغىنى مەرھەمەت قىلىپ، ئۇنى ياراتقۇچىسىنى تونۇشقا قادىر قىلدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدە، پەرۋەردىگار بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆھبەت بولۇپ ئۆتتى. پەرىشتىلەر ئىنسانلارنى قارانىيەت، رەھىمسىز بەندىلەر دەپ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىغا قارشى تۇردى، لېكىن پەرۋەردىگار «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمىگەننى بىلىمەن»، دېدى ھەم ئادەمگە ھەقىقەتنى ئېيتىپ بەردى، ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئادەم ئۇنى پەرىشتىلەرگە ئاشكارا قىلدى. پەرىشتىلەر ئادەم تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنەلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى. شۇنداق قىلىپ پەرىشتىلەر ئادەمگە سەجدە قىلدى. مۇقەددەس پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋەرلىرىدە، تۇنجى نەسىھەت ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بولۇپ «تەقۋادارلىق»، «ئىمان»، «ئەقىل» دېگەن سۆزلەر بارلىق ئىنسانلارغا تارالدى. مۇقەددەس پەيغەمبەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ يېتەكلىدى، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭغا ھېكمەت بېرىلدى، مۇقەددەس كىتاب، تەۋرات ۋە ئىنجىل بېرىلدى. ئۇ ئىسرائىل ئەۋلادىغا چۈشۈرۈلگەن پەيغەمبەر ئىدى…» . ئىسلامنىڭ مۇقەددەس پەيغەمبىرىگە نازىل بولغان تۇنجى سۆز، پەيغەمبەرنى ئوقۇشقا چاقىرغان «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى، ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى» («ئەلەق» سۈرىسى) ئايەتلەر ئىدى. سىلەر ئىسلامنىڭ مۇقەددەس پەيغەمبىرىگە نازىل بولغان تۇنجى ئايەتتە ئوقۇش، ئۆگىتىش ۋە قەلەم سۆزلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنغىنىنى كۆرۈۋاتىسلەر. بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتتە پەرۋەردىگارنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە تونۇشتۇرىۋاتىدۇ. بۇ ئۇستاز ئىنسانىيەتكە بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئىسلامنىڭ مۇقەددەس پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان باشقا بىر قىسىم ئايەتلەردە پەرۋەردىگارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىن بەزىبىرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى باشقىلارغا مۇقەددەس ئايەتلەرنى ئوقۇپ بېرىشكە، ھەم ئۇلارنى روھىي ۋە ئەخلاقىي ناپاكلىقتىن پاكلاشقا، ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىشكە بۇيرىغانلىقى ئېيتىلغان. قەدىرلىك دوستلىرىم، مۇقەددەس پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىق سۆزلىرى ۋە خەۋەرلىرى، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبتىن سۇلايمان، مۇسا، ئىسا ھەم مۇھەممەدكىچە ئىنسانىيەتنى نادانلىق، بىپەرۋالىق، خۇراپىلىقلاردىن ۋە ئەخلاقسىزلىق، بۇزۇقچىلىقتىن ئىلىمگە بولغان ھۆرمەتكە، ئىلىم يولىغا، نۇرلۇق ۋە توغرا ئەخلاققا يېتەكلىدى.
بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزدە «ئىلىم» سۆزى «يورۇتقۇچى» دەپ ئىزاھلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە، «ئىلىم» دېمەك «يورۇقلۇق» دېمەكتۇر، ھەم ھەقىقىي ئىلىم ئىنسانىيەتنى نادانلىقتىن قۇتقۇزىدىغان ئىلىمدۇر. ئىلىمنىڭ كەڭ ئېتىراپقا ئېرىشكەن تەبىرىدىن بىرى، ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاللانغانلارنىڭ قەلبىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان نۇر دېمەكتۇر، بۇ تەبىرگە كۆرە، ئىلىم بىر مۇقەددەس سوۋغا، قەلب ئۇنىڭ ئورۇنلاشقان جايىدۇر. ئەگەر بىز «ئىلىم» دېمەك «يورۇتقۇچى» دېمەكتۇر، دېگەننى قوبۇل قىلساق، ئۇنىڭ دائىرىسى تەجرىبە پەنلىرىنى ھەم ھەممە يوشۇرۇن ۋە مەخپى ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلىمگە بولغان ئاساسىي زىيانكەشلىكلەرنىڭ بىرى ئۇنى تەجرىبە ۋە ماددىي پەنلەر ساھەسىدىلا چەكلەپ قويۇش. بۇ زىيانكەشلىك ئۇ بۇ دائىرىنىڭ سىرتىغا قانچە كېڭەيسىمۇ ئوخشاشلا يۈز بېرىۋېرىدۇ. دۇنيا ھەقىقەتلىرى ماددىي ھەقىقەتلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ ھەم ماددا دېمەك تەبىئەتتىن ھالقىغان ھەقىقەتنىڭ سايىسىدىنلا ئىبارەتتۇر، ماددىي يارىتىلمىلار دۇنيا يارىتىلما ھېكايىسىنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەتتۇر. ئىنسان ماددا ۋە روھ بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن يارىتىلمىلارنىڭ پەقەت بىر مىسالىدۇر. يەنە بىر مۇھىم نوقتا ئىلىم بىلەن ئىنساننىڭ روھ پاكلىقى، ھاياتى، ئەمىلى ۋە ئەخلاقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. مۇقەددەس پەيغەمبەرنىڭ تەلىملىرىدە بىر ھەقىقەت ھامان ئىلىمگە سىڭدۇرىۋېتىلگەن بولىدۇ. روھ پاكلىقى ۋە ياخشى ئەمەل، ئىلىم ۋە ئەقىللەردىكى ھەقىقەت شۇكى ئىلىم نۇر دېمەكتۇر، ئۇ ھەقىقەتنى بايقاشتۇر، پەقەت خاتا ئىدىئولوگىيىلەردىن، خۇراپىيلىقلاردىن، شەخسىيەتچىلىكتىن، ماددىي توزاقلاردىن خالىي پاك ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارلا بۇ ھەقىقەتنى تاپالايدۇ.
قەدىرلىك دوستلار ۋە ئالىملار، مۆھتەرەم سورۇن ئەھلى، ئىلىم ۋە ئەقىل يەنە خاتا يولغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، خاتا يولغا ئىشلىتىش شەخسىيەتچىلىك، چىرىكلىك، ماددىي ھەۋەس ۋە ماددىي قىزىقىش، شۇنداقلا شەخسنىڭ ۋە بىر توپنىڭ قىزىقىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ماددىي ھەۋەس ئىنسانىيەتنى دۇنيا ھەقىقىتىگە قارشى قىلىپ قويىدۇ. چىرىكلەشكەن مۇستەقىل ئىنسان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ، قوبۇل قىلغان ھالەتتىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنمايدۇ. نۇرغۇن ئالىملار باركى، ئۇلار ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ، لېكىن قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبچىلىرى ئىنساننىڭ ھاياتلىق، مال- مۈلۈك، ئىززەت- غورۇر، تېرىتورىيە ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنىڭ ھۆرمەتلىنىشى كېرەكلىنى بىلمەسمىدى ياكى چۈشەنسىمۇ ئىشىنىشمەسمىدى، ياكى قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسمىدى؟
قەدىرلىك دوستلار، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە شەخسىيەتچىلىك ئورناشقان قەلبكە ھەقىقەت، ئىلىم نۇرى ۋە ئىلىم سىغمايدۇ. ئىلىم نۇردۇر، ئالىملار جەزمەن پاك ھەم تەقۋادار بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىنسانىيەت ماددىيەت ۋە روھىيەت پەنلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتسىيۇ ئالىم- ئۆلىمالىرى پاك بولمىسا، بۇنداق ئىلىم ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ ھەم مۇنداق بىر قاتار ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بىرىنچىدىن، خاتا يولدىكىلەر ھەقىقەتنىڭ پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق تەرىپىنىلا ئاشكارىلايدۇ، قالغىنىنى يوشۇرىدۇ، خۇددى بىز بۇرۇن ھۆرمەتلىگەن مۇقەددەس دىننىڭ ئۆلىمالىرىغا ئوخشاش. ئەپسوس، بۈگۈن بىز بەزى تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملارنىڭ تېخىچە ھەقىقەتنى خەلقتىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئىككىنچىدىن، ئالىملار ۋە ئۆلىمالار شەخس ياكى بىر توپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن يامان ئىشلارغا سېلىنىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ھاكىمىيەتچى كۈچلەر نۇرغۇنلىغان ئالىم- ئۆلىمالارنى ئوخشىمىغان ساھەلەردە بايلىق غەرىزىدە يامان ئىشلارغا سېلىۋاتىدۇ. بارلىق پۇرسەتلەرنى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. مىسالغا ئالساق، ئۇلار خەلقنى ئىلمىي ئۇسۇل (مېتود) ۋە قوراللار ۋاسىتىسىدە ئالداپ، ئۆز يامانلىقلىرىنى ئاقلاش مەقسىدىدە يوق دۈشمەننى پەيدا قىلىپ، ئاتالمىش بىخەتەر بولمىغان ئاتموسفىرا پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار خەتەر، تېرورىزم بىلەن كۈرەش قىلىش نامىدا ھەممىنى كونترول قىلىشقا ئورۇنىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۆز خەلقىنىڭ شەخسىي ۋە جەمئىيەت ئەركىنلىكىنىمۇ ئەشۇ باھانە بىلەن بوغۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ. تېلېفونلارغا ئوغرى قۇلاقلارنى سېلىپ خەلقىنى كونترول قىلماقچى بولۇشىدۇ. دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدا قىلىۋاتقان يامانلىقلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش غەرىزىدە خەتەرلىك پىسخولوگىيىلىك ئاتموسفىرا پەيدا قىلىشىدۇ.
يەنە بىر مىسال، ئىنچىكە ئىلمىي ئۇسۇللار ۋە پىلانلاشلار ئارقىلىق ئۇلار مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆزئارا تەسىر، ئىجادچانلىق ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى بولمىش يەرلىك مەدەنىيتىگە ھۇجۇم قوزغايدۇ. ئۇلار خەلقنى كىملىكىدىن، ھەم ئۆز تارىخى ۋە قىممەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن بۇ مەدەنىيەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. خەلقنىڭ ئېڭىغا ھەيۋىلىرىدىن قورقۇش، ساختىلىق- دورامچىلىقلارغا بولغان ھەۋەس، ئادالەتسىز كۈچلەرگە بولغان قۇلچىلىق ۋە يارىماسلىقنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز روھىي ۋە ماددىي بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
غايەت زور بۇزغۇنچىلىق كۈچىگە ئىگە يادرو، خىمىيىۋى، بىئولوگىيىلىك بومبا ۋە قوراللارنى ياساش ھەم چوڭ ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىلىم ۋە تەتقىقاتنى يامان يولغا ئىشلىتىشنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى. بىر بۆلۈك ئالىم- تەتقىقاتچىلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بولمىسا، ھەرخىل يادرو، خىمىيىۋى، بىئولوگىيىلىك قوراللار ئىشلىنىپ چىقمىغان بولاتتى. ئەشۇ قوراللار يەرشارى بىخەتەرلىكىنى قوغدارمۇ؟ مەڭگۈلۈك يادرو كۈنلۈك تەھدىتى قانداقمۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن؟ ئەگەر يادرو ئۇرۇشى يادرو ھاكىمىيەتلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىپ قالسا، ئىنسانىيەت قانداق بالايىئاپەتكە دۇچار بولار؟ بۈگۈنكى كۈندە بىز ناگاساكى ۋە خروسىما ئاھالىسىنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرىدىمۇ يادرو تەسىرىنى كۆرەلەيمىز، بەلكىم ئۇ كېيىنكى ئەۋلادتىمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئىراق ئۇرۇشىنىڭ بېشىدا ئىشلىتىلگەن ئۇراننىڭ قالدۇق تەسىرىنىمۇ ھېلىھەم تەكشۈرۈپ بايقاش مۇمكىن. مۇشۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ھەممىسى زالىملارنىڭ ئالىم- تەتقىقاتچىلارنى يامان يولغا ئىشلەتكىنىدىن كېلىپ چىقتى.
يەنە بىر ئېچىنىشلىق نوقتا، بەزى چوڭ ھاكىمىيەتلەر ئىلىم ئۈستىدىن مونوپوللۇق يۈرگۈزۈپ، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلىم- پەندە تەرەققىي قىلىشىنى چەكلىدى. بۇمۇ دەۋرىمىزدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئىش. بەزىلەر باشقا جەمئىيەت ۋە ئەللەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلار مىڭلىغان سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەرز قىلىپ، ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ باشقا ئەللەرنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ۋە تەرەققىياتىنى چەكلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي قىممەت، ئەخلاقىي قىممەت ۋە مۇقەددەس پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاپ كەتكىنىدىن بولغان. ئەپسۇس، ئۇلار ئادەم ئەھلىگە خىزمەت قىلىشقا ئۆگىتىلمىگەن.
قەدىرلىك تەتقىقاتچىلار، قەدىرلىك ئىلىم ئەھلى ۋە ئوقۇغۇچىلار، مەن ئاللاھنىڭ ئادەمگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسىنىڭ ئىلىم ئىكەنلكىگە ئىشىنىمەن. ئىنساننىڭ ئىلىم ۋاسىتىسىدا بىلىم ۋە ھەقىقەت ئىزدىشى ئۇنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشىنىڭ كاپالىتى، لېكىن، ئىلىم چوقۇم پاك روھى بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن بۇ ئالىملار ئىنسانىيەت مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ھەقىقەتنى تېپىپ چىقالايدۇ. بۇ ئالىملار ئىنسانىيەتنى يېتەكلەپلا قالماستىن، ئۇلارنى كەلگۈسىگە، تېگىمۇ ياخشىراق كەلگۈسىگە باشلىيالايدۇ ھەم مۇنداق بولۇشى ئۈچۈن چوڭ ھاكىمىيەتلەر ئىنسانىيەتنى مونوپولىستىك پائالىيەتلەرگە باغلاپ قويماسلىقى، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنى چەكلىمەسلىكى كېرەك. ئىلىم ئاللاھنىڭ ھەر بىرىمىزگە بەرگەن مۇقەددەس سوۋغىسى، شۇڭا ئۇ پاك پېتى تۇرۇشى كېرەك. ئاللاھ ھەممىنى بىلىدۇ. جىمى تەتقىقاتچى، ئالىملارنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا مەن بىر كۈنلەر كېلىپ مۇشۇ ئالىملار ۋە ئۆلىمالارنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشىنى ھەم ئاللاھنىڭ مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بىلەن كېلىپ، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ھەم بىزنى ھەققە يېتەكلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىلەرگە تەشەككۈر، لېكىن، مېنى تونۇشتۇرغاندىكى ئىككى نوقتىنى مەنبە قىلىپ، ئەمدى ھەرقانداق سوئاللىرىڭلارغا يۈزلىنىمەن. ئالدىنقى يىلى، ئىككى يىل بۇرۇن دېيىشىم كېرەك، مەن ئىككى سوئال سورىغان. سىلەرگە ئايان مېنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىم ئۇنىۋېرستىت ئوقۇتقۇچىلىقى. ھازىر ئىراننىڭ پرېزىدېنتى بولساممۇ يەنىلا ھەپتىلىك تۈزۈمدىكى ئاسپرانت، دوكتۇرلار كۇرسىدىكى تەربىيىلەش ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن. ئوقۇغۇچىلىرىم مەن بىلەن ئىلمىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ئىلىم ئەھلى ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىمەن، شۇڭا سىلەر بىلەن ئىلمىي نوقتىدىن سۆزلىشىمەن. مەن ئىككى سوئال سورىغانىدىم. بىراق، جاۋابنىڭ ئورنىغا بىر تالاي تىل- ھاقارەتلەرگە دۇچ كەلدىم، تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇلار ئۆزلىرىنى نوتۇق ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىشىنىمىز، دەپ جاكارلاشقانلار ئىدى. سىلەرگە ئايانكى پەلەستىن 60 يىللىق بىر كونا جاراھەت. 60 يىلدىن بېرى بۇ خەلق ماكانسىز قالدۇرۇلدى؛ 60 يىلدىن بېرى، بۇ خەلق ئۆلتۈرۈلدى؛ 60 يىلدىن بېرى بۇ يەردە كۈندە توقۇنۇش ھەم تېرورلۇق يۈ ز بېرىپ تۇردى؛ 60 يىلدىن بېرى، بىگۇناھ ئاياللار ۋە بالىلار باش ئۈستىدىكى ئۆگزىنى ئايرۇپىلان ۋە تىكئۇچارلارنىڭ گۆمۈرۈشى بىلەن قىرىلدى، ئۆلتۈرۈلدى؛ 60 يىلدىن بېرى، يەسلىلەردىكى، مەكتەپلەردىكى بالىلار تۈرمىلەردە ئازابلاندى؛ 60 يىلدىن بېرى، ئوتتۇرا شەرق خەتەر ئىچىدە تۇردى؛ 60 يىلدىن بېرى، نىلدىن ئىفراتقىچە كېڭەيمىچىلىك شۇئارلىرى دۇنيانىڭ مۇشۇ بۆلىكىدىكى بىر قىسىم گورۇھلار تەرىپىدىن توۋلىنىپ كەلدى.
ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىككى سوئال سورايمەن، ئوخشاش ئىككى سوئالنى بۇ يەردە قايتا سورىماقچىمەن، بۇ سوئاللارغا تىل- ھاقارەت، قارشى تەشۋىقاتلار بىلەن جاۋاب بېرىش كېرەكمۇ ياكى بۇ ئىككى سوئالغا ھەقىقىي يۈزلىنىپ جاۋاب بېرىشىمىز كېرەكمۇ، ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ئۆزەڭلەردە. سىلەرگە ئوخشاش، ھەربىر ئىلىم ئىگىسىگە ئوخشاش، مەن ھەم سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشمىگۈچە توختىمايمەن، شۇڭا مەن تىل- ھاقارەتلەر ئورنىغا لوگىكىلىق جاۋابلارنى كۈتىمەن.
مېنىڭ بىرىنچى سوئالىم بولسا، ئەگەر چوڭ قىرغىنچىلىق زامانىمىزدىكى رېئاللىق، يۈز بەرگەن تارىخ بولسا، نېمە ئۈچۈن ئوخشىمىغان نوقتىدىن بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن يېتەرلىك تەتقىقاتلار يوق؟ دوستلىرىمىز 1930- يىلنى تەتقىقاتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى قىلىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، چوڭ قىرغىنچىلىق، بىزنىڭ ئوقۇغانلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، 2- جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە 1930- يىلدىن كېيىن، 1940- يىللاردا يۈز بەرگەن. شۇڭا، بىز چوقۇم بۇ ۋەقەنىڭ ئۆتمۈشىنى ئېنىقلىشىمىز كېرەك. مېنىڭ سوئالىم ئاددىي. بۇ تېمىغا بولغان چىقىش نوقتىسى باشقىچە تەتقىقاتچىلارمۇ بار، نېمە ئۈچۈن ئۇلار تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ؟ ھازىر بىر قىسىم ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلار چوڭ قىرغىنچىلىقنى يېزىشقا تۇتۇنغىنى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلاندى، شۇڭا باشقىچە قاراشتىكى تەتقىقاتچىلار بۇ يەردىكى بەزى ھالقىلارغا سوئال ياغدۇرۇشىدۇ، مېنىڭ سوئالىم، نېمە ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىلدىكى تەتقىقاتلارغا يول قويۇلمايدۇ؟ ماڭا بۇ تېما بارىسىدا تەتقىقاتلار يېتەرلىك بولدى، دېيىشتى. مەن سوراپ باقاي، ئەركىنلىك تېمىسى، دېمۇكراتىيە تېمىسى، خۇدا، دىن، فىزىكا، خىمىيە دېگەن ئۇقۇم، ئۆلچەملەر بارىسىدىمۇ بىر تالاي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى، لېكىن بۇ تېمىلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىمىز، ھەم ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىۋاتىمىز. لېكىن، نېمە ئۈچۈن زامانىمىزدا رايۇنىمىزدىكى بىر تالاي ئېغىر بالايىئاپەتلەرنىڭ يىلتىزى، سەۋەبچىسى بولغان بىر تارىخى ۋەقە ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا ئىلھام بەرمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن تۈپ سەۋەب ئۈستىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلار يوق؟ بۇ مېنىڭ بىرىنچى سوئالىم.
ئىككىنچى سوئالىم بولسا، بۇ تارىخى ۋەقە، ئەگەر ھەقىقەت بولسا، پەلەستىن خەلقى ئۇنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەكمۇ- يوق، دېگەن سوئالنى سوراشقا تېگىشلىكمىز. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ ياۋروپادا يۈز بەردى. پەلەستىن خەلقى ئۇ ۋەقەدە ھېچقانداق رول ئوينىمىدى. شۇڭا، نېمىشقا پەلەستىن خەلقى ئۆزلىرى ھېچنىمە قىلمىغان بىر ۋەقەنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەككەن؟
پەلەستىن خەلقى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدى. ئۇلار 2- جاھان ئۇرۇشىدا ھېچقانداق رول ئوينىمىدى. ئۇلار يەھۇدىي جەمئىيەتلىرى ۋە خرىستىيان جەمئىيەتلىرى بىلەن شۇ دەۋردە تىنچ ياشىدى. ئۇلاردا ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۇدى، خرىستىيان ۋە مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا دوستانە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا ھېچقانداق ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. بىراق، نېمە ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەر، بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەر بەدەل تۆلەيدۇ؟ 5 مىلىيۇن خەلقنىڭ ئۇرۇش ۋەجىدىن ئۆي- ماكانسىز، مۇساپىر بولۇپ ياشىشى جىنايەتمۇ؟ بۇ جىنايەت توغرىلىق سوراشنىڭ ئۆزىمۇ جىنايەتمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر ئىلىم ئىگىسى، مەن ئۆزۈم، مۇشۇنداق سوئاللارنى سورىغىنىم ئۈچۈن ھاقارەتلەرگە ئۇچرايمەن؟ سىلەرنىڭ ئەركىنلىك دەۋالغىنىڭلار، ئەركىن تەپەككۈرنى قوغدىغىنىڭلار مۇشۇمۇ؟
ئىككىنچى تېما بولغان ئىران يادرو مەسىلىسىدە، بۇ يەردە ۋاقىتنىڭ چەكلىكلىكى ماڭا ئايان، دېمەكچى بولغىنىم، بۇ تېما كۆپ ۋاقىت ئالىدۇ. بىز بىر دۆلەت، بىز خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنىنىڭ ئەزاسى. ئۆتكەن 33 يىلدا بىز بۇ ئورگاننىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇپ كەلدۇق. بۇ ئورگاننىڭ تۈزۈمىدە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يادرو يېقىلغۇ تېخنولوگىيسىنى تىنچلىقتا ئىشلىتىش ھوقۇقى بار، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ تۈزۈمدە باشقا باھانە- سەۋەبلەر كۆرسىتىلمىگەن. ئەلۋەتتە، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل. بىز خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنى بىلەن ئەڭ كۆپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ماسلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئورگاننىڭ دوكلاتىدا تەكرار- تەكرار ئىراننىڭ پائالىيىتى تىنچلىق خاراكتېرلىك دەپ كۆرسىتىلدى، ئۇلار ھېچقانداق خىلاپ ئالامەتلەرنى تاپالمىدى، ئىران ئۇلار بىلەن ئاكتىپ ماسلاشتى. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇس، ئىككى- ئۈچ مونوپۇل ھاكىمىيەت، شەخسىيەتچى ھاكىمىيەت سۆزلىرىنى ئىران خەلقىگە تېڭىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار بىزنى تەكشۈرۈشكە يول قويمىدى، دېيىشتى. نېمىشقا يول قويمىغۇدەكمىز؟ ئەلۋەتتە يول قويىمىز. نېمىدەپ سىلەرنىڭ شۇنداق ھوقۇقىڭلار بولىدىكەنۇ، بىزنىڭ بولسا بولمايدىكەن؟ بىز يادرو ئېنىرگىيىسىنى تىنچلىقتا ئىشلىتىش ھوقۇقىمىزنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇلار «ئۇنى ئۆزەڭلار ياسىماڭلار، بىز سىلەرگە بېرىمىز» دەيدۇ. بۇرۇن، سىلەرگە ئېيتسام بىز بىلەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا تىنچلىق يولىدا يادرو (ئېنىرگىيىسى) ئېچىش كېلىشىمىمىز بار ئىدى. بىراق ئۇلار ئۆزلىرى ئارىمىزدىكى كېلىشىمنى بىكار قىلدى، بۇ ئىش نەتىجىسىدە ئىران خەلقى مىلىيارد دوللارلاپ ئېغىر چىقىمغا قالدى. نېمىشقا بىز سىلەرنىڭ يېقىلغۇڭلارغا ھاجەتمەن بولىمىز؟ 28 يىلدىن بېرى، ئېمبارگو، ئىقتىسادىي جازا دېگەن نام بىلەن سىلەر بىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيسىگە ئېھتىياجلىق ئايرۇپىلان زاپچاسلىرىنىمۇ بەرمىدىڭلار، سەۋەبى، بىز ئىنسان ھوقۇقى ياكى ئەركىنلىككە قارشى؟ ئەشۇ باھانە ئاستىدا سىلەر بىزنىڭ ئۇ تېخنىكىمىزنىمۇ رەت قىلدىڭلار. بىز كەلگۈسىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەش ھوقۇقىمىزغا ئېرىشسەك دەيمىز. بىز مۇستەقىل بولۇشنى ئويلايمىز. خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ئۈچۈن زاپچاسنىمۇ بەرمىگەن سىلەردىن تىنچلىق مەقسىدىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن يادرو ئېنىرگىيە يېقىلغۇسى بېرىشنى قانداقمۇ كۈتەلەيمىز؟
30 يىلدىن بېرى بىز مۇشۇ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، 5 مىلىيارد دوللاردىن كۆپرەكنى گېرمانىيىلىكلەرگە، ئاندىن روسىيىلىكلەرگە بەردۇق، لېكىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدۇق، يامانلىقلار تېخى ئاياغلاشمىدى. بىز ئۆز ھوقۇقىمىزغا ئېرىشىشنىلا تەلەپ قىلىمىز، خەلقئارالىق قانۇندىن ئۇشۇقىنىمۇ كېمىنىمۇ تەلەپ قىلمايمىز. بىز تىنچلىق سۆيەر مىللەت. بىز بارلىق مىللەتلەرنى سۆيىمىز.
كوتسۋورس ئەپەندى: پرېزىدېنت ئەپەندى، سىزنىڭ بۈگۈنكى ۋە ئىلگىرىكى بايانلىرىڭىز نۇرغۇن سوئاللارنى تۇغدۇرىدۇ، مەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەكالىتەن ئۇلارنىڭ تاپشۇرغان سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. سىز ياكى سىزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىز ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى سۈپىتىدە يوقىلىشىنى ئىستەمدۇ؟
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجات: بىز بارلىق مىللەتلەرنى سۆيىمىز. بىز يەھۇدىي خەلقى بىلەن دوست. ئىراندا نۇرغۇن يەھۇدىيلار تىنچ، بىخەتەر ياشاۋاتىدۇ. سىلەر چوقۇم بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزنى چۈشىنىسىلەر، بىزنىڭ قانۇنىمىزدا، پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن، 150000 پۇقراغا پارلامىنتتا بىر ۋەكىل تۇرغۇزىلىدۇ. يەھۇدىي جەمئىيەتلىرى ئۈچۈن، ئەشۇ ساننىڭ بەشتىن بىرى ئۈچۈن پارلامېنتتا ئوخشاشلا بىر مۇستەقىل ۋەكىل قويۇلغان. شۇڭا بىزنىڭ پەلەستىنلىكلەر مۇشكۈلاتى ھەققىدىكى قارار لايىھىمىز ئىنسانپەرىۋەر ۋە دېمۇكراتىك قارار لايىھە. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز 60 يىللىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم پەلەستىن خەلقىگە ئۆز كەلگۈسىنى ئۆزلىرىنىڭ قارار قىلىشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك. بۇ ب د ت نىڭ نىزامنامىسىنىڭ روھىغا ۋە ئۇنىڭدىكى ئاساسىي پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن. بىز چوقۇم پەلەستىنلىك يەھۇدىيلار، پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلار، پەلەستىنلىك خرىستىيانلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئەركىن سايلام ئارقىلىق قارار قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىمىز كېرەك. قانداق بىر دۆلەتنى تاللىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ھەممىسى قوبۇل قىلىشى، ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ھېچكىم پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك. ھېچكىم ماجرانىڭ ئۇرۇقىنى تېرىماسلىقى كېرەك. ھېچكىم ئون مىلىياردلىغان دوللارلار بىلەن بۇ يەردىكى بىرەر گورۇھنى قوراللاندۇرماسلىقى كېرەك. بىز پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى قارار قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە يول قويۇڭلار، دېمەكچى. بۇ بىز ئىران خەلقىنىڭ دېمەكچى بولغىنى. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: پرېزىدېنت ئەپەندى، مېنىڭچە بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئاڭلىغۇچىلار ئېنىق بىر جاۋابنى ئاڭلىساقكەن دەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ (ئالقىش، چاۋاكلار بىلەن گەپ ئۈزۈلۈپ قالدى)، ئۇ سوئال: سىز ياكى سىزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىز ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى سۈپىتىدە يوقىلىشىنى ئىستەمدۇ؟ مېنىڭچە سىز ئۇ سوئالغا پەقەت بىر سۆز بىلەنلا جاۋاب بېرەلەيسىز، «ھەئە»، ياكى «ياق»؟ (ئالقىش، چاۋاك)
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: ئۇنداقتا جاۋابنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان يوسۇندا ئاڭلىماقچىكەنسىز- دە. گەپ تېخى ئۇ يەرگە كەلمىدى. مەن سىزگە ئۆزۈم نەدە _ مېنىڭ ئورنۇمنىڭ نېمىلىكىنى ئېيتىپ بېرىۋاتىمەن. مەن سىزدىن سوراپ باقاي، پەلەستىنلىكلەر مەسىلىسى مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىمۇ- ئەمەسمۇ؟ ماڭا «ھەئە» ياكى «ياق» دەپ جاۋاب بېرىڭ. (كۈلكە، چاۋاك). بۇيەردە بىر خەلقنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىسى بار.
كوتسۋورس ئەپەندى: سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى- ھەئە. (كۈلكە)
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: ماسلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. بىز 60 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى تونۇدۇق. ھەممە بىردىن ھەل قىلىش چارىسىنى قويۇشتى، بىزنىڭ چارىمىز- ئەركىن بېلەت تاشلاش. مۇشۇ ئەركىن بېلەت تاشلاش ئەمىلىلىشىپ باقسۇن، شۇ چاغدا نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كۆرۈپ قالىسىلەر. پەلەستىن خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نېمىنى خالىسا، ئەركىن تاللاپ باقسۇن. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار يۈز بېرىدۇ، ھەم ئەمىلىيەتكە ئايلىنىدۇ. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: رەئىس بوللىنگىر (كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىت رەئىسى) ئوتتۇرىغا قويغان ھەم باشقا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىن قويۇلغان سوئال: نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ ھۆكۈمىتىڭلار تېرورېزمغا ياردەم بېرىسىلەر؟ سىلەر شۇنداق قىلىشنى توختىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىپ توختاتقانلىقىڭلارنى ئىسپاتلىشىغا يول قويامسىلەر؟
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: مېنىڭ بۇ يەردە سىزگىمۇ بىر سوئال قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىراۋ كېلىپ ئەتراپىڭىزدا بومبا پارتلاتسا، پرېزىدېنت، مەركىزى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى چۆچۈتسە، پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆلتۈرسە، سىز ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ ئۇلارنى مۇكاپاتلامسىز ياكى ئۇلارنى تېرورچى گورۇھ دەپ ئاتامسىز؟ شۇنىسى روشەنكى، ئۇلارنى تېرورچى دەيسىز.
قەدىرلىك دوستلىرىم، ئىران خەلقى تېرروزمنىڭ زىيانلانغۇچىلىرى. 26 يىل ئىلگىرى، مەن ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، مەن ئىشلەۋاتقان جاينىڭ يېقىنىدا، ئىران خەلقىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ۋە ئورۇنباسار پرېزىدېنت نامزاتى بومبا پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇلار كۈلگە ئايلاندى. بىر ئايدىن كېيىنكى يەنە بىر تېررولۇقتا بىزنىڭ پارلامېنتنىڭ 72 ئەزاسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى، جۈملىدىن تۆت مىنىستېر ۋە سەككىز ئورۇنباسار مىنىستىرنىڭ تەنلىرى تېرورلۇق ھۇجۇمىدا پارە- پارە بولۇپ كەتتى. ئالتە ئاي ئىچىدە 4000 ئىرانلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قەستلىشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تېرورلۇق تەشكىلاتى قىلدى. ئەپسۇس، ئەشۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى ھازىر، بۈگۈن دۆلىتىڭلاردا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئەركىن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئەركىن باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىراقتىكى بازىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ، ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتىدۇ.
خەلقىمىز تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلدى. بىز تېرورلۇققا قارشى چىققان تۇنجى دۆلەت ھەم تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى قوللىغان تۇنجى دۆلەتمىز. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: بىر تالاي سوئال سورىغۇچىلار، كەچۇرىسىز، بىر تالاي كىشىلەر سوئال سوراۋاتىدۇ.
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: بىز تېرورلۇقنىڭ تۈپ سەۋەبىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىز ھەم شۇ تۈپ سەۋەبنى يوقىتىشىمىز كېرەك. بىز ئوتتۇرا شەرقتە ياشايمىز. بىزگە نىسبەتەن قايسى كۈچلەرنىڭ تېرورچىلارغا ئىلھام بېرىدىغىنى، قوللايدىغىنى، ئىقتىساد بىلەن يۆلەيدىغىنى ئېنىق. بىز ئۇنى بىلىمىز. بىزنىڭ خەلقىمىز، ئىران خەلقى، تارىختىن بۇيان باشقا خەلقلەرگە دوستانە قولىنى سۇنۇپ كەلدى. بىز مەدەنىيەتلىك خەلق. بىزنىڭ تېرورلۇققا ئېھتىياجىمىز يوق.
بىز ئۆزىمىز تېرورلۇقنىڭ زىيانلانغۇچىلىرى بولۇپ كەلدۇق، شۇنىسى تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۆزلىرىنى تېرورلۇق بىلەن كۆرەش قىلىۋاتىمىز دەۋالغانلار، ئىران خەلقى ۋە دۆلىتىنى قوللاشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان تېرورچىلار بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئورنىغا، تېرورچىلارنى قوللاۋاتىدۇ ھەم بارماقلىرىنى بىزگە تەڭلەۋاتىدۇ. بۇنىسى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق.
كوتسۋورس ئەپەندى: تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان سوئاللار سىزنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق قارىشىڭىزغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. بۇنى ياۋروپادا 1940- يىلى گېرمان ناتسېستلىرى ھەرىكىتى ۋەجىدىن يۈز بەرگەن دېگەن پاكىتنىڭ ئىسپاتلىرى تولۇق تۇرسا، نېمىشقا سىز ئارتۇقچە تەتقىقاتقا چاقىرىسىز؟ ئۇنداق قىلىشتا، چوڭ قىرغىنچىلىق راستىنلا تارىخى پاكىتلاردىكىدەك يۈز بەرگەنمۇ يوق دېگەندىن باشقا مەقسەت يوقتەك قىلىدۇ. سىز نېمە ئۈچۈن تالاشقۇدەك يېرى يوق، ئوچۇق- ئاشكارە پاكىتلارنى يەنە تەتقىق قىلىش كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىڭىزنى دەپ بېرەلەمسىز؟
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: سوئالىڭىزغا كۆپ رەھمەت. مەن بىر ئىلىم ئىگىسى، سىز ھەم شۇ. سىز بىر ھادىسىنى تەتقىق قىلىش مەڭگۈلۈك ئاياغلاشتى دەپ مۇنازىرىلىشەلەمسىز؟ بىز تارىخى ۋەقەلىكنىڭ كىتابىنى مەڭگۈلۈككە يېپىۋېتەلەمدۇق؟ ھەر بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نېمىشقا بىز ئىزدىنىشنى پەقەتلا توختىتىۋېتىمىز؟ نېمىشقا بىز ئىلىم ۋە پەننىڭ ئىلگىرىلىشنى توختىتىمىز؟ سىز مەندىن نېمىشقا سوئال سورايسەن دەپ سورىماسلىقىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىزدىن نېمىشقا ئۇنى گۇمانلىق دەپ قارايسەن، دەپ سوراڭ. نېمىشقا سىز ئىلىم ۋە تەتقىقاتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توختاتماقچى بولىسىز؟ سىز فىزىكىدا نېمىنىڭ مۇتلەقلىق دەپ تونۇلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىزنىڭ ماتېماتىكىدا 800 يىلدىن بېرى مۇتلەق دەپ قارالغان پرىنسىپلىرىمىز بار، لېكىن يېڭى ئىلىم- پەن ئۇ مۇتلەقلىقلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، باشقىچە لوگىكا بىلەن ماتېماتىكىنى كۈزىتىپ، ئۇنى ئىلىم تەرىقىسىدە كۈزىتىش نوقتىمىزنى 800 يىلدىن كېيىن مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. شۇڭا بىز تەتقىقاتچى، ئالىملارنىڭ ھەممە نەرسىنى، ھەممە ھادىسىنى خۇدا، ئالەم، ئىنسان، تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك. نېمىشقا ئۇنى چەكلەيمىز؟
مەن ئۇنى يۈز بەرمىگەن دېمەكچى ئەمەس. بۇ مەن بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ھۆكۈم ئەمەس. مەن ئىككىنچى سوئالىمدا، بۇنى يۈز بەرگەن دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ پەلەستىن خەلقى بىلەن نېمە ئالاقىسى؟ دەپ ئۆتتۈم. مانا بۇ ئېغىر سوئال. ئۇلاردا قوش ئۆلچەم بار. بىرىنچى سوئالدا، مەن …
كوتسۋورس ئەپەندى: سوئالىمغا يەنە ئازراق قوشۇمچە قىلاي. ئەگەر ئاز بولسىمۇ ئاساس، ئەمىلىي ئاساس، نېمىنىڭ پاكىتلىقى ھەققىدە ئازراق كېلىشىم بولمىسا، ئىلمىي مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش قىيىن. شۇڭا، بېكىتىلىپ بولغان پاكىتلارنى تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىش پاكىتلارنىڭ ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق ھەم ياۋروپادا شۇ يىللاردا بەزى دەھشەتلەرنىڭ يۈز بەرگىنىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. (چاۋاك) بۇ سوئالدىن يۆتكىلەيلى.
پرېزىدېنت ئەپەندى، يەنە بىر ئوقۇغۇچى سوئالىدا ئىران ئاياللىرنىڭ ئاساسىي ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ رەت ئېتىلگىنىنى ۋە ھۆكۈمىتىڭلارنىڭ ھەمجىنىس ئىران پۇقرالىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەبىھ جازا ئۇسۇللىرىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. سىلەر نېمىشقا شۇنداق قىلىسىلەر؟
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: ئىراندىكىلەر ھەقىقىي چىن ئەركىنلىكتە. ئىران خەلقى ئەركىن. ئىراندىكى ئاياللار يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەركىنلىكتىن ھوزۇر ئېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئىككى ئورۇنباسار پرېزىدېنتىمىز ئايال، بۇلار ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى ئاياللار. ئاياللار پارلامېنتتا، ھۆكۈمەتتە، ئۇنىۋېرستىتلىرىمىزدا، بىئوتېخنولوگىيە ساھەلىرىدە ھەم تېخنىكىلىق ساھەلىرىمىزدە ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ. يەنە شۇنداقلا يۈزلىگەن ئالىمەلەر سىياسىي ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشقا ھۆكۈمەت بىلەن گېپى بىر يەردىن چىقمىسىلا، يالغاننى يېيىپ، تولۇپ- تېشىپ تۇرغان ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاپ يۈرۈشى خاتا. خەلقىمىز ئەركىن. ئۇلاردا يۇقىرى دەرىجىدىكى سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى بار. ئىراندا 80- 90 پېرسەنت خەلق سايلام مەزگىلىدە سايلاشقا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ يېرىمى، يېرىمىدىن كۆپرەكى ئايال، شۇنداقكەن قانداقمۇ بىز ئاياللارنى ئەركىن ئەمەس دېيەلەيمىز؟ بۇ پۈتۈن ھەقىقەت ئەمەسمۇ؟ جازا مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭ ئىككى سوئال سورىغۇم بار. ئەگەر بىراۋ كېلىپ چەكلەنگەن زەھەر يۆتكەش تورى بەرپا قىلىپ، ئىران، تۈركىيە، ياۋروپا، ئامېرىكىلارغىچە تەسىر كۆرسىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلسە، سىلەر ئۇنى مۇكاپاتلامسىلەر؟ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن، مىلىيۇنلىغان ياش جاننى زەئىپلەشتۈرگەن شۇنداق كىشىلەرگە بىز ھېسداشلىق قىلالامدۇق؟ ئامېرىكىدا ئۆلۈم جازاسى يوقمۇ؟ سىلەردىمۇ بار. (چاۋاك)
ئىراندىمۇ چەكلەنگەن زەھەرلەرنى يۆتكىگەنلەرگە، كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بار. بىراۋ مىلتىقتىن بىرنى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرىپ، ئۇيەردىكى بىر تالاي كىشىلەرنى ئۆلتۈرىۋەتسە، ئاندىن پارە ئېلىشقا ئورۇنسا، ئۇنىڭغا ئىراندا، ئامېرىكىدا قانداق مۇئامىلە قىلىسىلەر؟ ئۇنى مۇكاپاتلامسىلەر؟ تەمسىل قىلىپ سۆزلىسەم، بىر دوختۇر مىكروبنىڭ خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كېتىشىگە يول قويامدۇ؟ بىزنىڭ قانۇنىمىز بار. مىلتىق ئىشلىتىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، خەتەر پەيدا قىلىپ، زەھەر سېتىپ، كەڭ دائىرىدە زەھەر تارقىتىپ خەلق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان كىشىلەر ئىراندا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئىنتايىن ئاز بىر قىسم جازا جامائەت ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ دېمۇكراتىك پرىنسىپنى ئاساس قىلغان قانۇن. سىلەر بۇنداق كىشىلەرنى ئوكۇل ئۇرۇپ، مىكروبلاپ ئۆلتۈرىسىلەر، ئۇلار دارغا ئاسىدۇ، بىراق ئاخىرقى نەتىجە ئوخشاشلا ئۆلتۈرۈش.
كوتسۋورس ئەپەندى: بۇ سوئال جىنسىي مەيل ۋە ئاياللار ھەققىدە بولىۋاتىدۇ. (چاۋاك)
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: ئىراندا سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردىكىدەك ھەمجىنىسلار يوق. (كۈلكە.) بىزدە ئۇنداق ئىش يوق. (قارشى ئاۋاز.) ئىراندا ھەمجىنىس دېگەن ئۇقۇم يوق. كىمنىڭ سىلەرگە بىزدە شۇنداق ئىش بار، دېگىنىنى ھېچ بىلمىدىم. (كۈلكە). بىراق ئاياللار مەسىلىسىدە، بەلكىم سىلەر ئايال بولۇش جىنايەت دەپ ئويلىساڭلار كېرەك. ئايال بولۇش جىنايەت ئەمەس. ئاياللار ئاللاھ ياراتقان ئىزگۈ يارىتىلما. ئۇلار مېھرىبانلىقنىڭ ۋەكىللىرى، ئاللاھ گۈزەللىكنى ئۇلارغا سىڭدۈرگەن. ئىراندا ئىراندا ھۆرمەتلىنىدۇ. ئىراندا قايسىبىر ئائىلىدە قىز تۇغۇلسا، ئوغۇل توغۇلغاندىكىدىن 10 ھەسسە خۇشال بولىدۇ. ئاياللار ئەرلەردىن بەكرەك ھۆرمەتلىنىدۇ. ئۇلاردىن نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەر كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بىزنىڭ جەمئىيتىمىزدە مەدەنىيتىمىز ھۆرمەتنى ئاياللارغا، كەلگۈسى ئانىلارغا بەخىش ئەتكەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان قانۇنىي مەسئۇلىيەتلەر ئەرلەرنىڭ يەلكىسىگە يۈكلەنگەن. ئىرانلىقلارنىڭ مەدەنىيىتىدە، ئەرلەر، ئوغۇللار ھەم قىزلار ھۆرمەت سۈپىتىدە، ئاياللارغا بولغان ھۆرمەت سۈپىتىدە ئانىلىرىنىڭ قولىنى سۆيۈپ قويىدۇ، بىز بۇ مەدەنىيىتىمىزدىن پەخىر ھېس قىلىمىز.
كوتسۋورس ئەپەندى: بىرى، سىز كولۇمبىيەدىكى نۇتقىڭىزنى قانداق ئاياغلاشتۇرۇشنى خالايسىز؟ ئىككىنچىسى، ئەگەر 11- سىنتەبىر تراگېدىيىسى يۈز بەرگەن مەيداننى زىيارەت قىلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنغان بولسا سىز نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: بۇ يەرگە مەن مېھمان. مەن كولۇمبىيەگە تەكلىپ قىلىندىم، بۇ يەرگە كېلىشىمگە ھۆكۈمەت تەرەپ تەكلىپىنامىسى بېرىلدى، لېكىن مېنىڭ بۇ يەردە ھەقىقەتەن بىر نېمە دېگۈم بار.
ئىراندا سىز بىر مىھماننى تەكلىپ قىلسىڭىز، ئۇنى ھۆرمەت قىلىسىز. بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىمىز، مەدەنىيىتىمىز شۇنى تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئامېرىكا خەلقىدىمۇ شۇنداق مەدەنىيەتنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. ئالدىنقى يىلى، مەن 11- سىنتەبىر تراگېدىيىسى يۈز بەرگەن مەيدانغا، شۇ تراگېدىيىنىڭ زىيانلانغۇچىلىرىغا ھۆرمىتىمنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېرىشنى ئۈمىد قىلغان. بىراق بىزنىڭ پىلانلىرىمىز ئاۋۇپ كەتتى. بىز يېرىم كېچىگىچە كېڭەش، يىغىنلار قاينىمىدا قالدۇق ھەم ئۇلار ئۇنداق كەچتە ئۇ مەيداننى زىيارەت قىلىش تولىمۇ تەس دېيىشتى. شۇڭا مەن شۇ مەيداننى زىيارەت قىلىپ، ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دوستلىرىمغا بىز كېلەر يىلى بۇ ئىشقا بىر پىلان تۈزەيلى دېگەنىدىم. ئەپسۇس، بەزى تەشكىلاتلار تولىمۇ ئېغىر، بەكمۇ يامان ئىنكاسلاردا بولدى. بىرسىنىڭ 11- سىنتەبىر تراگىدىيىلىك ۋەقەسىنىڭ زىيانلانغۇچىلىرىنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرىغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەشكە يول قويماسلىق ياخشى ئىش ئەمەس. بۇ مەن تەرەپنىڭ ھۆرمىتى. بىراۋ ماڭا بۇ بىر ھاقارەت دېدى. مەن، نېمە دەۋاتىسەن، بۇ مېنىڭ ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ئۇسۇلۇم، دېدىم. سىلەر نېمىشقا ئۇنداق ئويلايسىلەر؟ شۇنداق ئويلاپ تۇرۇپ قانداقمۇ دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىسىلەر؟ سىلەر دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ سىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى كۈزىتىش ئۇسۇلۇڭلاردىن، مۇشۇنداق ئويلىشىڭلاردىن، نۇرغۇن كىشىلەرگە مۇشۇنداق تەرىزدە يېقىنلاشماسلىقىڭلاردىن ، مەلۇم دەرىجىدىكى شەخسىيەتچىلىكىڭلاردىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىمامسىلەر؟
مەن مۇخبىرلار سۆزلەشسەم دەيمەن. 11- سىنتەبىر تراگىدىيىلىك ۋەقەسى بىر چوڭ ۋەقە. ئاقىۋەتتە ئۇ بىر تالاي باشقا ۋەقەلەرگە سەۋەب بولدى. ئافغانىستان بېسىۋېلىندى، ئارقىدىن ئىراق بېسىۋېلىندى، ئالتە يىلدىن بېرى بىزنىڭ رايۇنىمىز تىنچسىزلىق، قورقۇنچ، ۋەھىمىدە قالدى. ئىراق كرىزىسىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك، ئافغانىستان، ئىراق مەسىلىسىنى قانداق تۈزەش كېرەك دېگەن مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن 11- سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ تۈپ سەۋەبى، ئۇ نېمىشقا يۈز بەردى، نېمە ئۇنىڭغا سەۋەب بولدى، قانداق شارائىتلار ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭ ئىشتراكچىلىرى زادى كىم، ئۇنىڭ قاتناشچىلىرى ھەقىقەتتە كىم، دېگەن سوئاللارنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ.
كوتسۋورس ئەپەندى: سىزنىڭ يادرو پىلانىڭىز ھەققىدە بىر قىسىم سوئاللار سورىلىپتۇ. نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمىتىڭلار يادرو قورالىغا ماس كېلىدىغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى ئىزدەيدۇ؟ سىلەر شۇنداق قىلىشنى توختىتامسىلەر؟
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: بىزنىڭ يادرو پىلانىمىز، ئەڭ ئالدى بىلەن، قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىككىنچىدىن، خەلقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنىنىڭ نازارىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۈچىنچىدىن تىنچ يول ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىزدە بار تېخنولوگىيىدە ئۇنىڭ قويۇقلۇقى 5 پېرسەنتتىن تۆۋەن، 5 پېرسەنتتىن تۆۋەن دەرىجە پەقەت ئېلېكتېر ئىستانسىلىرىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشكىلا ئىشلىتىلىدۇ. خەلقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنىنىڭ تەكرار دوكلاتلىرىدا ئىراننىڭ يادرو پىلانىدا تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىشتىن ئېغىپ كەتكەن يېرى يوق، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. بىز ھەممىمىز ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. ئۇ قانۇنىي مەسىلە ئەمەس. خەلقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ تىنچلىق مەقسىدىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. لېكىن ئىككى- ئۈچ دۆلەت ئۆزلىرىنى ھەممە ئىلىم- تېخنىكىنى مونوپۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئىران خەلقىنى، ئىران دۆلىتىنى ئۆزىدە بار بولغان يېقىلغۇ، ئىلىم، تېخنىكىنىمۇ باشقىلاردىن ئېلىش ئۈچۈن تەلمۈرسىكەن، ئۆزىنى پەس كۆرسىكەن دەيدۇ. ئۇلار ئۇنى ھەرگىز بىزگە بەرمەيدۇ.
شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. سىلەر 5- ئەۋلاد ئاتوم بومبىسىنى ياساپ، ئاللىبۇرۇن سىناق قىلىپ بولغان تۇرۇقلۇق، يادرو ئېنىرگىيىسىگە ئېھتىياجلىق باشقىلارنىڭ تىنچلىق مەقسىدىگە سوئال قويىدىغانغا نېمە ھەققىڭلار بار؟ (چاۋاك) بىز يادرو قورالىغا ئىشەنمەيمىز. ئۇ ئىنسانىيەت مەنپەئىتىگە قارشى. بۇ يەردە بىر چاخچاق قىلاي، مېنىڭچە ئاتوم بومبىسىنىڭ پېيىدە يۈرۈپ، ئۇنى سىناۋاتقان، ياساۋاتقان سىياسىيۇنلار سىياسىي جەھەتتە قالاق، ئەقلى ئاجىز. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: ۋاقتىڭىزنىڭ ئۇزۇن قالمىدى، باشقا سوئالغا ئۆتسىڭىز. ئىران ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئوچۇق- يورۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار بولدىمۇ؟ سىز ئىراننىڭ مۇشۇنداق سۆھبەتلەر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغىنى نېمە؟ كەلگۈسىدە ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش يولىغا قانداق قارايسىز؟
پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد: بۇرۇندىنلا بىز بارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلىغان. 28 يىل بۇرۇن بىزنىڭ ئىنقىلابىمىز غەلىبە قىلىپ، بىز بارلىققا كەلدۇق، غەربپەرەس دىكتاتۇرا ھاكىمىيەت قەپەزگە سولىۋەتكەن ئەركىنلك ۋە دېمۇكراتىيىنى قولىمىزغا ئالدۇق، يېنىمىزدىكى ئىككى دۆلەتتىن باشقا بارلىق دۆلەتلەرگە ئۆزىمىزنىڭ تەييار ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلىدۇق، بىز دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ھەم سۆھبەتلىشىشىكە تەييار ئىدۇق. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى كېيىنچە بىكار قىلىنغان جەنۇبىي ئافرىقا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق دۆلىتى، ئىككىنچىسى يەھۇدىي دۆلىتىنى قايتا قۇرۇشنى قوللىغۇچىلار دۆلىتى ئىدى. شۇلاردىن باشقىلارغا بىز دوستانە، قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغىنىمىزنى جاكارلىدۇق.
ئىران دۆلىتى مەدەنىيەتلىك دۆلەت، مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇلار يېڭى سۆھبەت ۋە كېڭەشنى ئىستەيدۇ، ئۈمىد قىلىدۇ.بىز ئىشىنىمىزكى، كېڭەش ۋە سۆھبەتلەر ھەممىنى ئاسان ھەل قىلالايدۇ. بىزگە تەھدىت كېرەك ئەمەس؛ بىزگە بومبا، قوراللار ھاجەت ئەمەس؛ سۆزلەشسەكلا، بىزگە توقۇنۇشۇش ھاجەت ئەمەس. بىز بۇ مەسىلىدە ئوچۇق قاراشقا ئىگە.
بىز بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش ۋە باشقۇرۇلۇش يولىغا نىسبەتەن گۇماندىمىز، بىز بۈگۈنكى بۇ خىل ئىلگىرىلەش يولى دۇنياغا تىنچلىق مۇمكىنچىلىكىنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بىزنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىنسانىي قىممەتلەرنى ئاساس قىلىپ ھەل قىلىش چارىمىز بار. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ بىز سۆھبەتلىشىمىز. ئادىل، ھەققانىي شارائىتتا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا سۆھبەتلەشسەك، بىزنىڭ بۇنىڭغا باشقىچە پىكرىمىز يوق.
ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئۈچ نۆۋەت سۆھبەت ئۆتكۈزگىنىمىزنى كۆردۇڭلار. ئالدىنقى يىلى، نيۇيوركقا كېلىشنىڭ ئالدىدا، مەن ئۆزىمىزنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە، دۇنيا خەلقى ئالدىدا، بارلىق ئاڭلىغۇچىلار ئالدىدا مۇنازىرە قىلىشقا تەييارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش، ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىش، خاتا چۈشەنچە، خاتا سەزگۈلەرنى يوق قىلىش، دوستانە ۋە قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتكە ئوچۇق بىر يول تېپىش مەقسىدىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئەپەندى بىلەن ب د ت دا خەلقئارالىق جىددى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىششكە تەييار ئىكەنلىكىمنى جاكارلىغان ئىدىم. مېنىڭچە ئەگەر ئامېرىكا ھاكىمىيىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كونا خۇيىنى تاشلىسا، ئىران خەلقى بىلەن، ئىران دۆلىتىنىڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
28 يىلدىن بۇيان ئۇلار ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ باھانىلەر بىلەن بىزگە تەھدىت سېلىپ، بىزنى ھاقارەتلەپ، ئىلىم- پەن تەرەققىياتىمىزنى چەكلەپ كەلدى. سىلەر ھەممىڭلار ئىران ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىكتاتۇر سادامنى قوللىغانلىقىنى بىلىسىلەر. ئۇ روياپقا چىقارغان 8 يىللىق ئۇرۇشتا، جىنايى ئۇرۇشتا 200 مىڭ ئىرانلىق ھاياتىدىن ئايرىلدى. 600 مىڭ ئىرانلىق شۇ ئۇرۇش ۋەجىدىن يارىلاندى. ئۇ خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتتى. مىڭلىغان ئىرانلىقلار ئۇنىڭ بىزگە قارشى ئىشلەتكەن خىمىيلىك قوراللىرىنىڭ قۇربانى بولدى. نۇرغۇن يىل ب د ت خەۋەرلىرىنى يازغان ھۆكۈمەت تەرەپ مۇخبىرى، خەلقىئارالىق مۇخبىر نوبل ۋىنمۇ ئىراقنىڭ بىزگە قارشى ئىشلەتكەن خىمىيىلىك قوراللىرىنىڭ زىيانلانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىدىن بىرى.
شۇنىڭدىن بۇيان بىز تۈرلۈك چەكلىمە، ئېمبارگو، ئىقتىسادىي جازا، سىياسى جازالارغا ئۇچراپ كەلدۇق. نېمە ئۈچۈن؟ بىر دىكتاتۇرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىنىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ئۆزىمىزگە تايىنىپ ئەركىنلىك، دېمۇكراتىيىگە ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ئەپسۇس، بىز بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەي كەلدۇق. بىزنىڭچە، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى تونۇسا، بارلىق مىللەتلەرنى ھۆرمەتلىسە، بارلىق ئىرانلىقلارغا دوستانە قولىنى سۇنسا، ئىرانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى.
مېنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا بىردەم تەشەككۈر ئېيتىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلامسىلەر؟
مەن دېمەكچى بولغان نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ ئىدى، بىراق مېنىڭ ۋاقتىڭلارنى يەنە ئالغۇم يوق. مەندىن بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە كولۇمبىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىرانغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلامىسز، دەپ سورالدى. مۇشۇ سەھنىدە مەن كولۇمبىيە ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بىزنىڭ ئۇنىۋېرستىت ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئىرانغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىمەن. سىلەر رەسمىي تەكلىپ قىلىندىڭلار. (چاۋاك)
سىلەر ئىراندىكى خالىغان ئۇنىۋېرستىتنى تاللاپ زىيارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. دۆلىتىمىزدە 400 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرستىت بار، سىلەر قايسىسىنى تاللاپ زىيارەت قىلساڭلار بولىۋېرىدۇ.
بىز سىلەرگە ھەقىقىي سەھنە ھازىرلاپ بېرىمىز. بىز سىلەرنى 100 پېرسەنت ھۆرمەتلەيمىز. ئوقۇغۇچىلىرىمىز شۇ يەردە ئولتۇرۇپ سىلەرنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭلارنى ئاڭلايدۇ، سىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.
ھازىر كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئۇنىۋېرستىتلىرىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلىگەن يىغىنلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاڭلايدۇ، سۆزلەيدۇ، سوئاللارنى سورايدۇ.
ئاخىرىدا مەن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. مەن ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن سىياسىيۇنلارنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىغان، بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر نوتۇق ئەركىنلىكىگە، ئوچۇق، سەمىمىي سۆھبەتكە ئىشىنىدۇ. مەن يەنە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ، خادىملارنىڭ بۈگۈنكى شۇنداق ياخشى تەشكىللەنگەن بىر يىغىننى ئويۇشتۇرغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مەن ئاللاھتىن ھەمىمىمىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىنچلىق ۋە دوستلۇق، ھەققانىيەت ۋە قېرىنداشلىققا تولغان كەلگۈسى بەرپا قىلىشىمىزغا مەدەتكار بولۇشىنى تىلەيمەن. ئىزگۈ بەخت ھەممىڭلارغا يار بولسۇن. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: تولىمۇ ئەپسۇس، پرېزىدېنت ئەھمەدىنىجاد ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلىرى ۋەجىدىن بىزنىڭ سورايدىغان، ھەتتا سوراپ بولغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ بولالماستىنلا كېتىپ قالىدىغان بولدى. (كۈلكە، چاۋاك) بىراق مېنىڭچە ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ يەردە پەيدا بولۇشىنىڭ كولۇمبىيەنىڭ سۆز ۋە نوتۇق ئەركىنلىكىنى چوڭقۇر قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلغانلىقىدىن شاتلىنالايمىز. ھەممىڭلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت(چاۋاك)
رەھمەت.