بەكىر دەۋەلى ئەپەندىنىڭ يۇتۇب قانىلىدا داۋاملىشىۋاتقان رامىزانلىق سۆھبەت «ئاداققى دىن ئىسلام»نىڭ تۈنۆگۈنكى سانىدا مۇسۇلمان بولغان بىر گېرماندىن «ھاراق-شاراب شۇنچە كۆپ ئىچىلىدىغان يەردە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ھاراق تاشلاش تەسكە توختىمىدىمۇ؟ بىزنىڭكىلەر شۇنچە دەۋەت-نەسىھەتلەر بولۇپ تۇرسىمۇ تاماكا تاشلاشتىن ئاجىز كېلىشىدۇ» دەپ سورالغىنىدا، «تاشلىماسلىقمۇ تەس» دەپ جاۋاب بەرگىنى ئېيتىلدى. بىر ئىشنى ئاللاھنىڭ ھارام قىلغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاسىيلارچە داۋام قىلىش تەس. ئىچ-ئىچىڭدىن ئۆزۈڭنى ئەيىبلەشلىرىڭ بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن تەس.
ئادەت يۇقتۇرۇش ئاسان، تاشلىماق تەس. كۆپىنچە ئادەتلەر ساڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ. شۇ ئان يۇقتۇرغان يامان ئادەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتلىرىدىن بولغان مۇبارەك رامىزاندىمىز. بۇ ئۇلۇغ ئايدا شۇ ئىللەتلەردىن يىراقلىشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ، گۇناھلاردىن ئۇزاقلىشىش، رامىزاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل نەپسنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەش، نەپس ھەددىدىن ئېشىۋاتقىنىنى سەزگەن پەيتلەردە نەپلى روزىلارنى داۋام قىلىش بىلەن يامان ئادەتلەرنى تاشلاشقا ئىمكانىيەت تۇغۇلۇشى مۇمكىن.
سەن ئاللاھتىن توغرىلىقنى تىلىگىنىڭدە ئاللاھ توغرىلىقنىڭ يولىنى راۋان قىلىدۇ، ئالدىڭغا سېنى توغرىغا يېتەكلەيدىغان دوستلارنى، كىتابلارنى، سەۋەبلەرنى چىقىرىدۇ. ئازغۇنلۇقنىڭ يولىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. ئۆزۈڭنىڭ «ئېسىل»لىكىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن دۇرۇس بىرىگە ئايلىنىسەن.
رامىزانغا مۇشەررەپ بولۇپ، گۇناھلىرىدىن ئېرىغدالمىغانغا لەنەت بولسۇن، دېگەنىكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. قىممەتلىك پەيتلەرنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان سۈزۈكلۈك ھەممىمىزگە نېسىب بولغاي.