ئۆزۈڭلاردىن دائىم «نېمە قىلماقچىدىم؟» دېگەن سوئالنى سوراپ تۇرامسىلەر؟ تىرىڭڭىدە كەلگەن بىر قىسقا ئۇچۇر، كومپيۇتېر ياكى تېلېفون ئېكرانىدىن لىپپىدە كۆرۈنۈپ قالىدىغان بىلدۈرگۈ… دېگەنلەر دىققىتىڭلارنى چېچىپ تۇرامدۇ؟ تۇرمۇش غېمى ئاخىرەت تەييارلىقى دېگەن ئاساسلىق غەمدىن ئېزىقتۇرۇپ تۇرامدۇ؟ بىھۇدە نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ۋاقىت بىردەمدە ئۆتۈپ كېتەمدۇ بەزىدە؟ ئەزان ئوقۇلغىنىدا «ئاللاھ بۈيۈك، ئاللاھ بۈيۈك» دېيىلگىنىدە ئەرزىمەس غەملەرگە بەنت بولۇپ يۈرگىنىڭلاردىن خېجىل بولۇپ قالامسىلەر؟ «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېيىلگىنىدە قەلبىلەردە سەلتەنەت قۇرۇشى كېرەك زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، يول كۆرسەتكۈچى داھىينىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماي ياشاشنىڭ قەلبلەرگە قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلامسىلەر؟ «نامازغا كېلىڭلار، نىجادلىققا كېلىڭلار» دېيىلگىنىدە، ئەرزىمەس ۋەسۋەسىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى، ئىبلىسنىڭ ئۈمىدسىزلىك كىشەنلىرىنى ئۈزۈپ مەسجىدكە يول ئالامسىلەر؟ قەلب قۇشۇڭلارنى دۇنيا غېمىنىڭ تار قەپەزلىرىدىن ئېلىپ، ھەقىقىي ھوزۇرنىڭ پايانسىز ئاسمىنىغا قويۇپ بېرەمسىلەر؟ ۋايىغا يەتكەن چاقىرىقلاردىن ۋايىغا يەتكەن غايىلەرنى تېپىۋېلىش ھەردائىم نېسىۋىمىز بولغاي.