«فاتىھە» سۈرىسىدىكى «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن (توغرا يولغا يېتەكلىگىن)» نىڭ تەپسىرىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان ئىنسانلارنىڭ ھىدايەتكە بولغان ئېھتىياجىنى سۇغا بولغان ئېھتىياجىغا ئوخشىتىدۇ: ئۇسسىغان ئىنسان سۇ ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقى قېنىپ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئۇسسايدۇ. سۇ ئىچىش ئىنساننىڭ داۋاملىشىپ تۇرىدىغان بۇ ئېھتىياجىنى پەقەت مەلۇم ۋاقىت قامدايدۇ. شۇنىڭدەك ئاللاھتىن بىر قېتىم ھىدايەت تىلەش ئىنساننىڭ ھىدايەت ئېھتىياجىنى مەلۇم ۋاقىت قامدايدۇ. روھىمىز بەدىنىمىز ۋە كىيىم – كېچەكلىرىمىزدەك كىرلىشىپ تۇرىدۇ. بىر نەچچە كۈندە بىر يۇيۇنۇشقا، كىيىم – كېچەكلەرنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندەك، روھىمىزنىمۇ كىرلەردىن پاكىزلاشقا توغرا كېلىپ تۇرىدۇ. كۈندە نەچچە قېتىم تەكرار – تەكرار ئاللاھتىن ھىدايەت تىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ.
«سەھىھ مۇسلىم»دىكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا دەريا بولۇپ ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىم يۇيۇنسا ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟» دېگەندە، ساھابىلەر: «ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالمايدۇ» دېگەن. رەسۇلۇللاھ: «ئاشۇ ئىش بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ تائالا ناماز بىلەن گۇناھلارنى يۇيىدۇ» دېدى.
بىزلەر بىرى ئاللاھنى تونۇپ، ئەمەل – ئىبادەتلىرىنى رۇسلىغان بولسا، «ھىدايەت تاپتى» دېيىشىمىز. ئۇ شەخسنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرى ئۈستىدە گەپ بولغاندا «ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن» دەپ سۆزلىشىمىز. بەزىدە شۇنداق «ھىدايەت تاپقان» قېرىنداشلارنىڭ تەكرار غەپلەتكە چۈشكىنىگە، «ھىدايەت تاپقان» ھەمشىرىلەرنىڭ ھىجابلىرىنى تەرك ئەتكىنىگە، بەزىدە ھەتتا دەھرىي بولۇپ كەتكىنىگە شاھىد بولۇپ قالىمىز. دېمەك، ھىدايەت تاپقاندىن كېيىنمۇ ھەردائىم ئاگاھ بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. قۇرئاندا تەلىم بېرىلگىنى بويىچە:
«ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىلىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن»(«ئال ئىمران» 9 – ئايەت)
دېگەن دۇئانى قىلىشىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى! قەلبىمنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن» دەپ سورىغاندەك، قەلبىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەملىكىنى ھەر ۋاقىت سورىشىمىز، ھىدايەت بۇلىقى قۇرئاندىن دائىم چاڭقىغان قەلبىمىزنى سۇغۇرۇپ تۇرۇشىمىز شەرت.
رامىزان بەرىكىتىدە ھىدايەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىلمى، تەۋپىقى ۋە ھىدايىتى زىيادە بولغاي.
ھىجرىيە 1445 رامىزاننىڭ 1 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار