ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى بىلەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى شۇنداق سېلىشتۇرىدۇ: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈشتىن بۇرۇن ۋە دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈشتىن كېيىن دەپ ئىككىگە ئايرىساق، دېڭىزدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن زالىم فىرئەۋنگە قارشى كۈرەش بىلەن ئۆتكەن بولسا، دېڭىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن قەۋمى ئىچىدىكى مۇناپىقلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى چۆلنى كېسىپ ئۆتۈش (ھىجرەت) تىن بۇرۇن ۋە چۆلنى كېسىپ ئۆتۈشتىن كېيىن دەپ ئىككىگە بۆلسەك، چۆلدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن مەككىنىڭ زالىملىرىغا قارشى كۈرەش بىلەن ئۆتكەن بولسا، چۆلدىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇناپىقلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى.

ئاجايىپ جايىغا چۈشكەن بۇ سېلىشتۇرمىلاردىن ھەيرەتتە قېلىپ تۇرغاندا ئۇستازنىڭ تۆۋەندىكى ئايەتلەر ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ، كۈنىمىزدە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ نەق ئۆزى سۆزلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھەيرىتىم تېخىمۇ ئاشتى:

ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەسلىدە ئەخمەقلەر ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار بىلمەيدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 13 – ئايەت)

ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «بىز راستتىنلا سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىمىز، خالاس» دەيدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 14 – ئايەت)

مۇناپىقلارنىڭ مۇئ‍مىنلارنى «ئەخمەق» دېيىشى ئۇلارنىڭ ئېقىۋاتقان تىجارىتى، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرىنى تاشلاپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى مۇساپىرچىلىقتىكى «بىچارىلىكى» ئىدى. مۇسۇلمانلار بىلەن كۆرۈشكەندە «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇپ، كاپىر كاتتىۋاشلىرى بىلەن يوشۇرۇن كۆرۈشكەندە مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى. ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا، كاپىرلار تەرەپكە ئۆتىدىغان يولىنى تاقاپ قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى ئەقىللىق، يىراقنى كۆرەر سانايتتى. بۇ كۆرۈنۈشلەر سىلەرگىمۇ ئارىمىزدىكى بەزىلەرنى ئەسلەتتى بولغاي.

كېيىنكى ئايەتتە ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ ۋە ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 15 – ئايەت)

ئەنە شۇلار ھىدايەتكە زالالەتنى سېتىۋالغان، بۇ سەۋەبتىن تىجارىتى پايدا بەرمىگەن ۋە توغرا يولدا ماڭمىغان كىشىلەردۇر. ‏(«بەقەرە» سۈرىسى 16 – ئايەت)

توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغانلارغا سالام! ئاللاھ بىزنى ھىجرەتنىڭ سىناقلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، رىزاسىنى قازانغانلاردىن قىلغاي.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 3 – كۈنى