ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «بىز راستتىنلا سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىمىز، خالاس» دەيدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 14 – ئايەت)
مۇناپىقلارنىڭ مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بۇ ئايەتتىن كېيىن، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «مەسخىرە» كەلىمىسى ئېلىنمىغان تۆۋەندىكى:
ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 15 – ئايەت)
دېيىلگەن ئايەت ھەققىدە، ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ» دېگەن ئايەتنى كۆرۈپ، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان بۇ كاتتا زات قانداق مەسخىرە قىلىدىغاندۇ، دېگەن سوئال ئەقلىمىزگە كېچىپ بولغىچە، رەببىمىز جاۋابنى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىلا بېرىدۇ. «ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ». «قىلما، قىلما» دېگەن توسۇشلارغا پەرۋا قىلمىغان باشباشتاقلارنى ئاللاھ مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەيلىگە قويۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالى شۇنداق بىر ئىتنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. بىر – ئىككى مېتىر قىسقا تانا بىلەن باغلانغان بىر ئىت 20 – 30 مېتىرلىق بىر تانا بىلەن باغلانسا، ئۇياق – بۇياققا يۈگۈرۈپ بېقىپ ئۆزىنىڭ باغلاقتا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ. ئاندىن يۈگۈرۈشكە باشلايدۇ، يۈگۈرگەنسېرى تېزلىكى ئارتىدۇ، ئاندىن ئۇ تازا تېزلەشكەندە تانا ئۇنىڭ بوينىدىن شۇنداق بىر تارتىدۇكى، ئۇ ئىت بوغۇلۇپ تىك موللاق ئاتىدۇ. ئۇستازنىڭ بۇ مىسالىنى ئاڭلىماستا مېنىڭ ئەقلىمگە بالىلىرىمنىڭ كىچىك ۋاقتىدا، «ھاي، ھاي» دېگەنگە ئۇنىماي بىر يەرلەردىن يىقىلغىنىغا كۈلكەم قىستىغان پەيتلەر كەلگەنىدى. دېمەك، رەببىمىز مەرھەمىتىدىن قېچىپ، جازاغا ئۆزىنى ئاتقان ئازغۇنلارغا «مەسخىرە»سى مۇشۇ شەكىلدە بولسا كېرەك.
ئاللاھنىڭ ئازغۇنلارنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئاندىن ئۇشتۇمتۇت جازالايدىغانلىقى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئايەتمۇ ئىبرەت ئېلىشىمىزغا يېتەرلىك:
ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى. («ئەنئام» سۈرىسى 44 – ئايەت)
بەندىلەرنىڭ مەسخىرىسىدىن ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن رەسۇلۇڭمۇ قۇتۇلالمىغان, بىزنى سېنىڭ مەسخىرەڭگە قېلىشتىن ساقلىغىن, رەببىم.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 5 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار