ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. شۇڭا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر. («بەقەرە» سۈرىسى 22 – ئايەت)

ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن رەڭلىرى كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان، پۇراقلىرى ئىشتىھانى قوزغايدىغان، تەمى كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان مېۋە – چېۋىلەر ھەققىدە ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:

بىر دوستۇم ئاشقازان مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئالتە ئاي كېسەل تارتىپ دوختۇرخانىدا ياتتى. بۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا تومۇرىدىن بېرىلگەن ئوزۇقلۇق ئۇكۇللار بىلەن جان ساقلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايلاردا ئاستا – ئاستا سۇيۇقلۇق ئىستېمال قىلالايدىغان ھالغا كەلدى. مەن ئۇنى يوقلاپ بارغىنىمدا يېنىدا ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە باشقا تۈرلۈك ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۇدا ئېرىتىپ ئىچىدىغان پاراشوكلىرى باركەن. تېتىپ باققۇڭ بارمۇ، دېدى. قىزىقىپ ماقۇل بولدۇم. پاراشوكلارنىڭ تەمى بىر – بىرىدىن بەتتەر ئىدى. ئەمما، ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى شۇ نەرسىلەر بىلەن قامداشقا مەجبۇر ئىدى. ئەسلىدە ئاللاھنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىمىزنى قامداش ئۈچۈن يەيدىغان نەرسىلىرىمىزنى رەڭگارەڭ، خۇشپۇراق، تەملىك قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق ئىدى، ئەمما، ئۇ زات كامالىي مېھرىبانلىقىدىن بىزنىڭ رىزقىمىزنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل قىلىپ ياراتتى. مېۋىلەرنى كۆركەم دەرەخلەردە ياراتتى. دەرەخلەرنىڭ ئۆزىلا قارىغۇچىغا زوق بېرىدۇ. مېۋىلەر بىزگە ئوزۇقلۇق بېرىپلا قالماستىن گۈزەللىك، تەم ۋە ھۇزۇر بېرىدۇ. شۇڭا، ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھ دەيدۇكى، «شۇڭا ئاللاھقا ھېچكىمنى ئوخشاش كۆرمەڭلار». ھەدىسى شەرىفتە پەيغەمبىرىمىز ئۆزىگە «ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ…» دېگەن بىر بەدەۋىيگە «مېنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرۈۋاتامسەن؟» دەپ ئېتىراز بىلدۈرگىنى ئېيتىلغان.

نېمەتلىرىنى كۆزلەرگە، دىماقلارغا، تىللارغا، قۇلاقلارغا ۋە باشقا جېمى سەزگۈلەرگە ھۇزۇر بېرىدىغان قىلىپ ياراتقان رەببىمىزنى ھەقىقىي مەنىدە تونۇش، ئۇ زاتنى زىكىر قىلىش، ئۇ زاتقا شۈكۈر قىلىش، مۇكەممەل ئىبادەت قىلىش نېسىۋىمىز بولغاي.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 7 – كۈنى