ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلارغا قاچانىكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرەر رىزىق بېرىلسە، ئۇلار: «بۇ ئىلگىرىمۇ بىزگە بېرىلگەن رىزىق» دەيدۇ. – ئۇلارغا ئوخشىشىدىغان رىزىقلار بېرىلىدۇ – ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن جۈپلەر بار ۋە ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ‏ («بەقەرە» سۈرىسى 25 – ئايەت)

كىشىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ھەققىدە ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:

قۇرئاندا ئاگاھلاندۇرۇشلار ۋە خۇش خەۋەرلەر بار. ئەگەر دىنغا سۇس كىشىلەر بىلەن بىر سورۇندا بولۇپ قېلىپ، بىر نەچچە مىنۇتلۇق سۆز پۇرسىتى كېلىپ قالسا، ئۇ نەچچە مىنۇتنى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارغا ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ياخشى. ئاساسەن ھېچقانداق ئىسلامىي مائارىپ يۈزى كۆرمىگەن، ئىسلام ھەققىدە تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيدىغان جۈمەگە ئاندا – ساندا بېرىپ قالىدىغان كىشىلەرنى ئۇنداق پۇرسەتلەردە قامچىلىغىنىڭدا ئۇلار جۈمەگىمۇ بارماس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارىدىغان نامازدىن ھېيىت نامىزىلا قالىدۇ. ئاندىن ھېيىت نامىزىدا: «سىلەر باشقا نامازلاردا نەدە قالغان؟ ھېيىت نامىزى پەرھىز نامازمۇ ئەمەس، سىلەر خىجىل بولمامسلەر؟» دەيدىغان بىرىگە توغرا كەلسە، بۇ كىشىلەر ھېيىت نامىزىغىمۇ كەلمەس بولىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل كىشىلەر بۇ نامازلارغا گۇناھكارلىق تۇيغۇسى بىلەن كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ پەيتتە ئۇلارغا ئۈمىد بېرىش، يۇمشاق گەپ قىلىش كېرەك: سىلەر ئاللاھنى ئۇزۇندىن بېرى تەرك ئەتتىڭلار، لېكىن، ئاللاھ سىلەرنى تەرك ئەتكىنى يوق. ئاللاھنىڭ رەھمەت ئىشىكى ھېلىھەم ئوچۇق. قايتىش پۇرسىتىڭلار ھېلىھەم بار. جەننەت ئىمان ئېيتقان ھەممەيلەن ئۈچۈندۇر… دېگەندەك.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىندىن يىراقلىشىشى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى بەرىبىر دوزاخقا كىرىمەن، دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ناھايىتى كۆپ كىشىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ: «بۇرادەر، مەن ياخشى مۇسۇلمان ئەمەس، مەن بىر يامان ئادەم، ئەمما، بىر سوئالىم بار» دەپ گەپ باشلايدۇ. مەن شۇنداق دەيمەن: «سېنىڭ ياخشى ياكى يامان كىشى ئىكەنلىكىڭنى قانداقمۇ بىلەي؟ نېمىشقا ئۆزۈڭنى بۇنداق دەپ قارايسەن؟ ئۆزۈڭگە ياخشى كۆز بىلەن باق، چۈنكى، ئاللاھ ساڭا ياخشى كۆز بىلەن باقىدۇ. ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە، چۈنكى، ئاللاھ سېنى تاشلىۋەتمىدى. ئاللاھنىڭ سېنى تاشلىۋەتمىگىنىنى قانداق بىلەلەيسەن، ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ سەن ھېلىھەم نەپەس ئېلىۋاتىسەن، ئەگەر سەندە ھېچقانداق ئۈمىد بولمىسا ئىدى، شۇئان ياشىمىغان بولاتتىڭ».

يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى «ياخشى ئەمەللەر»نىڭ كۆپلۈك شەكلىنى «ئازراق ياخشى ئەمەل» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ كۈتكىنى تۈگىمەس ياخشىلىق ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىشىلەر كېلىپ: «ماڭا قىلسام جەننەتكە كىرىدىغان ئەمەلنى ئېيتىپ بەرگىن» دېگىنىدە پەيغەمبىرىمىز قەلبنى پاكلاش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك سەككىز يۈز ئىشنى تىزىپ بەرمىگەن، بىرگە «ئاچچىقلانما» دېگەن، بىرىگە «ئاناڭغا ياخشى مۇئامىلە قىل» دېگەن، يەنە بىرىگە «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېگىن، ئاندىن بۇ ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇر» دېگەن. ئۇ زات ھەممە كىشىگە ئوخشاش جاۋابنى بەرمىگەن، كىشىلەرنىڭ روھ – ھالى، خاراكتېرىگە ئاساسەن ئۇلار قىلسا، ياخشىلىققا يۈزلىنىدىن ئەمەللەرنى كۆرسەتكەن. ئۇ كىشىلەرگە ئېغىر يۈك ئارتمىغان.

كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئىبادىتى راۋۇرۇس، بامداتقا ھەر كۈنى كېلىدىغان، نەپلى روزا تۇتىدىغان، ئۆزىنى توختىماستىن يېڭىلايدىغان كىشىلەر بار، ئۇلارغا كۆپلەپ ياخشى ئەمەللەر تەۋسىيە قىلىنسا بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بار ئىسلامدىكى ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىمۇ تەستە قىلىدىغان. ئۇلارغا سۇنۇش كېرەك بولغىنى ئۇزۇن تىزىملىك ئەمەس…

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن:

«ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش خەۋەر بېرىڭلار ئۈركىتىۋەتمەڭلار.» («بۇخارى» 69 – ھەدىس)

1445 – يىل رامىزاننىڭ 8 – كۈنى