ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى. («بەقەرە» سۈرىسى 30 – ئايەت)

ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنغا چۈشۈرۈلىشى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ بىلىدىغىنى تەۋرات، ئىنجىلدىكى قىسسەلەر. ھەتتا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارمۇ قۇرئان ئوقۇپ باقمىغانلىقتىن غەربنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى، رەسىملىرىدىن ئېڭىغا سىڭىپ قالغان، «ئۇياتلىق يەرلىرىنىلا ياپىدىغان تېرە كىيىملەرنى كىيىپ جەننەتتە يۈرگىنىدە يىلان سۈرىتىدىكى شەيتاننىڭ ھەۋۋا ئانىمىزنى ئازدۇرۇشى تۈپەيلىدىن ئالمىنى يەپ جازالىنىپ، زېمىنغا پالانغان ئادەم ۋە ھەۋۋا» ھېكايىسىنى قۇرئاندىمۇ شۇنداق دەپ ئويلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە قۇرئاندا شەيتاننىڭ يىلان سۈرىتىدە كەلگەنلىكى، ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ شەيتانغا ئەگىشىپ ئادەم ئاتىمىزنى ئازدۇرغانلىقى، چەكلەنگەن مېۋىنىڭ ئالما ئىكەنلىكى توغرىلىق ھېچقانداق بايان يوق. قۇرئاندا پەقەت شەيتاننىڭ ئۇ ئىككىسىگە ۋەسۋەسە قىلغانلىقى، ئادەم ئاتىمىز ۋە ھەۋۋا ئانىمىزنى تېيىلدۇرغانلىقى ئېيتىلىدۇ. كېيىنكى ئايەتتە:

ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە كەلىمە تەلىم ئالدى (ۋە تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 37 – ئايەت)

دېيىلىدۇ. شۇڭا، شەيتاننىڭ قانداق شەكىلدە كېلىپ ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلغانلىقى، چەكلەنگەن مېۋىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى دېگەندەك ئاللاھ ئېنىق بايان قىلمىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە زېھىن ئىسراپ قىلىش، قۇرئان ئىككەيلەننىڭ ئازغانلىقىنى، تەۋبە قىلغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، تەۋرات، ئىنجىلدىكى «ھەۋۋا ئانىمىز ئازدۇرغان» دېگەن سەپىسەتىلەر بىلەن «ئاياللار ئازغۇنلۇقنىڭ مەنبەسى» دېگەننى ئىسپاتلاشقا ئورۇنۇش بىز ئىمان ئېيتقان، ئىلگىرىكى كىتابلاردىكى ئۆزگەرتىلگەن نۇقتىلارنىڭ توغرىسىنى كۆرسەتكەن كىتابىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپ.

ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئانىمىز ھەۋۋا زېمىنغا چۈشكەندىن كېيىن، ئىنسان ئەۋلادىنىڭ كۈنلىرى جەننەتتىكى خاتىرجەم، غەم – تەشۋىشسىز كۈنلىرىگە ئوخشىمايتتى. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارغا غەم – تەشۋىشلەردىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى كۆرسەتتى:

بىز ئۇلارغا: «ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق. («بەقەرە» سۈرىسى 38 – ئايەت)

ئىنسانلار كەلگۈسى ئۈچۈن قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ، غەم قىلىدۇ، ئۆتمۈش ئۈچۈن قايغۇرىدۇ، ھەسرەتلىنىدۇ. ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ:

بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە پۇل-ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدۇرمىز، بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. («بەقەرە» سۈرىسى 155 -، 156 – ئايەتلەر)

ئۆتمۈشتە بېشىمىزغا كەلگەنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سىنىقى ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدىمۇ نۇرغۇن سىناقلارنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، دۇنيا ھاياتىنىڭ غەم – ئەندىشە، تەشۋىشتىن خالىي جەننەت ھاياتى ئەمەسلىكىنى تونۇش، جەننەتنى قەيەردىن ئىزدەشنى بىلىش بىزنى ئۈمىدسىزلىكتىن يىراقلاشتۇرۇپ، قەلبىمىزنى ھۇزۇرغا چۈمدۈرىدۇ.

1445 – يىل رامىزاننىڭ 12 – كۈنى