سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 45 – ئايەت)
بۇ ئايەت ھەققىدە ھەققىدە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
«فاتىھە» سۈرىسىدىكى «سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» ئايىتىدىكى ياردەمگە قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ بۇ ئايەتتە كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەرەبچىدە «ياردەم» مەنىسىدىكى سۆزلەر كۆپ، بۇ يەرلەردە ئىشلىتىلگەن «ﺍﺳﺘﻌﺎﻧﻪ (ياردەم)» كەلىمىسى بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىنى قىلىپ، يەنىلا بولمىغاندا ئىشنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن باشقىلاردىن ياردەم سورىغان چاغدا قوللىنىلىغان ئىبارە. مەسىلەن، ماشىناڭنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتسە، چاقنى ئۆزۈڭ چىقىرىپ رېمونت قىلىشنى قاملاشتۇرالمىغاندا بىردىن ياردەم ئالساڭ، بۇ كەلىمە ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما، چاق ئېتىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ماشىناڭدا قىيسىيىپ ئولتۇرۇپ، بىرىگە «ھەي ياردەم قىلىۋېتە» دېگەندە بۇ كەلىمە ئىشلىتىلمەيدۇ. يەنى، بۇ يەردىكى ياردەم تىلەش «ئاللاھ، مەن قولۇمدىن كېلىدىغاننى قىلدىم، سەن ياردەم قىلمىساڭ، بۇ ئىشنى بىجىرەلمىدىم» نۇقتىسىدىكى ياردەم تىلەشتۇر. ئاللاھ بۇ ئايەتتە ياردەم تىلەڭلار، دەۋاتىدۇ. ھەر بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. ئاللاھ سىلەرگە سەۋر ۋە ناماز بېرىلدى. باشقا نەرسىلەر سورىماقچى بولساڭلار، بۇ ئىككىسىنى ئىشلىتىپ سوراڭلار، دەيدۇ. ئەڭ ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ:
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن. («تاھا» سۈرىسى 130 – ئايەت)
دەپ ئوخشاشلا سەۋر ۋە نامازنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۈشكۈلچىلىككە دۇچ كەلگىنىدە ناماز ئوقۇپ يەڭگىللەيتتى. «كۆزلىرىمنىڭ خۇشاللىقى — ناماز» دەيتتى، يەنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندىكى پاناھگاھى ناماز ئىدى. شۇڭا، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىرىنچى بولۇپ قىلىنىدىغان ئىش مۇستەھكەم تۇرۇپ بەرداشلىق بېرىش، بەرداشلىق كۈچىنى نامازغا ئارقىلىق ئاشۇرۇشتۇر. ئەمما، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ناماز گۈلدۈر – گۇپپاڭ ئوقۇلىدىغان ناماز ئەمەس، صلاة (ناماز) ئەرەب تىلىدا باغلىنىش دېمەكتۇر، يەنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىڭدا، ئۇ زاتقا ھەقىقىي باغلىنىش. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھ «ناماز ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك» دەيدۇ. ئەسلىدە ناماز تەس ئىش ئەمەس، كۈندە ھەر بىر نەچچە سائەت ئىچىدىن بىر نەچچە مىنۇتنى تاھارەت ئېلىشقا، نامازغا سەرپ قىلىش بەك كۈچ كېتىدىغان ئىش ئەمەس. ئەمما، نامازنى ھەقىقىي مەنىدە ئاللاھقا باغلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۈچ – قۇۋۋەت تاپىدىغان شەكىلدە ئوقۇش تەس. خۇشۇ بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھالەتتە ئوقۇش تەس. ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىقلىشىش تەس. خۇشۇ دۇنيادىن ئالاقىنى ئۈزۈپ، باشنى تۆۋەن سېلىپ، يەرگە قاراپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇرىدىغان ھالەتنى كۆرستىدۇ. بىرىدىن خىجىل بولساڭ، كۆزۈڭنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەرگە قارىشىڭ، ئاۋازىڭنى پەسەيتىشىڭ، خۇشۇنىڭ ھالەتلىرىدىن. بىز نامازدا ئەينەن شۇنداق بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ، يەرگە قاراپ، قول باغلاپ تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇرىمىز. ئاۋازىمىزنى تۆۋەن قىلىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەنچىلىكنىڭ ئالامىتى، خۇشۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان تەرىپى. مۇشۇ ئالامەت قەلبتىمۇ ئەكس ئەتمىگىچە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش تەس. بۇ ئايەتتە ھەقىقىي مەنىدىكى قورقۇش، ئەيمىنىش بولماستىن ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ كەلمەيدىغانلىقى ئېيتىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز ناماز ئوقۇپلا قالماي، نامازلىرىمىزغا خۇشۇ روھىنى سىڭدۈرۈشىمىز شەرت.
خۇشۇغا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، خۇشۇغا ئېرىشىش ئۇنچە تەس ئەمەس، ئەمما، دائىم خۇشۇ ئىچىدە بولماق تەس، ئۇنىڭغا قۇربىمىز يەتمەيدۇ. قىسقىچىلا ئېيتسام، خۇشۇغا ئاللاھنىڭ كىتابىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئۇنى چۈشىنىپ ئوقۇش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئاللاھ بىزنى خۇشۇ ئەھلىدىن قىلسۇن.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 20 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار