سىلەر ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدۇق. («بەقەرە» 65 – ئايەت)
ئۇستاز ئۇئمان ئەلىخان بۇ ئايەتنى «ئەئراف» سۈرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۇنداق دەيدۇ:
بۇ ئايەتتىكى شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات «ئەئراف» سۈرىسىدە ئۇچرايدۇ:
ئى مۇھەممەد! ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ يۇرتنىڭ خەلقى شەنبە كۈنىدە ھەددىدىن ئاشاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك بولغان شەنبە كۈنىدە ئالدىلىرىغا توپ – توپ ھالدا كېلەتتى، شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلىرىدە كەلمەيتتى. بىز ئۇلارنى يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق. («ئەئراف» سۈرىسى 163 – ئايەت)
بۇ بېلىقچىلىق كەنتىدە ئۇلارنىڭ ئىبادەت كۈنى بولغان شەنبە كۈنىدە بېلىقلار سۇ يۈزىدە سەكرىشىپ يۈرەتتى. باشقا كۈنلەردە ھېچ بېلىق ئۇچرىمايتتى. بۇ قىزىق بىر ئىش. زامانىمىزدىمۇ سودا – تىجارەت، پايچېكى بازارلىرى جۈمە كۈنى بەك قىزىپ كېتىدۇ. بىر قاتار ئىشلارنى ھەپتە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن تۈگىتىش زۆرۈر بولغىنى ئۈچۈن، بىزمۇ دائىم دېگۈدەك جۈمە كۈنىدە سىنىلىمىز، خوجايىنلار جۈمە كۈنلىرى «بۇ ئىشنى بۈگۈن پۈتتۈرمىسەك بولمايدۇ» دەپ تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ نېمىشقا ھارامنى بۇنچىلا جەلبكار قىلىپ بىزنى سىنايدۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. ئاللاھ ئايەتنىڭ ئاخىرىدا «بىز ئۇلارنى يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق» دەيدۇ. يەنى، بۇ سىناقنى ھەممە ئادەمگە بەرمەيمەن، ئۇلار باشتىن – ئاخىر بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىدىن شۇنداق سىنىدۇق، دەيدۇ. بۇ خىل سىناققا دۇچار بولۇشنىڭ سەۋەبى ئۇزۇنغىچە ئازغۇنلۇقنى داۋام قىلغانلىق ۋەجىدىندۇر. بۇ ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدۇر. كىم بۇزۇقچىلىق قىلسا، بويۇنتاۋلىق قىلىۋەرسە، ئاللاھ ئۇلارغا بۇزۇقچىلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ.
ئۇنىڭغا ئىككى يولنى كۆرسەتتۇق. («بەلەد» سۈرىسى 10 – ئايەت)
يەنى، ئىككى داغدام يولغا يېتەكلىدۇق، دەيدۇ ئاللاھ قۇرئاندا. ئەگەر بەندە توغرا يولغا قەدەم باسسا، ئاللاھ توغرىلىقنىڭ ئىشىكلىرىنى ئۇنىڭغا ئاچىدۇ. تەۋبە قىلسا، تەۋبىلىرىنى ئاۋۇتۇشى ئۈچۈن تەۋبە ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ. ناماز ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ئىشىكلەرنى ئاچىدۇ. ياخشىلىققا يۈزلەنسە، ئاللاھ ياخشىلىقنىڭ يولىنى ئۇنىڭغا ئوچۇق قىلىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ قارمۇ قارشىسىمۇ شۇنداق. ئەگەر بىرى ئاللاھقا بويۇنتاۋلىق قىلسا، ئاللاھ يامانلىقنىڭ يولىنى ئۇنىڭغا داغدام ئېچىپ، «قېنى داۋام قىلە!» دەيدۇ.
كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بىز ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلسۇن دەپ مۆھلەت بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. («ئال ئىمران» سۈرىسى 178 – ئايەت)
بۇنى ئاللاھ ھەممە كىشىگە قىلمايدۇ، پەقەت گۇناھ – مەئىسىيەتكە خۇمار بولغانلارغا قىلىدۇ.
بۇ ئايەتتىن كېيىن ئاللاھ يەھۇدىيلاردىن ئۈچ تۈركۈم كىشىنى بايان قىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى شەنبە كۈنى بېلىق تۇتماسلىق چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلمىغان ئىدى.
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئۇممەت: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «رەببىڭلارغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن» دېدى. («ئەئراف» سۈرىسى 164 – ئايەت)
شەنبە كۈنى بېلىق تۇتقان بىر تۈركۈم كىشىلەردىن باشقا يەنە ئىككى تۈركۈم كىشى بار ئىدى. بىرى «ئۇلار نېمە قىلسا نېمە كارىم، ئىشىمنى قىلاي» دەيدىغانلار ئىدى. يەنە بىرى «بىز ھېچبولمىغاندا ئۇلارغا نەسىھەت قىلايلى، ئۇلار خاتا ئىش قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنداق كېتىۋېرىشنىڭ ئۇلارغا ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتايلى، ئۇلارنىڭ بەل باغلىغان ئىشى رىزىق تېپىش ئەمەس، زەھەر يۇتقاندەك بىر ئىش. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز» دەيدىغانلار ئىدى. بۇ ئۈچ گۇرۇپپا: 1. گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىنسانلار، 2. ئۆز ۋاقتىدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلاردىن ئۇلار بىلەن كارى بولمىغانلار، 3. ئاز ساندىكى ئۇلارغا نەسىھەت قىلغانلار ئىدى. ئايەتتە بۇ ئۈچ گۇرۇپپا ئىچىدىكى كارىمىز نېمە دەيدىغانلارنىڭ نەسىھەت قىلغۇچىلارغا «ئۇلار بەرىبىر ھالاك بولىدىغان خەق، ساقايماس كېسەل بۇلار، ئۇلارغا ئېغىزىڭلارنى ئۇپرىتىپ نېمە قىلىسىلەر؟» دېگەنلىكى، نەسىھەت قىلغۇچىلارنىڭ: «ھېچبولمىغاندا رەببىڭلار ئالدىدا ئۆزرىمىز بولسۇن…» دېگەنلىكى سۆزلىنىۋاتىدۇ. يەنى، ئۇلار «سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئالدىدا ئۆزرەڭلار نېمە؟» دەۋاتىدۇ. يامانلىققا سۈكۈت قىلغۇچىلارغا: «سىلەر سۈكۈت قىلىپ خاتا قىلىۋاتىسىلەر، ئۇلار ئاڭلامدۇ – ئاڭلىمامدۇ، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش» دەۋاتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئاڭلاش – ئاڭلىماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
سەن ئۇلارغا ئەسلەتكىن. سەن پەقەتلا ئەسلەتكۈچىسەن («غاشىيە» سۈرىسى 21 – ئايەت)
دېگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئاڭلاش – ئاڭلىماسلىقى ئۇلار بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى ئىش. ئەمما، ئەسلەتتىڭمۇ – يوق؟ سورىقىنى سەن بېرىسەن. ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپەڭ ئەمەس.
سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەسسەن. («غاشىيە» 22 – ئايەت)
يەنى، بۇ بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تونۇغانىدى. بۇ ھەر بىرىڭلارنى مىكروفوندىن بىرنى تۇتۇپ، كامېرا ئالدىغا كېلىپ ھەر جۈمە خۇتبە سۆزلەڭلار، دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن، سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردە، دوستلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە نەسىھەتكە ئېھتىياجلىق كىشىلەر بار. سىلەرنىڭ مۇناسىۋەت چەمبىرىكىڭلاردا خاتا ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار بار. جىيەنلىرىڭلار ئىچىدە جۈمەگە بارمايدىغانلار بار. سىلەر بۇ كىشىلەرنى تونۇيسىلەر. سىلەر ئۇلارغا گەپ قىلىپ ئاۋارە بولۇشنىمۇ خالىمايسىلەر. سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئۆزرەڭلار يوق. ئاللاھنىڭ سورىقىغا جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن سىناپ بېقىشىڭلار كېرەك. بىر ئۇسۇلنى سىنىساڭلار ئەپلەشمىسە، باشقا ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشىڭلار كېرەك. گۇناھ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار شەنبە كۈنى چەكلىمىسىنى بۇزغان كىشىلەردەك ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى بۇزغان تەقدىردىمۇ سىلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىش ھەققىڭلار يوق.
تەقۋادار بولغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوق. لېكىن ساقلىنار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارغا ئەسلىتىش كېرەك. («ئەنئام» سۈرىسى 69 – ئايەت)
خەق بىلەن نېمە كارىم دەيدىغان مۇسۇلمانلار ھۆكۈم پىچىشتا ئالدىراڭغۇ كېلىدۇ، نەسىھەت قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىكى بىر سۈپەت ئۇلار ھۆكۈم پىچمايدۇ. گۇناھقا خۇمار بولۇپ قالغانلارغىمۇ ھۆكۈم پىچمايدۇ. بۇلار ئۆزگىرىپ تەقۋادارلاردىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلايدۇ.
ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەننى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز يامانلىقتىن توسىدىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق، زالىملىق قىلغان كىشىلەرنى شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىققان ئىدى. («ئەئراف» سۈرىسى 165 – ئايەت)
بۇ يەردە ئەسلىتىلگەن كىشىلەر ئىككى گۇرۇپپا ئىدى. بىرى گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىلەر، يەنە بىرى نېمە كارىمىز، دەپ سۈكۈت قىلغۇچىلار.ئايەتتە بۇ ئىككى گۇرۇپپا جازاغا ئۇچرىغانلىقى، پەقەت كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغانلارنىڭ قۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلىنىۋاتىدۇ. ئاللاھ گۇناھ ئۆتكۈزمىگەنلەرنى قۇتقۇزدۇق، دېمەيۋاتىدۇ، پەقەت يامانلىقتىن توسقۇچىلارنى قۇتقۇزغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ.
مۇسلىم رىۋايەت قىلغان مەشھۇر بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايسىبىرىڭلار يامان ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن؛ ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن توسسۇن؛ ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا، قەلبىدە نارازى بولسۇن! بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز دەرىجىسىدۇر»
دوستلىرىڭلار، ئائىلەڭلەر ئىچىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش مەسىلىسىدە سىلەرنىڭ فىرئەۋنگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭلار يوق. سىلەر ئۇلارغا گەپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن كاللاڭلار ئېلىنمايدۇ. مازاققا ئۇچرىشىڭلاردىن، مەسخىرە قىلىنىشىڭلاردىن قورقۇپ ھېچنېمە دېمەسلىكىڭلار توغرا ئەمەس. ئائىلەڭلەردە زوراۋانلىق يۈز بەرگىنىدە، قورامىغا يەتكەن بىر ئوغۇل بولساڭلار، ئاتاڭلارنىڭ ئاناڭلارغا زورلۇق – زۇمبۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىساڭلار، مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلمىغان بولىسىلەر. ئاتاڭلارنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، «ئاتا، مۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ» دېيىشكە تېگىشلىك كىشى دەل سىلەر. يامانلىقنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقىڭلار كېرەك! ھېچبولمىغاندا قولۇڭلار بىلەن توسۇشۇڭلار كېرەك. بۇ پەقەت چىرىك ھۆكۈمەت ئالدىغا كۆكرەكنى كېرىپ چىقىش مەسىلىسى ئەمەس. بىز ئەتراپىمىزدا يامانلىقلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھېچنېمە قىلمايمىز. ئىشخانىلاردا كىشىلەر غەيۋات قىلىشىدۇ. سەن گەپ قىلماي جىم ئولتۇرىسەن. «ھېچبولمىغاندا مەن ئارىلاشمىدىم» دەيسەن، يوغىسۇ، سەن ھېچنېمە دېمەسلىك بىلەن غەيۋەتكە قېتىلغان بولدۇڭ. يامانلىقلارغا سۈكۈت قىلغۇچىمۇ گۇناھكاردۇر. پاسسىپلىق بۇ ئۈممەتتە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىش ئەمەس.
نەسىھەت قىلغۇچىلار بىرىنچىدىن ئاللاھتىن قورقۇپ قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى، باشقىلارنىڭ يامان بولغانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ نىجادلىققا ئېرىشكەنلىكىدىن، باشقىلارنىڭ ئېرىشەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەمەس، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن باشقىلارنى دەۋەت قىلغۇچىلار ئۆزلىرى جەننەت بېلىتىنى ئېلىپ بولۇپ، باشقىلارغا ئۇ بېلەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قىلمايدۇ، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈپ ئەمەس، بەلكى، ئۇلارمۇ تەقۋادارلاردىن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن نىيەتتە قىلىدۇ. ئەگەر قەلبىڭدە مۇشۇ ئۈمىد بولمىسا، باشقىلارغا ۋارقىراپ – جارقىراشتىن باشقىنى قىلالمايسەن. شۇڭا، بۇ باشقىلارغا نىسبەتەن شۇ ئۈمىدتە بولمىساڭ، سەن بۇ ئىشقا ماس كەلمەيسەن، دېمەكتۇر.
ئاللاھ بىزنى:
سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ خەيرلىك ئۇممەتسىلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر ۋە ئاللاھقا ئىشىنىسىلەر. («ئال ئىمران» سۈرىسى 110 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
دېگەن سۈپەتكە لايىقلاشقىلى نىسىب قىلغاي، گۇناھ – مەئىسىيەتنىڭ، گۇناھقا سۈكۈت قىلىشنىڭ ۋابالىدىن ساقلىغاي.
1445 – يىل رامىزاننىڭ 29 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار