بىلىڭلاركى، بۇ دۇنيا ھاياتى ئويۇندۇر، بىھۇدە مەشغۇلاتتۇر، زىننەتلىنىشتۇر، ئۆزئاراڭلاردا پەخىرلىنىشتۇر، ماللارنى ۋە بالىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بەسلىشىشتۇر. بۇ ھايات يامغۇرغا ئوخشاشتۇر، ئۇ ئۈندۈرگەن ئۆسۈملۈك دەسلەپتە دېھقانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ، كېيىن قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ كۇكۇم – تالقان بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىمۇ بار. دۇنيا ھاياتى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىنلا ئىبارەتتۇر. («ھەدىد» سۈرىسى 20 – ئايەت)
ئۆزئارا پەخىر، كۆز – كۆز قىلىشلارنىڭ چوققىسى بولغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. داڭلىق ماركا، ياسىداق ئۆي، ئېسىل ماشىنىدىن تارتىپ، ئۇياتلىق يەرلەرگىچە كۆز – كۆز قىلىنىۋاتىدۇ، مەيدانسىزلىق، تۇزكۇرلۇق، ماڭقۇرتلۇقمۇ پەسكەش ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆز – كۆز قىلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ھەقىقىي بەسلىشىش كېرەك بولغان ئىشلار ھەققىدە كېيىنكى ئايەتتە شۇنداق دېيىلگەن:
رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بەسلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلنىڭ ئىگىسىدۇر. («ھەدىد» سۈرىسى 21 – ئايەت)
يىللار چاچلارنى ئاقارتىدۇ، چىناردەك بويلارنى پۈكىدۇ، قاشتېشىدەك تېرىلەرنى پۈرۈشتۈرىدۇ، كۆزلەرنى كۆز – كۆز قىلغان نەرسىلىرىمىزنىمۇ ئوچۇق كۆرەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بىزگە بېرىلگەن كۇچ – قۇۋۋەت، ئىمكان، گۈزەللىكلەرنىڭ ئاستا – ئاستا تارتىۋېلىنىشى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلىمىز. ئەقىل ئىگىسى بۇ مەنزىرىلەردىن شۇنى يەكۈنلەيدۇكى، بۇلار بىزگە باقىۋەندە ئەمەس، ھەققە بولغان ئىمانىمىز، ھەق – باتىل مەسىلىسىدە تۇتقان مەيدانىمىز، ئۆزىمىزنى تەۋە ھېس قىلغان جامائەت ۋە شۇ جامائەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىمىز بىلەن ياكى قۇرۇق دۇنيا ھىرىسى، مىڭ پاتمان پۇشايمان بىلەن دۇنيادىن كېتىمىز…
يېقىنقى ئىنكاسلار