ئى مۇئمىنلار! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 153 – ئايەت)
بۇ ئايەتكە چۈشەنچە بەرگەندە ئۇستاز نۇئمان ئەلىخان «سەۋر ۋە ناماز» دېگەندىكى ناماز ئەسلىدە سەۋرنىڭ ئىزاھاتى. شۇڭا، «سەۋر يەنى ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار» دەپ چۈشىنىشنى مۇۋاپىق كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. تەپسىرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەۋر ۋە ناماز ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەۋېتىپ پروفېسسور دوكتور خەلىل ئىبراھىم كۇتلاينىڭ «سەۋر زىيا، ناماز نۇردۇر» دېگەن ھەدىسنى چۈشەندۈرگەن قىسقا ۋىدىيوسى ئۇچراپ قالدى. خەلىل ئىبراھىم كۇتلاي ئۇستاز ئېيتتىكى، قۇرئان كەرىمدە قۇياش ئۈچۈن «زىيا»، ئاي ئۈچۈن «نۇر» كەلىمىسى قوللىنىلغان («يۇنۇس» سۈرىسى 5 – ئايەتكە قارالسۇن). چۈنكى، قۇياش نۇر مەنبەسى، ئاي نۇر قايتۇرغۇچىدۇر. ناماز نۇردۇر ئىماننى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، سەۋر بولسا ھەقىقىي ئىماننىڭ كۆرۈنىشىدۇر.
«ٱسْتَعِينُوا۟ (ياردەم تىلەش)» ئىبارىسى ھەممە مۇسۇلمانغا تونۇشلۇق. چۈنكى، كۈندە ھەر فاتىھەدە «إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)» دەپ بۇ سۆزنى تەكرارلاپ تۇرىمىز. قىزىقارلىق يېرى «فاتىھە» سۈرىسىنىڭ پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن بېرىلگەن يەنە بىر ئىسمى «صلاة (ناماز)»، يەنى ناماز دېمەك «فاتىھە» دېمەك، «فاتىھە» دېمەك ناماز دېمەكتۇر. بۇ ئايەتتە ئاللاھ «ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار» دەۋاتىدۇ. قىينچىلىق پەيتلىرىدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نەسىھىتى نېمە؟ پەرزەنتىدىن، تاغىسىدىن ئايرىلغان ئەلەملىك كۈنلىرىدە ئاللاھ «كەۋسەر» سۈرىسىنى نازىل قىلغان. پەرزەنتىڭدىن ئايرىلىپ قالدىڭ، لېكىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ساڭا كەۋسەرنى ئاتا قىلدىم، دېگەن مەنىدىكى ئايەتتىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى نامازغا بۇيرىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەۋمىدىن توختىماي ئەزىيەت كۆرۈۋاتقاندا ئاللاھ:
كاپىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن. («قاف» سۈرىسى 78 – ئايەت)
دېگەن. بۇ يەردە پەيغەمبىرىمىز كۈن – تۈن ئالمىشىۋاتقان چاغدا ئاللاھقا يۈزلىنىشكە بۇيرۇلغان. بامدات ۋە شام ۋاقىتلىرىدىكى ئاسماننىڭ رەڭگى بىر – بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە قاراڭغۇلۇق يورۇقلۇققا ئالمىشىدۇ، يەنە بىرىدە يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇققا ئالمىشىدۇ. ۋەزىيەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. بۇ ھاياتتىمۇ ھەمىشە بىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسايىشلىق بولىدۇ. بىر ئاسايىشلىقتىن كېيىن يەنە قىيىنچىلىق بولىدۇ. بىر مەسىلە پەيدا بولىدۇ، ئاندىن راھەتلەيدىغان پەيت كېلىدۇ. خۇددى كېچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپ تۇرغاندەك. بۇلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش نېمە؟ ناماز ئوقۇش. مانا بۇ ئايەتتە دېيىلگەن سەۋر. بۇ باغلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك يەنە باشقا مىساللارغا قاراپ باقايلى. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ۋەزىپە نېمە ئىدى؟ كىم بىلەن كۈچ ئېلىشىشى كېرەك ئىدى؟ فىرئەۋن بىلەن. بۇ ۋەزىپە تاپشۇرۇلغاندا ئۇ زات ئاللاھتىن ئۆز قېرىندىشى ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بېرىشىنى سورىدى. ئاللاھ ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى ياردەمچى قىلىپ بەردى. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزىلەر بېرىلدى. رەببىمىز:
«سەن ۋە قېرىندىشىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار» («تاھا» سۈرىسى 42 – ئايەتنىڭ بېشى)
دېيىش بىلەن بولدى قىلدىمۇ؟ يوغىسۇ! ئايەتنىڭ ئاخىرىدا:
«مېنىڭ زىكىرىمدە بوشاڭلىق قىلماڭلار» («تاھا» سۈرىسى 42- »ئايەتنىڭ ئاخىرى)
دېيىلدى. فىرئەۋننىڭ قېشىغا بېرىپ قىلىنىدىغىنى سىياسىي ھەرىكەت ئىدى، مۇنازىرە ھەرىكىتى ئىدى, قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىدى. مەنىۋى ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. ئاللاھ بۇ چوڭ ئېمپىراتورغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زىكىردە بوشاڭلىق قىلماسلىقنى (مەنىۋى ھەرىكەتنى يانداشتۇرۇشنى) تەكىتلىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ زۆرۈرىيەتنى تونۇغانىدى. ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بېرىشىنى ئاللاھتىن سورىغاندا دۈشمەننى يېڭەلىشىم ئۈچۈن قېرىندىشىمنى قوشۇپ بەرگىن، دېمەستىن:
«بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز» («تاھا» سۈرىسى 33 – ئايەت)
دېگەنىدى. بۇ يەردىكى باغلىنىش: سەن ئاللاھنى ئەسلىسەڭ، ئاللاھمۇ سېنى ئەسلەيدۇ. ئاللاھ سېنى ئەسلىسە، مەسىلە يوق، دېگەن گەپ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەزىپىسىنى باشلىغاندا ھېچقانداق قورالى يوق چاغدا، ئاللاھ ئۇ زاتقا ئاتا قىلغان قورال: «ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ»، يەنى زىكىر ئىدى. ئارىدىكى مەزگىلدە قىيىچىلىقتا قالغىنىدا بۇيرۇلغىنى «ناماز ئوقۇ»، ۋەزىپىسىنى تاماملىغىنىدا، مەسجىدى ھەرەم فەتىھ قىلىنغىنىدا، دۈشمەنلىرى مەغلۇب قىلىنغىنىدا، كىشىلەر توپ – توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرىۋاتقىنىدا بۇيرۇلغىنى:
«رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن.» («نەسىر» سۈرىسى 3 – ئايەت)
يەنىلا زىكىر ئىدى. يەنى، ھاياتتىكى كۈرەشلىرىمىزنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا ئىزچىل زىكىر بولۇشى كېرەك. شۇڭا بىز مۇسۇلمانلار مەيلى سىياسىي، مەيلى ئىقتىسادىي قانداق قىيىنچىلىقتا بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، مىليونلىغان ئىنسانلار ئارىسىدا يالغۇز قېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ناماز بىزگە ھەمراھ بولغىنىدا نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەردىن بولالايمىز.
كەلكۈن كەلگەن بىر مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلايلى: ھەممە نەرسە ئېقىپ كېتىۋاتقان بىر يەردە مەھكەم بىر لەڭگەر يەنى قۇرئانغا ئېسىلدىڭىز. ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ھەرىكەت قىلماقتا. قىيادىن تۆۋەنگە غۇلىماقتا. پەقەت سىز مۇقىم تۇرىۋاتىسىز. قۇرئان ئاشۇ مۇستەھكەم لەڭگەردەك قىممەت قاراشلار، سىياسىي، مەدەنىي تۇتۇملار توختاۋسىز ئۆزگىرىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم تۇتىدۇ. «قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن» دېگەن دۇئادىكىدەك.ناماز ئارقىلىق ئاللاھقا ھەقىقىي باغلانمىغىنىڭىزدا جىمى قورقۇنچ، غەم – قايغۇ، خۇشاللىق ، ئۈمىد ھەممىسى باشقىلاردىن كېلىدىغاندەك كويغا كىرىپ قالىسىز – دە، باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشنىڭ پېيىدىكى بىرىگە ئايلىنىسىز. نامازنى تەرك ئەتكەن، ھىجابنى تاشلىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى ئەتراپتىكىلەرگە «غەلىتە» كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن، باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن قىلىدۇ. سەۋر ۋە ناماز بىلەن ئاللاھقا باغلانغىنىڭىزدا ئەڭ يېڭى مودىنىڭ نېمىلىكى، باشقىلارنىڭ ھەققىڭىزدە نېمە دېيىشى، خوجايىنىڭىزنىڭ نېمە دەپ ئويلىشى، باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارىشى، سىياسەتچىلەرنىڭ سىزگە قانداق قارىشى… دېگەندەكلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى سىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز، بىردىنبىر كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىز ئاللاھنىڭ سىزگە قانداق قارىشى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتنىڭ بېسىمى، تەڭتۇشلەرنىڭ بېسىمى، تۈرلۈك قورقۇنچلار غايىب بولىدۇ. چۈنكى، كىشىلەردىن قورقۇشنىڭ ئورنىنى ئاللاھتىن قورقۇش، باشقىلارنى خۇرسەن قىلىش ئىستىكىڭىزنىڭ ئورنىنى ئاللاھنى خۇرسەن قىلىش ئالىدۇ. «ھەقىقەتەن ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېيىلگەندىكى سەۋر قىلغۇچىغا ئايلىنىسىز.
ئاللاھ بىزنى سەۋر قىلغۇچىلاردىن، نامازنى چىن مەنىدە ئادا قىلغۇچىلاردىن قىلسۇن.
1446 – يىل رامىزاننىڭ 3 – كۈنى
يېقىنقى ئىنكاسلار