ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرىدىغان گۇناھنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئاللاھ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى ئ‍ېيتىۋاتىدۇ. ئاللاھ ھەرگىز مۇسۇلمانغا لەنەت قىلمايدۇ. دېمەك، بۇ گۇناھنى ئۆتكۈزگەنلەر ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلار قاتارىدا بولىدۇ. بۇ مەزكۇر گۇناھنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ گۇناھ بەنى ئىسرائىلنىڭ گۇناھى ئىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن تەرك ئېتىلدى. سىلەرمۇ بۇ گۇناھنى ئۆتكۈزسەڭلار، تەرك ئېتىلىسىلەر. 

 كافىر بولغان ۋە كافىر پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 161 – ئايەت)

بۇ ئايەتتە كافىر بولغانلار دېگەندە كۆزدە تۇتۇلغىنى دەل ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى، ھەقىقەتنى يوشۇرغۇچىلاردۇر. ھەقىقەتنى يوشۇرۇشنىڭ ئىككى ئۇسۇلى بار. بىرى، ئۇنىڭ گېپىنى قىلماي يوشۇرۇش، يەنە بىرى، ئۇنى ھاياتىغا تەدبىقلىماي يوشۇرۇش. ئەگەر كىشىلەر مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ، ئىسلامنى كۆرەلمىسە، بىز ھەقىقەتنى يوشۇرىۋاتىمىز، دېمەك. ئاللاھ بىزنى كەچۈرسۇن. بىزنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ئۈلگىلەردىن بولالمىغىنىمىزنى كەچۈرسۇن. بۇ ئايەتتە «ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ» دەيدۇ. نېمىشقا؟ ۋەزىپەڭ كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىشەنچ بىلەن ئوچۇق بايان قىلىش تۇرۇغلۇق، يوشۇرساڭ، كىشىلەر ئاللاھنى قانداق تاپىدۇ؟ قىيامەت كۈنى ئۇلار بىز ئاللاھنى تاپالمىدۇق، دەيدۇ. دۇنيانىڭ بەشتىن بىرى مۇسۇلمان، ئەمما، ئۇلار ئاللاھنى تاپالمىغانلىقىنى شىكايەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنى لەنەتلەشكە باشلايدۇ. «سەن بىلمەمتىڭ؟ ئوقۇيالمامتىڭ؟ ماڭا ئازراق دەپ بېرەلمەمتىڭ؟ مەن سېنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلۇڭدىمۇ بۇ دىننى كۆرەلمىدىم، شۇڭا سەن لەنەتكە لايىق». كاپىرلار قىيامەت كۈنى بۇ تۈردىكى مۇسۇلمانلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ. ئاللاھ بىزنى  ئۇلارنىڭ قاتارىدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن. 

 ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ. ‏ («بەقەرە» سۈرىسى 162 – ئايەت)

ئاللاھ نېمىشقا بۇنداق دەيدۇ؟ يەھۇدىيلار دوزاختا ساناقلىق كۈنلەر قالىدىغانلىقىغا ئاندىن جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، كۈنىمىزدە بەزى مۇسۇلمانلارمۇ «ھارام ئىشلارنى قىلغان بىلەن دوزاختا مەڭگۈ قالماسمەن» دەيدۇ. بۇنداق پوزىتسىيەدىكىلەرنى ئۇچرىتىپ باققانمۇسىلەر؟  ئاللاھ ئۇلارغا: سەن بۇ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ دوزاختا ئۇزۇن قالمايدىغانلىقىڭنى خىيال قىلىۋاتىسەن، بىلىۋال، مەڭگۈ قالىسەن، يېلىنساڭمۇ ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، مۆھلەت سورىساڭ، مۆھلەت بېرىلمەيدۇ، دەۋاتىدۇ. بۇ ئايەت ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق، شۇنداقمۇ؟

يىللاردىن بېرى قۇرئان ئۆگىنىپ ھېس قىلغان نەرسەم: ئاللاھ ھەر قېتىم سېنى قورقۇتسا، ئارقىدىنلا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. سېنى قورقۇنچ ئىچىدە تاشلاپ قويمايدۇ. كېيىنكى ئايەتتە ئاللاھ دەيدۇكى:

 سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ («بەقەرە» 163 – ئايەت)

بۇ ئايەتتە دېمەكچى بولغىنى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىلاھى بىلەن ئوخشاش بىر ئىلاھ. ئاشۇ ئوخشاش بىر ئىلاھ ئۇلارغا كىتاب نازىل قىلغان، مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن، ئەمما ئۇلار ئۇ ئىلاھىنى ئ‍ۈمىدسىزلەندۈرگەن، ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان ياخشىلىق ۋە رەھمەتلەرنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنىدى،  ئ‍ەمدىلىكتە سىلەرگىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىمۇ سىنايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار. ئاخىرىدا دەيدۇكى: ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ چەكسىز مېھىر – شەپقەت ئىگىسى، ھەردەم مېھرىبان، رەھىم – شەپقەتلىكتۇر. 

ئاللاھ بىزنى ئۆزىنىڭ چەكسىز رەھمىتىگە نائىل بولغۇچىلاردىن، ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 9 – كۈنى