سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ («بەقەرە» 163 – ئايەت)

ئاللاھ ئايەتلىرىنى يوشۇرغۇچىلارنى قاتتىق ئازابى بىلەن ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۆز رەھمىتى ھەققىدىكى يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن كېيىن، دەيدۇكى:

شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 164 – ئايەت)

بۇ ئايەت ئالدىنقى ئايەت بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋەتسىزدەك بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇ ئايەت ئارقىلىق ئاللاھ ئۆز رەھمىتىنى قۇرئاندىكى ئايەتلەرگە قاراش بىلەنلا ئەمەس، تەبىئەتتىكى، ئەتراپىمىزدىكى ئايەت(ئالامەت)لەرگە قاراش بىلەنمۇ ھېس قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. دەپ بېقىڭلار، كېچە بىلەن كۈندۈز ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ يىلبويى كېچە ياكى يىلبويى كۈندۈز بولغان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى (قۇتۇپقا يېقىن دۆلەتلەردە ياشايدىغانلار كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىنىڭ نەقەدەر كاتتا نېمەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلالىشى مۇمكىن). ئۇنىڭدىن كېيىن يۈكلەرنى توشۇۋاتقان كېمىلەرنى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە باشقا ئېھتىياجىمىزنىڭ خېلى كۆپ قىسمى دېڭىز قاتنىشى ئارقىلىق تەمىن ئېتىلىدۇ. كۈنىمىزدە گەرچە پويىز ۋە ئايروپىلانلار ئارقىلىقمۇ يۈك توشۇلسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم يۈك توشۇش ئىشى يەنىلا دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان پاراخوتلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تىجارىتى دېڭىز تىجارىتىسىز يۈرۈشمەيدۇ. سۇبھاناللاھ! بەزى ئاراللار باركى، ئۆزىدىن گۆش، سۈت، كۆكتات… ۋەھاكازالارنىڭ ھېچقايسىسى چىقمايدىغان، بۇ ھاجەتلەرنىڭ ھەممىسى پاراخوت – كېمە ۋاسىتىسى بىلەن قامدىلىدىغان. ئاندىن ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ بەرگەن يامغۇرنى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ يامغۇر بىلەن تىرىلگەن تۇپراقلاردىن چىققان ئۆسۈملۈكلەر، ئۇنى يەپ بودىلىدىغان چارۋىلار نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرغان، سۇ پارلىرىنى بۇلۇتلارغا كۆتۈرۈپ يامغۇر ھاسىل قىلىدىغان شاماللار نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن لەيلەپ تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلار نېمەتمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ھەممە نەرسە ئەقلىنى ئىشلەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىزگە نەقەدەر رەھىم – شەپقەتلىك، مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەردۇر.

ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلگەن ئايەتلەرنى كۆرۈپ قورقۇنچقا چۈمگىنىمىزدە، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز ئۈچۈن، ئەتراپىمىزغا  ئەقىل كۆزى بىلەن نەزەر سېلىشقا بۇيرۇپ. ئۆزىنىڭ رازىق (رىزىق بەرگۈچى) ئىكەنلىكىنى يۇقىرىقى كۆرۈنۈشلەر بىلەن سەمىمىزگە سېلىۋاتىدۇ. 

يەنە بىر نۇقتا، بۇ ئايەتلەردە بىز باشقۇرالايدىغان نەرسىلەرمۇ بايان قىلىنىۋاتىدۇ. كۈن ۋە تۈننى بىز باشقۇرالمايمىز. ئەمما، كېمىگە كەلگەندە، ئۇنى كىم ياسايدۇ؟ بىز. دېڭىزنى كىم تىنچلاندۇرۇپ بېرىدۇ؟ ئاللاھ. دېڭىزغا شۇڭغۇيدىغان ئۈسكۈنە، ئەسۋابلارنى كىم ياسايدۇ؟ بىز. دېڭىزدىكى ئۈنچە – مارجان، بېلىق قاتارلىق رىزقلارنى كىم تەمىنلەيدۇ؟ ئاللاھ. ئاللاھ يارىتىپ بەرگەن بەزى نەرسىلەرنى سەن لازىملىق ئۈسكۈنە – ئەسۋابلارنى ياسىمىساڭ ئالالمايسەن. بۇيەردە ئاللاھ خۇددى  رەھمىتىمنى ئۈمىد قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭ كېرەك، دەۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئايەتتىكى ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە دېگەندە كۆزدە تۇتۇلغىنى يۈككە ئوخشاش ماددى نەرسىلەر بولۇشىمۇ، دۇنيانى كېزىش بىلەن نەزەر دائىرەڭنىڭ كېڭىيىشى، كۆزۈڭنىڭ ئېچىلىشى، كۆز قاراشلىرىڭنىڭ ئۆزگىرىشى دېگەندەك مەنىۋى نەرسىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقلا ھەر ئىككى خىل مەنپەئەتنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. يامغۇرنى ئاللاھ ياغدۇرىدۇ، ئەمما، ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىپ تەييارلىقنى ئۆزۈڭ قىلمىساڭ، ھوسۇل ئالالمايسەن. ئاللاھ دېڭىزنى تىنچ قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ياسىغان كېمەڭ بولمىسا، يەنىلا دېڭىزدا يۈرەلمەيسەن. سەن يەرنى قانچە ياخشى تېرىغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ يامغۇر بىلەن سۇ بەرمىسە زىرائەت ئۈنمەيدۇ. ئاللاھ دېڭىزنى ئەمىن قىلىپ بەرمىسە، كېمەڭ ياخشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چۆكۈپ كېتىدۇ.  ئىشلارنىڭ ئاللاھتىن كېلىدىغان تەرىپى ۋە بەندىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك تەرىپى بار. سەن تېگىشلىك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشىڭ كېرەك، ئاندىن ئاللاھ قولاي قىلىپ بەرگەن نېمەتلەر ساڭا نېسىپ بولىدۇ. مانا بۇ بەندە بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ مۇشۇنداق. ئاللاھنىڭ كىتابى ئۆزلىكىدىن ساڭا ئېچىلمايدۇ. سېنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭگە توغرا كېلىدۇ. بەزى كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، «نېمىشقا قۇرئان ئاسان ئەمەس، نېمىشقا ھەممە تىلدا ئەمەس» دەپ سورايدۇ. ئەي ئىنسان، سەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئىشلەش دېگەندەك دۇنيادا ئۆزۈڭگە مەنپەئەتى يېتىدىغان ئىشلاردا بۇنداق سوئاللارنى سورىمايسەنۇ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگە كەلگەندە ئۆزۈڭنى ئالاھىدە كۆرەمسەن، ئاخىرەتتە ساڭا مەڭگۈلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان نېمەتلەرگە ھېچ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەستىن ئېرىشىشىڭ كېرەكتەك ھېس قىلامسەن؟

شەيئىلەرگە ئەقىل كۆزى بىلەن قاراش ۋە ئىبرەت ئېلىش ھەممىمىزگە نېسىپ بولغاي.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 11 – كۈنى