قۇرئاندىكى «ئايەت» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:
ئەرەبچىدە «ئايەت» سۆزى مەنە، ئالامەت، ئىشارەت دېگەن مەنىلەرنى، شۇنداقلا يۆنىلىشى بولغان نەرسە، قىممەتلىك نەرسە دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ بىر نەرسىنى «ئايەت» دەپ ئاتىغان بولسا، ئۇنىڭ قىممىتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاللاھ بىر نەرسىنى «ئايەت» دەپ ئاتىغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ساڭا مەلۇم يۆنىلىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ بىر نەرسىنى «ئايەت» دەپ ئاتىغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئىشارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىشارەت دېگەنلىك مەنزىل ئەمەس، ئىشارەت سېنى مەنزىلگە يېتەكلەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ پەلسەپىۋى نۇقتىدىن ئويلىغاندا بۇ ئاجايىپ قالتىس بىر ئىش. بۇ ئەسلىدە ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشى. ئىنسانلارنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ ئۆزى بىر ئايەت. تارىخ بىر ئايەت، ئەتراپىمىزنى قورشاپ تۇرغان ماددىي دۇنيا بىر ئايەت. نازىل بولغان ۋەھىيمۇ ئايەت. يەنى، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھەممە نەرسنىڭ مەنىسى، مەقسىدى ۋە نىشانى بار. جىمى ئايەتلەر ئاخىرىدا ئاللاھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىسلامدىكى رېئاللىقنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇسى. سەن «ئايەت»نى چۈشەنسەڭ، ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىنى چۈشىنەلەيسەن. چۈنكى، بېشىڭدىن ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى «ئايەت» دېگەن بىر ئىبارىگە يىغىنچاقلىنىدۇ.

يەنە بىر يېرى، قۇرئان تاغلارنى ئايەت دېمەيدۇ، «تاغلاردا ئايەت بار» دەيدۇ. يەنى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئايەت بارلىقىنى دەيدۇ. ئاللاھ ئاسمانلارنى ئايەت دېمەيدۇ، «ئاسمانلاردا ئايەت بار» دەيدۇ. يەنى، ئايەتلەر تاغلانىڭ ئىچىگە، ئاسمانلارغا يوشۇرۇنغان. مۇسۇلمانلار ئىجاد قىلغان ئىسلامىي سەنئەت ئەسەرلىرىگە نەزەر سالغىنىڭلاردا بىر ئورتاق يۈزلىنىشنى بايقايسىلەر. بىزنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىمىز ھۆسنىخەتلىرىمىزدىن تارتىپ سىممىتېرىك ھالەتتە، مۇنتىزم گېئومېتىرىك شەكىللەر، مۇكەممەل ئەگرى سىزىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى سەنئەت ئىنسانلارنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىر مۇئ‍مىن تاغلارغا، قۇشلارغا، دەرەخلەرگە باققىنىدا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان مۇنتىزىم بىر تەرتىپ، گۈزەللىك ۋە مۇكەممەل بىر سىستېمىنى كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى يارىتىشىدا بىر مەقسەت بار، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى سىممىتېرىكلىك، مۇكەممەل ماتېماتىكىلىق شەكىللەردىن تۈزۈلىدۇ. بۇنى ئەسىرلەر ئالدىدىكى ياۋروپا سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرساق، ئۇلار تاغنى كۆرسە، تاغنى سىزىدۇ، قۇشنى كۆرسە، قۇشنى، بوۋاقلارنى، ئاتلارنى، خانىملارنى سىزىشىدۇ. يەنى، ئۇلار رېئاللىقتا نېمە بولسا ئۇنى كۆرىدۇ، بىز بىر ئەپنى كۆرۈپ ئەسلى كودىنى تەسەۋۋۇر قىلغان پروگراممېردەك ئەسلى كودىنى كۆرىمىز. مودا سەنئەتكە كەلسەك، ياۋوروپالىقلارنىڭ سۇررېئالىزم دېگەندەك ئېقىمنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىساڭلار، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە رېئاللىقنىڭ ئارقىسىدا ھېچنېمە يوق، «ئەسلى كود» مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا سەنئەت ئەسەرلىرى بارغانسېرى بەتبەشىرەلەشكىلى تۇردى. ئۇلار ئادەملەرنىڭ ئېغىزىنى پىشانىسىدە، لېۋىنى قۇلاقنىڭ ئورنىدا سىزىشىپ: «بۇ ماڭا كۆرۈنگەن رېئاللىق» دېيىشىدۇ. «ئابستراكت سەنئەت»، «ئىپادىچىلىق ئېقىمى»… دېگەنلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ھېچقانداق مەقسەت مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، مودا، پوست مودا رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە كىرىپ قالساڭ رەسىم رامكىلىرىدا ھېچنېمە يوقتەك، داڭقېتىپ تۇرۇپ قالىسەن. ئۇلار بولسا: «بۇ مېنىڭ تۇيغۇمدىكى دۇنيا» دېيىشىدۇ. راست دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ تۇيغۇلىرىدەك قۇپقۇرۇق…
گەپنىڭ خۇلاسىسى ئايەت دېگەندە بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز كۆزىمىزگە كۆرۈنگىنىنىڭ ئارقىسىدىكى نەرسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى بار. شۇڭا، ھەر ۋاقىت بۇ نەرسىلەردىن بىرىنى، بۇ ئايەتلەردىن، ئىشارەتلەردىن بىرنى كۆرگىنىڭدە ئۇلار سېنى ئاللاھقا ئېلىپ بارىدۇ. قۇرئاندىكى ئايەتلەر سېنى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئاللاھ تەرەپكە باشلايدۇ.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 12 – كۈنى