تېمىسىز

تۇيغۇلار لىباس، بەزىسى ئاق، بەزىسى قارا. كىيدۈرۈپ بىراۋلارغا، ئويلىۋالىمىز: مۇنۇسى ئاق، مۇنۇسى قارا. ئازابلىنىمىز بەلكىم بىكارغا، قاپقارا خاتا تۇيغۇلار ئارا. 2014- يىل 17-...

تاموژنىدىن ئۆتۈش

پىژغىرىم گۇاڭجۇ، ئىللىق رامىزان. ئۇيغۇر پاسپورتى قادالدى مىقتەك، توختىدى بىردىن تاموژنىچى خان. ئايرىم ئىشخانا، مۇلايىم سۇئال، چۇۋۇلدى قايتا مەزلۇم يۈك- تاقام. ئۆتتى بىر يىلدەك، يېرىم سائىتىم، كەچۈرۈڭ، دېدى، ئوقۇلدى مۇقام. ماڭدىم «شۈكرى» دەپ، قانداق قىلاتتىم، باسمىسا...

ئىلتىماس

كومپيۇتېر، تېلېفون، زامانىۋىلىق، شاۋقۇن سۈرەن… يىراق تۇرۇڭلار بىردەم. بىر قەدەم، بىر قەدەم… يېقىنلاۋاتقان مەسجىد، ئەزان ئاۋازى، يامغۇر تامچىسى، قىرائەت، تەبىئىيلىك بىلەن نۇرلانسۇم كۈلبەم. 2014- يىل 20-...

ئابدۇۋەلىگە

بۇ قىشمۇ شۇ قەدەر كەلدى ئۇشتۇمتۇت،ھۇۋلايدۇ چىلبۆرە قۇلاق تۈۋىمدە.ئېھتىيات ئىچىدە ئالىمەن نەپەس،ئۆزۈملا سىغدالغان تار كۆكرىكىمدە. ياتاقلار سوغۇقمۇ، تاماقلار سۇيۇق؟ياشلىقمۇ ئېيتقىنا گۈلەن* كۆزلىرىڭ؟ئۆزۈڭچۈن دۇئالار قىلدىڭمۇ بۇ كەچ،گۈزەلمۇ قەلبىڭدەك، كۆرگەن چۈشلىرىڭ؟...