شېئىرلار

ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىر كۈنى

ھاياتنىڭ رەڭگى ئۆچكەن بىركۈنى، شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغان بىرسى ئۈچۈن شېئىر يازدىم، بىر ئۆمۈر شېئىرىمنى چۈشەنمەيدىغانلار ئۈچۈن شېئىر يازغاندەك. ئۇلار بوۋاق بالىدەك، […]

تۇيۇق

ياپراقلار تۆكۈلدى، قاقشال بولدى گۈل، قالمىدى بىر ياپراق، گۈل بەرگى تۈگۈل. ئويغاققا ئىگىسى ئېچىلدۇرارمىش، رامىزان كېچىسى خۇشبۇي لەيلىگۈل. 2015.7.12

ئۈمىد بەرگى

ئۇخلىماي كۆنۈپ قالدىم، چۈشلەرنىڭ مەززىسى قالمىدى. قېلىن- قېلىن كىتابلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدىم، غېرىبلىق مېنى تاپالمىدى. تۈنۈگۈنكى مەن بىر يەرلەردە قالدى، نۈسرەت […]

ھېكمەت

«مۇساپىر» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «مېھمان» بولغان بىر ئەلدە يۈرگىنىمدە، قارا كۆزلەر قارارسىزلىقنىڭ زۇلمىتىنى ئەسلەتكىنىدە، يامغۇرلۇق كېچىدە سېغىنىش ئىزتىراپىنى چەككىنىمدە، كېچىنىڭ سالقىن […]

ھالقىش

چۈشەنچىلىرىگە قامىلىپ قالغان بىرى سىرتقا ئۇزاتتى قولىنى. ھالقىش ئەجەب نەرسە ھە؟ تېپىۋالدى نۇرىنى. 2014- يىل 4- سىنتەبىر

بوغۇلۇش

مەن دولقۇنلۇق دېڭىزنىڭ باغرىدا. بىر يۇتۇم سۇ نەپسىمنى بوغۇشقا يېتەر. پۇت- قوللىرىمدا مادار قالمىغان دەقىقە، كۆزلىرىم كۆكتە، قەلبىم رەبتە، پۈتۈن […]

شۈكران

بىر ئاغرىق بەردىڭ، ئارقىدىنلا شىپاسىنى. مۇسىبەت بەردىڭ، تېزلا ئىشتتىڭ ئىلتىجاسىنى. بىر قەلىب بەردىڭ، ئىجابەت قىلدىڭ ھەر دۇئاسىنى. بىر چىراغ بەردىڭ، […]

سىمسىز تور

سىمسىز ئۇلاندىم ساڭا، ھەسرەتلەر ياماشتى ئانتېنامغا. چۈشۈردۈم لىق ئازاب قاتتىق دېسكامغا. 2014- يىل 19- ئاۋغۇست

تېمىسىز

تۇيغۇلار لىباس، بەزىسى ئاق، بەزىسى قارا. كىيدۈرۈپ بىراۋلارغا، ئويلىۋالىمىز: مۇنۇسى ئاق، مۇنۇسى قارا. ئازابلىنىمىز بەلكىم بىكارغا، قاپقارا خاتا تۇيغۇلار ئارا. […]

ساياھەت خاتىرىسى

ياپيېشىل دالىلار، سۈپسۈزۈك سۇلار، يېقىملىق ئىنسانلار، قەدىم كوچىلار. مۇساپىر ھېسلارنى قوغلايدۇ لەرزان، مەنىلىك سۆھبەتلەر، ئوخشاش تۇيغۇلار. 2014- يىل 15- ئاۋغۇست

تاموژنىدىن ئۆتۈش

پىژغىرىم گۇاڭجۇ، ئىللىق رامىزان. ئۇيغۇر پاسپورتى قادالدى مىقتەك، توختىدى بىردىن تاموژنىچى خان. ئايرىم ئىشخانا، مۇلايىم سۇئال، چۇۋۇلدى قايتا مەزلۇم يۈك- […]

ئىلتىماس

كومپيۇتېر، تېلېفون، زامانىۋىلىق، شاۋقۇن سۈرەن... يىراق تۇرۇڭلار بىردەم. بىر قەدەم، بىر قەدەم... يېقىنلاۋاتقان مەسجىد، ئەزان ئاۋازى، يامغۇر تامچىسى، قىرائەت، تەبىئىيلىك […]

ئابدۇۋەلىگە

بۇ قىشمۇ شۇ قەدەر كەلدى ئۇشتۇمتۇت،ھۇۋلايدۇ چىلبۆرە قۇلاق تۈۋىمدە.ئېھتىيات ئىچىدە ئالىمەن نەپەس،ئۆزۈملا سىغدالغان تار كۆكرىكىمدە. ياتاقلار سوغۇقمۇ، تاماقلار سۇيۇق؟ياشلىقمۇ ئېيتقىنا […]

قەدىر كېچىسى

ئەي قەدىر كېچىسى، قۇرئان كېچىسى، زىكىردە ئېچىلسۇن قەلبىم غۇنچىسى. رەھمىتىڭ ئىشىكىن چېكىمەن رەببىم، ئىنئام قىل مەغپىرەت، رەھمەت ئۈنچىسى. 2013- يىل […]

رامىزان (3)

رامىزان، شاياتۇن باغلانغان، مەسجىدلەر ئابىدقا تولغان، مەڭزلەر تەۋبە يېشىدا يۇيۇلغان، قەلبلەر قۇرئان ئىشتىياقىغا تويۇنغان، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇقمۇ بىر تۈرلۈك ھوزۇر تۇيۇلغان، […]