شېئىرلار

زۇلھەججە

بۇ ئايدا كېلىدۇ بىر ئاتا ئاللاھ ئەمرىنى ئېلىپ ئوغلىنى بوغۇزلاشقا، كېلىدۇ بىر ئوغۇل تەبەسسۇم بىلەن ئاللاھ يولىدا قۇربان بولۇشقا. بۇ […]

تراگىدىيىنىڭ يەنە بىر يۈزى

قىش ھۇۋلايدۇ... كىشىنىڭ ئايالىغا كۆز سالغان ئىپلاس، يەنە ئىككى ئىپلاس خاتىرجەم قەشقەرگە تراگېدىيە چىللايدۇ. سۇغۇرۇلغان كەمەر، سۇغۇرۇلغان پىچاق، شۇقىراپ ئېقىۋاتقان […]

«پىدائىلار» مارشى

خۇرسىنىپ يۈرمەيلى، ئويناپ كۈلەيلى، باشقا نە كەلسە گەر بىللە كۆرەيلى. ئۇھسىنىش نە ھاجەت باھاردا دوستلار، قىشتىنمۇ قۇتۇلدۇق كۆپ شۈكرى دەيلى. […]

ئىزدەش

ئازابقا مىلىنىپ ھىجران شەھرىدە، نە ھاسىل يۈرسەممۇ كۆكنىڭ قەرىدە. ئىمكانسىز ۋىسالىڭ قىينايدۇ مېنى، سۆيگۈنى يوشۇردۇڭ قەلبىڭ نەرىگە؟

ئاتەش

تىترىدىم، چىن تىترەش ئەمەستۇر ئاسان، يىغلىدىم ھىجرىڭدە بولۇپ پەرىشان. پىراقتا قىينىلىپ ئۆلۈشۈم مۇمكىن، قاراقتا بولمىسا چېھرىڭدىن نىشان. سەبىيلىك، ئاشىقلىق، ئىدىم […]

پاجىئە

ئەخمەق قىزلار، بىخۇت يىگىتلەر، چىرماشماقتا مەڭگۈلۈك ئازاب. شەيتان تارتۇق قىلغان ۋەسۋەسە- شەھۋەت، توزان باسقان ئېتىكاپ.

تۇنجۇقۇش

قار ياغقان كېچە. بىر يالغان ھاياجان پەپىلەر مېنى. ياز كۈنى. ناتونۇش بىرىگە تۆككەنمۇ بولدۇم ھېچكىمگە ئېيتمىغان يالغان سىرىمنى. تالاي رەت […]

يېلىنچ

سۈپسۈزۈك چۈشلىرىم، سۈپسۈزۈك چىراي، دىلبىرىم مەن سېنى قانداق ئۇنتۇلاي؟ گۈل بولۇپ باغرىمغا سانچىساڭ تىكەن، يۈرەك قان سايرىغان بۇلبۇلۇڭ بولاي. قولۇڭغا […]

ئالتىنچى سېزىم

شىۋىرلىشىڭ ئارتۇقچە قىزچاق، يۇمىۋالدىم كۆزۈمنى بىردىن. ئوتلۇق، ئوتلۇق تەلپۈنۈشلىرىڭ، تېشىپ ئۆتتى يۈرەكلىرىمدىن. يىراقتىسەن تۇتمىدىم قولۇڭ، ھىدلىمىدىم چېچىڭنى گۈلۈم. بىلەلمىدىم زادى […]

تاللاش

ھىجران، كۆيۈك، ئازاب، يالۋۇرۇش، سانچىلماقتا كۆكسۈمگە خەنجەر. كۆزلىرىڭگە قۇل بولغىنىمدىن، ھەق ئۈچۈنلا ئۆلگىنم ئەۋزەل.

ياپيېشىل

ياپيېشىل مەھەللەڭ، ياپيېشىل قەلبىم. ياپيېشىل رېئاللىق، ياپيېشىل دەردىم. ياپيېشىل گۇمراھلىق، ياپيېشىل بېسىم. ياپيېشىل توزۇدۇق، ياپيېشىل يېشىڭ.

بەختىمىز ئۈچۈن

مۇمكىن ئەمەس، چۈشلىرىمگە كىرىش بىلەنلا، يۈرىكىمنى ئۈگىتىۋېلىش. مۇمكىن ئەمەس، شېئىر يېزىپلا، جىمى دەرتنى تۈگىتىۋېلىش. بەلكىم، جېنىم بىلەن تەڭلا، چىقارسەن بىركۈن […]

كۈنلىرىم

تومۇز. ئۇرۇلماقتا يۈزۈمگە ئاتەش. تۆت كۈندىن كېيىن مەۋلۇت كۈنى ئوماق قىزىمنىڭ. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى ھەش- پەش دېگۈچە. كومپيۇتېر ئالدىدا، […]

غايىب رىشتە

يوقلۇق بوسۇغىسى. چۈشلىرىمدە ئاجايىپ بىر ئىز. يوللىرىمىز ئەسلى بىر ئەمەس. سەن ئىستەيسەن ئوتلۇق ۋەسۋەسە، مەن ئىستەيمەن مۇڭلۇق تەسەللى. كۆزلىرىمىز، رەڭگىمىز […]

رامىزان(2)

تەراۋىھ. نەقىشلەنگەن مەسجىدنىڭ ئىچى، تىنىقلاردا ئىپارنىڭ ھىدى. قەلبلەرگە راھەت ئەپكېلەر، ياش قارىنىڭ قىرائىتىدە، ۋاراقلانغان قۇرئاننىڭ بېتى. ۋەسۋەسىلەر ئۆلگەن ناگاندا، ئۆكسۈپ […]