شېئىرلار

ئىشقا چۈشۈش خاتىرىسى

خىزمەت قىلىش، ئازابقا قېلىش، ئوخشاشلا بىر ئىش. ئېگىز- ئېگىز قەغەز دۆۋىسى، تۇيغۇلارنى قىلار بۇرۇختۇم. دېگۈم كېلىدۇ: مائاش ئېلىش، ئۈنۋان ئېلىش… […]

سۈبھى

مەڭگۈلۈك دەقىقە، مەڭگۈلۈك ئازاب، يەنە كىردىڭ چۈشۈمگە قىزچاق. ئوغۇرلۇقچە تەلمۈرۈش بىلەن كۆمىۋەتتىم سېنى قەلبىمگە. بىلمەيسەن بەلكىم، سېغىنىشىمنىڭ سۆيگۈمدەكلا چوڭقۇرلۇقىنى. قەشقەردىمۇ […]

توۋا قىلىش

ئازغۇنمەن، ئېزىپ يۈرگەن كۆزۈڭ دەشتىدە، يېنىپ يۈرگەن سۆيگۈڭ تەپتىدە. ھېچنىمە. تېگىشكۈم يوق ئۆزۈمنى ساڭا. مۇھەببەت… تەڭدىن تولا ساختىلىق بىلەن رەڭلەنمەكتە […]

شەھەرنىڭ سىرى

شەھەر دېگەن ئازابلىق ماكان، ئىس - تۈتۈن، چاڭ - توزان، رېستوران… كىچىك چوڭغا قىلمايدۇ سالام. رەنجىپ يۈرمە ئۇلار ئالدىراش. ئۆي […]

مەنزىل

كېتەلمەيمەن سوغۇق ھىجراندا، ئۆكۈنچ بىلەن مۇزدەك قەبرىگە. ئۆرلىيەلمەس گۇناھكار روھىم، بۈيۈكلۈككە، كۆكنىڭ قەرىگە. ئاللاھ، تىلسىماتقا ئوخشايسەن خۇددى، يەتمەيدىكەن ھېچبىر خوشاللىق، […]

«پىدائىلار» مارشى

خۇرسىنىپ يۈرمەيلى، ئويناپ كۈلەيلى، باشقا نە كەلسە گەر بىللە كۆرەيلى. ئۇھسىنىش نە ھاجەت باھاردا دوستلار، قىشتىنمۇ قۇتۇلدۇق كۆپ شۈكرى دەيلى. […]

ئىزدەش

ئازابقا مىلىنىپ ھىجران شەھرىدە، نە ھاسىل يۈرسەممۇ كۆكنىڭ قەرىدە. ئىمكانسىز ۋىسالىڭ قىينايدۇ مېنى، سۆيگۈنى يوشۇردۇڭ قەلبىڭ نەرىگە؟

ئۆكتە بىرنىڭ يىگىرمە تۆتى

ھېكمەتلەر بىھۇدە ئۇچماقتا ئەنە، كۈنلىرىم قۇزغۇنغا يەم بولدى يەنە. يىغلىدىم زورۇقۇپ تۇپراق بېشىدا، ئۆيۈمدە ئەندىشەم ئۇنتۇلدى يەنە. كوھىقاپ، شۇم بوران، […]

كوماندروپكا خاتىرىسى

توزىماقتا ئىبادەت پەيتى، يېغىۋاتقان غەيۋەت ۋە سۈخەن. بىر- بىرىدىن ئەپسانە گەپلەر، پىكاپلاردا ئادەملىك ئۆلگەن. رېستۇرانلار، شەكلىك غىزالار، كۆكتات يەيسەن، مېۋە […]

مىڭ يىل غېرىپلىق

تۆمۈريول. پارتىلايدۇ ۋەھىمەم چوقۇم. سائەت ئون بىر(ئۈرۈمچى ۋاقتى)، كېزىپ يۈرەر خىياللىرىڭدا، ھىجران دېگەن ئەشەددىي ئۇقۇم. پەپىلەيدۇ يۈرەكلىرىمنى، كەچمىشتىكى نازىڭ، شوخلۇقۇڭ. […]

مەڭگۈلۈك بوشلۇق

ئاجايىپ ئادەملەر. قىزىماقچى شەنبىدىكى توي، لەيلىمەكچى يىگىت شارابتا. قىزلار بۈگۈن ئالدىراش ئىزدىشىپ قىسقا يوپكا ۋېچىركىغا. توي بولسا، ئايلاندۇرۇپ يىگىت-قىزنى، پىر-پىر، […]

قىسمەت

لېرىك مۇزىكا، چايقىلار بەدەن. دەسسەر ۋالىسقا، مەستانە قەدەم. ئويلايدۇ پەقەت: "ئويناي قانغۇچە، كېلەر بىر قېتىم دۇنياغا ئادەم." ئايلىنار رۇمكا، ئايلىنار […]

دوكتۇر ۋە چاشقان

دوكتۇر بولماق- يېرىم ئالجىماق. يىللاپ- يىللاپ ئىزدىنەر، دوكتۇر ئاسپىرانت. ئۆزى يە يېتەكچىسى ياق، ياق، دۇنيادا ھېچكىشى چۈشەنمەيدىغان، ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ […]

سىر

مۇمكىن ئەمەسمىش، پەرىشتىدەك پاكلىنىش. مۇمكىن ئەمەسمىش، شاللاقلىقتىن ساقلىنىش. ئازاب نېمە؟ مەھرۇم بولۇشمۇ؟ بەخىت نېمە؟ ھوزۇرلىنىشمۇ؟ تەبىر ئىزلەپ يۈرمە ھەممىگە، تەڭرى […]

شەيتان ئەينىكى

سىغدۇرۇپ ئىچىگە جاھاننى تولۇق، ئۈگەتتى بىزلەرگە تۈمەنمىڭ خۇلق. ئۇنتۇماقتىمىز ئاستا - ئاستا، ئىزا - ھايانى. شەيتان ئەينىكى ئەللەيلىمەكتە، ئۇيغۇرنى، ئىندىئاننى […]