رامىزاننىڭ زىننىتى

2026-02-19 | رامىزان

ئەلھەمدۇلىللاھ، مۇبارەك رامىزان يەنە نېسىب بولدى. بەرىكەتلىك كېچىلەر، يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا ھەۋەسلەردىن ئېرىغدالغان كۈندۈزلەر باشلاندى. ئەتىگەن قورودا «رامىزان مۇبارەك» يېزىلغان رەڭگارەڭ چىراغلار بىلەن بېزەلگەن دېرىزىلەرنى كۆردۈم. ئوسمانلى دەۋرىدە رامىزان ۋە باشقا ئايەم كېچىلىرى بالىلارنى سۆيۈندۈرۈش ئۈچۈن كوچىلارغا پانۇسلار ئېسىلىدىكەنتۇق. تۈركىيەدە شۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى كوچىلارمۇ رامىزاندا چىراغلار بىلەن بېزىلىدۇ، مەسچىت مۇنارلىرى رەڭلىك چىراغلار بىلەن چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ. قۇرئان كەرىم نازىل بولغان بۇ ئاينىڭ گۈزەللىكىنى بۇنداق زىننەتلەر بىلەن قانچە جۇلالاندۇرساق ئەرزىيدۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۇ ئاي ئاتا قىلغان پەيزنىڭ قەلبىمىزگە تەسىر قىلىپ، خۇي - پەيلىمىزنى، سۆز - ھەرىكىتىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈشى. رامىزاندا بالىلىرىمىز، جۆرىلىرىمىز بىزنىڭ باشقىچە ئېغىر - بېسىق، كۆيۈملۈك بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنى ھېس قىلسا، رامىزاننىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سائەتلەپ ۋەز ئېيتمىساقمۇ ئۇلار رامىزاننى سۆيىدۇ. بالىلىرىمىزنى، جۆرىلىرىمىزنى رامىزاندا كۆپرەك ئىبادەت قىلسا بولاتتى، دېگەن نىيەتكە تىل - دەشنام بىلەن، تەھدىت بىلەن يەتمەكچى بولساق، رامىزاننى ئۇنىڭ قىممىتىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمىغانلارغا نىسبەتەن زىندانغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز.

«قەلبىڭىزنى تىرىلدۈرۈڭ» ناملىق ئەسەردە (بۇ كىتاب ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئاۋازلىق نۇسخىسىمۇ «ئاۋازلىق ئەسەر» ئەپ دېتالىدا بار) «ئەسر» سۈرىسىدىكى «تَوَاصَوۡاْ (تەۋسىيە قىلىڭلار)» دېگەن كەلىمە ھەققىدە توختىلىپ:



ئەرەب تىلى مورفولوگىيەسى (سەرف) ئۆگەنگەنلەر «تفاعل» بابىنى (قېلىپىنى) بىلىدۇ. «تفاعل» شەكلى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تەرەپ ئوخشاش ئىشنى قىلغاندا ياكى ئۆزئارا ياردەملەشكەندە قوللىنىلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، مەن سىزگە بىر تەۋسىيە بېرىمەن، سىزمۇ ماڭا بىر تەۋسىيە بېرىسىز؛ سىز مېنىڭ تەۋسىيە - نەسىھىتىمگە قەلبىڭىزنى ئاچىسىز، مەنمۇ سىزنىڭ تەۋسىيە - نەسىھىتىڭىز ئۈچۈن قەلبىمنى كەڭ ئاچىمەن…

شەكلىدە چۈشەندۈرىدۇ. يەنى، بىر نەرسە تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپ بىلەن رىشتە ئورنىتىش، قارشى تەرەپنىڭ تەۋسىيەسىنىمۇ قوبۇل قىلىدىغان روھىي تەييارلىق بولۇشى كېرەك. رامىزان ئۆزگىرىشنىڭ ئېيى. لېكىن، ئۆزگىرىش ئاستا - ئاستا يۈز بېرىدىغان نەرسە. كۆنۈپ قالغان بىر ناچار خۇينى تاشلاشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا، بۇ ئايدا ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلىش، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش، نەسىھەتنى مېھىر - مۇھەببەتلىك پەيتلەردە قىلىش، پەيلىمىز بۇزۇلغاندا ئولتۇرۇپ، نەسىھەتنى ئۆزىمىزگە قىلىشنى ئادەت قىلساق، ئۆيلىرىمىزنى، كوچىلىرىمىزنى زىننەتلىگەندەك قەلبىمىزنىمۇ زىننەتلىسەك ئاللاھنىڭ رەھمىتى، بەرىكىتى ئائىلىلىرىمىزگە تېخىمۇ بەكرەك ياغىدۇ.



رامىزانىڭلار مۇبارەك بولغاي.