ئابدۇرېھىم دۆلەت

«تارىخنى ۋاراقلاپ باقسام، تارىخنىڭ يىللىرى يېزىلماپتۇ، لېكىن ھەر بىر ۋارىقىغا‹ ۋاپا’،‹ ئىنساپ’،
› ئەخلاق’، ›ساخاۋەت‹ دېگەن خەتلەر ئەگرى- بۈگرى يېزىقلىق تۇرۇپتۇ. زادىلا ئۇخلىيالمىدىم.تارىخـ-
ـنى تۈن ھەسسىگىچە دىققەت بىلەن ئوقۇغاندىن كېيىن، خەتلەرنىڭ ئارىلىقىدا، پۈتۈن كىتاب بويىچە يېـ-
ـزىقلىق تۇرغان › ئادەم يىيىش‹ دېگەن خەتنى كۆردۈم!»

– «سەۋدايى خاتىرىسى» دىن

لۇشۇن ئەپەندى 4000 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ ئادەمدەك ياشايمەن
دەيدىغانلارنى يەپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ «سەۋدايى خاتىرىسى» نى يازغانىدى. ئىلگىرىغۇ ئۇلار گۆش
يەپتىكەن. ھازىر بولسا كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ روھىنى، ئىپپىتىنى، ئەخلاقىنى يېمەكتە. بۇ ھەرگىزمۇ
ئۇ چاغدىكى پاجىئەدىن قېلىشمايدۇ. ناۋادا لۇشۇن ئەپەندى ھازىر بولسا، يەنە نېمە «خاتىرىسى» نى
يازار ئىدى؟

* * *

ھېچكىم خاتالىشىشنى خالىمىسىمۇ، توغرىلىقنى ئىزدىسىمۇ، خاتالىشىش ئىنسانلارنىڭ دائىملىق تەقدىرى
بوپكەلدى. ئادەملەر ئەزەلدىن بەخىتكە ئىنتىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تالاي بەدەللەر تۆلىدى. لېكىن بەخىتنىڭ
قەيەردىلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ زادى نېمىلىكى ھازىرغىچە بىر سۇئال پېتى تۇرۇپتۇ. «بەخىت» تارىختىكى
بارلىق پەيلاسوپ- مۇتەپەككۇرلارنىڭ بەھىس تېمىسى، لېكىن كىشىلەر ھازىرغىچە رېئاللىقتىكى «بەخىت»
يولىنى كۆرەلمىدى. يەر شارىدىكى دۆلەتلەر ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادالەت دەۋاسى بىلەن قۇ-
رۇلغان. بىراق بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادالەت ئۈچۈن تىنىمسىز ياڭراۋاتقان سادالارنى ئاڭلاپ تۇرۇپتىـ-
ـمىز.

تارىخ خەزىنىسىدىكى پۈتمەس- تۈگىمەس تەجرىبە- ئىبرەتلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا،
ئىبرەت ئالمايدىغان ئىنسانلارنىمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. خۇددى تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسى ئاز كەپـ-
ـقېلىپ، خوجىنىياز ھاجى بۇنىڭدىن بىزگە قايتا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەندەك. ھەقىقەتەنمۇ ئۆتكەنكىلەر ئۆز
خاتالىقلىرىدىن پاتمان- پاتمان پۇشايمان- تۆۋىلەرنى قىلىپ، ئەۋلادلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇيۇ، ئەۋلادلار
بولسا ئىبرەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا «ئۆگەنگەن خۇي ئۈجمە پىششىقىغىچە» دېگەندەك ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى
قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەنىلا قان- ياشلىق ۋەسىيەت، نادامەتلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ بىر شۇنـ-
ـداق ئازابلىنىدىغان، ھەممە ئادەم شۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، يەنىلا ھېچ ئامال قىلالمايدىغان
جەريان.

بۈگۈننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈى نوقۇل تارىخىي تەجرىبىلەرلا ئەمەس،تارىخىي تەجرىبىلەرنى
دەۋرلەشتۈرەلەيدىغان پاراسەت، بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەيدىغان كۆز، يۈزلىنىشىنى پەرەز قىلالايدىغان
ئۆتكۈرلۈك، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلەرگە خىلاپلىق قىلمايدىغان ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك.
ئىنسانلار ئۆز قوللىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تېـ-
ـخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ئامىللارنى بەلگە قىلغان يېڭى- يېڭى دەۋرلەرنى ياراتتى.
ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرى پەيدا بولدى. بۇلار يېڭىچە تەدبىرلەرنى تەقەززا قىلدى.
يېڭى تەدبىرلەر ئۆز نۆۋىتىىدە يەنە يېڭى مەسىلىلەرگە ھامىلدار ئىدى.

ئىنسانلارنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى تەرەققىي قىلـ-
ـدى. يېقىنقى دەۋرلەرگە كەلگەندە،بولۇپمۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىشى
ئىلگىرى سىرلىق بىلىنگەن ئىشلارنىڭ جاۋابىنى بىر – بىرلەپ تېپىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىگە، تەبىئەتكە،
دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر روي بېرىشكە باشلىدى. ئىنسانلار
ئۆزىنى ئىلگىرىكىدەك ئاجىز ھېس قىلمايدىغان بولدى. تېخنىكا ئارقىلىق قولغا كەلگەن، كىشىنىڭ ئەقلىنى
لال قىلغۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. شۇ
جەرياندا تېخنىكا تېخنىكىنى، بايلىق بايلىقنى، ئېھتىياج ئېھتىياجنى تۇغدى. ئىلگىرى ئىنسانلار ئۆزىنى
تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتى، ھازىر ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ خۇجايىنى دەپ قارايدىغان بولدى. بۇ
قىقاس- سۆرەنگە تولغان ئىلگىرىلەش ئىچىدە ئىنسانلار ئاستا- ئاستا ئەمەلىي، ماددىي ئۈنۈم ئەكېلەلـ-
ـمىگەن ھەر قانداق بىر نەرسىگە ئومۇميۈزلۈك سەل قاراشقا ئۆتتى. كىشىلەر بارا-بارا تەكەببۇرلىشىشـ-
ـقا باشلىدى. خۇددى «قۇرئان كەرىم» دە ئېيتىلغاندەك:»ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ،
ئەگەر ئۇنىڭغا كۈلپەت يېتىپ قالسا،(ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭغا
كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم‹ بۇ ئۆزۈمنىڭ سەئىي- ئىجتىھاتىمدىن كەلگەن…‹
دەيدۇ. ئىنسانغا نېئمەت ئاتا قىلساق، يۈز ئۆرۈيدۇ، ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق
يەتسە ئۆزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ»(سۈرە فۇسسىلەت، 49-،50-،51-ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى)

بۇرۇن مەسىلىلەر ئاچلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا، ھازىر توقلۇقتىن كېلىپ چىقىشقا باشلىدى. روھىي
قىممەت، ئەخلەق- پەزىلەتلەر ئىقتىدار، قابىلىيەت دائىرىسىدىن سانالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا بىۋاستە
نەپ ئەكېلەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك بازارلاشقان دۇنيادا ئۇلارنى ئارتۇقچە ساناپ،
تەرك ئېتىشكە باشلىدى. ئەگەر ئىنسانلار ئادەم ئەخلاققا مۇھتاج ئەمەس دېگەنگە ئاساس تاپماقچى
بولسا، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئىنكار قىلىشى كېرەك. ئادەم ئادەملىك سالاھىيىتىنى، مەنىسىنى يو-
قاتمايدىكەن، ئەخلاقمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ، ئەخلاقنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ.ھازىرقى
ئەخلاقلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىمۇ ھەقىقىي ئىنسانىيلىقتىن كەلگەن تەبىئىي ئەخلاق بولماسـ-
ـتىن، بەلكى ئەخلاقلىق بولۇش زۆرۈر بوپقالغاچقا، شەكىللەندۈرىۋالغان سۈنئىي ئەخلاق ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېمۇكراتىيىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرغىپ قىلىنىشى، باشقىلارغا ئېنىق
بولمىغان بارلىق ئىشلارنى ئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارغا ئايلاندۇردى. ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ئوچۇق- ئاشـ-
ـكارا ئىنكار قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نوپۇزى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتتى.
ئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىلا ئەخلاققا ئۇيغۇنمۇ؟ يا بۇ ئەقىل قايسى خىل ئەقىل؟

ماھىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراش، گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.»شەيـ-
ـئىلەرنىڭ قانداق كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ شەكلىگىلا باغلىق بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى كۆزىتىشتە قوللانغان
ئۇسۇلغا باغلىق»(ئېينىشتىيىن). بىز ئوخشاش بىر شەيئىنى ئوخشىمىغان بىر قانچە نوقتىدىن كۆزەتـ-
ـسەك، ئۇمۇ بىر قانچە خىل شەكىلدە كۆرۈنىدۇ. كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك،رەزىللىككە تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ
شۇنداق بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلار پرېزىدېنت كلىنتوننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنى ئەپۇ قىلدى. بۇ، ئامېرىكا
خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى مەنپەئەت ئۈچۈن قانداق قۇربان قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندا پارىژ
خەلقى ئۆزىنىڭ بەچچىۋاز ئىكەنلىكىنى ئېنىق جاكارلىغان بىرىنى شەھەر باشلىقى قىلىپ سايلىدى. بۇ
ئۇلارنىڭ گۈزەللىك، رەزىللىككە ھۆكۈم قىلىشتا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئامېرىكىچە، فرانسۇزچە
كۆزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خەلق تاللىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرا، دەپ قارالدى. بۈگۈنكى كىشىلەر دەل ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى
قاندۇرالايدىغان («نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغۇچىلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر».»قۇرئان كەرىم»
دىن)، ئۆزىگە راھەت، لەززەت، ئەكېلەلەيدىغان بارلىق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئستېمال بويۇمى سۈپىتىدە
تاللىۋالدى. جىنسىي راھەت بولسا، ئىنسانلار تاللىۋالغان ئەڭ ئەجەللىك راھەت بولدى. بۇنى قاندۇرۇش
بۈگۈنكى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا شەخسنىڭ ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى ئىش، دەپ قارالدى. ئەنئەنىـ-
ـۋىي نىكاھ، ئائىلە تۈزۈلمىسى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى. ھەتتا بەزى يەرلەردە ئائىلە ھېچقانداق مۇھىم
دەپ قارالمايدىغان، كىشىلەر ئائىلىنى ئۆزىگە تۈرمە، دەپ قارايدىغان بولدى.

كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىنساننىڭ تېنىگە زىيانلىق بولغاچقا، كىشىلىك ھاياتقا تەھدىت ئەكەلگەچكە
چەكلىدى. ناۋادا ئىنسانلار ئۆز روھىنىڭ ساغلاملىقىنى تېنىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىغاندەك قوغدىغان
بولسا، ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك مىسىلسىز روھىي كىرزىسكە دۇچار بولماس ئىدى. مەنىۋىي بۇزۇلۇش
ئادەمنىڭ ھاياتىغان بىۋاستە تەھدىت ئەكەلمىگەچكە، كىشىلەر ئۇنىڭغا سالامەتلىككە ئەھمىيەت بەرگەندەك
ئەھمىيەت بەرمىدى. ئادەملەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئالدى، جازالىدى، مېنىڭچە،روھنى بۇلغىغان
مەنىۋىي زەھەر تارقاتقۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلا جازالاش كېرەك.

شۇنى قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇكى، بىر جەمئىيەتتە ئوغرىلىق، بۇزۇقچىلىق، قاتىللىق دېگەندەك جىـ-
ـنايەتلەر گاھ- گاھ يۈز بېرىپ تۇرسا، بۇ نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ھەمىشە يۈز بەرسە ئۇ
نورماللىق بولماي، ئاللىقاچان بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. شۇنىڭدەك جىنسىي بۇ-
زۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە، بۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان نورمال ھادىسە، دەپ قاراش ئەخـ-
ـمىقانىلىق بولىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، بۇ خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى
ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نورمال ھادىسە سۈپىتىدە «توغرا» چۈشىنىپ، ئەپۇ قىلىشى. نا-
ۋادا كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بوپكەتسە، بەلكىم ئاۋۋال مەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرك ئېتەرمەن.
مەن يۇقىرىقىدەك ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك، بۇزۇقچىلىقلارنى مەسىلىنىڭ ئۆزى، دەپ قارىمايمەن. ئۇ بۈ-
گۈنكى دەۋردىكى داغدۇغىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىسىدا شەكىللەنگەن، ئىنسانلارنىڭ مىسىلسىز
دەرىجىدە قۇرغاقلىشىپ، قاغجىراپ كەتكەن روھىيەت ئېتىزلىقىدىن ئۈنۈپ چىققان شۇمبۇيىلارنىڭ بىر
نەچچە تۈپى(بۇ يەردە باشقىلىرىنى تىلغا ئالمىدۇق)دۇر.

بۇ ئەسىردە ئەڭ كۆپ نەرسىمۇ ئادەم، ئەڭ ئاز نەرسىمۇ ئادەم بولدى. بۇ ئەسىردە جاھان ئىمپېراتورى
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە ماڭا چۈشۈۋاتقان قۇياش نۇرىنى توسۇۋالدىڭ، دېيەلىگەن ھېلىقى ئادەمدەك
روھى بار ئادەملەرنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر قەۋەتلىك بىنالارنىڭ رەتلىك ئىشخانىلىرىدىن،
دۆۋە- دۆۋە كىتاب- ماتېرىياللار ئارىسىدىن، قاتۇرۇپ كىيىنىپ، قورساقلىرىنى ساڭگىلىتىۋالغان ئېسىلـ-
ـزادىلەر ئارىسىدىن، قىلالمىغان، قىلىشقا پېتىنالمىغان ئىشلىرىنى پەلسەپىۋى تىللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە
ماھىر كىشىلەر ئارىسىدىن تېپىلمايدۇ. ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى شۇنچىلىك ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىكى،
ئۇلار تارىختا ئۆتكەن ئاد، سەمۇد قەۋملىرىدىن بەس تالىشالايدۇ. بۈگۈن ئىخلاس- ساداقەتمەنلىك يو-
قالدى، بۇ بىر خۇدا ئۇنتۇلغان، ئىنسانلار ئۆزىنى خۇدا قىلىۋالغان بىر دەۋر بولدى. نەپس ئېتىقادتىن
غالىب كەلدى.

ئېرىخ فروم نېتزىينىڭ 19- ئەسىردە: «خۇدا ئۆلدى» دېگەن گېپىگە قارىتا، 20-ئەسىردە: «ئادەملەر
ئۆلدى» دېدى. ئۇ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىتالىيىدىكى ئەدەبىياتـ-
ـسەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدەك بىر مىسىلسىز ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا
قويغانىدى. گەرچە بۇ گەپ 1970- يىللاردا دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ رېئاللىقتىكى ئالامەتلىرىنى
كۆرگىنىمىز يوق.

يەرشارى خاراكتېرلىك بۇ روھىي قۇرغاقچىلىق، ئېتىقادى ئەزەلدىن سۇيۇق بۇ مىللەتكە تەسىر كۆرسەتـ-
ـمەي قالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە ھېچبىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ قىز-ئوغۇللىرىدىن خاتىرجەم ئەمەس.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھەببەت بۇزۇقچىلىقنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندى. ئىپپەت قىزلار گۆھىرىلىك سالا-
ھىيىتىنى بارا-بارا يوقىتىشقا باشلىدى. يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا خۇددى كىچىكىمىزدە پاسكىنا سۇنى:» كۆزۈم
كۆرمىدى، قۇلىقىم ئىشتمىدى» دەپ ئىچكەندەك مۇئامىلە قىلىشقا يۈزلەندى. قىزلىق پەردە ئوپېراتسىيىـ-
ـسىنىڭ بازارلىشىشى، پارتلىيالماي قالغان يانار تاغنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىۋەتكەندەك بىر ئىش بولدى.
ياشلىرىمىز تورمۇزى بۇزۇلۇپ كەتكەن ماشىنىغا ئوخشاپ قالدى. ئىلگىرى كوچا-كويلاردا، كىشى كۆرۈپ
قالىدىغان ئوچۇقچىلىقتا ئىتلار جۈپلىشىپ قالسا، كىشىلەر تاش ئېتىپ قوغلىۋېتەتتى، ھازىر ئىتلارمۇ
خىجىل بولۇپ خالىي جايلارغا كېتىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئەمدى ئادىمىي ئىتلار ئالدى. ئەرلەر
ئاياللىرى باشقىلار بىلەن تانسا ئوينىسا، ئۇنى كۈنلەشنى قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك دەپ قارايدىغان،
ئاياللارمۇ ئەرلىرىنىڭكىنى توغرا چۈشىنىدىغان بولدى. ئەجىبا، ئۇلار بۇزۇقچىلىقنىڭ مۇشۇنداق ئاددىي
ئىشلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەي قالارمۇ؟

جىنسىيەت ھازىرقى «مەدەنىيەتلىك» جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاشكارا تېما قاتارىدا قوبۇل قىلىندى، جىنسـ-
ـيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ يوشۇرۇشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكى، ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئەمەسلىكىنى
مۇئەييەنلەشتۈردى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ھازىرقى كۈندە
ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ. بىز بولساق، بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىي ساۋاتلارنى ئىلمىي چۈ-
شەندۈرمىگەنلىكتىن، دەپ قارىدۇق. ئوقۇغۇچىلارغا بۇنى چۈشەندۈرىۋاتقاندا، ئوقۇغۇچىلار بۇنى بىلىم،
دەپ قوبۇل قىلارمۇ ياكى ھەۋەسلىنىپ ئاڭلاپ ئولتۇرارمۇ؟(تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە گىگىنا دەرسىدە
كۆپىيىش سىستېمىسىنى ئۆتكەندە قانداق ھېسىياتتا بولغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ) نۇمۇسلۇق
جايلارنىڭ يۆگىلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ تېمىنىڭ يۆگىلىشىنى بەلگىلىگەن(بۇ ھەرگىزمۇ جىنسىي بىلىملەرنى ئۆ-
گەنمەسلىك كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس). ئېيتىلىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللارغا ئايرىم كۈندە
ئايرىم جايدا نەسىھەت قىلىدىكەن ھەم ئاياللارمۇ سۇئاللىرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى ئائىشە ئارقىلىق
سورايدىكەن.

ناۋادا ئېتىقاد يوقالسا، ئەخلاق يوقايدۇ، ئەخلاق يوقالغاندا قانۇننىڭمۇ رولى قالمايدۇ.»قۇرئان كەرىم»
دە ئېيتىلىشىچە،ئەخلاقىنى يوقاتقان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىمۇ ئومۇميۈزلۈك بەچچىۋاز بوپكەتكەچكە
ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماي ئاخىرى شەھىرى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ ھالاك بوپتىكەن.

ھازىر قىز-يىگىتلەر بىر-بىرىنى تاللىغاندا، تاشقى قىياپىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋى قىياپىتى
بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولدى. ئاتا-ئانىلارمۇ كۈيئوغۇل-كېلىننى ئابروي، پۇل،ھوقۇق
نوقتىسىدىن تاللايدىغان بولدى(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىيانەتلىكىنى تاللاڭلار، دېگەنىدى). ئاتا-ئانىلار
پەرزەنتىگە بولغان تەلىپىمۇ دەرس نەتىجىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، ئەخلاق تەلىپى تولىمۇ تۆۋەنلەپ
كەتتى. ئاتا-ئانىسىنى «سىز، سىلى» دەپ ئاتايدىغان بالىلار قالمىغىلى تۇردى.

ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن بەخىتلىك، دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ،خاتىرجەم ئائىلە تېپىش ئاسان ئەمەس.
ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنمىگىنىدىن، تەلەپ-ئېھتىياجلىرىنى پەرمەندارلىق بىلەن ئورۇندىمىغىنىدىن…،
ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى خوش دەپ ئاڭلىمىغىنىدىن، بۇرنىدىن يېتىلىمەكچى بولغانلىقىدىن،
پارچە- پۇرات ئىشلارغا تولا پۇل بۇزىدىغانلىقىدىن، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا تولا ئارىلىشىۋالغىنىدىن…قاقـ-
ـشايدۇ. ئەرلەر لايىقىدا ئەر، دادا بولۇپ بولالماي، ئاياللار خوتۇن، ئانا بولۇپ بولالماي تۇرمۇشتىن
رەنجىپ يۈرۈشمەكتە. تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتتىكى كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ
روھىنى بەربات قىلىۋېتەلەيدۇ. بۇ، روھىمىزنىڭ قانچىلىك ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆر-
سىتىپ بېرىدۇ. ئەرلەر دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغانلاردىن ئىكەنمىش. ھازىر ئائىلە غېمى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە-
زىپىگە ئايلانغان. ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ئائىلە ماجرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلەنمەكتە.
يىگىت دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا جەڭچى دېگەننى بىلدۈرەتتىكەن، ھازىرقى يىگىتلەرنىڭ ئىقتىدا-
رى مۇھەببەتلىشىشتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئائىلە تاپا- تەنە، رەنجىش- كايىشلار بىلەن تولغان. ئائىلىنىڭ
خاتىرجەملىك، مۇھەببەت بۇلىقىغا ئايلانماي، ئۇرۇش- جېدەلنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى، ئەر- ئا-
يالنىڭ بىر-بىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىكى ئۇلارنى تالادىن سۇ ئىچىدىغان يەر تېپىشقا مەجبۇر قىلغان.
.. ئاقىۋەتتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز.

بۈگۈنكى دەۋر ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. لېكىن ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەرگىزمۇ روھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە
ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

مېنىڭ نەزىرىمدە بىر مۇكەممەل جەمئىيەت جىنايەتتىن پۈتۈنلەي خالىي جەمئىيەت ئەمەس (ئەمەلىيەتتە
بۇنداق جەمئىيەت مەۋجۇد ئەمەس)، بەلكى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشقا ھەقىقىي تىرىشچانلىق
كۆرسىتىشنى توختىتىپ قويمىغان جەمئىيەتتۇر. ئادەمنىڭ مۇكەممەللىك ئۆلچىمىنى جەمئىيەتكە تەققاسلاشقا
بولىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ دېپلوم، ئاسپرانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالغىلى
بىرنەچچە يىل ئىشلەپ دوتسېنت، پروفېسسور بولغىلى بولىدۇ، لېكىن ھەقىقىي ئادىمىيلىكنى دىپلوم،
ئۈنۋان ئالغاندەك ئالغىلى بولمايدۇ. جەمئىيەتمۇ بىرەر قېتىملىق ئىسلاھات بىلەنلا بولدى قىلسا بولمايدۇ،
چوقۇم ئىزچىللىقنى ساقلىشى كېرەك، «ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ، ئۈزۈلۈپ قالمىغان
ئەمەلدۇر» («ھەدىس»تىن).

تارىختىن بۇيان ھەققانىيەت، ئەخلاق دەۋەتلىرى پەيلاسوپ- مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئاغزىدىن بالدۇر چىققان
بولسىمۇ، بۇلارنى ھەل قىلىدىغان ھۆكۈمدارلارنىڭ پەرۋايى ھەمىشە پەلەك بوپكەلدى. ھاكىمىيەتنىڭ بىـ-
ـخەتەرلىكىگە تەھدىت، ئىقتىسادقا زىيان ئەكەلمەيدىغان ئىشلارنى ھامان كۈنتەرتىپنىڭ ئاخىرىسىغا تىزدى.
بۇنىڭغا نۆۋەت كېلىپ بولغىچە يەنە يېڭى- يېڭى باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار چىقىپ، بۇنىڭغا قاراشقا
ھەقىقەتەن «چولىسى» تېگىپ بولالماي قالدى.

ئىلگىرى كىشىلەر ئاچلىقتىن بىر-بىرىنى يېگەنىدى، ھازىر بولسا توقلۇقتىن يەۋاتىدۇ. لۇشۇن ئەپەندى:
«بالىلارنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار!» دەپ نىدا قىلغانىدى، لېكىن مەن ئاۋۋال ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار، دەپ
نىدا قىلىمەن. چۈنكى ئۆزى ئوت ئىچىدىكى ئادەم قانداقمۇ يەنە ئوت ئىچىدىكى ئادەمنى قۇتقۇزالىسۇن؟!

2001- يىل 14- ئاپرىل.

ئاپتور: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىنگىلىز تىلى 99- يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى.

(«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2001- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى