مودا – ئېقىم ۋە ھۆرلۈك

ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا - جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ. ‏(«بەقەرە» سۈرىسى 166 - ئايەت) بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنىدىكى مەنزىرە سۆزلەنگەن. ئايەتتە ئىككى تائىپە ئىنسان بار، بىرى يېتەكچىلەر يەنە بىرى ئەگەشكۈچىلەر....

سۆيگۈ ۋە بەدەل

ئاللاھ بىزگە ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە ئەقىل قابىلىيىتى ئاتا قىلغان. ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرىمىزنى ئەقلىمىز بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، قەلبىمىزگە يوللايمىز. قەلبىمىز پاكىز بولسا، توغرا تەرەپكە باشلايدۇ. كىرلەنگەن بولسا، خاتا تەرەپكە باشلايدۇ. يەنى، ئەقلىمىز قەلبىمىز باشلىغان تەرەپكە...

نۇر ئۈستىگە نۇر

ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق...

نەفسىي ھاۋا ۋە ئەقلىي ھاۋا

رامىزان ئېيىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان «رامىزان ئورتاقلاشقانسېرى گۈزەل» دېگەن پروگراممىنىڭ بۈگۈن كەچتىكى مېھمىنى ئالتاي جەم مەرىچ ئىكەن. تەراۋىھتىن يېنىپ سۆھبىتىگە ئۈلگۈردۈم. سۆھبەتتە ئۇستاز ئالتاي جەم مەرىچ مۇتەۋاتىر ۋە خەبەر ۋاھىد ئۇقۇملىرى، ئىسلامدىن باشقا...

كۆرۈنۈش ۋە مەنە

قۇرئاندىكى «ئايەت» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:ئەرەبچىدە «ئايەت» سۆزى مەنە، ئالامەت، ئىشارەت دېگەن مەنىلەرنى، شۇنداقلا يۆنىلىشى بولغان نەرسە، قىممەتلىك نەرسە دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ بىر نەرسىنى «ئايەت» دەپ ئاتىغان بولسا،...

ئايەت ۋە ئالامەت

سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ («بەقەرە» 163 - ئايەت) ئاللاھ ئايەتلىرىنى يوشۇرغۇچىلارنى قاتتىق ئازابى بىلەن ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۆز رەھمىتى ھەققىدىكى يۇقىرىدىكى...

قايىللىق ۋە مايىللىق

كىچىك ۋاقتىدا قۇرئان كۇرسلىرىدا قۇرئان ئۆگەنگەن، ھەتتا تولۇق يادلاپ قارىي بولغان، نامازلارنى چىرايلىق ئوقۇيدىغان بالىلىرىنىڭ چوڭ بولغاندا دىندىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن زارلاپ كەلگەن ئاتا - ئانىلارغا ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ: «بەقەرە» سۈرىسى 159 - ئايەتتە...

مەسئۇلىيەت ۋە ۋابال

ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرىدىغان گۇناھنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئاللاھ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى ئ‍ېيتىۋاتىدۇ. ئاللاھ ھەرگىز مۇسۇلمانغا لەنەت قىلمايدۇ. دېمەك، بۇ گۇناھنى ئۆتكۈزگەنلەر ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلار قاتارىدا بولىدۇ. بۇ مەزكۇر گۇناھنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ...

ياخشىچاقلىق ۋە ھەقىقەتنى يوشۇرۇش

 بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 159 - ئايەت) بۇ ئەسلىدە مەزكۇر سۈرىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان...

سەفا ۋە مەرۋە

شۈبھىسىزكى، سەفا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇنىڭغا سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ...

رامىزان ئۈنچىلىرى

غەم – قايغۇ — ئىنسانىي تۇيغۇ

غەم – قايغۇ — ئىنسانىي تۇيغۇ

سەۋر دىنىمىزدىكى ئەڭ خاتا چۈشىنىلگەن بىر ئۇقۇم. ماڭا دىنىمىزنىڭ دائىرىسىدە سەۋر ھەققىدە گەپ قىلىۋاتقانلار خاتا سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئادەمگە خۇش خەۋەر بەرمىدى. پەقەت سەۋر قىلغۇچى ئالاھىدە بىر توپقا خۇش خەۋەر بەردى. ئۇلارنى ئالاھىدە قىلغان نەرسە كېيىنكى...

ھاياتتىكى سىناقلار

ھاياتتىكى سىناقلار

شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 155 - ئايەت) ئالدىنقى ئايەت ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ھەققىدە ئىدى. ھەممىمىزگە ئايانكى،...

ئۇلار ئۆلۈك ئەمەس

ئۇلار ئۆلۈك ئەمەس

ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەڭلار. بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر تۇيمايسىلەر. ‏(«بەقەرە» سۈرىسى 154 - ئايەت) ئاللاھ 155 - ئايەتتە بەندىلىرىنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدىغانلىقىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ھەققىدىكى بۇ ئايەتنى...

سەۋر ۋە ناماز

سەۋر ۋە ناماز

ئى مۇئمىنلار! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 153 - ئايەت) بۇ ئايەتكە چۈشەنچە بەرگەندە ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان «سەۋر ۋە ناماز» دېگەندىكى ناماز ئەسلىدە سەۋرنىڭ ئىزاھاتى. شۇڭا، «سەۋر...

زىكىر ۋە شۈكۈر

زىكىر ۋە شۈكۈر

ئۇ ھالدا مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن، ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا تۇزكورلۇق قىلماڭلار.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 152 - ئايەت) «زىكىر»نىڭ ئىككى مەنىسى بار، بىرى تىلغا ئېلىش، ئىككىنچىسى ياد ئېتىش.  ھەدىس قۇدسىيدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:...

قۇسۇر ۋە نەسىھەت

قۇسۇر ۋە نەسىھەت

بىز بۇ جازانى ئۇلارنىڭ زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلدۇق. («بەقەرە» سۈرىسى 66 - ئايەت) ئايەتتىكى «موعظة» كەلىمىسى ھەققىدە ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ: بۇ كەلىمە «وعظ(ۋەز)» كەلىمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، «باشقىلارغا...

سۈكۈتنىڭ ۋابالى

سۈكۈتنىڭ ۋابالى

سىلەر ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدۇق.‏ («بەقەرە» 65 - ئايەت) ئۇستاز ئۇئ‍مان ئەلىخان بۇ ئايەتنى «ئەئ‍راف» سۈرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شۇنداق...

ئاللاھقا ئىمان، ئاخىرەت ۋە ياخشى ئەمەل

ئاللاھقا ئىمان، ئاخىرەت ۋە ياخشى ئەمەل

ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 62 - ئايەت) بۇ ئايەتنىڭ...

نام ۋە ئەمەلىيەت

نام ۋە ئەمەلىيەت

ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ خەۋپ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏ («بەقەرە» سۈرىسى 62 - ئايەت) ھەققىدە كۆپ...

ھۆرلۈك ۋە قۇللۇق

ھۆرلۈك ۋە قۇللۇق

سىلەر ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل تاماققا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا سىلەرگە: «ياخشى نەرسىنى ناچار نەرسىگە...

روھ غەليانلىرى

نەپىس ۋە قانائەت

نەپىسكە بويسۇنۇش ئىنساننى ھايۋانغا ئايلاندۇرىدۇ. نەپىسنى ئۆلۈمدىن باشقا ھېچنىمە قاندۇرۇپ بولالمايدۇ. چاكىنىلىقلارنىڭ ھەممىسى نەپىسنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئاپىرىدە بولىدۇ. بېخىللىق، قورقۇنچاقلىق، تەكەببۇرلۇق، ھورۇنلۇق، ھارامخورلۇق… دېگەندەك ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ...

تىلەكلىرىم

بۈيۈك پەرۋەردىگار، ئازغۇنلۇقنىڭ رەستىلىرىدە قەلبىمنى بىھۇدىلىكنىڭ مۇھەببىتىگە لىق تولدۇرغىنىمنى كۆرۈپ تۇرىسەن؛ ئالاق-جالاق كۆزلىرىمدە ئادەملەردىن ئەيمىنىپ، قەلبىمنىمۇ روشەن كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۆزۈڭدىن ئەيمەنمەي بىھايالىققا ئەسىر بولغىنىمنى ھەم كۆرۈپ تۇرىسەن؛ ماختىلىش...

ئايەم تۇيغۇلىرى

گۈلۈم، مانا بىزنىڭ بايرىمىمىز. زېمىن ئاللاھنىڭ رەھمەت چاچقۇسى بىلەن لىق تولىدىغان دەقىقىلەر، دىللار شاتلىققا پۈركىنىدىغان مىنۇتلار. مۇبارەك رامىزاندىن پاكلىق نۇرلىرىنى سۈمۈرگەن شەۋۋال ئېيى بىزگە مەخپىي تىلەك تىلەۋاتىدۇ؛ «كۈلگىن، ئەي پاك يۈرەك ساھىبلىرى» دەپ...

نېمە ئىستەيسەن، نېمە

ئالدىراپلا يۈرىسەن، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ قەلبىڭ تىپ- تىنچ ئىستىقامەتتە ئۆزلۈكۈڭ ئۈستىدە كېڭىشىپ باقمىدى. ئېيىت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ ئاللاھ زىكرىنى ئۇنتۇدۇڭ. ئېيىت، نېمە ئىستەيسەن، نېمە؟ كۈنلەر ئاقماقتا. ئېرىشكىنىڭ پۇلدىن باشقا ھېچنېمە. ئېيت، نېمە...

نەپەس

ئاللاھ ئېگەم، ھەر بىر نەپەس سېنىڭ نىئمىتىڭ، ئەركىن نەپەستە ئېقىۋاتقان ھەر بىر دەقىق ھەم بۈيۈك ھىممىتىڭ. جان دېمەك- بىر نەپەس دېمەك. «ئاللاھ» دېسەم «ئاھ» قوشۇلۇپ، ھارارەتلىك چىقىۋاتقان تىنىقىمنىڭ ئۆزى غەنىيمەت. چۈنكى ، ئەگەردە شۇ بىر تىنىقتىن كېيىن ساپ ھاۋاڭدىن بولغان...

لەززەت ۋە لەرزە

تەن تۇپراقتىن، روھ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگىنى ۋەجىدىن تەندە تۇپراققا قوشۇلماق خاھىشى، روھتا ئاللاھقا يەتمەك ئىستىشى بولۇشى ھەقىقەتتۇر. روھ ئۆز ئالىيجانابلىقىنى، بۈيۈكلىكىنى، پاكلىقىنى ساقلىغان پېتى ئاللاھ دەرگاھىغا قايتماقنى ئىستىگەن دەملەردە تەننىڭ بىھۇدىلىكلەرگە...

ئازغۇنلار مەنتىقىسى

ماددىدىن قانائەت ئىستەش - بىھۇدىلىك. جىسىم ئەمەس روھ تويۇنغاندىلا ھەقىقىي قانائەتنى تاپقىلى بولىدۇ. روھ تەن ئۈچۈن ئەمەس، تەن روھ ئۈچۈن ئىشلىشى كېرەك. ئەكىسچە بولغىنىدا روھ ئۆز بۈيۈكلۈكىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئىنساننىڭ قوغلىشىدىغىنى ئەبەدىيلىك نەرسىلەر. ھالبۇكى، جىمىكى...

روھ ۋە گۈزەللىك

سۈرە «شەمس» تە مۇنداق ئايەتلەر بار: «روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى- يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى(7-8)، روھىنى پاك تۇتقان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ(9). نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى - فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد...

دىلبىرىمگە

مېنىڭ قەلبىم دۇنيا ھالاۋىتىدىن ھالقىپ ئەبەدىيەت ئالىمىگە تۇتىشىشنى ئارمان قىلغان قەلىب . شۇ ۋەجىدىن مېنىڭ ھاياتىم ۋاز كېچىش، تەنھالىق، ھەقىقەت ئىزلەش، تەپەككۈر، ئىستىقامەتلەر بىلەنلا مەزمۇنلىنىدۇ.مەن بەخىتسىزلىكلەر ئىچىدىن بەخىت ئىستەشكە، مەھرۇملۇقلار ئارىسىدىن...

ئۆزۈمگە

ئەقىل بىلەن ھېسىيات زىتلىشىدىغان مەنزىللەردىن ھالاۋەت ئىستىمە. ئۆزۈڭنى ئالداش بەدىلىگە بەخىتكە ئېرىشەلمەيسەن. ئاسىيلىقنىڭ راھىتى تولىمۇ قىسقا، ئازابى مەڭگۈلۈك. ئەي، گۇمراھلىقىغا پەتىۋا ئىزلەۋاتقان يېقىنىم، ئەقلىڭنى گۇناھىڭنى ئارتتۇرۇشقا مالال قىلما. بەس، ئېتىراپ قىل،...

قەلبتىن قەلبكە

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى

قەشقەر توققۇز تاش مەسجىدىدە ھېيىت خۇتبىسىدە «ھېيىت — مۇئ‍مىنلەرنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى» دېگەنىدى مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەمىد داموللام. قەلبىمدىكى ھېيىت سۆيۈنچىسى شۇ سۆز بىلەن بىر بالداق ئارتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئۆمەرجان ئالىمنىڭ بىر ناخشىسىدا «روزىنى خەق تۇتسا،...

ئاياسوفيا ھاياجىنى

ئاياسوفيا ھاياجىنى

«ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك ھوزۇرلىنىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىكەنمەن» — دوكتور ئىھسان شەنئوجاق جۈمە كۈنىدىكى ئاياسوفيا ئېچىلىش خاتىرىسى ھەققىدە توختالغان دوكتور ئىھسان شەنئوجاق غوجانىڭ شۇ سۆزلىرى يۈرىكىمگە تەگدى: ئاياسوفيانىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇپ بۇنچىلىك...

ئۆلۈم، ۋاقىت ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

ئۆلۈم، ۋاقىت ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

18 ياش چېغىمدا 19 ياشلىق ھەدەم قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى. ھاياتنىڭ مەنىسى، ئۆلۈم ھەققىدىكى ئەڭ كۆپ ئويلىنىشلىرىم شۇ ۋاقىتتا بولغانمىكىن دەيمەن. ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ يەر ئاستى باسمىلاردىن چىققان ئەلىي تەنتاۋىيىنىڭ، مەۋدۇدىنىڭ ئەسەرلىرى ھاياتنىڭ مەنىسىنى...

دەرسلەر

No Results Found

The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.

تەرجىمىلەر

No Results Found

The page you requested could not be found. Try refining your search, or use the navigation above to locate the post.