سەۋر دىنىمىزدىكى ئەڭ خاتا چۈشىنىلگەن بىر ئۇقۇم. ماڭا دىنىمىزنىڭ دائىرىسىدە سەۋر ھەققىدە گەپ قىلىۋاتقانلار خاتا سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئادەمگە خۇش خەۋەر بەرمىدى. پەقەت سەۋر قىلغۇچى ئالاھىدە بىر توپقا خۇش خەۋەر بەردى. ئۇلارنى ئالاھىدە قىلغان نەرسە كېيىنكى ئايەت:
ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا مۇسىبەت يەتكەندە: «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز!» دەيدۇ. («بەقەرە» سۈرىسى 156 – ئايەت)
ئاللاھ بۇ ئايەتتە بىزگە تەلىم بەرگەن «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز» دېگەن ئىبارە بىلەن سەۋرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ مۇنداق بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەم:
بىر ئانا بالىسىنى يىراققا ئوقۇشقا ياكى ئىشقا يولغا سالىدىغان بولسا، بالىسى مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا: «ئۇ يەرلەردە ئوغرى – يالغان كۆپ دېيىشىدۇ، بىز مىڭ تەسلىكتە يىغىپ – تۆشەپ بەرگەن پۇلۇڭغا ئوبدان ئىگە بول، كەيپى – ساپاغا ئارىلاشمىغىن.ئوقۇشۇڭ (ياكى ئىشىڭ) بىلەن بولغىن، ئۇ يەرلەردە مەن ساڭا كۆز – قۇلاق بولۇپ بولالمايمەن، ياتىقىڭغا كەچ قالماي ۋاقتىدا قايتقىن. ئوقۇشۇڭ (ياكى ئىشىڭ) تۈگىگەن ھامان ئۆيگە قايتقىن…» دەپ نەسىھەت قىلىدۇ. بۇ يەردە باشلىنىش نۇقتىسى نېمە؟ ئۆي. ئاخىرلىشىش نۇقتىسى نېمە؟ ئۆي. بۇ مىسال بىلەن يۇقىرىدىكى ئىبارە ئارىسىدىكى ئورتاقلىق ئىنسان سۈپىتىدە بىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىمىز ئاللاھ، ئاندىن ئاللاھ بىزنى دۇنيا سەپىرىگە يوللايدۇ. بۇ دۇنيادا قورقۇنچ، ئاچلىق، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشۇڭ مۇمكىن. ئەمما، ئەڭ ئاخىرىدا ماڭا قايتىسەن، دەيدۇ. سەپەردىكى چېغىڭدا ئاسان ئېزىپ كېتىسەن، شۇڭا، ئاللاھ ھەقىقىي سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىققا يولۇققىنىدا ئازماستىن ئۆزىگە: بۇ ئىشلار بېشىمغا كەلدى، لېكىن، مېنىڭ سەپىرىم بۈيۈك بىر سەپەر، قىيىنچىلىقلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما مېنىڭ ئاللاھقا قىلىدىغان سەپىرىم داۋام قىلىدۇ، ئاللاھتىن كەلدىم، ئاللاھقا قايتىمەن، دېگەننى ئەسكەرتىپ تۇرغۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھاياتتا قاتناش ھادىسىلىرى، تۈرلۈك ئېغىر كېسەللەر، پالەچلىك… دېگەندەك تۈرلۈك – تۈمەن سىناقلار مەۋجۇت. بۇ سىناقلار ئالدىدا «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز» دېيەلەيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش ئاسان ئەمەس. كېسەل ئازابى تارتىۋاتقان بىرىگە «سەۋر قىلغىن» دېيىلگىنىدە، «ئۇنداق دېمەك ئاسان»، «بۇ گەپنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم، رەھمەت» دېيىشى مۇمكىن. ھېرىپ – چارچىغاندا، ئېغىرچىلىق كەلگەندە سەۋر قىلماق ھەقىقەتەن تەس. شۇڭا، ئاللاھ بۇ ئاسان ئەمەس، ئەمما، بۇنى قىلالىساڭ، سېنى تەبرىكلەيمەن، دېگەن مەنىدە شۇنداق دەيدۇ:
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر. («بەقەرە» سۈرىسى 157 – ئايەت)
بۇ يەردە ئاللاھ «ئۇلار سەۋر قىلغۇچىلاردۇر» دېمىدى، «ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» دېدى. بۇ يەردە بىز ھىدايەت ھەققىدە يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. ھىدايەت سېنىڭ قانچىلىك بىلىم ئىگەللىگەنلىكىڭ، ئەرەبچىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقىڭ، قۇرئاننى قانچىلىك يادلىغانلىقىڭ، قانچىلىك لېكسىيەلەرنى ئاڭلىغانلىقىڭ ئەمەس. ھىدايەت بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە (قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭدا) ئاللاھنىڭ سۆزىدە مۇستەھكەم تۇرالىشىڭدۇر. قىينچىلىقتا ھارام يولغا كىرىپ قالماسلىقىڭدۇر، شارائىت قانچىلىك ناچار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىمانىڭنى مۇھاپىزەت قىلىشىڭدۇر. «كەمبەغەلچىلىك بەزىلەرنى كاپىر قىلىۋېتىدۇ» دېگەن پەيغەمبىرىمىز. ئاللاھ ئاشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا ئىمانىنى ساقلىغانلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ. سالاۋاتلارنى، رەھمەتلەرنى يوللايدۇ.
ئەمدى سەۋر مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىر ئايالنىڭ يولدىشى تۈگەپ كېتىپ، يىلبويى كۆز يېشى قىلسا، «ئۇنى بەك سېغىندىم، كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ھىدلاپ يىغلايمەن، خىيالىمدىن چىقمايدۇ، بەزىدە قۇلىقىمغا ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولىدۇ…» دېگەندەك گەپلەرنى قىلسا، ئەتراپىدىكىلەر: «سەن سەۋر قىلىشىڭ كېرەك!» دېگەننى تەكىتلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال: «مېنىڭ ئىمانىمدا مەسىلە بارمۇ؟ كىشىلەر سەن ئاللاھ تەۋەككۇل قىلىشىڭ كېرەك ئىدى» دەيدۇ، دەپ سورايدۇ. بالىسى تۈگەپ كەتكەن ياكى ئاتا – ئانىسى تۈگەپ كەتكەن ھالى خاراپ كىشىلەرگە باشقىلارتوختىماي: «سەۋر قىلىشىڭ كېرەك» دېگەننى تەكىتلەيدۇ. شۇلاردىن سوراپ باقسام: سىلەر ياقۇپ ئەلەيھىسسالام دەپ بىر پەيغەمبەرنى بىلەمسىلەر؟ ئۇنىڭ قانچە يىل بالىسى ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ زاتنىڭ ئەقىلسىز بالىلىرىنىڭ: «سەن يۇسۇفنى سېغىنىپ، ئۇنىڭ گېپىنى قىلىۋېرىپ، ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرىدىغان بولدۇڭ» دېگەنلىكىنى، تولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئاللاھ ئۇ زاتقا: «سەن سەۋر قىلىشىڭ كېرەك» دەپ دەرس بەرمىدى. بىزنىڭ ئازابلانغان ئانىلارنى، ئازابلانغان ئاتىلارنى، ئازابلانغان ئەر، ئازابلانغان ئاياللارنى، ئازابلانغان پەرزەنتلەرنى ياقۇپ ئەلەيھىسسالامدىن بەكرەك سەۋرچان بولۇشقا بۇيرۇشىمىز ئادىللىقمۇ؟ نېمىشقا جەمئىيىتىمىزگە، ئائىلىمىزگە ئاللاھنىڭ ئۆلچىمىدىنمۇ ئېغىر ئۆلچەملەرنى قويۇۋالىمىز؟ سەۋر بۇ ئەمەس. سەۋرنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ سەۋر سېنىڭ يىغلىماسلىقىڭ ئەمەس، سەۋر سېنىڭ ئاچچىقلانماسلىقىڭ ئەمەس، بەزى ئىشلار سېنىڭ ئاچچىقىڭنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. سەۋر سېنىڭ قورقماسلىقىڭ ئەمەس. سەن قورقۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. سەۋر سەن يىغلىغان، ئاچچىقلانغان، قورققان تەقدىردىمۇ ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن ۋاز كەچمەسلىكىڭ. ئاللاھقا يەنىلا ئىشىنىشىڭدۇر. ئاللاھقا ئىشىنىش سېنىڭ ھەرگىز پەرىشان بولمايدىغانلىقىڭنى بىلدۈرمەيدۇ. سەن يەنىلا پەرىشان بولۇشۇڭ مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچە ئانىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا پەرىشان بولغان. بۇ — ئىنسانىي تۇيغۇ. سەۋرنىڭ كەمچىللىكى ئەمەس. بىز كىمنى غەمكىن ھالەتتە كۆرسەك، قاراڭلار غەمكىن بولۇپ كەتكىنىگە، سەۋرى يوقكەن بۇنىڭ، دەيمىز. بۇ بەك بىمەنىلىك. بىزنىڭ سەۋر دەپ سۆزلەپ يۈرگەنلىرىمىزنىڭ سەۋر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. پەرىشانلىق، غەم – غۇسسە، ھەسرەت دېگەنلەر ئىنسانىي تۇيغۇلار. ھەممەيلەننىڭ بېشىغا كېلىدۇ. ئاللاھ ئۆزى:
ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ. («نەجىم» سۈرىسى 43 – ئايەت)
دېگەن. كۈلكىمىز ئاللاھتىن كەلگەندەك، كۆز يېشىمىزمۇ ئاللاھتىن كېلىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەرگە بېسىم قىلمايلى. بۇ ھاياتتا بەزىدە مەيۇسلىنىپ قالىمىز، غەمگە پېتىپ قالىمىز. سەۋر دېگەن دەل مۇشۇنداق چاغلاردا يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تۈرتكىنى تېپىش دېمەكتۇر. ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ھېلىھەم بىر ئۈلگە. ئۇ زاتنىڭ كۈڭلى يېرىم ئىدى، ئەمما يەنىلا بۇنيامىننى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقانىدى. ھەرگىزمۇ يىغلاپ ئۆيگە بىكىنىۋېلىپ ھېچ ئىش قىلماي يۈرمىگەنىدى. شۇڭا بىز سەۋرنىڭ توغرا پىرىنسىپىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.
ئاللاھ بىزگە دىنىنى توغرا چۈشىنىشنى، بىر – بىرىمىزگە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىشنى نېسىپ قىلغاي.
1446 – يىل رامىزاننىڭ 6 – كۈنى
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپلا بۇ بلوگدىن بەك كۆپ بىلىمگە ئىگە بولغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا يېڭى ماقالىلەر چىقسىلا ئالدىراپ، دوستلار ئارا تەۋسىيە قىلىشىپ ئوقۇشۇپ كېتەتتۇق. شۇنچە يىلدىن بېرى ئىزچىل قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن!
ئامىن. ئاللاھ ھەممىمىزدىن رازى بولسۇن.