كىچىك ۋاقتىدا قۇرئان كۇرسلىرىدا قۇرئان ئۆگەنگەن، ھەتتا تولۇق يادلاپ قارىي بولغان، نامازلارنى چىرايلىق ئوقۇيدىغان بالىلىرىنىڭ چوڭ بولغاندا دىندىن چىقىپ كەتكەنلىكىدىن زارلاپ كەلگەن ئاتا – ئانىلارغا ئۇستاز نۇئ‍مان ئەلىخان شۇنداق دەيدۇ:

«بەقەرە» سۈرىسى 159 – ئايەتتە ئاللاھ روشەن دەلىللەرنى ۋە ھىدايەت(توغرا يول)نى  كىتابىدا ئىنسانلارغا بايان قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا «نېمە» ۋە «قانداق» دېگەن سوئاللارغا بېرىلگەن جاۋابلار بىلەن (مەسىلەن: ئىمان دېگەن نېمە؟ ئىسلام دېگەن نېمە؟ تاھارەتنى قانداق ئالىمىز؟ نامازنى قانداق ئوقۇيمىز؟… دېگەندەك) كۇپايىلەنگەن بالىلار يېشى چوڭايغانسېرى «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالنى سوراشقا باشلايدۇ. يەنى دەلىل تەلەپ قىلىدۇ.  بىز بولساق، ئۇلاردىن ھىدايەت تەلەپ قىلىمىز. «نۇئ‍مان ئۇستاز، بالىلىرىم ھىدايەتتىن چەتنەپ كەتتى» دېگەن ئاتا – ئانىلارغا «ئۇلارغا دەلىللەرنى كۆرسەتتىڭمۇ؟» دېگۈم كېلىدۇ. بۇنداق دېسەم ئۇلار «ئۇ نېمە؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. كۆپىنچىمىز مۇسۇلمان ئائىلىلەردە چوڭ بولغاچقا، قايىل بولۇشىمىز ئۈچۈن دەلىل لازىم بولمايدىغاندەك چۈشەنچىدە. بۈگۈنكى كۈندە بالىلىرىمىز خىلمۇخىل كۆز قاراشلارنىڭ بومباردىمانىدا كاللىسىدا تۈرلۈك سوئاللار تۇغۇلىدۇ. ئۇلاردىن ھىدايەت كۈتۈشتىن ئاۋۋال ئۇلارغا ئوچۇق دەلىل – ئىسپاتلار لازىم. ئۇلار بۇنىڭ ھەقىقىي ۋەھىي ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇشى كېرەك. ئۇلار ئاللاھنىڭ بارلىقىغا قايىل بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىغا، كىتابىمىزنىڭ مۇكەممەل كىتاب ئىكەنلىكىگە قايىل بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا، بۇ خۇلاسىلەرگە ئۆزى كېلىشى كېرەك، ئىبادەتلەرنى ھەرگىزمۇ «ئاتا – ئانام قىلغان» دەپ ئەمەس، ئىچىدىن قايىل بولغانلىقى ئ‍ۈچۈن قىلىشى كېرەك. خۇددى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئېيتىلغىنىدەك:

 ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مانا بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر: مەن ئاللاھقا تولۇق ئىشەنچ ۋە روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلىمەن. مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئاللاھنى پاك دەپ تونۇيمەن، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».  («يۇسۇف» سۈرىسى 108 – ئايەت)

باشقىلارنى تولۇق ئىشەنچ، روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

بالىلارنىڭ دىندىن يىراقلىشىپ كېتىشىنى شەيتان سەۋەبىدىنلا كۆرىمىز، بىزنىڭ دىنىي تەربىيە ئۇسۇلىمىزدا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت. بىز ئىسلامىي تەلىم – تەربىيەمىزدە پەقەت «نېمە» ۋە «قانداق» دېگەن سوئاللارغىلا جاۋاب بېرىش بىلەن بولۇپ كېتىپ،، «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئالنى ئۇنتۇلۇپ قالغان. دىننىڭ قايسى سوئال بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ «نېمە ئۈچۈن» بىلەن باشلىنىدۇ. لېكىن، بىز بۇنىڭدىن ئاتلاپ كەتكەن، ئۆگەتمەيمىز. بىز بالىلىرىمىز مۇسۇلمان ئائىلىدە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن «نېمە ئۈچۈن»نىڭ جاۋابىنى ئېلىپ بولدى، دەپ ئويلاپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا، بالىلىرىڭلار چوڭ بولغاندا «ئۇ قۇرئان مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغانىدى، قانداقسىگە بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتى؟» دەپ يىغلاپ قالىسىلەر. چۈنكى، كىچىك ۋاقتىدىكى قۇرئان يادلاش، ناماز ئوقۇش دېگەن ئىشلار «نېمە»، «قانداق» دېگەن سوئاللار بىلەن بولىدىغان ئىشلار ئىدى. ئادەم چوڭ بولغانسېرى سورايدىغىنى «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئال. ئۇلارغا تەربىيەنى باشلىغىنىمىزدا «نېمە ئ‍ۈچۈن»لەرنىڭ جاۋابى تەييار بولۇشى كېرەك ئىدى. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن قۇرئان ئۆگىنىشنىڭ نېمىشقا ئۈنچىلىك مۇھىملىقىنىڭ سەۋەبى. قۇرئان پەقەت «نېمە»، «قانداق»نىلا ئۆگىتىپ قالماستىن، قۇرئاننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «نېمە ئۈچۈن»لەرگە جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما، مەسىلە شۇكى، بىزنىڭ ئۆگىنىدىغانلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى قۇرئان. ئىسلامنى ئۆگىنىش مەسىلىسىدە بىز قۇرئاننىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى ھەممە نەرسىنى ئۆگىنىپ قۇرئاننىڭ ئۆزىنى ئۆگەنمەيمىز. بالىلىرىڭلارغا قۇرئاننى يادلىتىسىلەر، مۇكەممەل تەجۋىد ئۆگىتىسىلەر. دۇكاندىكى نېمىلەرنىڭ قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىسىلەر. لېكىن، بالىلار «ئال ئىمران» سۈرىسىدە نېمە دېيىلگەنلىكىنى، «نەبە»، «قىيامەت» سۈرىلىرىدە نېمىلەر بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ سۈرىلەرنى نازىل قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ «روشەن دەلىل» كەلىمىسىدىن كېيىن «ھىدايەت»نى تىلغا ئېلىشى روشەن دەلىلنى كۆرۈپ يەتكىنىڭدە ھىدايەتكە ئېرىشىدىغانلىقىڭدىن. سەن بىر نەرسىگە قايىل بولساڭ، بىر نەرسىدىن قەلبىڭ لەرزىگە كەلسە، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭ ئۇلغىيىدۇ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالالايسەن. ھىدايىتىڭ ئارتقانسېرى، دەلىللەر تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. قايىللىقىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. بۇنداق بولغان چاغدا «قەلبتىن چىققان، قەلبكە بارىدۇ» دېگەندەك قايىللىقى مۇستەھكەم بالىلىرىڭلارنىڭ ئەتراپىدىكى بالىلارمۇ ئۇلارنىڭ قايىللىقى ۋەجىدىن ھىدايەتكە ئۇلىشىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئىمانىغا ۋەسىلە بولۇشىدۇ. 

ھەجەر ئانىمىز سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگىنىدەك، ھىدايەتمۇ ئاللاھنىڭ ئوچۇق ئايەت – دەلىللىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قان – تەر تۆككۈچىلەرگە، ئەجىر قىلغۇچىلارغا نېسىب بولىدۇ.

ئاللاھ بىزنى قۇرئاننى ھەقىقىي مەنىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن، شۇ ۋەسىلە بىلەن نۇرلۇق ھىدايىتىگە ئۇلاشقۇچىلاردىن قىلغاي.

1446 – يىل رامىزاننىڭ 10 – كۈنى