قورقۇشلار ئۆچۈردى ئۈنۈڭنى بەلكىم،
قورقىسەن ياپراقنىڭ شىلدىرلىشىدىن.
ۋەھىمە قارايتقان قەلبىڭدە ئەمدى،
ئەسەر يوق ھېكمەتلەر پىچىرلىشىدىن.
خورازلار چىللىسا سۈبھىدە يارقىن،
قۇلاقنى ئېتىسەن، يۇمىسەن كۆزۈڭ.
پۇرايسەن ۋەھىمە ھىدىنى ھەرئان،
نەپسىدىن كەچكەن ھەر ئويغاتقۇچىدىن.
ئۇيقۇڭدا ھوزۇر يوق، ھاياتتا مەنە،
يۈزۈڭگە يەرلەشكەن يالغان تەبەسسۇم.
قەلبىڭگە بېقىشقا يوق ھېچ جۈرئىتىڭ،
كۆرۈنمەك بولىسەن ھەر كىمگە مەسۇم.
قەلبىڭدە ئۈمىد يوق، كۆزۈڭدە زىيا،
ياشايسەن تەزىمدە پۈكۈلۈپ ھەر كۈن.
ھەقىقەت نېمە ئۇ بىلمىسەڭ گەر گۈل،
توزۇيسەن قاغجىراپ تۆكۈلۈپ بەرگىڭ.

