بالىلارغا سۆزۈم

2023-04-14 | تەرجىمىلەر

نۇئ‍مان ئەلىخان

يېڭى يىل تەتىلى بىلەن كۆپىنچىڭلار ئۆيدە بولغاچقا، بۇ مەسچىت ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا ئاۋات، شۇڭا، كۆپىنچە بالىلار بۇ يەردىكى چاغدا ئۇلارغا ناماز ھەققىدە خۇتبە سۆزلەپ بېرىشىم ھەققىدە تەلەپلەر كەلدى. مەن مۇشۇ بالىلارغا ئازراق گەپ قىلاي. بۇ يەردىكى ناماز مەسىلىسىدە ئىچى پۇشۇۋاتقان ياكى ناماز ئوقۇغۇسى يوق ئەمما ئاناڭلار نوقۇپ، «قوپە، ناماز ئوقۇ، تەتىلغۇ ساڭا، كۆرسەتكۈدەك نېمە باھانەڭ بار؟ مەسچىتكە بارايلى» دېسە، ئاياغلىرىدىن سۆرىگەندەك ھېس قىلىپ، «مېنى ئۆز ھالىمغا قويىۋەتسىچۇ، ئەجەب ئىچىمنى سىقتى» دەپ ئويلاۋاتقان، نامازدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بولۇپمۇ كۆزلىرى ئۇياق - بۇياقتا يۈرگەن بالىلار، گېپىمنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاتا - ئانىلارغا ئازراق گەپ قىلىۋالاي.

سىلەر بالىلىرىڭلارنى نامازغا زورلىساڭلار ياكى بېسىم قىلساڭلار، بېشىنى ئاغرىتساڭلار بۇ 13 - 15 ياشلىق بالىلىرىڭلار ناماز ئوقۇسا، كۆڭلۈڭلار ئارام تېپىشى مۇمكىن، لېكىن، ئۇلارنىڭ ئۇنداق ئەمەس. بۇ دىندا كىشىنىڭ تېشىدىكى ئەمەس، ئىچىدىكى ئاساس. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرگۈڭلار بار بىر مەنزىرىنى كۆرۈش بىلەن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ. بالىلىرىڭلارنىڭ ئەمىلى قارىماققا ياخشىدەك بىلىنسىمۇ، بىراق ئۇ سۈنئىي، كۆرۈنۈشتىكىلا ئىش. ئۇ چىرايلىق بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ، ئەمما، ئىچى كاۋاك. ئاللاھ بۇ دىننىڭ ئاساسىنى «يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان» («ئىبراھىم سۈرىسى 24 - ئايەت) دەپ سۈپەتلىگەن. ھەر قانداق بىر ئادەم نامازغا ھورۇنلۇق قىلسا، بۇ يەردە ئۈچ - تۆت ياشلىق ياكى ئالتە ياشلىق بالىلارنى دېمەيۋاتىمەن، ئەقىل يېشىغا كەلگەن، خېلى تۈزۈك سوئاللارنى سورىيالايدىغان، زېرەك، دادىسى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە ۋىدىيولۇق ئويۇنلارنى ئوينىيالايدىغان، ئورتاق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرەلەيدىغان، مەسىلىلەرنى يۇقىرىراق سەۋىيەدە چۈشىنەلەيدىغان، سىلەر بىلەن ئورتاق قىزىقىشلىرى بولغان، بىر مۇسابىقىنى سىلەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ كۆرەلەيدىغان، بەزى مەسىلىلەردە سىلەر بىلەن ئوخشاش ئەقلىي سەۋىيەدە بولغان بالىلارنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلار تېخى بالا، مېڭىسى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان، بەزى جەھەتلەردە يېتەرسىز بولسىمۇ، ئاقىل بىر ئادەم سۈپىتىدە ئۆز تاللاشلىرى، ئۆزى ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولىدۇ. شۇڭا، جامائەت ئىچىدىكى بۇ بالىلارنى مەن بالا دېمەي، ياش ئەر ۋە ئاياللار دەپ ئاتاي. بۇ خۇتبىنى ئاتا - ئاناڭلار سىلەرگە گەپ قىلىۋاتقاندەك، ئۆيدە بالىلىرىمغا گەپ قىلىۋاتقاندەك بېرەي. مەن بۇ مۇنبەردە ئەمەس، ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالىلىرىمنى نامازغا بۇيرىماقچى بولسام، شۇنداق دېگەن بولاتتىم:

جېنىم بالام، بىر زامانلاردا مەن سېنى تونۇمايتتىم، مۇناسىۋىتىمىز ئورنىتىلمىغان ئىدى، سەن مەۋجۇت ئەمەس ئىدىڭ، مەن ھالىڭدىن خەۋەر ئالمايتتىم، سەن خىيالىمدىمۇ يوق ئىدىڭ، سەن مېنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە ئىدىڭ. «ئۇ (ئەرزىمگەنلىكتىن) تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى» («ئىنسان» سۈرىسى 1 - ئايەت) قۇرئاندا ئىنساننىڭ ھاياتىدا ھېچكىمنىڭ ئېسىگە كەلمىگەن بىر ۋاقتى بولىدىغانلىقىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ. شۇنداق، مېنىڭمۇ ئېسىمدە يوق ئىدىڭ، ئىسمىڭنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم، سېنى ياخشىمۇ كۆرمەيتتىم. چۈنكى، سەن مەن ئۈچۈن مەۋجۇت ئەمەس ئىدىڭ، ھېچنېمە ئىدىڭ. لېكىن، بىر مەزگىل كېيىن تۇيۇقسىزلا ھاياتىمغا كىرىپ كەلدىڭ. ئاناڭ ساڭا قورساق كۆتۈرۈپ يۈرگەن چاغلاردىمۇ، ئاناڭ ئىككىمىز سېنىڭ چىرايىڭنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتۇق. بوۋاقلىق ۋاقتىڭدىمۇ ئېمىتىشكە، زاكاڭنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن باشقا كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيتتىم. شۇنداق قىلىپ سەن چوڭ بولدۇڭ، گەپ قىلالايدىغان، پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇڭ، مەكتەپكە كىردىڭ. بىز ئىزچىل بىر ئۆيدە ياشىدۇق. ساڭا شۇنى دەپ قويغۇم كېلىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت بۇ پېتى داۋام قىلمايدۇ. بىزنىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقتىمىز ئىنتايىن قىس. ئۇزۇن ئۆتمەي سەن بالاغەتكە يېتىسەن. سەن بالاغەت يولىدىسەن. بۇ يول يىراق ئەمەس. راستىنى دېسەم، بوۋاقلىقىڭ بىر ئاي بۇرۇنقى ئىشتەكلا بىلىنىدۇ. كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچىلا سەن چوڭ بولۇپ كەتتىڭ، ھەش - پەش دېگۈچە بالاغەتكە يېتىسەن، ئۇنىۋېرستىتقا كىرىسەن، خىزمەت تاپىسەن، توي قىلىسەن، ئىنشائاللاھ. ئاللاھ خالىسا، ئۇ ئىشلار بولسا، ئەھۋال ھازىرقىدەك بولمايدۇ، سەن ئۆيگە كەلمەيسەن، مەن بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزمەيسەن. ئۆزۈڭنىڭ خىزمىتى، ئۆزۈڭنىڭ ئائىلىسى، ئۆزۈڭنىڭ جۆرىسى، ئۆزۈڭنىڭ ھاياتى بولىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقتىمىز بەكلا قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە سەن مەكتەپكە بارىسەن، مەن ئىشقا بارىمەن، سودىلىققا چىقىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كۈندە رەسمىي پاراڭلاشقۇدەك 20 مىنۇتچە ۋاقتىمىز ئاران چىقىدۇ. ئەمەلىي بىللە ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمىز بەكلا قىسقا، چوڭ بولغاندا شۇ قىسقا دەملەرنىلا ئېسىڭگە ئالىسەن. شۇڭا، مەن ساڭا دېمەكچى بولغان بىرىنچى نەرسە مەن سېنى چەكلىكلا بىلىمەن. بىزنىڭ بىللە ياشىغىنىمىز ماڭا ئايان، لېكىن، سېنى ئازلا بىلىمەن. چۈنكى، ھېچبىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننى ھەقىقىي بىلمەيدۇ. سەن ئويلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىنى ماڭا دېمەيسەن، مەنمۇ شۇ. لېكىن، سەن ماڭا نىسبەتەن ھېچ ۋاقتىڭدىن تارتىپ سېنى بىلىدىغان، مەخلۇقاتنىڭ ھېچقايسىسى سېنى سۆيمەستىن تارتىپ سېنى سۆيىدىغان بىرى بار. سېنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى، ھەتتا مېنىڭ مۇناسىۋىتىممۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئولتۇرغان چوڭلارنىڭ كۆپىنچىسى، شۇنداقلا مەنمۇ بىر دادا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بالىلىق ۋاقتىمىزدىكى دادىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. دادام بىلەن ئۇنىۋېرستىتتىكى ۋاقىتتىكى مۇناسىۋىتىممۇ پەرقلىق، ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى مۇناسىۋىتىم تېخىمۇ پەرقلىق. ئوخشاش ئادەم بولساقمۇ، مۇناسىۋىتىمىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. لېكىن، بىرى باركى، تا ئەڭ باشتىن تارتىپ سېنى سۆيىدۇ، سېنى قوغدايدۇ، سېنىڭ ئۈچۈن پىلانلار تۈزىدۇ، سېنى پەرۋىش قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئىزچىل شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما، ئۇ مەن ئەمەس. مەن پەقەت سېنىڭ ھاياتىڭدىكى بىر سەھنە. ئۇنىڭدىن ئوشۇقى ئەمەس. ئۇ ئاللاھنىڭ ساڭا ۋە ماڭا ئاتا قىلغان گۈزەل سەھنىسى، لېكىن، مەڭگۈلۈك سەھنە ئەمەس. بۇ ساڭا بىلدۈرمەكچى بولغان بىرىنچى نەرسە.

ئىككىنچى ئېيتماقچى بولغىنىم، ساڭا ناماز ئوقۇ، دېگىنىمدە ياكى باشقا بىر ئىشقا بۇيرىغىنىمدا سېنى باشقۇرماقچى بولغاندەك، ساڭا خوجايىنلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىشى مۇمكىن. لېكىن دېمەكچىمەن، مەن سېنى باشقۇرالمايمەن. مەن ساڭا نەسىھەت قىلالايدىغىنىم، بەزى نەرسىلەردىن چەكلىيەلەيدىغىنىم راست. لېكىن، پات يېقىندا سەن چوڭ بولىسەن، ساڭا قانچىلىك ۋارقىرىشىمدىن قەتئىينەزەر، ئاۋازىم قانچىلىك قاتتىق چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، قانچىلىك رەنجىشىمدىن قەتئىينەزەر ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ، چۈنكى ئۆز تاللىشىڭنى قارار قىلغان بولىسەن. «ماقۇل دادا، كېيىن پاراڭلىشايلى، ماڭمىسام بولمايدۇ، يەنە بىر تېلېفون كېلىپ قالدى» دەپ تېلېفونۇمنى قويۇۋېتىپ ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى قىلىسەن. ئەسلىدە مۇتلەق كۆپ قىسىم چاغلاردا تاللاشلىرىڭدا مېنىڭ ھېچبىر كونتروللىقىم يوق. مەكتەپتىكى چېغىڭدا دوستلىرىڭ بىلەن، ئۆزۈڭنىڭ ئىشى بىلەن بولىسەن. پاراڭلىرىڭلارنى باشقۇرمايمەن. قولۇڭدا ئايپەد ياكى تېلېفون دېگەندەك دوستلىرىڭ بىلەن ئالاقىلىشىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇ ئالاقىنى مەن باشقۇرالمايمەن. ئۇ ئۈسكۈنىلەردە ئاتا - ئانا كونترول ئەپلىرى بولغان تەقدىردىمۇ سېنىڭ ئويلىرىڭنى، ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقانلىرىڭنى باشقۇرالمايمەن. باشقۇرالايدىغان نەرسىلىرىم ئىنتايىن چەكلىك. لېكىن، بىر زات ھەر بىر تال ھۆجەيرەڭنى باشقۇرالايدۇ، ئاناڭنىڭ رەھمىدىكى سۇيۇقلۇقتىن تارتىپ گېنلىرىڭغىچە كونترول قىلىپ، تېرەڭنىڭ، چاچلىرىڭنىڭ، كۆزلىرىڭنىڭ رەڭگىنى، بويۇڭنىڭ ئېگىز - پەس بولۇشىنى بېكىتەلەيدۇ، مەن باشقۇرالمايدىغان ھەممە نېمەڭنى باشقۇرالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا دېگەن: «ئەي مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە، ئاللاھتىن قورققىن، سېنىڭ سوئال - سورىقىڭدا ئاللاھ ئالدىدا مېنىڭ ھېچقانداق نوپۇزۇم يوق» دېگەن. بۇ سۆز گەپنى يەنە بىر نۇقتىغا ئېلىپ بارىدۇ. مەن پەقەت سېنىڭ ياخشى بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما، ئۇنى باشقۇرالمايمەن، مەسئۇلمۇ بولالمايمەن. ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننى ئۆزىگە مەسئۇل قىلىپ ياراتتى. ئەگەر بىر كۈنى شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىپ، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتسەڭ، ساقچى تۇتسا، «دادامنى چاقىرسام بولامدۇ» دېيەلمەيسەن. ئۇ مەسىلىنى ئۆزۈڭ بىر تەرەپ قىلىشىڭ كېرەك بولىدۇ. ئۇنىۋېرستىتتا پروفېسسورنىڭ دەرسىدىن ئۆتەلمىسەڭ، «توختاڭلار، ئانامغا تېلېفون قىلاي» دېمەيسەن، ئۆزۈڭ مەسئۇل بولىسەن. سوتنىڭ قانۇنىدا ئۆزۈڭگە مەسئۇلسەن، ئۇنىۋېرستىتتا ئۆزۈڭگە مەسئۇلسەن. خىزمەتتە مەسئۇلىيەتنى ئۆزۈڭ ئادا قىلىسەن. سالامەتلىكىڭگە، نېمە كىيىشىڭگە ئۆزۈڭ ئىگە بولىسەن. ئۆزۈڭنى خەتەرگە ئىتتەرسەڭ، ئۆزۈڭگە زىيانكەشلىك قىلساڭ، ئۆزۈڭ مەسئۇل بولىسەن. چوڭ بولغانسېرى ئەركىنلىكىڭ ئېشىپ بارىدۇ، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىڭمۇ ئېشىپ بارىدۇ. ھېچكىم سېنى باشقۇرمايدۇ، ھېچكىم ساڭا مەسئۇل بولمايدۇ. «ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس» («ئەنئام» 164- ئايەت) مەن ئەمەلىيەتتە قىيامەت كۈنى ساڭا مەسئۇل بولمايمەن، مۇھەققەقكى ھەممە ئادەم ئاللاھنىڭ ئالدىغا يالغۇز كېلىدۇ. ھازىر بىز بىر ئائىلىدە بىللە ياشاۋاتىمىز، مەن سېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن، سېنى دائىم ئويلايمەن، لېكىن، بىر كۈن كېلىدۇ، بىز ياپ - يالغۇز قالىمىز. قىيامەت كۈنىدە سەن يۈگۈرۈپ ئالدىمغا كەلسەڭمۇ سەندىن قېچىپ، «سېنى تونۇمايمەن، مەندىن يىراق تۇر، بېشىمدا مىڭ تۈرلۈك دەرت بار ھازىر» دېيىشىم مۇمكىن. چۈنكى، سەن بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ئاللاھ بىلەن بولغان بۇ بۈيۈك مۇناسىۋىتىمگە قارىغاندا بىر نەچچە دەقىقىلىك مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بەكلا بالدۇر باشلانغان، بەكلا ئۇزۇن داۋاملاشقان بولىدۇ. قىيامەت كۈنىدە مەن شۇ مۇناسىۋەتنىڭ مەسىلىسى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان بولىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ» («ئەبەسە» سۈرىسى 34~36 - ئايەتلەر).

ئەمدى، ساڭا بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغان يەنە بىر نۇقتا، خۇددى سېنىڭ مېنىڭ ساڭا كۆيۈنىدىغىنىمنى ھېس قىلغۇڭ كەلگەندەك، مېنىڭمۇ مېنى ھۆرمەتلەيدىغىنىڭنى، ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى ھېس قىلغۇم كېلىدۇ. بىرىنى ياخشى كۆرگىنىڭدە ئۇنىڭدىن بىر نەرسىلەرنى كۈتىسەن. ئائىلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، توك پۇلىنى تۆلەش، ئۆينى ئىسسىتىش، سېنى مەكتەپتىن ئېلىش، سىلەرگە كىيىم - كېچەك ئېلىش… دېگەنلەر مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. بۇنىڭ بەدىلىگە سېنىڭدىن ھۆرمەت، بويسۇنۇش كۈتىمەن. ئەمما، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭ ئوخشىمايدۇ. ئۇ زاتقا بەك كۆپ ئېھتىياجىڭ بار، ئەمما ئۇ زاتنىڭ ساڭا ھېچقانداق ئېھتىياجى يوق. «نېمىشقا ناماز ئوقۇشۇم كېرەك؟ ئاللاھ نېمىشقا نامىزىمغا ئېھتىياجلىق؟» دېگەن گەپكە كېلەيلى. ئاللاھنىڭ سېنىڭ ھېچبىر نەرسەڭگە مۇھتاج ئەمەس. مۇھتاجلىق، ئېھتىياج قەتئىي ئۇ زاتنىڭ ئىشى ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ھەققىدە ئازراق توختىلايلى. يېقىندا دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدە مەن قاتاردا ئىدىم. ئارگېنتىنا ئۇتۇپ، چېمپيىيونلىقى تەبرىكلەندى. بۇ چوڭ بىر شەرەپ. تەنھەرىكەتچىلەر تەبرىكلەۋاتقان، ئەمما تاماشىبىن يوق، كامېرا يوق بىر مەنزىرىنى خىيال قىلىپ باقايلى. يالغۇز ئارالدا ياشايدىغان بىرىنىڭ ۋارىتارغا توپ كىرگۈزۈپ، «ھۇررا!» دېسۇن، ئەمما ئەتراپتا ھېچكىم يوق بولسۇن، ئۇنىڭ ۋارقىرىشى ساراڭلىقتەك تۇيۇلىدۇ، شۇنداقمۇ؟ شەرەپ قازىنىش ئۈچۈن تاماشىبىنىڭ بولۇشى كېرەك، ئېتىراپ قىلىنىشىڭ كېرەك. ئالقىش بولۇشى ئۈچۈن ئەتراپىڭدا ئادەملەرنىڭ بولۇشى كېرەك. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ ئالقىش ياغدۇرالمايسەن، بۇنى باشقىلار سېنىڭ ئۈچۈن قىلىشى كېرەك. ئەمما، ئاللاھ دەيدۇكى: «زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ. ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ» («رەھمان» 26، 27 - ئايەتلەر)، يەنى ئاللاھ ھېچكىم مەدھىيە ياغدۇرمىسىمۇ شانى ئەڭ ئۇلۇغ بىردىنبىر زاتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە باشقىلارغا مۇھتاج. شۇڭا، ئاللاھنىڭ نامىزىمغا ئېھتىياجى يوق. ئاللاھ مېنىڭ ھالال يېيىشىمگە ئېھتىياجى يوق، يامان سۆزلەرنى قىلماسلىقىمغا ئېھتىياجى يوق. قىسقىسى، ئۇنىڭ مېنىڭ ھېچنېمەمگە ئېھتىياجى يوق. شۇڭا، ئۆزۈڭنى بىرىگە ياردەم قىلىۋاتقاندەك ئويلايدىغان چۈشەنچىنى كاللاڭدىن چىقىرىۋەت. ئاللاھ ھەتتا «ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، بەلكى ئاللاھ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر راست (مۆمىن) بولساڭلار، دېگىن» («ھۇجۇرات» سۈرىسى 17 - ئايەت) دېگەن.

ئەمدى يەنە بىر مەسىلىگە كېلەيلى. بىر ئادەم نېمىشقا ناماز ئوقۇمايدۇ؟ مەن سېنى دېمەكچى ئەمەس، جېنىم قىزىم ياكى ئوغلۇم. بىز پەقەت بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەپ باقايلى. بەلكىم بۇ سوئالنىڭ بىر تالاي جاۋابلىرى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئاللاھ ئۆزى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەن. بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق بىر جاۋاب. مەن باشتا خۇتبىدە ئوقۇغىنىمدەك، ئاللاھ شۇنداق دېگەن: «تەستىقلىمىدى، ناماز ئوقۇمىدى. لېكىن ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە يۈز ئۆرۈدى» («قىيامەت» سۈرىسى 31، 32 - ئايەتلەر). بۇ يەردە ئاللاھ كاپىرلار ھەققىدە توختىلىۋاتىدۇ ھەم ئىككى نۇقتىنى دەۋاتىدۇ: بۇ ئادەم ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ ھەم ناماز ئوقۇمايدۇ. بۇ يېرى ئاجايىپ، يەنى ئەگەر «ئۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىدى» دېيىلسە، ئاللاھنىڭ «تەستىقلىمىدى، ئىمان ئېيتمىدى» دېيىشىنى كۈتەتتىم، ئەمما ئاللاھ «ناماز ئوقۇمىدى» دېدى، يەنى بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بۇ يەردە ئاللاھ ھەققىدىكى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتا كەمتۈكلۈك بار. بۇ گەپنى ئاڭلاپ «ياق، ياق، ياق، مەن ئاللاھقا ئىشىنىمەن، مەن مۇسۇلمان» دېيىشى مۇمكىن. شۇنداق، سەن مۇسۇلمان، يەنى كاللاڭدا مۇسۇلمان، ئەمما، بۇ ھەقىقەت كاللاڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بۇ ھەقىقەتەن ئوخشاشلا قەلبىڭ ئۈچۈن. سەن ھېلىھەم بۇنىڭ قانچىلىك چىن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمىدىڭ. بۇنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلمىدىڭ. نېمىلىكىنى بىلىپ بولالمىدىڭ. بەزىدە بىر نەرسىلەرنى بىلىشىڭ مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئويلانماسلىقىڭ مۇمكىن. شۇڭا، بۇ تەرىپى كەم بولغاچقا مەن ۋە سەن بەزىدە ناماز ئوقۇمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. بۇ كۆڭۈل قويماسلىقتىن يۈز بېرىدۇ. بۇ دىننىڭ ھەقىقىتى، ئاللاھنىڭ ھەقىقىتى خىياللىرىمىزنىڭ ئارقىسىدا بىر تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇلغان، بىز چېچىلىپ كەتكەن كۆڭلىمىز بىلەن ئۇنى ئويلىمايمىز. بۇ دەل ئاللاھنىڭ دەۋاتقىنى. يەنى، ئاللاھنىڭ نامىزىڭغا ئېھتىياجى يوق. مەن دېگىنىم ئۈچۈن ناماز ئوقۇساڭ قانداق بولىدۇ؟ سەن نېمە نىيەتتە ئوقۇيسەن؟ «دادام كىرىشىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇيمەن» دەمسەن؟ ئاللاھۇ ئەكبەر! رەسۇلىللاھ ئەلەيھىسسالام بىزگە «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق» دەپ، توغرا نىيەت بولمىسا، ئەمەللەرنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا، سەن ئوقۇغان تەقدىردىمۇ كۆزۈڭگە كىرىۋالغىنىم ئۈچۈن ئوقۇغان بولساڭ، ئۇنىڭ يا ماڭا، يا ساڭا پايدىسى يوق. ئىخلاس بىلەن ئوقۇلغان نامازدىن مەنپەئەتلىنىدىغان بىردىنبىر كىشى سەن ئۆزۈڭ. مانا بۇ سوئالىڭنىڭ جاۋابى.

بىر ئادەم نېمىشقا ناماز ئوقۇمايدۇ؟ بۇ ھەقتە يەنە ئىككى نەرسە بار. بىرىنچىسى ناماز ئوقۇشتىن مەقسەت نېمە؟ يەنى، ناماز ئوقۇپ نېمە نىشانغا يەتمەكچى؟ بەلكىم سەن ناماز ئوقۇشتىن مەقسەت دوزاخقا كىرىشتىن ساقلىنىش، ناماز ئوقۇمىساڭ، ئاللاھ سېنى ئۆچ كۆرىدۇ. ئوقۇمىساڭ، جازالىنىسەن ياكى مۇسۇلمان بولالمايسەن. پەرىشتىلەر سېنى لەنەتلەيدۇ… دېگەندەك يامان تەرەپلەرنى ئويلىۋالغان بولۇشۇڭ مۇمكىن. ئاللاھ ئۇ تەرەپلەرنى بايان قىلمىغان. ناماز ئوقۇشتىن مەقسەت ياخشى نەرسىلەرگە يۈزلىنىش. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكتىن قورقۇپ ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن دەرسنى ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈن ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقىنى بىلەمسەن؟ بىرى ياخشى نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ، يەنە بىرى ياماندىن قېچىش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ. خىزمىتىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر خادىم بىلەن ئىشتىن ھەيدىلىشتىن قورقىدىغان بىر خادىم ئوخشاش بىر ئىشنى قىلسا، بىرى خۇشاللىق ئىچىدە قىلىدۇ، يەنە بىرى بېسىم، ئەندىشە ئىچىدە قىلىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى بىرى ياماندىن قېچىش ئۈچۈن قىلىدۇ، يەنە بىرى ياخشىغا ئېرىشىش ئ‍ۈچۈن قىلىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا ناماز ھەققىدە توختالغاندا، نېمىشقا ناماز ئوقۇشىمىز، ناماز ئوقۇشنىڭ مەقسىدى ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن» («تاھا» سۈرىسى 14 - ئايەتتىن) يەنى، مېنى ئەسلەپ تۇرۇشۇڭ ئۈچۈن نامازنى داۋاملاشتۇرغىن. مەن سېنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. لېكىن، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭ سەن بۇ دۇنياغا كېلىشتىن ئۇزۇن زامان بۇرۇنلا باشلانغان. شۇنداقلا، بۇ مۇناسىۋىتىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ ئۇزۇن زاماندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت ئەسلەشكە ئەرزىيدۇ، چۈنكى، ساڭا كەلگەن ھەر بىر ياخشىلىق مۇشۇ مۇناسىۋەت ۋەجىدىن كەلگەن. بەزى ياخشىلىقلار مېنىڭ داداڭ بولغىنىم ئۈچۈن كەلگەن، پەقەت بەزىلىرى. ئەمما، جىمى ياخشىلىقلار ئاشۇ مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن ساڭا نېسىب بولغان. شۇڭا، بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ھاياتىڭدا داۋام قىلىشىنى خالىساڭ، ھەممە ياخشىلىقنىڭ، ھەممە نېمەتنىڭ، ھەممە رىزىقنىڭ، ھەممە ھىدايەتنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشۇڭ كېرەك. شۇڭا، ئاللاھ بىزگە ئاللاھنى ئەسلەشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ناماز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مانا بۇ نېمىشقا ناماز ئوقۇشۇڭ كېرەكلىكىنىڭ جاۋابى. ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ئەسلەپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ناماز ئوقۇساڭ، ئاللاھ دەيدۇكى: «ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر» («ئەنكەبۇت» سۈرىسى 45 - ئايەتتىن)، يەنى نامازنىڭ سېنى يامانلىقلاردىن توسىدىغان پايدىسىمۇ بار. چۈنكى، ئەتراپىڭنى يامانلىقلار قاپلاپ كەتكەن، بالام، مەن سېنى ئۇنىڭغا چېپىلىپ قېلىشتىن توسۇپ بولالمايمەن. يامانلىقلار قولۇڭدىكى ئۈسكۈنىلەردە، يامانلىقلار مەكتىپىڭدە، يامانلىقلار دوستلىرىڭلاردا، يامانلىقلار يىغىلىشلىرىڭلاردا، يامانلىقلار ھەممە يەردە. يامانلىقلارغا يېقىنلاشقىنىڭدا قەلبىڭ زەخمىلىنىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ نامازنى داۋاملاشتۇرساڭ، يامانلىقلاردىن قوغدايدىغىنىنى ئېيتتى. بۇلغانغان ھاۋادا تۇرساڭ دەسلەپ يۆتىلىپ، ئۇزۇن تۇرىۋەرسەڭ كۆنۈپ قالغاندەك، يامانلىقمۇ ئۇزۇن مەزگىل قوبۇل قىلغاندا سەندە ئىنكاس قوزغىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۆزۈڭنى قوغداشنى خىيالىڭغا كەلتۈرمەس بولۇپ قالىسەن. چۈنكى، ئىممۇنىتىت سىستېماڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ زىيانلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇپ قالىسەن. بىر - بىرىدىن يامان ئىشلارنىمۇ قىلىۋېرىدىغان بولۇپ قالىسەن. ناماز ھاياتتا سېنى شۇنداق تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشتىن قوغدايدۇ. مانا بۇ ناماز ئوقۇشۇڭنىڭ، سېنى ناماز ئوقۇ، دېيىشىمنىڭ سەۋەبى. بۇ سەپەرنىڭ ئاخىرىدا قارارلار ئۆزۈڭگە باغلىق، چۈنكى، ئاللاھ ئەتە ياكى بىر يىلدىن كېيىن مېنى ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن. سەن ۋە مەن 100 ياشقا كىرگەن تەقدىردىمۇ بۇ ھايات ھامان ئاخىرلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ياشاپ بولالمايمىز. شۇڭا، ئەگەر ھەقىقەتەن مۇناسىۋىتىمىزنى ھۆرمەتلىسەڭ، قەدىرلىسەڭ، ناماز ئوقۇغىن. بۇ مېنىڭ ساڭا نەسىھىتىم.

مانا بۇ مېنىڭ ئۆزۈمگە، بارلىق ئاتا - ئانىلارغا ۋە بالىلارغا كىچىككىنە ئاگاھلاندۇرۇشۇم. بىزگە ئامانەت بېرىلدى. ئۇلار بىزگە بېرىلگىنى ئۈچۈن تىزگىنى بىزدە بولۇپ قالمايدۇ. ئۇلارنى قانچە باشقۇرۇشقا، كونترول قىلىشقا ئورۇنغانسېرى، شۇنچە جىلە بولۇپ قالىمىز. ئائىلىلىرىدە دىنىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان ئائىلىلەرگە دىققەت قىلسام، دىننى بالىلارغا زورلىغانسېرى، بالىلارنى باشقۇرۇشقا ئۇرۇنغانسېرى بالىلار تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بالىلارنى ئاتا قىلىشى ئۇلارنى كۆرسەتمەڭلەرگە شەرتسىز تەسلىم قىلىش ئەمەس. ئۇلارنى ئاتا قىلىشى ئۇلارنى سىلەر پەقەت سىلەرلا ئويلاندۇرالايدىغان ئىشلار ھەققىدە ئويلاندۇرۇش، ئۇلارنى پەقەت سىلەرلا ياخشى كۆرگۈزەلەيدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرگۈزۈش ئۈچۈندۇر. بالىڭىز ۋاسكېتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى، سىزنىڭ ۋاسكېتبول ئوينىغىنىڭىزنى كۆرگەن. ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى دادىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىغىنىنى كۆرگەن. يەنى، سىز ياخشى كۆرۈشلىرىڭىزنى بالىڭىزغا ئۆتكۈزەلەيسىز. بالىڭىزغا «تاپشۇرۇق ئىشلە، تاپشۇرۇق ئىشلە» دېسىڭىز، بالىڭىز 40 قا كىرىپ «مەن تاپشۇرۇققا ئامراق» دېمەيدۇ، ئەمما، 40 قا كىرىپ «مەن ۋاسكېتبولنى ياخشى كۆرىمەن، دادام دائىم ئوينايتتى، ياخشى كۆرەتتى» دەيدۇ، سىزنىڭ ياخشى كۆرۈشلىرىڭىز ئۇنىڭغا كۆچىدۇ. دادىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بەزى نەرسىلەر مېھىر بىلەن سىزگە كۆچىدۇ. دادىڭىزنىڭ سىز يامان كۆرىدىغان بەزى ئىشلىرى سىزگە زورلىغانلىقى تۈپەيلىدىن بولىدۇ. مانا بۇ بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممەيلەننىڭ رېئاللىقى. سىلەر تېشىڭلارغا چىقىرىپ دېمىسەڭلەرمۇ ئاتا - ئاناڭلارنى ياخشى كۆرىسىلەر. بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمىز. ئەمما، بەزى نەرسىلەرنى ئۇلاردىن قوبۇل قىلىمىز، بەزى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمايمىز. بىز قوبۇل قىلغان نەرسىلەر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن بىزگە ئۆتكەن. بۇ دەل «ئىسرا» سۈرىسىدە بىز ئاتا - ئانىلارغا بېرىلگەن ئىشارەتنىڭ ئۆزى شۇ. «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» («ئىسرا» سۈرىسى 24 - ئايەت) «تەربىيە» كەلىمىسى (ئەرەبچىدە) بىر نوتىنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. سىز بىر نوتىنى پەرۋىش قىلسىڭىز، ناھايىتى نازۇك مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ئوغۇتلىشىڭىزغا، تۇپرىقىنى يۇمشىتىڭىزغا، ياۋا ئوتلارنى يۇلۇۋېتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. سىز نوتىغا ۋارقىرىيالمايسىز، «بولە، ئىتتىك ئۆسە» دېيەلمەيسىز. ئۇنىڭ ئۆسۈش مۇددىتىنى كۈتۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. زىيانداش ھاشاراتلار يوپۇرماقلىرىنى زەخملىسە، ئازراق قاتتىق قوللۇق بىلەن زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقىتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنى سۇغىرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ ئەسلىدە بىز بىلەن بالىلىرىمىزنىڭ كۆرۈنۈشى. بۇ نېمىشقا بىزنىڭ ئاتا - ئانىمىزغا ئۇ دۇئانى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى. ئاللاھ بالىلىرىمىزغا پەقەت ئۆزى بېرەلەيدىغان ھىدايەتنى نېسىپ قىلسۇن. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ھاياتتىكى توغرا تاللاشلاردا مۇستەھكەم قىلسۇن. ئاللاھ ئۇلارنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ئۈممەتكە قىلغان «ئى رەببىم! مېنى ۋە مېنىڭ نەسلىمدىن كېلىدىغانلارنى نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغان قىلغىن» («ئىبراھىم» سۈرىسى 40 - ئايەت) دېگەن دۇئاسىدىكىدەك قىلسۇن. ئاللاھ بۇ يەردىكى ئاتا - ئانىلارنى ۋە مېنى ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ، نامازنى سۆيۈشنىڭ ئۈلگىسى قىلسۇن. بالىلىرىمىزنى بىز نامازغا ئاشىق بولغاندەك ناماز ئاشىقى قىلسۇن. (ئامىن!)

دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم تەرجىمىسى 2023-يىل 14- ئاپرىل
مەنبە: Dilmurat Abduqayyum

 · 

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=ssLAhmuq1G