دوكتۇر ۋە چاشقان

دوكتۇر بولماق- يېرىم ئالجىماق. يىللاپ- يىللاپ ئىزدىنەر، دوكتۇر ئاسپىرانت. ئۆزى يە يېتەكچىسى ياق، ياق، دۇنيادا ھېچكىشى چۈشەنمەيدىغان، ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ بەتتام يەكۈن ئۈستىدە. قەرەلى توشسا، تاپشۇرسا لىپ- لىق رەقەمگە تولغان، كۆرگەن كىشىنى كېسەل قىلىدىغان دېسىرتاتسىيىسىنى،...

سىر

مۇمكىن ئەمەسمىش، پەرىشتىدەك پاكلىنىش. مۇمكىن ئەمەسمىش، شاللاقلىقتىن ساقلىنىش. ئازاب نېمە؟ مەھرۇم بولۇشمۇ؟ بەخىت نېمە؟ ھوزۇرلىنىشمۇ؟ تەبىر ئىزلەپ يۈرمە ھەممىگە، تەڭرى بېرەر توپ- توغرا تەبىر. قۇرئاننى ئال قولۇڭغا زاھىد، ئەنە بەخىت، ئەنە ھالاۋەت، ئەنە ئازاب، ئەنە...

شەيتان ئەينىكى

سىغدۇرۇپ ئىچىگە جاھاننى تولۇق، ئۈگەتتى بىزلەرگە تۈمەنمىڭ خۇلق. ئۇنتۇماقتىمىز ئاستا – ئاستا، ئىزا – ھايانى. شەيتان ئەينىكى ئەللەيلىمەكتە، ئۇيغۇرنى، ئىندىئاننى غەپلەتكە، كەسرەتكە. ئولتۇرغانچە بارماقنى شۈمۈپ، سەبىيلىرىمىز ئۈگەنمەكتە، سۆيگۈسىنى غەرپچە ئىزھار...

ئالەم كېمىسى

قاراڭغۇلۇقتا، ھۆركىرىشەر يۇلتۇزلار. تاڭنىڭ جىلۋىسى، جىملەپ قويار جىمى يۇلتۇزنى. قىرو باسقان ئاينىڭ لېۋىدىن، تۆكۈلىدۇ قوياش تامان نۇر. ئۇخلىمايدۇ چولپان كۈندۈزى، مۈكۈۋالار كۈننىڭ كەينىگە. يالتىرايدۇ ئاسمان ئەينىكى. ئېسەنكىرەش. دەرىزەڭدۇر جاھان ئەينىكى، كۆرەلمەيسەن...

سىنتەبىردىن قىيامەتكىچە

مەن، كۆرۈپ قالسام كۆزۈڭدىن ئەگەر، دىلمۇراتتىن باشقا بىرسىنى، يۈرىكىمدىن قوغلايمەن سېنى. كۆزۈڭدىكى سۈرەت قەلبىدە، تۇرالايسەن بەلكىم بىر ئەسىر. شۇنچە مەغرۇر، شۇنچە ھەشەملىك، ئۇ سەن ئۈچۈن سالدۇرغان قەسىر. لېكىن، يۈرىكىڭنى ئۆرتەيدۇ ھەر تاڭ، «نەدە مۇرات؟»...

قاتىل كۆزلەر

زىنىقىڭدىن تۆكۈلگەن شېئىر، ياماشقاندا يۈرەكلىرىمگە، مەيسىز كەيىپ بولغان بىر ئاشىق، غەرق بولدى ئاتەش كۆزۈڭگە. تاپالمىدىم شۇنىڭدىن بېرى، يەر شارىدىن ئىزلەپ ئۆزۈمنى. يەر تەكتىدىن چىققان شۇ يىغا، ئوخشايدىكەن مېنىڭ يىغامغا. كۆزلىرىڭگە سىڭدىمغۇ دېسەم، سىڭىپتىمەن يەرنىڭ...