رامىزاننىڭ زىننىتى

رامىزاننىڭ زىننىتى

ئەلھەمدۇلىللاھ، مۇبارەك رامىزان يەنە نېسىب بولدى. بەرىكەتلىك كېچىلەر، يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا ھەۋەسلەردىن ئېرىغدالغان كۈندۈزلەر باشلاندى. ئەتىگەن قورودا «رامىزان مۇبارەك» يېزىلغان رەڭگارەڭ چىراغلار بىلەن بېزەلگەن دېرىزىلەرنى كۆردۈم. ئوسمانلى دەۋرىدە رامىزان ۋە باشقا ئايەم كېچىلىرى بالىلارنى سۆيۈندۈرۈش ئۈچۈن كوچىلارغا پانۇسلار ئېسىلىدىكەنتۇق. تۈركىيەدە شۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى كوچىلارمۇ رامىزاندا چىراغلار بىلەن بېزىلىدۇ، مەسچىت مۇنارلىرى رەڭلىك چىراغلار بىلەن چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ. قۇرئان كەرىم نازىل بولغان بۇ ئاينىڭ گۈزەللىكىنى بۇنداق زىننەتلەر بىلەن قانچە جۇلالاندۇرساق ئەرزىيدۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۇ ئاي ئاتا قىلغان پەيزنىڭ قەلبىمىزگە تەسىر قىلىپ، خۇي - پەيلىمىزنى، سۆز - ھەرىكىتىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈشى. رامىزاندا بالىلىرىمىز، جۆرىلىرىمىز بىزنىڭ باشقىچە ئېغىر - بېسىق، كۆيۈملۈك بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنى ھېس قىلسا، رامىزاننىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سائەتلەپ ۋەز ئېيتمىساقمۇ ئۇلار رامىزاننى سۆيىدۇ. بالىلىرىمىزنى، جۆرىلىرىمىزنى رامىزاندا كۆپرەك ئىبادەت قىلسا بولاتتى، دېگەن نىيەتكە تىل - دەشنام بىلەن، تەھدىت بىلەن يەتمەكچى بولساق، رامىزاننى ئۇنىڭ قىممىتىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمىغانلارغا نىسبەتەن زىندانغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز.

«قەلبىڭىزنى تىرىلدۈرۈڭ» ناملىق ئەسەردە (بۇ كىتاب ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئاۋازلىق نۇسخىسىمۇ «ئاۋازلىق ئەسەر» ئەپ دېتالىدا بار) «ئەسر» سۈرىسىدىكى «تَوَاصَوۡاْ (تەۋسىيە قىلىڭلار)» دېگەن كەلىمە ھەققىدە توختىلىپ:



ئەرەب تىلى مورفولوگىيەسى (سەرف) ئۆگەنگەنلەر «تفاعل» بابىنى (قېلىپىنى) بىلىدۇ. «تفاعل» شەكلى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تەرەپ ئوخشاش ئىشنى قىلغاندا ياكى ئۆزئارا ياردەملەشكەندە قوللىنىلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، مەن سىزگە بىر تەۋسىيە بېرىمەن، سىزمۇ ماڭا بىر تەۋسىيە بېرىسىز؛ سىز مېنىڭ تەۋسىيە - نەسىھىتىمگە قەلبىڭىزنى ئاچىسىز، مەنمۇ سىزنىڭ تەۋسىيە - نەسىھىتىڭىز ئۈچۈن قەلبىمنى كەڭ ئاچىمەن…

شەكلىدە چۈشەندۈرىدۇ. يەنى، بىر نەرسە تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپ بىلەن رىشتە ئورنىتىش، قارشى تەرەپنىڭ تەۋسىيەسىنىمۇ قوبۇل قىلىدىغان روھىي تەييارلىق بولۇشى كېرەك. رامىزان ئۆزگىرىشنىڭ ئېيى. لېكىن، ئۆزگىرىش ئاستا - ئاستا يۈز بېرىدىغان نەرسە. كۆنۈپ قالغان بىر ناچار خۇينى تاشلاشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا، بۇ ئايدا ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلىش، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش، نەسىھەتنى مېھىر - مۇھەببەتلىك پەيتلەردە قىلىش، پەيلىمىز بۇزۇلغاندا ئولتۇرۇپ، نەسىھەتنى ئۆزىمىزگە قىلىشنى ئادەت قىلساق، ئۆيلىرىمىزنى، كوچىلىرىمىزنى زىننەتلىگەندەك قەلبىمىزنىمۇ زىننەتلىسەك ئاللاھنىڭ رەھمىتى، بەرىكىتى ئائىلىلىرىمىزگە تېخىمۇ بەكرەك ياغىدۇ.



رامىزانىڭلار مۇبارەك بولغاي.

ئېمىتىش جەريانىدىكى مۆجىزە

ئېمىتىش جەريانىدىكى مۆجىزە

بىئولوگ كەيتى ھىند (Katie Hinde) 2008-يىلى ئىلىم-پەن نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان سەل قاراپ كەلگەن بىر نەرسىنى بايقىدى: ئانا سۈتى تۇراقلىق بىر رېتسېپ (تائام) ئەمەس، بەلكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر ئۇچۇردۇر.

ھىند كالىفورنىيەدە ماكاك (مايمۇن)لىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا غەلىتە بىر قانۇنىيەتنى بايقىدى. ئەگەر ئانىنىڭ بوۋىقى ئوغۇل بولسا، سۈتى تېخىمۇ قويۇق، ماي ۋە ئاقسىل جەھەتتىن تېخىمۇ باي (يۇقىرى ئوكتانلىق يېقىلغۇدەك) بولاتتى. ئەگەر بوۋىقى قىز بولسا، سۈت تېخىمۇ مول ۋە كالتسىي بىلەن تولغان بولاتتى. ئۇنداقتا، ئانىنىڭ بەدىنى بوۋاقنىڭ جىنسىيىتىگە قاراپ خىمىيەلىك تەركىبىنى قانداق ئۆزگەرتىشنى قانداق بىلەتتى؟

بۇ، ھىندنىڭ ئىنسان بىئولوگىيەسىدىكى ئەڭ سېھىرلىك مېخانىزمنى بايقىشىغا سەۋەب بولدى: «كەينىگە ئېقىش» (geriye doğru akış).

يىللارچە بىز سۈت پەقەت بىرلا يۆنىلىشتە (ئانىدىن بالىغا) ئاقىدۇ دەپ ئىشىنەتتۇق. بىز خاتا ئويلاپتۇق. بوۋاق ئەمگەن ۋاقىتتا پەيدا بولغان ۋاكۇئۇم (سۈمۈرۈش كۈچى) بوۋاقنىڭ شالىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا تارتىپ كىرىدۇ. سېھىر دەل مۇشۇ يەردە يۈز بېرىدۇ: ئەمچەك توقۇلمىلىرى بۇ شالنى ئانالىز قىلىدۇ. بۇ، بىئولوگىيەلىك بىر سكاننېردۇر (تەكشۈرگۈچتۇر).

ئەگەر شالدا بوۋاقنىڭ قىزىتمىسى ياكى يۇقۇملىنىشى بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان سىگناللار بولسا، ئانىنىڭ بەدىنى بىرقانچە سائەت ئىچىدە شۇ كېسەللىككە خاس ئانتىتېلا (antibodies) ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ.

ئەگەر بوۋاق سىترېسلىق (جىددىي) ھالەتتە بولسا، سۈت ھورمون سەۋىيەلىرىنى (كورتىزولغا ئوخشاش) ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈت ئەتىگەن بىلەن كەچ ئارىسىدا ئۆزگىرىدۇ. بوۋاق كېسەل بولغاندىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بوۋاقنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولۇشىغا قاراپمۇ ئۆزگىرىدۇ.

ھىند ئېيتقاندەك: «ئانا سۈتى — ئوزۇقلۇق، دورا ۋە سىگنالدۇر». ئۇ تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئىلغار ئالاقە سىستېمىسىدۇر؛ زامانىۋى تېخنىكىمۇ تېخى تولۇق تەقلىد قىلالمايدىغان، ئىككى بەدەن ئارىسىدىكى ئۈنسىز بىر سۆھبەتتۇر.

تارىخىي ۋە ئىلمىي دەلىللەش: Katie Hinde, PhD – سېلىشتۇرما ئەمىتىش تەجرىبىخانىسى، ئارىزونا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى. بۇ مەزمۇن ئۇچۇر ۋە تەلىم-تەربىيە خاراكتېرلىكتۇر.

تەرجىمىدە Gemini

ئەپستەين ۋە جوھۇت ئىمپىرىيەسى

مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ بايقاشلىرى، ئىلمىي ئەمگەكلىرى كىچىكلىتىلىپ، غەربتىكىلەرنىڭ كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىلگەن بىلىم، مەدەنىيەت تارىخىنى ئوقۇپ، بىلىم، پەلسەپە، مەدەنىيەت دېگەنلەرگە غەربنىڭ ئۆلچىمى بويىچە باھا بېرىپ كۆنگەن زېھىنلىرىمىز تارىخنى شۇ تارىختا يېزىلغان كىتابلار بىلەن، بىلىم، مەدەنىيەتنى باشقىلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققىنى بويىچە ئەمەس، ئەسلىسى بويىچە تونۇش ئۈچۈن ۋاقتىنى، زېھنىنى سەرپ قىلغان ئالىملارنىڭ ئېرىغدىشىغا، ئاقارتىشىغا تولىمۇ مۇھتاج.

تۆۋەندىكى ۋىدىيو نۆۋەتتە كۈنتەرتىپتە بولۇۋاتقان غەربتىكى «كاتتا»لارنىڭ پەسەندىلىكلىرى ھەققىدىكى ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردىن يولغا چىقىپ، «ئىلمىي» تائىپەنىڭ ئەسلىنى تونۇۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ:

«كەھف»تە ئورۇنسىز تالاش – تارتىش ھەققىدە

«كەھف»تە ئورۇنسىز تالاش – تارتىش ھەققىدە

ھەر جۈمە ئوقۇشقا بۇيرۇلغان «كەھف» سۈرىسىدە بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەش ھەققىدە بىر نەچچە مىسال بار. سۈرىنىڭ بېشىدا «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدىغانلار ھەققىدە:

ھالبۇكى، ئۇلارنىڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ بوھتانلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلمى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقىۋاتقان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەتلا يالغان سۆزلىمەكتە.‏ («كەھف» سۈرىسى 5 - ئايەت)

دېيىلىپ، بىلمەستىن جۆيلۈشنىڭ ئەڭ ئېغىر ئالامىتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن غاردا ئۇخلىغان يىگىتلەر ھەققىدە:

ئۇلارنى ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئويغاتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دېدى. ھەمراھلىرى: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېدى. ئارقىسىدىن ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ... («كەھف» 19 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدىكى پاراڭلىرى ھەققىدە شۇنداق دېيىلىدۇ:

ئىنسانلارنىڭ بەزىسى: «ئۇلار ئۈچ كىشى ئىدى، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. بەزىلىرى: «ئۇلار بەش كىشى ئىدى، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار بۇنى قارىسىغا سۆزلەيدۇ. بەزىلىرى بولسا: «ئۇلار يەتتە كىشى ئىدى، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ». ئۇلارنى بىلىدىغانلار بەك ئازدۇر. شۇڭا سەن ئۇلار توغرىسىدا چوڭقۇر مۇنازىرىگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار توغرىسىدا ھېچكىمدىن سورىمىغىن.‏ («كەھف» سۈرىسى 22 - ئايەت)

بۇ ئايەتلەردىكى مىساللاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بىز ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىمىز مايىل بولغان بىر نەرسىنى ياقلاپ تالاش - تارتىش قىلىشقا ھېرىس بىر تەبىئىتىمىز بار. بۇ ھەقتە سۈرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ:

بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر مىسالنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنسان بەك كۆپ دەتالاش قىلغۇچىدۇر.‏ («كەھف» سۈرىسى 54 - ئايەت)

بۇ ئايەتلەردىن ئېلىشقا تېگىشلىك ساۋاق شۇ: ھەقىقەت بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى ھەقىقەتتىن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەقىقىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ ئىلىم ساھىبى بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە توغرىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى، بىلمەيدىغان دىنىي، تارىخىي، سىياسىي ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە تالاش - تارتىشقا ئارىلىشىپ چىڭقىلىشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچىپ، شۇ مەسىلە ھەققىدە ماتېرىيال ئىزدەپ بېقىپ، ھەقىقەت بىلەن كۆڭلىمىزدىكى ھەقىقەت ئارىسىدىكى ھاڭنى كىچىكلىتىشنى بىلىش سۈپەتلىك مۇسۇلمان بولۇشنىڭ تەقەززاسى.

«كەھف»نىڭ ئاخىرقى ئايىتىدىكى شۇ ئەسلەتمە بىلەن سۆزۈمنى تۈگىتەي:

كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن. («كەھف» 110 - ئايەتنىڭ ئاخىرى)