كىچىكىمدىن جاينامازلاردا، قىبلە تاملىرىدا كۆرۈپ چوڭ بولغان سۆيۈملۈك كەبىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش ئاخىرى نېسىب بولدى. پاسپورتۇم بار، ھەپتە – ئ‍ون كۈنلۈك رۇخسەت ئىمكانىم بار تۇرۇغلۇق نېمىشقا بۇ سەپەرنى ھازىرغىچە كېچىكتۈرگىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئاللاھ چاقىرمىسا، ئىمكانىيەتلەر تولۇق بولسىمۇ بارمايدىغان ئىشكەن ئۇ مۇقەددەس تۇپراقلارغا.

مەدىنە

قەشقەر ئايرۇدرومىدەك كىچىكلا مەدىنە ئايرۇدرومىدىن ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ھەج، ئۆمرە زىيارىتىگە كەلگەنلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىنىمىزنىڭ ھەمراھلىقىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسجىدىگە كېلىپ سۆيۈملۈك رەسۇلىللاھ (ئۇ زاتقا سالام بولسۇن) ساھابىلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بىلەن ناماز ئوقۇغان، ئۇلارنىڭ چۈشلىرىگە تەبىر بەرگەن، ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزگەن مۇقەددەس مەسچىتتە نامازلىرىمىزنى ئوقۇدۇق. نامازدىن يېنىپ مىڭلىغان جامەئ‍ەت ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ كەينىدىن تۈمەن ساھابىنىڭ قەبرىستانلىقى — جەننەتۇل بەقىينى زىيارەت قىلىپ، ئۇ زاتلارنىڭ تۇپرىقىدىن  تارالغان خۇشپۇراقلارنى سۈمۈردۇق. بۇ قەبرە ئەھلى ئىخلاس بىلەن تۆككەن قان – تەرى بەدىلىگە بىزنىڭ ئاللاھنىڭ نۇرىغا مۇشەررەپ بولۇشىمىزغا ۋەسىلە بولغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ مەككىدە تارتقان 10 يىللىق ھەرەج – مۇشەققەتلىرى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتكەنىدى.

قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىپ، دۇئالىرىمىزنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇھۇدقا باردۇق. مەشھۇر ئوقياچىلار ئېگىزلىكىگە ياماشتۇق. ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ئونلىغان ساھابىلەن شېھىت بولغان تۇپراققا قاراپ، جەسۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇ زاتنى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ، بەدەنلىرى بىلەن مۇھاپىزەت قىلغان ساھابىلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.

ئۇھۇدتىن يېنىپ  چاشگاھ نامىزىمىزنى ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە ماختىغان قۇبا مەسچىتىدە ئوقۇۋالدۇق.

بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسچىت، سېنىڭ ناماز ئۆتىشىڭگە ئەڭ لايىقتۇر. ئۇنىڭدا پاك بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.‏
(«تەۋبە» سۈرىسى 108 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

پېشىندىن يېنىپ نۇسۇك ناملىق ئەپتىن ئالغان ئۆچىرەت كودىمىز بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، رەۋزە شەرىفتە ناماز ئوقۇدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئ‍ەبۇبەكرى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارغا سالام بېرىپ مەدىنە زىيارىتىمىز ئاياغلاشقان بولدى. (بارىدىغان بېلىتىم ئۇقۇشماستىن جىددىدە ئالمىشىدىغان بېلەت بولۇپ قالغانلىقتىن، مەدىنىدە تۇرىدىغان ۋاقتىم پىلانىمدىنمۇ قىسقا بولۇپ قالدى، ئالدىمغا چىققان ئىنىمىز بولمىغان بولسا  زىيارەت يەرلىرىنى بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈگىتەلمىگەن بولاتتىم، ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن).

كەئ‍بە بىلەن ئۇچرىشىش

نامازدىگەردىن كېيىن مەككىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. مەسجىدى زۇلھۇلەيفەدە ئۆمرە نىيىتىدە ئېھرامغا كىردۇق. يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا «لەببەي ئاللاھىم، لەببەي، سېنىڭ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇسانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭا خاس، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دەپ ھەرەم مەسچىتىگە كىردۇق، ئاسماندىن چۈشكەن نۇر دەستىسى بىلەن شەكىللەنگەن كۆرۈنىدىغان سۆيۈملۈك كەبىنى كۆزلىرىمىز بىلەن قۇچاقلاپ، تاۋاپ قىلىۋاتقان ھاجىلارنىڭ سېپىگە قېتىلدۇق. شۇ ئاندا مال – دۇنيا، ھوقۇق، شەھۋەت …لەرنىڭ ئوربىتىسىدىن چەتنەپ، ئەسلى «ئوربىتام»غا كىرگەنىدىم، ئەرلەرنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئۇچىمىزدىكى ئوخشاش ئاق رەڭلىك كېپەن شاھ – گاداي، باي – نامرات پەرقىنى يوق قىلغان بولسا، بۇ «ئوربىتا» كىمنىڭ ئالدىدا كىمنىڭ كەينىدە ئىكەنلىكىمۇ ئېنىقسىز ھالەتكە كەلتۈرەتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە  ساھابە كىراملار دەسسىگەن زېمىنغا دەسسەپ، ئۇلار نەپەس ئالغان ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىك نەزىرى چۈشكەن كەبىگە ھاياجان ۋە سۆيگۈ بىلەن باقتىم. ئىمان – ئېتىقادى، گۈزەل ئەخلاق، ئەمەللىرى بىلەن دۇنيانى ئىسلاھ قىلغان ئۇ زاتلار تېتىغان ئىمان لەززىتىنى تېتىشنى، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشنى، شۇ ۋەسىلە بىلەن رەببىمىزنىڭ ياردىمىگە لايىقلىشىپ بۇ خار ھالەتتىن قۇتۇلۇشنى تىلىدىم. كەبىنى كۆرۈش نېسىپ بولغان دەملەردە كەبىنىڭ سۈرىتىنىمۇ كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق مەزلۇم خەلقىمىزگە مەلئۇن زالىملارغا قارشى نۇسرەت، نىجاتلىق تىلىدىم، بۇ مۇقەددەس تۇپراقلارغا زىيارەت پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى، مۇشۇ تاتلىق ھۇزۇرنى ئۇلارنىڭمۇ تېتىتىشىنى تىلىدىم. دۇئا ئامانەت قىلغان قېرىنداشلىرىمغا ئىسىملىرىنى ئاتاپ دۇئا قىلدىم.

تاۋاپ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماقامىي ئىبراھىمنىڭ ئۇدۇلىدا بىر جاينى تېپىپ، ئىككى رەكەت تاۋاپ نامىزى ئوقۇپ، سەفا – مەرۋىنى سەئىي قىلىشقا ئاتلاندۇق. «ئاللاھ بىزنى زايا قىلىۋەتمەيدۇ» دەپ گىياھسىز چۆلدە بوۋىقى بىلەن قالغان ھەجەر ئانىمىزنىڭ بوۋىقى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئىزدەپ يۈگۈرگەن سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا يۈگۈرۈشتۇق. بوۋىقى ئۈچۈن پايپېتەك بولغان شۇ مىنۇتلاردا قەدەم ئىزلىرىدىن قىيامەتكىچە كۈندە مىڭلاپ كىشىنىڭ سەئىي قىلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولغىيىدى، بوۋىقىنىڭ پۇشتىدىن ئالەملەرگە رەھمەت بىر زاتنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى تېخىمۇ ئويلىمىغان بولغىيدى، ئۇ مېھرىبان ئانا…

سەئىي ئاياغلىشىشقا يېقىن يېقىملىق تەھەججۇد ئەزىنى ئوقۇلدى. سەئ‍يىنى تۈگىتىپ، ھەرەم ئىمامىنىڭ يېقىملىق، ئېغىر – بېسىق قىرائەتلىرىگە ئەگىشىپ تۇنجى قېتىم پەرز ناماز ئوقۇدۇق.


يۈزمىڭ ھەسسە ساۋاپ ۋە بىر ئىستاكان قەھۋە

مەككىدە ھەرەمدە ئوقۇلغان ھەر بىر رەكەت نامازغا 100 مىڭ رەكەت نامازنىڭ ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىنىڭ ئامالنىڭ بارىچە كۆپ ۋاقتىنى ھەرەمدە ئۆتكۈزگۈسى كېلىدۇ. بىزمۇ كۈندۈزدە ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن كېچىلەرنى ھەرەمدە ئ‍ۆتكۈزۈشكە ھەرىكەت قىلدۇق. كەبىنى يېقىندىن تاۋاپ قىلىدىغان دەرۋازىدىن ئېھرام بىلەنلا كىرىشكە يول قويۇلغانلىقتىن، ئىھرامدىن چىققاندىن كېيىن، بىز ئەرلەر ئىككىنچى قەۋەتتە تاۋاپ قىلىدىكەنمىز. (بۇ نۇقتىدا ئاياللار تەلەيلىك، چۈنكى ئۇلار نورمال كىيىمى بىلەن ئىھرامغا كىرگەنلىكتىن خالىغان چاغدا كەبىنى يېقىندىن تاۋاپ قىلالايدۇ). دەسلەپكى كۈنى قايسى دەرۋازىنىڭ قايسى ئورۇنغا ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، تاۋاپ باشلىنىش نۇقتىسىنى تېپىش، تاۋاپتىن كېيىن ئىچىدىكى ناماز ئوقۇلىدىغان جايلارنى تېپىشىم خېلى ۋاقتىمنى ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كېيىن، دەرۋازىلارنىڭ قايسىسىدىن ئۆگزىگە چىققىلى بولىدۇ، قايسىلىرى ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇنغا يېقىن، قايسىلىرىدىن كىرسە تاۋاپ باشلىنىش نۇقتىسىغا يېقىن دېگەنلەرنى ئوبدان بىلىپ قالدىم. تەكچىلەردە چوڭ – كىچىك قۇرئان، تۆت قەدەم ئالدىمىزدىلا باك – باكلاردا مۇزدەك زەمزەم (كېسەللەر ئۈچۈن مۇزلاتمىغان باكمۇ قويۇلىدىكەن)، سېخىيلار تەرىپىدىن ساۋاب نىيىتىدە سۇنۇلۇپ تۇرىدىغان خورما، چاي، قەھۋە ۋە باشقا يېمەكلىكلەر، بەش – ئون مىنۇت مېڭىپ سىرتقا چىقسىلا كەڭرى تاھارەت ئېلىش ئىمكانىيەتلىرى، دەرۋازىدىن چىقسىلا كۆرۈنىدىغان ئاسمانپەلەك قەسىرلەردە 24 سائەت غىزالىنىش ئىمكانىيتى، ئۇيغۇرنىڭ لەغمەن، چۆچۈرىسىدىن تارتىپ تېپىلىدىكەن. بىر ئىستاتىستىكىدا كەبىدە ھەر سائەتتە 278 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇپ، 107 مىڭ كىشى تاۋاپ قىلىدىكەن. تەشكىللەشنىڭ ياخشىلىقىدىن بۇ جايلار پاكىزە تۇرىدىكەن. تاھارەت، پاكىزلىق دېگەنلەردىن بىخەۋەر باتىل بىر دىننىڭ مىليون كىشىسى يىغىلغان بىر سورۇننى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىپ، رەببىمنىڭ «پاكىزلىق — ئىماننىڭ يېرىمى» دەيدىغان ھەق بىر دىنغا مۇشەررەپ قىلغىنىغا مىڭ مەرتە شۈكۈر دېدىم.
ئىككى ھەرەم بىز بارغان ئاۋغۇست ئايلىرىدا 39 گىرادۇس ئەتراپىدا ئىكەن. ئۆيلەر، مېھمانخانىلار، دۇكانلار ھاۋا تەڭشىگۈچنى بەكلا سوغۇق تەڭشەشكە مايىل ئىكەن. سوغۇق خانىلەردىن 39 گىرادۇسلۇق تالاغا چىقىپ راھەتلەنگەن چاغلىرىم كۆپ بولدى. شۇڭا، ئىككىنچى قەۋەتتە ناماز ئوقۇلىدىغان جاينىڭ بەك سوغۇق ئەمەس يېرىدە ئولتۇرۇشنى ئادەت قىلغانىدىم. ئولتۇرغان يېرىم كۈندە چايدان – چايداندا چاي – قەھۋە، پارچە – پارچە كېسىلگەن نان، خورما ۋە قاپلىق بولكىلارنى تارقىتىدىغان بىر ساخاۋەتچى كىشىگە يېقىن يەركەن. ئۇ كىشى يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئەتراپتىكىلەرگە ئۆزى بىر قوللۇق سۇنىدىكەن. باشقا رايونلاردىنمۇ بۇ يەردە چاي – قەھۋە بارلىقىدىن خەۋەر تاپقانلار كېلىشىدىكەن. يېنىمدىكى ئالدىدىكى سەپتىكىلەردىن ئۆزىگە بىر ئىستاكان ئېلىشىنى ئۆتۈنۈشىۋاتقان، چاي – قەھۋە نۆۋىتىنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئۇ يەرگە قاراۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ، مەندىمۇ شۇ تەلمۈرۈشنىڭ بولۇۋاتقىنىنى، دىققىتىمنىڭ چېچىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بىر رەكەت نامازغا يۈزمىڭ رەكەت ساۋاب ۋەدە قىلىنغان بىر يەردە بىر ئىستاكان قەھۋەگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇش قاملاشمىغان ئىشتەك بىلىندى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇ يەردىن يىراقلاشتىم، كېيىنكى كۈنلەردە ئىككىنچىلەپ ئۇ يەردە ئولتۇرمىدىم.

تەسۋىر ۋە تەسىرات

كەبىگە كەلگىنىڭدە بۇ يەرگە خاس ئىبادەتلەردىن بىرى بولغان تاۋاپنى كۆڭلۈڭ تارتىدۇ. كۈندە كەبىگە كېلىپ ئىككىنچى قەۋەتتە كەبىنى يەتتە ئايلانغاچ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تاۋاپ قىلىۋاتقان ساھابىلەرنى ئەسلەش، كەبىدە شاھادىتىنى جاكارلاپ مۇشرىكلاردىن بولۇشىغا تاياق يەپ، ئەتىسى يەنە شۇ ئىشىنى تەكرارلىغان ئۆزى ۋىجىك، ئەمما ھىممىتى بۈيۈك ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى، پىژغىرىمدا كۆكسىگە تاشلار قويۇلۇپ قىيىن – قىستاققا ئېلىنىسىمۇ «ئەھەدۇل ئەھەد» دەپ تەۋھىدنى جاكارلاشتىن يانمىغان بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش، يېقىن – يورۇقلارغا دۇئا قىلىش، كەبىنىڭ نۇرانە سىماسىنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆرۈش قەلبىڭنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ. ئادەتتە ئىككىنچى قەۋەتنى بىر ئايلىنىش ئون مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت ئالىدىكەن. بىرەر سائەت ئەتراپىدا تاۋاپ قىلىۋالغىلى بولىدىكەن. بىر نەچچە كۈن ئۇدا تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى چاغدا يېرىلىشقا تەييارلانغان تاپانلار يېرىلىپ كەتتى (ئۆمرىگە تەييارلانغان تاپان مايلايدىغان ماي ئېلىۋالغايسىلەر)، شۇنىڭ بىلەن بىر – ئىككى كۈن نامازلىرىمنى ئوقۇپ، ئارىلىقتا كەبىنى كۆرگىلى بولىدىغان نۇقتىغا كېلىپ، كەبىگە قاراپ تۇرۇپ ئاللاھقا پىچىرلاشنى ئادەت قىلىۋالدىم: «رەببىم، سېنى سۆيىمەن، كەبىنى، قۇرئاننى، رەسۇلىللاھنى، ساھابىلەرنى ياخشى كۆرىمەن. مېنى سەن ياخشى كۆرىدىغان خۇلقلار بىلەن زىننەتلىگەن، سەن ياخشى كۆرمەيدىغان خۇي – پەيل، ئادەتلىرىمنى تاشلىشىمغا مەدەتكار بولغىن. مېنى ياخشى كۆرىدىغان قۇللىرىڭ بىلەن بىللە قىلغىن، ئۆمرۈمنى سېنىڭ رىزايىڭ ئۈچۈن سەرپ قىلدۇرغىن، بىھۇدە ئىش – ئەمەللەردىن، غەيۋەت – سۇخەندىن يىراق قىلغىن. بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دىللىرىمىزنى، كۈچلىرىمىزنى بىرلەشتۈرگىن، بىزنى ئەزىز قىلغىن…»
تاۋاپتا كەبىگە يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلەردىن بەزىلىرىنىڭ ھاياجانلىق دەملەرنىڭ پەيزىنى چىقىرىشقا ئەمەس، تېلېفونىنى چىقىرىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا ئالدىراشلىرى ماڭا قىممەتلىك دەملەرنى ئىسراپ قىلىشتەك تۇيۇلدى. شۇڭا، كەبىگە كامېرا تۇتۇپ قارىمىدىم، كەبىنى سۈرەتكە تارتمىدىم. كەبىنىڭ سۈرىتىنى كۆزلىرىم بىلەن قەلبىمگە نەقىشلىدىم. تەسۋىرنى تېلېفوننىڭ ساقلىغۇچىغا ساقلاش بىلەن بولمىدىم، گۈزەل تەسىراتلارنى قەلبىمگە ساقلاش بىلەن بولدۇم. چۈنكى، كەبىنىڭ كەسپىي فوتوگرافلار تارتقان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلىرى ھەرۋاقىت تېپىلاتتى، كەبىدىكى قىممەتلىك پەيتلەردىن ھاياجانلىنىدىغان پۇرسەتلەر بولسا ئىنسانغا ئۆمرىدە بىر نەچچە قېتىملا نېسىپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى…

كەبە سەۋداسى بىر جۈپلەر

ھەرەمدە ئۆمۈرلۈك جۆرىلىرى بىلەن ياندىشىپ كېتىۋاتقان مويسىپىتلەرنى، ئانىلىرىنى چاقلىق ئورۇندۇقتا تاۋاپ قىلدۇرىۋاتقان ئوغۇللارنى، خانىمىنىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان بوۋايلارنى، قول تۇتۇشۇپ كېتىۋاتقان ياش بىر جۈپلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. كۆڭۈلدىكى ھەمراھى، ئاتا – ئانىسى، يېقىن دوستى، قېرىندىشى بىلەن بۇ تۇپراقلاردا بىللە ئىبادەت قىلىش ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەردىن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئېنىق. شۇ سەۋەبتىن ھەج، ئۆمرە ئارزۇسىدىكى قېرىنداش – ھەمشىرىلەرگە يېقىنلىرى بىلەن مۇشۇ يەرگە كېلىپ بىللە ئىبادەت قىلىش نېسىب بولۇشىنى تىلىدىم. مەسجىدى ھەرەمنىڭ سىرتىدا جۆرىلىرى بىلەن كېتىۋاتقان ياشلارغا مەستلىكىم كەلدى. «رومانتىك» شەھەرلەردە شېرىن ئاي ئۆتكۈزگەننىڭ ئورنىغا بۇ يەرگە ئۆمرىگە كەلگەن بىر جۈپلەر بۇ بەرىكەتلىك تۇپراقلاردا سۆيگۈسىگە قۇۋۋەت تېپىش بىلەن مەنىۋىيەتتىمۇ تەڭ يۈكسىلىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇ خىياللار بىلەن پەرزەنتلىرىمنىڭ ئىنساپ – تەۋپىقىگە دۇئا قىلدىم ۋە ئۇلارغا قەلبىدە چوڭقۇر ئىمان، كەبە سۆيگۈسى بولغان ئۆمۈرلۈك ھەمراھ نېسىب قىلىشىنى، ھەمراھى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۆمرە، ھەج قىلىدىغان پۇرسەتلەرنىڭ نېسىب بولۇشىنى تىلىدىم.

سۆيۈنچىمىز ۋە كېلەچىكىمىز

كەبىدە قۇچىقىدا بوۋاقلىرى بىلەن تاۋاپ قىلىۋاتقان ھەجەر ئانىمىزدەك غەيرەتلىك ئانىلارنى ئۇچرىتىسىز. ئانىلىرىنىڭ مۈرىسىدىن ماراپ كۈلۈمسىرەۋاتقان كەبىدەك قاپقارا، غۇبارسىز كۆزلەر، تاۋاپتا قۇچاقتا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان شېرىن جانلار، سەفا – مەرۋە ئارىسىدا ئاتا – ئانىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ يۈگۈرۈشىۋاتقان سەبىيلەر، تەھەججۇدتا ئاتىلىرىنىڭ يېنىدا تېتىك ناماز ئوقۇپ تۇرغان بالىلار سۆيۈنچلەرگە سۆيۈنچ قوشىدۇ. ئۈممەتنىڭ كېلەچىكىگە نىسبەتەن قەلبىڭىزدە يېڭى – يېڭى ئۈمىدلەرنى بىخلاندۇرىدۇ.

مەسجىدى ھەرەمدە جۈمە

مەدىنىدە جۈمە ئوقۇش نېسىب بولمىغانلىقتىن، مەككىدە جۈمە بامداتتىن كېيىن ياتاقتا بىر – ئىككى سائەت ئۇخلىۋالغاندىن كېيىن ھەرەمگە بالدۇرراق بېرىۋېلىش نىيىتىدە مېھمانخانىدىن چىقتىم. مېھمانخانىنىڭ ھەرەمگە ھەقسىز ئاپىرىدىغان ئاپتوبۇس مۇلازىمىتى مەن چۈشكەن ۋاقىتتا توختاپ كېتىپتۇ. كونا بىر كىچىك ماشىنىنىڭ شوپۇرى ئىشارەت قىلدى. سەئۇدىيدا تاكسىدا مۇقىم باھا يوقكەن، ماشىنىغا باھا تالىشىپ چىقىدىغان ئىشكەن. يەمەنلىك بوۋاي ئوتتۇراھال بىر باھانى دېدى، تالىشىپ ئولتۇرماي ماشىنىغا چىقتىم. يولدا باھانى خاتا بىلىۋالدىمىكىن دەپ قايتا سوراپ، قولىغا ئەرەبچە رەقەمنى يېزىپ نەچچە سوراپ كەتتى. ھەرەمگە يېقىنلاشقاندا يولغا ماشىنىلارنى تاللاپ كىرگۈزىۋاتقان قاتناش ساقچىسىغا بۇ كونا ماشىنا يارىمىدى بولغاي، «قايت» دېدى. كىراسىنى بېرىپ جۈمەگە ماڭغان ئادەملەر ئېقىنىغا قوشۇلۇپ كەتتىم. سائەت ئونغا يېقىنقى مەككىنىڭ كۈچلۈك ئاپتىپىدا يامغۇردا قالغاندەك تەرلەپ – پىشىپ يۈرۈپ مەسجىدى ھەرەمگە كىرىپ، ئىككىنچى قەۋەتكە جايلىشىۋالدىم. نامازغا يېقىن تەرتىپ ساقلىغۇچىلار تاۋاپچىلارنى سەپكە تىزدى. ئالدىدىراق قىيامدا كەبە كۆرۈنىدىغان بىر يەرگە ئورۇنلىشىپ مەسجىدى ھەرەمدە بىر جۈمەنى ئادا قىلىۋالدىم.


ھەر كۈنى مىليونلىغان ھاجىنى ئۇزىتىدىغان مەسجىدى ھەرەمدە ھەر نامازدا بىر نەچچە مىيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ تۇرىدىكەن. شۇڭا، مىيىت نامىزى ئوقۇپ بولماي تۇرۇپ سۈننەت نامازلارغا تۇرىۋالماسلىق كېرەككەن. كىشىگە ئاللاھنى، رەسۇلىللاھنى ھەرۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرىدىغان بۇ ماكان، ئۆلۈمنىمۇ ھەر ۋاخ نامازدا ئەسلىتىپ، ئاخىرەت غېمى بىلەن بولۇشنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن.

تائىف

ۋاپات بولغان مومام ئۈچۈن ئۆمرە قىلىش نىيىتىم بار ئىدى. ئالدىمىزغا چىققان ئىنىمىز تائىفنى زىيارەت قىلدۇرغاچ، ئىھرام باغلاپ كىرىشىم ئۈچۈن تائىفقا ئېلىپ چىقتى. تائىفقا تاغىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ بارغىنىدا قوغلىنىپ، تاش-توقماقلار ئاستىدا قالغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئۈزۈم تېلىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: «مېنى كىمگە تاشلاپ قويغانسەن، ئاللاھىم؟» دەپ نىدا قىلغان ۋەقەلىكى ھەر ۋاقىت ئېسىمگە كەلسە كۆزۈمگە يىغا ئولىشاتتى. مەككىگە 70 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى، دېڭىز يۈزىدىن 1600 مېتىر ئېگىز بۇ يەر مەككىگە شۇنچە يېقىن بولۇشىغا قارىماي، ھاۋاسى راھەت، يېشىلچىلىق، مېۋە – چېۋىلەر كۆپ چىقىدىغان يەر ئىكەن. تائىف تەۋەسىدە ماشىنىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ھاڭدەك ئېچىپ قويۇپ، سالقىندا ھۇزۇرلىنىۋاتقانلارنى، يولدىكى گۈل ئېچىلغان چىرايلىق دەرەخلەرنى تاماشا قىلىپ، شام ئەزىنى بىلەن تەڭ ئابدۇللاھ ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مەسجىدىگە كەلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىيەنى، «قۇرئاننىڭ تەرجىمانى» دەپ نام ئالغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابىلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ زات مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىكەن. بۇ يەردە ئىلىم مەجلىسى تەشكىللەپ ئىلىم تارقاتقانىكەن. ھەيۋەتلىك مەسچىتنىڭ يېنىدا قەدىمىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈتۈپخانىمۇ بار ئىكەن.


نامىزىمىزنى ئوقۇپ چىقىپ، كەچلىك تاماقتىن كېيىن،تائىفنىڭ كاكتوس مېۋىسى دېيىلىدىغان باققاللار سويۇپ تەييارلاپ قويغان شېرىن مېۋىسى، ئۈرۈكچىلىك كېلىدىغان تەمى بىزنىڭ شاپتۇللارغا ئوخشاش شاپتۇللىرى، ئۇششاق، ئەمما تاتلىق قارا ئەنجۈر، شاتۇتلىرىغا ئېغىز تېگىپ، مىقاتتا ئىھرام باغلاپ يىلان باغرى تاغ يولىنى بويلاپ مەككىگە قايتتۇق.


ئۆمرىدە ئۇچرىشىپ قالغان تونۇش بۇرادەرلەر ھەممە كىشىلەر كەچ ھاۋا سوۋۇغاندا ئۆمرە قىلىدىغان بولغاچقا، چۈشتىن بۇرۇن ياكى ئەسىردىن كېيىن ئۆمرە قىلسا، كەبىدە ئادەمنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. مېنىڭ ئىككىلى قېتىم ئۆمرە قىلغان ۋاقتىم يېرىم كېچىگە توغرا كەلدى. مومام ئۈچۈن قىلغان ئۆمرەم تۇنجى قېتىملىق ئۆمرە ۋە كېيىنكى تاۋاپلاردا خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالغاچقا، يەڭگىللا تۈگىدى. تۇنجى ئۆمرىگە مېھمانخانىدىن ماڭىدىغان چاغدا مېھمانخانىدىكىلەر چاچ ئېلىش مۇلازىمىتى بارلىقىنى دېگەنىدى. شۇڭا، ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولغان چاچ ئالدۇرۇش (ياكى قىسقارتىش) ئىشىنى ئۆچىرەتسىزلا مېھمانخانىدا تۈگىتىۋالغانىدۇق. ئىككىنچى قېتىمدا تاۋاپ، سەئيىلەرنى تۈگىتىپ، چاچ ئالدۇرۇش نۇقتىسىغا كېلىپ ئۆچىرەتتە تۇرغىنىمدا (تەسىس قىلىنغان چاچ ئېلىش نۇقتىلىرىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نۆۋىتىڭىز كەلگەندە ھەقسىز چاچ ئالدۇرالايسىز) پاكىستانلىق بىر ياش بالا كېلىپ، ماشىنىدا تېگىدىن 5 رىيالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغىنىنى ئېيتتى. بالدۇرراق بىكار بولاي دەپ، نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇستۇرىدا چۈشۈرۈلگەن بېشىمغا بۇ قېتىم ماشىنا ماڭغۇزدۇم. چاچنى ئېلىپ، ياندىكى ئىچىملىك سۇ جۈمىكىدىن بىر ئىستاكان مۇزدەك سۇ چۈشۈرۈپ بېشىمغا قۇيۇپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولدى. ھەققىنى بېرىپ، تاھارەت ئالىدىغان يەرگە چۈشۈپ، تاھارەتنى يېڭىلاپ، باشتىكى قالدۇق چاچلارنى پاك – پاكىزە يۇيۇپ، مەسجىدى ھەرەمگە ماڭدىم.



كەبە ئالدىدا



ئۇچامدا ئېھرام بولغاچقا كەبە ئالدىدا ناماز ئوقۇش نىيىتىدە مەسچىتكە كىردىم. نىيىتىمگە يارىشا، لېنتا تارتىپ جامائەتنى سەپكە تىزىۋاتقان ساقچى مېنى سەپكە كىرگۈزۈپ، مەن بىلەن ئۆرە تۇرغانلارنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى. ئەلھەمدۇلىللاھ، كەبىگە يېقىندىن قاراپ ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئاخىرى ئېرىشكەنىدىم. جىمى دىققىتىمنى بەيتۇللاھقا مەركەزلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقىنىمدا ئالدىمدا ئولتۇرغان ياش يېنىدىكى بوۋاي بىلەن ئۆزبېكچە پاراڭ باشلىدى:

— قەيەردىنسىز؟

— ئافغانىستاندىن.

— مەن سەمەرقەنتتىن.

— سىز تەرەپلەردە ئۆزبېكلەر كۆپمۇ؟…


دىققىتىم چېچىلدى. ياش بالىنى نوقۇپ، «بۇرادەر، مۇشۇنداق پاراڭلارنىڭ يېرىمۇ مۇشۇ؟» دېدىم، ئازراق ئاچچىق ئارىلاش. «ئافغانىستانلىق ئىكەن – دە» دېدى ئۇمۇ ئازراق ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ. يېنىمدىكى ئەرەب بارماقلىرى بىلەن زىكىر ئ‍ىشارىتى قىلىپ، مېنى جىملىغان بولدى. بىردەمدىن كېيىن كەبە ئالدىدا بىر مۇسۇلمانغا ئازار بەرگەننىڭ ۋىجدان ئازابى ئىچىمنى تاتىلاشقا باشلىدى. ئافغانىستانلىق بوۋاي تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ تاۋاپچىلارنىڭ سېپىگە قېتىلغاندا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتتۈم. سەمەرقەنتلىك ياشقا يېقىنلىشىپ، ئۆزبېكچە بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى ئورتاق كەلىمىلەرنى ئىشلىتىشكە تىرىشىپ، «سېنى رەنجىتىپ قويدۇم، ئەپۇ قىلغىن» دېدىم. «سىز مېنى ئەپۇ قىلىڭ» دېدى ئۇ. كۆڭلۈم سەل ئارامىغا چۈشتى. ئىبادەتلەرنى تۈگىتىپ، چېخىيەدە ئىشلەيدىغان بۇ سەمەرقەنتلىك بالا بىلەن يۇرتلىرىمىزدىكى، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمان تۇپراقلىرىدىكى قىسىنچىلىقلارنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ، قېرىنداشلارچە قۇچاقلىشىپ، تەكرار ئەپۇ سورىشىپ ئايرىلىشتۇق.



كەبىگە ۋىدا



شەنبە كەچ تېز پويىزدا مەدىنىگە قايتماقچىدىم. شامدىن بۇرۇن مەسجىدى ھەرەمگە كېلىپ، ئىككىنچى قەۋەتنىڭ ئۆرە تۇرسا كەبە كۆرۈنىدىغا يېرىگە جايلىشىۋالدىم. شامغا 10 – 15 مىنۇت ۋاقىت بار ئىدى. كەبىگە قاراپ رەببىمگە پىچىرلىدىم: سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا، بۇ مۇقەددەس تۇپراقلارنىڭ شەنىگە لايىق قىلالمىغان ئىبادەتلىرىمنى قوبۇل قىلغىن. سۆيۈملۈك كەبىنى، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايىغى تەگكەن بۇ تۇپراقلارنى قايتا كۆرۈش ئىمكانىيتىگە ئېرىشتۈرگىن. بۇ سەپىرىمنى ئۆزۈمنى ئىسلاھ قىلىشىمنىڭ، قۇسۇرلىرىمنى تۈزىتىشىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى قىلىپ بەرگىن.
..

ئىچىمدە لىققىدە كەبە سۆيگۈسى، قۇلاق تۈۋىمدە پاكىستان يازغۇچىسى ئۇمتۇل قەدرىنىڭ «جىنايەت ۋە نەپرەت» رومانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى جاراڭلايتتى:
«ئۇلارنىڭ قەلبى مەڭگۈ مەككىگە تەلپۈنەتتى».