غايىب رىشتە

يوقلۇق بوسۇغىسى. چۈشلىرىمدە ئاجايىپ بىر ئىز. يوللىرىمىز ئەسلى بىر ئەمەس. سەن ئىستەيسەن ئوتلۇق ۋەسۋەسە، مەن ئىستەيمەن مۇڭلۇق تەسەللى. كۆزلىرىمىز، رەڭگىمىز ئوخشاش، بېشىمىزدا دوپپىمىز ئوخشاش، ئىستىكىمىز باشقا- باشقىچە. يۈرەك ئىزلەپ چىقتىم سەپەرگە، خىلۋەتلەردىن ئۇچقان...

رامىزان(2)

تەراۋىھ. نەقىشلەنگەن مەسجىدنىڭ ئىچى، تىنىقلاردا ئىپارنىڭ ھىدى. قەلبلەرگە راھەت ئەپكېلەر، ياش قارىنىڭ قىرائىتىدە، ۋاراقلانغان قۇرئاننىڭ بېتى. ۋەسۋەسىلەر ئۆلگەن ناگاندا، ئۆكسۈپ يىغلار نامازدا بىرى. شۈكرى، شۈكرى، مىڭ شۈكرى رەببىم، پاك مەنزىلدە قىلغانغا مېنى. ئاچ قويۇلغان...

رامىزان

سىر دەرياسى، ياپراق ۋادىسى، يۈرەكلەردە كۆكلەيدۇ يۇلغۇن. تىلسىماتتەك شاتلىق ئالىمى، بېرەلمەيدۇ ساڭا تەسەللى. ئارىيەتكە ئالغان ۋۇجۇدتىن، تارقالماقتا مۇڭلۇق ھارارەت. رامىزانغا تۇتاشتى ئالەم، ئۇچۇپ كەتتى مەغرىبكە ئاتەش. رەڭلىك سۈبھى، ئىللىق ئېتىكاپ، ھاياجاندا تىترەيدۇ...

مۇھەببەت

باھادىر، ئۆز كۆكسىدە كۆردى ساداقنى. بۇلدۇق-بۇلدۇق ئۇخچىغان قاندىن يېزىپ كەتتى ئۆچمەس بىر تارىخ. ئۆلۈپ كەتتى لېۋەن دىلرەبا، شۇم خەۋەردىن، سوغۇق ھىجراندىن، پۈتتى يېڭى داستان،...

ئىشقا چۈشۈش خاتىرىسى

خىزمەت قىلىش، ئازابقا قېلىش، ئوخشاشلا بىر ئىش. ئېگىز- ئېگىز قەغەز دۆۋىسى، تۇيغۇلارنى قىلار بۇرۇختۇم. دېگۈم كېلىدۇ: مائاش ئېلىش، ئۈنۋان ئېلىش… مۇھىممىدۇ نەپەس ئېلىشتىن. نېمىدېگەن بىچارىلىك بۇ، خىزمەت ساڭا نەدىن...

سۈبھى

مەڭگۈلۈك دەقىقە، مەڭگۈلۈك ئازاب، يەنە كىردىڭ چۈشۈمگە قىزچاق. ئوغۇرلۇقچە تەلمۈرۈش بىلەن كۆمىۋەتتىم سېنى قەلبىمگە. بىلمەيسەن بەلكىم، سېغىنىشىمنىڭ سۆيگۈمدەكلا چوڭقۇرلۇقىنى. قەشقەردىمۇ ياغدىمىكىن قار، چاچلىرىڭنى سىلكىمە ئەسلا. ئۇنتۇمىغىن ئارمانلىرىم بار، ئاڭا قونغان...