by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
ئاللاھ ئېگەم، ھەر بىر نەپەس سېنىڭ نىئمىتىڭ، ئەركىن نەپەستە ئېقىۋاتقان ھەر بىر دەقىق ھەم بۈيۈك ھىممىتىڭ. جان دېمەك- بىر نەپەس دېمەك. «ئاللاھ» دېسەم «ئاھ» قوشۇلۇپ، ھارارەتلىك چىقىۋاتقان تىنىقىمنىڭ ئۆزى غەنىيمەت. چۈنكى ، ئەگەردە شۇ بىر تىنىقتىن كېيىن ساپ ھاۋاڭدىن بولغان...
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
تەن تۇپراقتىن، روھ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگىنى ۋەجىدىن تەندە تۇپراققا قوشۇلماق خاھىشى، روھتا ئاللاھقا يەتمەك ئىستىشى بولۇشى ھەقىقەتتۇر. روھ ئۆز ئالىيجانابلىقىنى، بۈيۈكلىكىنى، پاكلىقىنى ساقلىغان پېتى ئاللاھ دەرگاھىغا قايتماقنى ئىستىگەن دەملەردە تەننىڭ بىھۇدىلىكلەرگە...
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
ماددىدىن قانائەت ئىستەش – بىھۇدىلىك. جىسىم ئەمەس روھ تويۇنغاندىلا ھەقىقىي قانائەتنى تاپقىلى بولىدۇ. روھ تەن ئۈچۈن ئەمەس، تەن روھ ئۈچۈن ئىشلىشى كېرەك. ئەكىسچە بولغىنىدا روھ ئۆز بۈيۈكلۈكىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئىنساننىڭ قوغلىشىدىغىنى ئەبەدىيلىك نەرسىلەر. ھالبۇكى،...
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
سۈرە «شەمس» تە مۇنداق ئايەتلەر بار: «روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى- يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى(7-8)، روھىنى پاك تۇتقان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ(9). نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى – فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد...
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
مېنىڭ قەلبىم دۇنيا ھالاۋىتىدىن ھالقىپ ئەبەدىيەت ئالىمىگە تۇتىشىشنى ئارمان قىلغان قەلىب . شۇ ۋەجىدىن مېنىڭ ھاياتىم ۋاز كېچىش، تەنھالىق، ھەقىقەت ئىزلەش، تەپەككۈر، ئىستىقامەتلەر بىلەنلا مەزمۇنلىنىدۇ.مەن بەخىتسىزلىكلەر ئىچىدىن بەخىت ئىستەشكە، مەھرۇملۇقلار ئارىسىدىن...
by دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم | يانۋار 6, 2006 | روھ غەليانلىرى
ئەقىل بىلەن ھېسىيات زىتلىشىدىغان مەنزىللەردىن ھالاۋەت ئىستىمە. ئۆزۈڭنى ئالداش بەدىلىگە بەخىتكە ئېرىشەلمەيسەن. ئاسىيلىقنىڭ راھىتى تولىمۇ قىسقا، ئازابى مەڭگۈلۈك. ئەي، گۇمراھلىقىغا پەتىۋا ئىزلەۋاتقان يېقىنىم، ئەقلىڭنى گۇناھىڭنى ئارتتۇرۇشقا مالال قىلما. بەس، ئېتىراپ قىل،...
يېقىنقى ئىنكاسلار