ھەر جۈمە ئوقۇشقا بۇيرۇلغان «كەھف» سۈرىسىدە بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەش ھەققىدە بىر نەچچە مىسال بار. سۈرىنىڭ بېشىدا «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدىغانلار ھەققىدە:
ھالبۇكى، ئۇلارنىڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ بوھتانلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلمى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقىۋاتقان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەتلا يالغان سۆزلىمەكتە. («كەھف» سۈرىسى 5 - ئايەت)
دېيىلىپ، بىلمەستىن جۆيلۈشنىڭ ئەڭ ئېغىر ئالامىتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن غاردا ئۇخلىغان يىگىتلەر ھەققىدە:
ئۇلارنى ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئويغاتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دېدى. ھەمراھلىرى: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېدى. ئارقىسىدىن ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ... («كەھف» 19 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدىكى پاراڭلىرى ھەققىدە شۇنداق دېيىلىدۇ:
ئىنسانلارنىڭ بەزىسى: «ئۇلار ئۈچ كىشى ئىدى، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. بەزىلىرى: «ئۇلار بەش كىشى ئىدى، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار بۇنى قارىسىغا سۆزلەيدۇ. بەزىلىرى بولسا: «ئۇلار يەتتە كىشى ئىدى، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ». ئۇلارنى بىلىدىغانلار بەك ئازدۇر. شۇڭا سەن ئۇلار توغرىسىدا چوڭقۇر مۇنازىرىگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار توغرىسىدا ھېچكىمدىن سورىمىغىن. («كەھف» سۈرىسى 22 - ئايەت)
بۇ ئايەتلەردىكى مىساللاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بىز ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىمىز مايىل بولغان بىر نەرسىنى ياقلاپ تالاش - تارتىش قىلىشقا ھېرىس بىر تەبىئىتىمىز بار. بۇ ھەقتە سۈرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ:
بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر مىسالنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنسان بەك كۆپ دەتالاش قىلغۇچىدۇر. («كەھف» سۈرىسى 54 - ئايەت)
بۇ ئايەتلەردىن ئېلىشقا تېگىشلىك ساۋاق شۇ: ھەقىقەت بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى ھەقىقەتتىن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەقىقىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ ئىلىم ساھىبى بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە توغرىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى، بىلمەيدىغان دىنىي، تارىخىي، سىياسىي ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە تالاش - تارتىشقا ئارىلىشىپ چىڭقىلىشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچىپ، شۇ مەسىلە ھەققىدە ماتېرىيال ئىزدەپ بېقىپ، ھەقىقەت بىلەن كۆڭلىمىزدىكى ھەقىقەت ئارىسىدىكى ھاڭنى كىچىكلىتىشنى بىلىش سۈپەتلىك مۇسۇلمان بولۇشنىڭ تەقەززاسى.
«كەھف»نىڭ ئاخىرقى ئايىتىدىكى شۇ ئەسلەتمە بىلەن سۆزۈمنى تۈگىتەي:
كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن. («كەھف» 110 - ئايەتنىڭ ئاخىرى)

